چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 0

ئۆز-ئۆزىڭىزنى داۋالاش تېبابەت تەلىماتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆز-ئۆزىڭىزنى داۋالاش تېبابەت تەلىماتى


تۆۋەندىكى قىسقا، چۈشىنىشلىك، يىغىنچاقلانغان نەزىرىيەلەرنى بىلىپ ئالسىڭىزلا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزلا داۋالىيالايسىز.

ئادەم بەدىنىدىكى 4 سىستېمىدىكى 16 ئىچكى ئەزالار
   تۆت سىستېما ۋە   بۇ سېستىمىدىكى ئەزالار دېگىنىمىز1. سەپىرا سىستېمىسى، 2. قان ئايلىنىش سېستىمىسى3. بەلغەم سىستېمىسى 4. سەۋدا سىستېمىسى دەپ تۆت سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ. بۇلارنى ئاددى تىلدا 1. سېرىق سىستېما 2. قىزىل سىستېما 3. ئاق سىستېما 4. قارا سىستېما دەپ ئاتايمىز. بۇلارنىڭ بەدەندىكى نامەيەندىسى بولغان 1. سېرىق گەندە سېرىقسىس تېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 2. نەپەس چىقىشى ( كاربۇن تۆت ئوكسىد) قىزىل سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 3. سۈيدۈك چىقىرىش ئاق سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 4. تىرناق، تېرە،قارا چاچلارنىڭ چىقىرىلىشى قارا سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.1-سىستېمىدىكى ئەزالار قۇرۇق ئىسسىق. 2-سىستېمىدىكى ئەزالار ھۆل ئىسسىق.3-سىستېمىدىكى ئەزالار ھۆل سوغاق 4-سىستېمىدىكى ئەزالار قۇرۇق سوغاق ئەزالار دەپ ئاتىلىدۇ.
   سەپىرا  سىستېمىدىكى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈشى:
   1. سەپىرا سىستېمىدىكى ئەزا ئۆت، بەزلەر ( ئىچكى تاشقى بەزلەر، لىمفا بەزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئاشقازان، ئۈچەيلەر، ( چوڭ-كىچىك ئۈچەيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)2. قان سىستېمىسىدىكى ئەزالار: جىگەر، يۈرەك، قىزىل يىلىك، مۇسكوللار ( ھەم كۆك قان تومۇرلىرىدىكى قانلار).3. بەلغەم سىستېمىسىدىكى ئەزالار: ئۆپكە، بۆرەك، سۈيدۈك نەيچە يوللىرى، دوۋسۇق ( سۈيدۈكنى چىقىرىش ئاخىرقى يولى)4. سەۋداسىستېمىسىدىكى ئەزالار: تال، پەيلەر، سۆڭەكلەر، تىرناق، تېرە، چىش، چاچلار.
   تۆت سىستېمىدىكى ھەر تۆتتىن ئىچكى مۇھىم ئەزالارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈشى، ئۆت ۋەئۆتتىكى سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا) 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بەزلەر ۋەبەزلەردە ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا) 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.ئاشقازان ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىمگە ياردەملىشىدىغان سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا)2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.ئۈچەي ۋەئۈچەيدىكى ھەزىمگە ياردەملىشىش بىلەن بىللە ئۈچەينىڭ لۈمۈلدەش ھەركىتىنى ياخشىلاپ چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىش سىزىمىنى پەيدا قىلىپ تەرەتنى چىقارغۇچى ساغۇچ ماددا (سەپىرا) بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
  جىگەر ۋەجىگەردىكى قان سۇيۇقلۇق ماددىسى ( قان) 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. يۈرەك ۋە يۈرەكتىكىقان ماددىسى (قان) 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. قىزىل يىلىك ۋە قىزىل يىلىكتەئىشلەپچىقىرىلغان قان 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. مۇسكۇللار ۋە كۆك قانتومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قان 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
   ئۆپكە ۋەئۆپكىدىكى ئاق سۇيۇقلۇق بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. بۆرەك ۋە ئۇنىڭدىكى سۇ ( بەدەنگە قايتىدىغان ) بەلغەم 3-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. سۈيدۈك نەيچەيوللىرى ۋە ئۇنىڭدىكى سۇ 2-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. دوۋسۇق ۋە سۈيدۈك چىقىرىشيولى ئۇ يولدىكى سۇ 1-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ.
تال ۋە تالدىكى قوڭۇر سۇيۇقلۇق سەۋدا 4-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. پەيلەر، سىڭىر، چاندىر، تارامۇشلار ۋە ئۇلاردىكى سەۋدا 3-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. سۆڭەكلەر ۋەسۆڭەكلەردىكى سەۋدا 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. تېرە، تىرناق، چىش، چاچلار1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ.

1. قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە سەپرا خىلىتنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   ئېغىزدا چايناپ يۇتۇلغان يېمەكلىك قىزىل ئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا چۈشىدۇ. ئاشقازاندا 3-5سائەتكىچە تۇرغاندىن كېيىن، 12 بارماق ئۈچەيگە چۈشىدۇ. ئۇ يەردىن ئىنچىكە ئۈچەيگەچۈشىدۇ، ئىنچىكە ئۈچەيدە تاماق ھەزىم بولۇش باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ھەزىم بولۇش جەريانى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىنچىكە ئۈچەيدىكى ھەزىم ئارقىلىق ئاشقازاندىكى يىرىك تاماق بوتقىلىرى چوڭ ئۈچەيگە ئىتتىرىلىدۇ. چوڭ ئۈچەي بوتقاتەركىبىدىكى سۇلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، گەندىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن گەندە كۆتەن ئۈچەيگە  ئىتتىرىلىدۇ. گەندە مونەكلىرى چوڭئۈچەيدىن كۆتەن ئۈچەيگە ئىتتىرىلىپ، ئۈچەي تېمىنى غىدىقلىغاندا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە  ھەرىكىتى تېزلىشىپ، گەندىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. بۇ سېرىق گەندە سەپرانىڭ ئاخىرقى چىقىرىندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەپرانىڭ لوغەت مەنىسى « سېرىق» دېگەن مەنىدە بولىدۇ.
    سەپراسىستېمىسىدا ئۆت ۋە ئۆت خالتىسىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. ئۆت خالتىسى جىگەردىن ئىشلىنىپ چىققان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت قىل تومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ساقلايدۇ. زۆرۈر بولغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت يولى ئارقىلىق 12بارماق ئۈچەيگە چىقىرىلىدۇ. ھەم ئاشقازان ئاستى بېزى بەز پۈۋەكچىلىرى چىقىرىش يولى ۋە ئۆت يولى قوشۇلۇپ، بىرلىكتە 12بارماق ئۈچەيگە قاراپ ئېچىلىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى بىرلىكتە 12بارماق ئۈچەيگە كېلىپ تاماقنى ( ئۆت سۇيۇقلۇقى مايلارنى) ھەزىم قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسىلا ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى، لىمفا بەزلىرى سۇيۇقلۇقى ۋە بۇ ئەزالار 3-دەرىجىدە قۇرۇقئىسسىق بولىدۇ، چۈنكى ئۆت سۇيۇقلۇقى بۇ ئەزالاردىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا كەلگىچە بىر دەرىجەتۆۋەنلەپ، ئاشقازاندا 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىققا چۈشىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئاستىبېزى سۇيۇقلۇقى، لىمفا سۇيۇقلۇقى، ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى بۇ ئەزالاردىن ئۆتۈپئاشقازانغا كەلگىچە بىر دەرىجە تۆۋەنلەيدۇ. ئۈچەيلەردە 1-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىقبولىدۇ. چۈنكى ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە ئۆتكەن سەپرا بىر دەرىجە تۆۋەنلەيدۇ.ئۈچەيلەردىن ئاخىرى سېرىق گەندە بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىدۇ.
    ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالىتىسدا 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، ئاشقازان ئاستى بېزى، لىمفا بەزلىرى سۇيۇقلۇقى بىلەن قوشۇلغاندا 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، ئاشقازاندا 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، ئۈچەيلەردە 1-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ سەپرا ئايلىنىش سىستېمىسى،يەنى بىرىنچى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.

2. ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە قان خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   ئىنچىكە ئۈچەي ئۆزىدىكى شىللىك پەردە پۈۋەكچىلىرى، يەنى تىۋىتلىرى ئارقىلىق تاماق ئىزىلمىلىرىنى شۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۈچەي ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، تىۋىتلىرىدىكى قىلقان تومۇرلارغا كىرگۈزىدۇ. ئاندىن چوڭراق بولغان ماسارىقا تومۇرلىرى ئارقىلىق دەرۋازا ۋېناسىغا يېتىپ بېرىپ، جىگەر كىرىدۇ. جىگەرگە كىرىدىغان بۇ چوڭ تومۇر جىگردەرۋازا ۋېناسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەيدە شۈمۈرۈلگەن ماددىلار دەرۋازا ۋېناسىئارقىلىق جىگەرگە كىرگەندىن كېيىن، جىگەردە قايتا ئىشلىنىپ پارچىلىنىدۇ. جىگەردەساقلانغان قان ۋە جىگەر ئۆزى 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. جىگەر باشقىلىرىنىڭ بەدەننىڭ تۆت سىستېمىسىدىكى 16 ئەزاغا تەقسىملەپ بېرىدۇ. 16 ئەزا ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەبىئەتلىك ۋە ئوخشاش دەرىجىلىك خىلىتنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدۇ.
     جىگەر قوبۇل قىلغان قىيام ئىچىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت قىلقان تومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا يىغىدۇ ھەمدە ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت باش يولى ئارقىلىق 12 بارماق ئۈچەيگەچۈشۈپ مايلارنى ھەزىم قىلدۇرىدۇ. قان قىسمى جىگەر قىل قان تومۇرلىرى ئارقىلىق چوڭراق تومۇرغا ئۆتۈپ، تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا بىلەن چوڭ قان ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ يۈرەككە بارىدۇ. يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىن ئوڭ قېرىنچىغا كىرىدۇ. ئۇيەردىن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ، ئۆپكە ۋېناسى ئارقىلىق يۈرەك سول قېرىنچىسىغا كىرىدۇ. بۇ يەردىن غول ئارتېرىيە ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەزالارنى تەمىنلەپ، يەنە قىلقان تومۇرلار ئارقىلىق يىغىلىپ، يۇقىرىقى يۈرەك كاۋاك ۋېناسىغاكىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا قويۇلىدۇ-دە، قان ئايلىنىش داۋاملىشىدۇ. يۈرەكتە ساقلانغان قان ۋە يۈرەك، 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. يۈرەك ئائورتاتومۇرى ئارقىلىق تۆۋەنكى ئەزالارغا بارغان قانلار يىلىكلەرنى تەمىنلەيدۇ. نەتىجىدەقىزىل يىلىكمۇ قان ئىشلەپچىقىرىدۇ. قىزىل يىلىك ئىشلەپچىقارغان قان قان تومۇرلارئارقىلىق چوڭ قا ن ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ، بەدەننى مۇھىم قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىزىليىلىك ۋە ئۇ ئىشلەپچىقارغان قان ۋە يىلىك ماددىسى 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
    يۈرەكتىن چىققان ئائورتا تومۇردىكى قان بەدەننىڭ تۆۋەنكى ۋە يۇقىرىقى ھەر قايسى ئەزالىرىنى تەمىنلەپ، ئاخىرى مۇسكۇللار ئىچىدىكى كۆك قىلقان تومۇر ئارقىلىق تۆۋەنكى ۋەيۇقىرىقى كاۋاك ۋېناغا قويۇلۇپ، يۈرەككە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چوڭ قان ئايلىنىشقاكىرىدۇ. كىچىك قان ئايلىنىشتىن، يەنى ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشتىن نەپەسنىڭ سىرتقاچىقىرىلىشى ( كاربۇن Ⅳ ئوكسىد ) قاننىڭ ئاخىرىقى چىقىرىندىسى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ قان ئايلىنىش ۋە كىچىك قان ئايلىنىشنىڭ ئاخىرقى چىقىرىندىسى نەپەس بولىدۇ. نەتىجىدەمۇسكۇللار ۋە كىچىك كۆك قىلقان تومۇرلىرىدىكى سىرتقا چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغانقانلار، 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. 1-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق يېمەكلىك ۋەدورىلار مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ ئادەمنى سەمرىتىشى، دەل يۇقىرىقى نەزەرىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىسپاتىدۇر. جىگەر 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، يۈرەك 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، قىزىل يىلىك 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، مۇسكۇللار، كىچىك كۆك قان تومۇرلاردىكى قانلار، نەپەس، 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. بۇ قان ئايلىنىش سىستېمىسى، يەنى 2-سىستېما دېيىلىدۇ.

3. ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە بەلغەم خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   ئىنچىكەئۈچەيدىن جىگەرگە سۈمۈرۈلگەن، قىيام ئىچىدىكى ھۆللۈك، يەنى بەلغەم ماددىسى قانئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن ئايلىنىپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى بەلغەم ھەمدەھۆللۈك بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شۇ ئەزالاردا ساقلىنىدۇ. جۈملىدىن كىچىك قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرگەن ئاق ھۆللۈك قىيام بەلغەم بولۇپ، ئۆپكىگە ئورۇنلىشىدۇ.مانا بۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدىكى بەلغەم ئۆپكىدە ساقلىنىدۇ. دەيدىغان نەزەرىيىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ( ئادەتتە، ئۆتنىڭ رەڭگى سېرىق، جىگەرنىڭ رەڭگى قىزىل، ئۆپكىنىڭ رەڭگى ئاق، تالنىڭ رەڭگى قارا بولۇشى دەل تۆت خىلىت رەڭگىدە بولىدۇ). ئۆپكە ۋە ئۆپكىدىكى بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
    ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشتا، قان يۈرەكتىن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق ئۆپكىگە چىقىدۇ ھەمدە كۆك قىلقان تومۇرلارغا ئۆتۈپ، يەنە يۈرەككە قايتىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ئۆپكە ئارتېرىيىسى بىلەن يۈرەكتىن چىققان قان قاندىكى بەلغەمنى ئۆپكىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ-دە،4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولغان ئاق جىسىملىق بەلغەم شەكىللىنىدۇ ( شۇڭا، ئۆپكە ئاق رەڭدە بولىدۇ).
    ئىچكەن سۇلارقىزىل ئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي، ئىنچىكە ئۈچەيلەردىن ئۆتۈپ چوڭئۈچەيگە كىرىدۇ. بۇ يەردىن سۇلار سۈمۈرۈلىدۇ. سۈمۈرۈلگەن سۇلار ئىنچىكە قان تومۇرلار ئارقىلىق بۆرەك پوستلىقىغا كىرىدۇ. سۈيدۈك بۆرەك پوستلىقىدا ھاسىل بولىدۇ. بۆرەك پوستلىقىدا ھاسىل بولغان سۈيدۈك بۆرەك چاشكىلىرىغا كىرىدۇ. بۆرەك چاشكىلىرىدىكى سۈيدۈكنى بۆرەك پىرامىدالىرى ئۆزىگە يىغىدۇ. بۆرەك پىرامىدالىرىدىن بۆرەك جامىغا يىغىلىدۇ. بۆرەك جامى، بۆرەك پىرامىدالىرى، بۆرەك كىچىك چاشكىلىرى قوشۇلۇپ، بۆرەك بىرلىكى دېيىلىدۇ. بۆرەك بىرلىكىدە بۆرەك شارچىلىرى، بۆرەك كاناللىرى بولىدۇ. بۆرەك شارچىلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىپتىدائىي سۈيدۈك بۆرەك كانالچىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بۇ يەردىن قانغا قايتىدۇ. ئازقىسمى بۇ جايدىن بۆرەك جامىغا قايتىدۇ. بۆرەك، بۆرەك بىرلىكى ۋە بۆرەكتىكى بەلغەم،بۆرەكتىكى ھۆللۈكلەر ( سۇلار) 3-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
    سۈيدۈك بۆرەك جامىدا تەدرىجى ھاسىل بولىدۇ ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ياق بۆرەك جامىغاتۇتاشقان ئىككى كىچىك نەيچىگە تېمىپ چۈشىدۇ. ئاندىن شۇ نەيچىلەر ئارقىلىق دوۋسۇنغايىغىلىدۇ. بۇ ئىككى نەيچە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تەخمىنەن ھەر30سېكۇنتتا بىر قىسقىراپ، سۈيدۈكنى دوۋسۇنغا ھەيدەيدۇ. بۆرەك جامى، توشۇشنەيچىلىرى ۋە بۇ يەرلەردىكى بەلغەم، ھۆللۈكلەر ( سۇلار) 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. دوۋسۇن مۇسكۇل خاراكتىرلىك كۆلچەكسىمان ئەزا بولۇپ، سۈيدۈك مۇشۇ ئەزاغابىر تېمىم-بىر تېمىمدىن توختىماستىن تېمىپ تۇرىدۇ، دوۋسۇن توشقاندان سىيىش سىزىمى پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. دوۋسۇن، سۈيدۈك چىقىرىش يوللىرى،ئۇلاردىكى بەلغەم، ھۆللۈك ( سۇلار) 1-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
    جىگەردىكى قىيام ئىچىدە بەلغەم بولۇپ ئايرىلغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك بەلغەم كىچىك قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ ئۆپكىدە ساقلىنىدۇ. بۇ بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. چوڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۆرەككە يىغىلغان بەلغەم، سۇلار ۋە بۆرەك بىرلىكى 3-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۆرەك جامى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىلىرى ۋە ئۇئەزادىكى بەلغەم، سۇلار 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. دوۋسۇن، سۈيدۈك چىقىرىش يولى ۋە ئۇ ئەزادىكى بەلغەم، سۇلار 1-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۇ بەلغەم ئايلىنىش،يەنى ھۆل سوغۇقلۇق ئايلىنىش سۈيدۈكنى سىيىپ سىرتقا چىقىرىش سىستېمىسى، يەنى ئۈچىنچى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.

4. قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   جىگەردەئىشلىنىپ قان تومۇر ئارقىلىق تۆۋەنكى كاۋاك ۋېناغا كىرىپ، ئۇ يەردىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق يۈرەككە ئۆتۈپ، ئائورتا تومۇر بىلەن ئېقىپ بېرىپ تالغا كىرىپ ساقلانغان سەۋدا ھەم تال 4-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. تالدىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق پەيلەرگە بارغان سەۋدا ھەم پەيلەر 3-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. قان ئايلىنىش ئارقىلىق سۆڭەكلەرگە بارغان سەۋدا ھەم سۆڭەكلەر 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.قان ئايلىنىش ئارقىلىق چاچ، تېرە، تىرناق چىشلارغا بارغان سەۋدا ھەم بۇ ئەزالار1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. سەۋدانىڭ چىقىرىندىسى ئاخىرىدا چاچ، تېرە، تىرناق ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بۇ سەۋدا ئايلىنىش سىستېمىسى، يەنى 4-سىستېمادەپ ئاتىلىدۇ.
    سەۋدا بەدەندەچاچ، تىرناق، تېرىلەر ئارقىلىق قاتتىق ماددىغا، يەنى چۆكمە ماددىغا ئايلىنىپ سىرتقا چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەدەننىڭ قايسى ئەزاسىدا كېسەل پەيدا قىلسا،داۋالاش قىيىنراق بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ 4 تەبىئەتلەردىكى 4دىن دەرىجىلىك دورانۇسخىلىرى
1-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى جاۋارىش كۇمۇنى، مەجونى ئاسلەنۇشدارى، مەجونىدارچىن، مەجونى جوۋىنە.
2-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجۇنى مادەتۇلھايات، ماجونى جاۋارىش مەرۋايىت، مەجونىزەنجىۋىل
3-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى مۇقەۋۋى مەيدە، مەجونى ئازاراقى، مەجونى مەسھا،مەجونى بەيزە.
4-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى مەجونى پەرىششا، مەجونى روسول، مەجونى جەدۋار، ھەببىئازاراقى.
4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق دورىلار: لوبوب كەبىر، داۋائى مىشكى، مەجونى لوبوبى سەغىر، مەجونى بەيزە،مەجونى مادەتۇلھايات.
4-دەرىجىدە ھۆل سوغاق دورىلار: بۇزۇرى شەربىتى، دىنار شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى، كاسىن ئەرەقى.
3-دەرىجىدە ھۆل سوغاق دورىلار: ئەرەق كاسىن، ئەرەق پاقا يوپۇرمىقى، ئەرەق سۆگەت پوتلىسى، شەربىتىنىلۇپەر.
2-دەرىجىدە ھۆل سوغاق دورىلار: ئۈزۈم غورىسى شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، زىرىق شەربىتى، ئەرەقئەنكورشىپا.
1-دەرىجىدە ھۆل سوغاق دورىلار: سەندە شەربىتى، چىلان شەربىتى، زۇپا شەربىتى، ئانار شەربىتى
1-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپى سۇئال، سوپوپى تاباشىر، سوپوپى سۈرئىتى ئىنزال،سوپوپى ئىتىرفىل كەشىنزى.
2-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپ زورەردە، قۇرس كەھرىۋا، قۇرس تاباشىرقابىز، قورس گۈل.
3-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپ قابىز، قورس نەپىسەدەم، قۇرس كەھرىۋا، قۇرس ياۋا موزا.
4-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: مامرانچىن كاپسولى، سوپوپى ئەنيون، قورس خەشخاش، قۇرس نەشە.
4-دەرىجىدىكى دورىلار ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىدۇ.

قان بېسىمنى داۋالاش
قان بېسىمنىڭ يۇقىرىسى 90دىن 140گىچە بولسا 1-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 140 دىن 160گىچە بولسا 2-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 160دىن 180 گىچە بولسا3-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 180 دىن 200 ياكى يۇقىرى بولسا4-ئۆز-ئۆزىڭىزنى داۋالاش تىبابەت تەلىماتى
تۆۋەندىكى قىسقا، چۈشىنىشلىك، يىغىنچاقلانغان نەزىرىيەلەرنى بىلىپ ئالسىڭىزلا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزلا داۋالىيالايسىز.
ئادەم بەدىنىدىكى 4 سىستېمىدىكى 16 ئىچكى ئەزالار
     تۆت سىستېما ۋەبۇ سېستىمىدىكى ئەزالار دېگىنىمىز 1. سەپىرا سىستېمىسى، 2. قان ئايلىنىش سېستىمىسى3. بەلغەم سىستېمىسى 4. سەۋدا سىستېمىسى دەپ تۆت سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ. بۇلارنى ئاددى تىلدا 1. سېرىق سىستېما 2. قىزىل سىستېما 3. ئاق سىستېما 4. قارا سىستېمادەپ ئاتايمىز. بۇلارنىڭ بەدەندىكى نامەيەندىسى بولغان 1. سېرىق گەندە سېرىق سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 2. نەپەس چىقىشى ( كاربۇن تۆت ئوكسىد) قىزىل سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 3. سۈيدۈك چىقىرىش ئاق سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى، 4. تىرناق، تېرە،قارا چاچلارنىڭ چىقىرىلىشى قارا سىستېمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.1-سىستېمىدىكى ئەزالار قۇرۇق ئىسسىق. 2-سىستېمىدىكى ئەزالار ھۆل ئىسسىق.3-سىستېمىدىكى ئەزالار ھۆل سوغاق 4-سىستېمىدىكى ئەزالار قۇرۇق سوغاق ئەزالار دەپ ئاتىلىدۇ.
سەپىرا  سىستېمىدىكى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈشى:
1. سەپىرا سىستېمىدىكى ئەزا ئۆت، بەزلەر ( ئىچكى تاشقى بەزلەر، لىمفا بەزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئاشقازان، ئۈچەيلەر، ( چوڭ-كىچىك ئۈچەيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
2. قانسىستېمىسىدىكى ئەزالار: جىگەر، يۈرەك، قىزىل يىلىك، مۇسكوللار ( ھەم كۆك قانتومۇرلىرىدىكى قانلار).
3. بەلغەمسىستېمىسىدىكى ئەزالار: ئۆپكە، بۆرەك، سۈيدۈك نەيچە يوللىرى، دوۋسۇق ( سۈيدۈكنىچىقىرىش ئاخىرقى يولى)
4. سەۋداسىستېمىسىدىكى ئەزالار: تال، پەيلەر، سۆڭەكلەر، تىرناق، تېرە، چىش، چاچلار.
    تۆت سىستېمىدىكى ھەر تۆتتىن ئىچكى مۇھىم ئەزالارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنۈشى، ئۆت ۋەئۆتتىكى سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا) 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بەزلەر ۋەبەزلەردە ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا) 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.ئاشقازان ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىمگە ياردەملىشىدىغان سۇيۇقلۇق ماددا ( سەپىرا)2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.ئۈچەي ۋەئۈچەيدىكى ھەزىمگە ياردەملىشىش بىلەن بىللە ئۈچەينىڭ لۈمۈلدەش ھەركىتىنى ياخشىلاپ چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىش سىزىمىنى پەيدا قىلىپ تەرەتنى چىقارغۇچى ساغۇچ ماددا (سەپىرا) بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
    جىگەر ۋەجىگەردىكى قان سۇيۇقلۇق ماددىسى ( قان) 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. يۈرەك ۋە يۈرەكتىكى قان ماددىسى (قان) 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. قىزىل يىلىك ۋە قىزىل يىلىكتەئىشلەپچىقىرىلغان قان 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. مۇسكۇللار ۋە كۆك قان تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قان 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
    ئۆپكە ۋەئۆپكىدىكى ئاق سۇيۇقلۇق بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. بۆرەك ۋە ئۇنىڭدىكى سۇ ( بەدەنگە قايتىدىغان ) بەلغەم 3-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. سۈيدۈك نەيچەيوللىرى ۋە ئۇنىڭدىكى سۇ 2-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ. دوۋسۇق ۋە سۈيدۈك چىقىرىش يولى ئۇ يولدىكى سۇ 1-دەرىجىدە ھۆل سوغاق بولىدۇ.
     تال ۋە تالدىكى قوڭۇر سۇيۇقلۇق سەۋدا 4-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. پەيلەر، سىڭىر، چاندىر، تارامۇشلار ۋە ئۇلاردىكى سەۋدا 3-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. سۆڭەكلەر ۋەسۆڭەكلەردىكى سەۋدا 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. تېرە، تىرناق، چىش، چاچلار1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغاق بولىدۇ.
1. قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە سەپرا خىلىتنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   ئېغىزدا چايناپ يۇتۇلغان يېمەكلىك قىزىل ئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا چۈشىدۇ. ئاشقازاندا 3-5سائەتكىچە تۇرغاندىن كېيىن، 12 بارماق ئۈچەيگە چۈشىدۇ. ئۇ يەردىن ئىنچىكە ئۈچەيگەچۈشىدۇ، ئىنچىكە ئۈچەيدە تاماق ھەزىم بولۇش باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ھەزىم بولۇشجەريانى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىنچىكە ئۈچەيدىكى ھەزىم ئارقىلىقئاشقازاندىكى يىرىك تاماق بوتقىلىرى چوڭ ئۈچەيگە ئىتتىرىلىدۇ. چوڭ ئۈچەي بوتقاتەركىبىدىكى سۇلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، گەندىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن گەندە كۆتەنئۈچەيگە  ئىتتىرىلىدۇ. گەندە مونەكلىرى چوڭئۈچەيدىن كۆتەن ئۈچەيگە ئىتتىرىلىپ، ئۈچەي تېمىنى غىدىقلىغاندا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمەھەرىكىتى تېزلىشىپ، گەندىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. بۇ سېرىق گەندە سەپرانىڭئاخىرقى چىقىرىندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەپرانىڭ لوغەت مەنىسى « سېرىق» دېگەنمەنىدە بولىدۇ.
   سەپراسىستېمىسىدا ئۆت ۋە ئۆت خالتىسىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. ئۆت خالتىسى جىگەردىن ئىشلىنىپ چىققان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت قىل تومۇرلىرىئارقىلىق ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ساقلايدۇ. زۆرۈر بولغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت يولىئارقىلىق 12بارماق ئۈچەيگە چىقىرىلىدۇ. ھەم ئاشقازان ئاستى بېزى بەز پۈۋەكچىلىرىچىقىرىش يولى ۋە ئۆت يولى قوشۇلۇپ، بىرلىكتە 12بارماق ئۈچەيگە قاراپ ئېچىلىدۇ. ئۆتسۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى بىرلىكتە 12بارماق ئۈچەيگە كېلىپتاماقنى ( ئۆت سۇيۇقلۇقى مايلارنى) ھەزىم قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسىلا ئاشقازانئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى، لىمفا بەزلىرى سۇيۇقلۇقى ۋە بۇ ئەزالار 3-دەرىجىدە قۇرۇقئىسسىق بولىدۇ، چۈنكى ئۆت سۇيۇقلۇقى بۇ ئەزالاردىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا كەلگىچە بىر دەرىجەتۆۋەنلەپ، ئاشقازاندا 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىققا چۈشىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئاستىبېزى سۇيۇقلۇقى، لىمفا سۇيۇقلۇقى، ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى بۇ ئەزالاردىن ئۆتۈپئاشقازانغا كەلگىچە بىر دەرىجە تۆۋەنلەيدۇ. ئۈچەيلەردە 1-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىقبولىدۇ. چۈنكى ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە ئۆتكەن سەپرا بىر دەرىجە تۆۋەنلەيدۇ.ئۈچەيلەردىن ئاخىرى سېرىق گەندە بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىدۇ.
   ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالىتىسدا 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، ئاشقازان ئاستى بېزى، لىمفا بەزلىرىسۇيۇقلۇقى بىلەن قوشۇلغاندا 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، ئاشقازاندا 2-دەرىجىدە قۇرۇقئىسسىق، ئۈچەيلەردە 1-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ سەپرا ئايلىنىش سىستېمىسى،يەنى بىرىنچى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.
2. ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە قان خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
      ئىنچىكە ئۈچەي ئۆزىدىكى شىللىك پەردە پۈۋەكچىلىرى، يەنى تىۋىتلىرى ئارقىلىق تاماق ئىزىلمىلىرىنى شۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۈچەي ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، تىۋىتلىرىدىكى قىلقان تومۇرلارغا كىرگۈزىدۇ. ئاندىن چوڭراق بولغان ماسارىقا تومۇرلىرى ئارقىلىق دەرۋازا ۋېناسىغا يېتىپ بېرىپ، جىگەر كىرىدۇ. جىگەرگە كىرىدىغان بۇ چوڭ تومۇر جىگردەرۋازا ۋېناسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەيدە شۈمۈرۈلگەن ماددىلار دەرۋازا ۋېناسى ئارقىلىق جىگەرگە كىرگەندىن كېيىن، جىگەردە قايتا ئىشلىنىپ پارچىلىنىدۇ. جىگەردەساقلانغان قان ۋە جىگەر ئۆزى 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. جىگەر باشقىلىرىنىڭ بەدەننىڭ تۆت سىستېمىسىدىكى 16 ئەزاغا تەقسىملەپ بېرىدۇ. 16 ئەزا ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەبىئەتلىك ۋە ئوخشاش دەرىجىلىك خىلىتنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدۇ.
    جىگەر قوبۇل قىلغان قىيام ئىچىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت قىلقان تومۇرلىرى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا يىغىدۇ ھەمدە ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت باش يولى ئارقىلىق 12 بارماق ئۈچەيگەچۈشۈپ مايلارنى ھەزىم قىلدۇرىدۇ. قان قىسمى جىگەر قىل قان تومۇرلىرى ئارقىلىق چوڭراق تومۇرغا ئۆتۈپ، تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا بىلەن چوڭ قان ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ يۈرەككە بارىدۇ. يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىن ئوڭ قېرىنچىغا كىرىدۇ. ئۇيەردىن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ، ئۆپكە ۋېناسى ئارقىلىق يۈرەك سول قېرىنچىسىغا كىرىدۇ. بۇ يەردىن غول ئارتېرىيە ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەزالارنى تەمىنلەپ، يەنە قىلقان تومۇرلار ئارقىلىق يىغىلىپ، يۇقىرىقى يۈرەك كاۋاك ۋېناسىغاكىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا قويۇلىدۇ-دە، قان ئايلىنىش داۋاملىشىدۇ. يۈرەكتە ساقلانغان قان ۋە يۈرەك، 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. يۈرەك ئائورتاتومۇرى ئارقىلىق تۆۋەنكى ئەزالارغا بارغان قانلار يىلىكلەرنى تەمىنلەيدۇ. نەتىجىدەقىزىل يىلىكمۇ قان ئىشلەپچىقىرىدۇ. قىزىل يىلىك ئىشلەپچىقارغان قان قان تومۇرلارئارقىلىق چوڭ قا ن ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ، بەدەننى مۇھىم قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىزىل يىلىك ۋە ئۇ ئىشلەپچىقارغان قان ۋە يىلىك ماددىسى 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.
  يۈرەكتىن چىققان ئائورتا تومۇردىكى قان بەدەننىڭ تۆۋەنكى ۋە يۇقىرىقى ھەر قايسى ئەزالىرىنى تەمىنلەپ، ئاخىرى مۇسكۇللار ئىچىدىكى كۆك قىلقان تومۇر ئارقىلىق تۆۋەنكى ۋەيۇقىرىقى كاۋاك ۋېناغا قويۇلۇپ، يۈرەككە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چوڭ قان ئايلىنىشقاكىرىدۇ. كىچىك قان ئايلىنىشتىن، يەنى ئۆپكىدىكى  قان ئايلىنىشتىن نەپەسنىڭ سىرتقاچىقىرىلىشى ( كاربۇن Ⅳ ئوكسىد ) قاننىڭ ئاخىرىقى چىقىرىندىسى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ قان ئايلىنىش ۋە كىچىك قان ئايلىنىشنىڭ ئاخىرقى چىقىرىندىسى نەپەس بولىدۇ. نەتىجىدەمۇسكۇللار ۋە كىچىك كۆك قىلقان تومۇرلىرىدىكى سىرتقا چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغانقانلار، 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. 1-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق يېمەكلىك ۋەدورىلار مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ ئادەمنى سەمرىتىشى، دەل يۇقىرىقى نەزەرىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىسپاتىدۇر. جىگەر 4-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، يۈرەك 3-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، قىزىل يىلىك 2-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، مۇسكۇللار، كىچىك كۆك قان تومۇرلاردىكى قانلار، نەپەس، 1-دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. بۇ قان ئايلىنىش سىستېمىسى، يەنى 2-سىستېما دېيىلىدۇ.
3. ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە بەلغەم خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
   ئىنچىكەئۈچەيدىن جىگەرگە سۈمۈرۈلگەن، قىيام ئىچىدىكى ھۆللۈك، يەنى بەلغەم ماددىسى قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن ئايلىنىپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى بەلغەم ھەمدەھۆللۈك بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شۇ ئەزالاردا ساقلىنىدۇ. جۈملىدىن كىچىك قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرگەن ئاق ھۆللۈك قىيام بەلغەم بولۇپ، ئۆپكىگە ئورۇنلىشىدۇ.مانا بۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدىكى بەلغەم ئۆپكىدە ساقلىنىدۇ. دەيدىغان نەزەرىيىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ( ئادەتتە، ئۆتنىڭ رەڭگى سېرىق، جىگەرنىڭ رەڭگى قىزىل، ئۆپكىنىڭ رەڭگى ئاق، تالنىڭ رەڭگى قارا بولۇشى دەل تۆت خىلىت رەڭگىدە بولىدۇ). ئۆپكە ۋە ئۆپكىدىكى بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
    ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشتا، قان يۈرەكتىن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارقىلىق ئۆپكىگە چىقىدۇ ھەمدە كۆك قىلقان تومۇرلارغا ئۆتۈپ، يەنە يۈرەككە قايتىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ئۆپكە ئارتېرىيىسى بىلەن يۈرەكتىن چىققان قان قاندىكى بەلغەمنى ئۆپكىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ-دە،4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولغان ئاق جىسىملىق بەلغەم شەكىللىنىدۇ ( شۇڭا، ئۆپكە ئاق رەڭدە بولىدۇ).
   ئىچكەن سۇلارقىزىل ئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي، ئىنچىكە ئۈچەيلەردىن ئۆتۈپ چوڭ ئۈچەيگە كىرىدۇ. بۇ يەردىن سۇلار سۈمۈرۈلىدۇ. سۈمۈرۈلگەن سۇلار ئىنچىكە قانتومۇرلار ئارقىلىق بۆرەك پوستلىقىغا كىرىدۇ. سۈيدۈك بۆرەك پوستلىقىدا ھاسىل بولىدۇ. بۆرەك پوستلىقىدا ھاسىل بولغان سۈيدۈك بۆرەك چاشكىلىرىغا كىرىدۇ. بۆرەك چاشكىلىرىدىكى سۈيدۈكنى بۆرەك پىرامىدالىرى ئۆزىگە يىغىدۇ. بۆرەك پىرامىدالىرىدىنبۆرەك جامىغا يىغىلىدۇ. بۆرەك جامى، بۆرەك پىرامىدالىرى، بۆرەك كىچىك چاشكىلىرى قوشۇلۇپ، بۆرەك بىرلىكى دېيىلىدۇ. بۆرەك بىرلىكىدە بۆرەك شارچىلىرى، بۆرەككاناللىرى بولىدۇ. بۆرەك شارچىلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىپتىدائىي سۈيدۈك بۆرەك كانالچىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بۇ يەردىن قانغا قايتىدۇ. ئازقىسمى بۇ جايدىن بۆرەك جامىغا قايتىدۇ. بۆرەك، بۆرەك بىرلىكى ۋە بۆرەكتىكى بەلغەم،بۆرەكتىكى ھۆللۈكلەر ( سۇلار) 3-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
    سۈيدۈك بۆرەك جامىدا تەدرىجى ھاسىل بولىدۇ ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ياق بۆرەك جامىغاتۇتاشقان ئىككى كىچىك نەيچىگە تېمىپ چۈشىدۇ. ئاندىن شۇ نەيچىلەر ئارقىلىق دوۋسۇنغايىغىلىدۇ. بۇ ئىككى نەيچە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تەخمىنەن ھەر30سېكۇنتتا بىر قىسقىراپ، سۈيدۈكنى دوۋسۇنغا ھەيدەيدۇ. بۆرەك جامى، توشۇش نەيچىلىرى ۋە بۇ يەرلەردىكى بەلغەم، ھۆللۈكلەر ( سۇلار) 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. دوۋسۇن مۇسكۇل خاراكتىرلىك كۆلچەكسىمان ئەزا بولۇپ، سۈيدۈك مۇشۇ ئەزاغابىر تېمىم-بىر تېمىمدىن توختىماستىن تېمىپ تۇرىدۇ، دوۋسۇن توشقاندان سىيىش سىزىمى پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. دوۋسۇن، سۈيدۈك چىقىرىش يوللىرى،ئۇلاردىكى بەلغەم، ھۆللۈك ( سۇلار) 1-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ.
جىگەردىكى قىيام ئىچىدە بەلغەم بولۇپ ئايرىلغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك بەلغەم كىچىك قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ ئۆپكىدە ساقلىنىدۇ. بۇ بەلغەم 4-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. چوڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۆرەككە يىغىلغان بەلغەم، سۇلار ۋە بۆرەك بىرلىكى 3-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۆرەك جامى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىلىرى ۋە ئۇئەزادىكى بەلغەم، سۇلار 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. دوۋسۇن، سۈيدۈك چىقىرىش يولى ۋە ئۇ ئەزادىكى بەلغەم، سۇلار 1-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۇ بەلغەم ئايلىنىش،يەنى ھۆل سوغۇقلۇق ئايلىنىش سۈيدۈكنى سىيىپ سىرتقا چىقىرىش سىستېمىسى، يەنى ئۈچىنچى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.
4. قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالار ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى
جىگەردەئىشلىنىپ قان تومۇر ئارقىلىق تۆۋەنكى كاۋاك ۋېناغا كىرىپ، ئۇ يەردىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق يۈرەككە ئۆتۈپ، ئائورتا تومۇر بىلەن ئېقىپ بېرىپ تالغا كىرىپ ساقلانغان سەۋدا ھەم تال 4-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. تالدىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق پەيلەرگە بارغان سەۋدا ھەم پەيلەر 3-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. قان ئايلىنىش ئارقىلىق سۆڭەكلەرگە بارغان سەۋدا ھەم سۆڭەكلەر 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.قان ئايلىنىش ئارقىلىق چاچ، تېرە، تىرناق چىشلارغا بارغان سەۋدا ھەم بۇ ئەزالار1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. سەۋدانىڭ چىقىرىندىسى ئاخىرىدا چاچ، تېرە، تىرناق ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بۇ سەۋدا ئايلىنىش سىستېمىسى، يەنى 4-سىستېمادەپ ئاتىلىدۇ.
   سەۋدا بەدەندەچاچ، تىرناق، تېرىلەر ئارقىلىق قاتتىق ماددىغا، يەنى چۆكمە ماددىغا ئايلىنىپ سىرتقا چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەدەننىڭ قايسى ئەزاسىدا كېسەل پەيدا قىلسا،داۋالاش قىيىنراق بولىدۇ.
                                                         
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ 4 تەبىئەتلەردىكى 4دىن دەرىجىلىك دورانۇسخىلىرى
1-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى جاۋارىش كۇمۇنى، مەجونى ئاسلەنۇشدارى، مەجونىدارچىن، مەجونى جوۋىنە.
2-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجۇنى مادەتۇلھايات، ماجونى جاۋارىش مەرۋايىت، مەجونىزەنجىۋىل
3-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى مۇقەۋۋى مەيدە، مەجونى ئازاراقى، مەجونى مەسھا،مەجونى بەيزە.
4-دەرىجىدەقۇرۇق ئىسسىق دورىلار: مەجونى مەجونى پەرىششا، مەجونى روسول، مەجونى جەدۋار، ھەببىئازاراقى.
4-دەرىجىدە ھۆلئىسسىق دورىلار: لوبوب كەبىر، داۋائى مىشكى، مەجونى لوبوبى سەغىر، مەجونى بەيزە،مەجونى مادەتۇلھايات.
4-دەرىجىدە ھۆل سوغاق دورىلار: بۇزۇرى شەربىتى، دىنار شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى، كاسىن ئەرەقى.
3-دەرىجىدە ھۆلسوغاق دورىلار: ئەرەق كاسىن، ئەرەق پاقا يوپۇرمىقى، ئەرەق سۆگەت پوتلىسى، شەربىتىنىلۇپەر.
2-دەرىجىدە ھۆلسوغاق دورىلار: ئۈزۈم غورىسى شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، زىرىق شەربىتى، ئەرەقئەنكورشىپا.
1-دەرىجىدە ھۆلسوغاق دورىلار: سەندە شەربىتى، چىلان شەربىتى، زۇپا شەربىتى، ئانار شەربىتى
1-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپى سۇئال، سوپوپى تاباشىر، سوپوپى سۈرئىتى ئىنزال،سوپوپى ئىتىرفىل كەشىنزى.
2-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپ زورەردە، قۇرس كەھرىۋا، قۇرس تاباشىرقابىز، قورس گۈل.
3-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: سوپوپ قابىز، قورس نەپىسەدەم، قۇرس كەھرىۋا، قۇرس ياۋا موزا.
4-دەرىجىدەقۇرۇق سوغاق دورىلار: مامرانچىن كاپسولى، سوپوپى ئەنيون، قورس خەشخاش، قۇرس نەشە.
4-دەرىجىدىكى دورىلار ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىدۇ.
قان بېسىمنى داۋالاش
   قان بېسىمنىڭ يۇقىرىسى 90دىن 140گىچە بولسا 1-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 140 دىن 160گىچە بولسا 2-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 160دىن 180 گىچە بولسا3-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. 180 دىن 200 ياكى يۇقىرى بولسا4-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. قان بېسىمنىڭ تۆۋىنى 60دىن 70گىچە بولسا1-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. 50 دىن 60 گىچە بولسا 2-دەرىجىدىكى ھۆلئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. 40دىن 50گىچە بولسا 3-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ.30 دىن 40 گىچە بولسا 4-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. دورىلاردىن بىرسى تاللىنىپ ئىچىلسىلا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ كېسەل داۋالاش پرىنسىپى
   كېسەل پەيداقىلغۇچى خىلىت بىلەن ئىچىلىدىغان دورىنىڭ تەبىئەتلىرى قارمۇ-قارشى، دەرىجىلىرى تەڭ بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا كېسەل داۋالىنىدۇ. مەسىلەن: تومۇر ئىنچىكە، تېز 1 مىنۇتتا104 دىن 120 گىچە سالغان بولسا بۇ تومۇر 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولغان بولىدۇ.داۋاسى: 3-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا بولىدۇ.... بويىچە داۋا قىلىنىدۇ. بۇنداق مۇجەسسەملەنگەن ۋە جەۋھەرلەپ توپلاملاشتۇرۇلغان تىبابەت تەلىماتى باشقا ھېچ قانداقئەسەرلەردە يوق. ياخشى بىلىپ ئالسىڭىز ئادەتتىكى كېسەللىرىڭىزنىڭ داۋالاشھۆددىسىدىن ئۆزىڭىزلا چىقالايسىز. ماڭا كېرىكى كېسەلدىن ياخشىلانغاندا قىلغاندۇئايىڭىزلار.
   دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا ئىچىلىدۇ. قان بېسىمنىڭ تۆۋىنى 60دىن 70گىچە بولسا1-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. 50 دىن 60 گىچە بولسا 2-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. 40دىن 50گىچە بولسا 3-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ.30 دىن 40 گىچە بولسا 4-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا ئىچىلىدۇ. دورىلاردىن بىرسى تاللىنىپ ئىچىلسىلا بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ كېسەل داۋالاش پرىنسىپى


كېسەل پەيداقىلغۇچى خىلىت بىلەن ئىچىلىدىغان دورىنىڭ تەبىئەتلىرى قارمۇ-قارشى، دەرىجىلىرى تەڭ بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا كېسەل داۋالىنىدۇ. مەسىلەن: تومۇر ئىنچىكە، تېز 1 مىنۇتتا104 دىن 120 گىچە سالغان بولسا بۇ تومۇر 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولغان بولىدۇ.داۋاسى: 3-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا بولىدۇ.... بويىچە داۋا قىلىنىدۇ. بۇنداق مۇجەسسەملەنگەن ۋە جەۋھەرلەپ توپلاملاشتۇرۇلغان تىبابەت تەلىماتى باشقا ھېچ قانداق ئەسەرلەردە يوق. ياخشى بىلىپ ئالسىڭىز ئادەتتىكى كېسەللىرىڭىزنىڭ داۋالاش ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىزلا چىقالايسىز. ماڭا كېرىكى كېسەلدىن ياخشىلانغاندا قىلغان دۇئايىڭىزلار.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 16:35 , Processed in 0.255603 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش