ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى (1)-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى (1)

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 5961   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

قەلەمگە!
 
بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
 
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
 
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
 
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
 
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن !
 
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
 
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
 
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
 
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !
 
 
روبائىلار
 
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.
 
مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،
يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.
يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.
 
ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،
كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.
مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،
تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.
 
سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى،
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى.
سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.
 
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.
 
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.
 
 
ئايلىناي!
 
ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي .
قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي ،
كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي .
 
دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي ،
قايغۇ _ ماتەم ، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي .
سۇمبۇل چاچلىق ، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي ،
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي .
 
تىلى باغلىق ، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي ،
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي .
ئايلىاي يۇرتۇم ئايلىناي ، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي ،
تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي !
 
 
خەجلە ، خائىنلار خەجلە!
 
خەجلە ، خائىنلارەي، خەجلە ، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە ،
يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە .
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە ، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە ،
تالان _ تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە .
 
دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى ، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى ،
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە .
 
كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ،
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېيلە ، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە .
 
پالانى ئاقچىدۇر _ كۆكچى ، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى ، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.
 
 
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا!
 
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ،
تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن .
نېمە بۇ ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ ،
ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ ؟
 
ئاندا قىيقاس ،
مۇندا ئۇر _ پاپ ،
قول سۇنۇق ،
باش _ كۆز يارا ،
نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا .
 
تۈنۈگۈن < يولداش > دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن،
بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن .
بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى ،
تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى .
 
كارخانا نەيزە ياسار ، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ ،
كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ .
ئاقتى قانلار كوچىلاردا ، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا ،
ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا .
 
ئاقتى قان ، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى ،
نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى !
< توۋا> دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ ،
شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب ؟
 
 
جەنۇبقا خەت!
 
ئەي جەنۇب ، دەردمەن جەنۇب ، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب ،
خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب؛
گاھ يانار تاغدەك يېنىپ ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ ،
ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب .
 
كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ ، ئاھ _ زارلىرىڭ ،
كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ .
ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى ،
تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ ، پەريادلىرىڭ !
 
يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى ،
بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر _ زۇلۇمنىڭ قامچىسى .
كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك ،
ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى _ ئارغامچىسى ؟
 
ياق ، ئۈمۈت بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى ،
ت

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم