
1991-يىلى ھىندىستان ئىقتىسادى ئىسلاھات قىلغان، ھىندىستان ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، 1992-يىلى شاھرۇھ خان ھىندىستان كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان.
ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ كىنوچىلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە، ئائىلە شەكىلىدىكى كىنو ئىشلەش شىركىتى ناھايىتى كۆپ، ئارتىسلارنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇشى ناھايىتى ئومۇملاشقان، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن شاھرۇھ خان ھېچقانداق ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ئەھۋالدا، 1988-يىلى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن، دەرھال كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، 1992-يىلى بومبايغا بېرىپ كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان ۋە شۇ يىلى باش رول ئالغان فىلىمغا تايىنىپ شۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1993-يىلى ئۇ ئەڭ مۇنەۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇندىن كېيىن تىرىشچانلىقى ۋە قالتىس ئورۇنلاش ماھارىتىگە تايىنىپ سەككىز قېتىم بوللىۋو

شاھرۇھ خان ھېچقانداق ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ئەھۋالدا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، ئامىتاھ باچچاندىن كېيىنكى ھىندىستاننىڭ دەۋر خاراكتىرلىك شەخىسىگە، بوللىۋودنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ۋەكىل خاراكتىرلىك شەخىسىگە ئايلانغان. بىر خىل «ھىندىستان چۈشى» گە ۋەكىللىك قىلغان، ئەكىسچە شاھرۇلخان باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ بىر باش تېمىسى بار، ئۇ دەل «مۇھەببەت»، ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرغان، ھىندىستاننىڭ كۆپلىگەن قالاقلىقىغا قارىتا كۈچلۈك تىركىشىش بىلەن ئەمەس، ئەكىسچە «مېھرى-مۇھەببەت» ئارقىلىق ئۇنى ئۆزگەرتكەن.

ئاتالمىش ۋەزىيەت قەھرىمان يارىتىش بولسا مۇشۇنداق ئىش، شاھرۇھ خاننىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى، ئەخلاق پەزىلىتى، داڭقى ھىندىستاندا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاھرۇھ خاننىڭ تويى مۇسۇلمان بىلەن ھىندى دىنى مۇرتىنىڭ تويى بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادىتىنى بۇزىۋەتكەن.
ئۇ دۇنيادىكى مەستانىسى ئەڭ كۆپ كىنو چولپىنى، بىر مىلىياردتىن ئارتۇق مەستانىسى بار، ئۇ ھىندىستان خەلقىنىڭ مەبۇدىسىگە ئايلانغان. 2008-يىلى ئامېرىكا سودا ژۇرنىلى باھالىغان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 50 كىشى قاتارىدا 42-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ تىزىملىككە كىرگەن دۇنيادىكى بىردىنبىر كىنو چولپىنىغا ئايلانغان، ئۇ «ھىندىستاننىڭ تام ھەنكىسى» دەپ ئاتالغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ چىكاگودا فىلىم ئىشلىگەن، تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق مەستانە ئورىۋېلىپ قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا بولغان. 2010-يىلى ئامېرىكا «دەۋر ژۇرنىلى» باھالىغان «دۇنيادىكى يۈز نەپەر ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخىس» تىزىملىكىدە 13-ئورۇندا تۇرغان.

ئۇ 1965-يىلى تۇغۇلغان، ئاتىسى 1981-يىلى، ئانىسى 1991-يىلى بالدۇرلا قازا قىلغان، ئۇ ھېچقانداق ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى يوق ئەھۋالدا بۈگۈنكى كۈندىكى مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكتىن بوللىۋودتىكى ئەڭ مۇھىم كىنو چولپىنىغا ئايلانغان.
