ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
يىراق جاي(ئادىل تۇنىياز)-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

يىراق جاي(ئادىل تۇنىياز)

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 3610   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 يىراق جاي

ئادىل تۇنىياز
 
 
جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
شاخ ئۈستىدە تىترەر ئاي،
كۈمۈش ئورمان چاقنار سۇس ،
يېتىمچىدەك مۇڭ چىراي،
پىل-پىل قىلغان بىر نۇر بار،
ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.
 
دۇنيا جىمغۇر ھەم سوغوق،
توڭلاپ قالغان موردىدەك.
بۇلاق يېغلار نەدىدۇر،
قاخشال چۆپتەيوق بىزەك،
بىر ناخشا بار ،بار بوغوق،
ئەمما ئۇبەك يىراق جاي.
 
ئۆلۈكلەر يوق مازاردا،
گۈل ئەمەسمۇ ئاپئاق قار،
تىزىپ يۇرگەن گۈل دەستە،
نەۋرىلەر بار ،تاڭلار بار،
يۇقلاي دىسەم باھاردا،
ئۇ بەك يىراق ،يىراق جاي.
 
ئادىل تۇنىيازنىڭ «دېڭىزدىكى كوچا»ناملىق شېئرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم