چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر تېبابېتىدىكى ئاددى رېتسىپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر تېبابېتىدىكى ئاددى رېتسىپلار


قۇرۇق ئىسسىقتىن يۆتەلگەندە،ئامۇت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىسسىق ئىچىپ بەرسە،تېز ئۈنۈم بولىدۇ.
قاپاق(چۆمۈچ)ئۇرۇقىنى يېسە،ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى شىپا تاپىدۇ.
قوي سۈتى بىلەن قەلەمپۇرنى،قوينىڭ قۇيرۇق يېغى بىلەن جىگەرنى(دۈمبە جىگەر)يېسە،قورساق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
كۆز ياشاڭغۇراپ توختىمىسا،ئۆچكىنىڭ يۇلۇنىنى پاختىغا مىلەپ كۆزگە ياپسا،دەرﻫال شىپا بولىدۇ.
كۆز ئاغرىپ قالسا،ئۆچكىنىڭ ئۆتىنى كۆزگە سۈرسە شىپا تاپىدۇ.
چاچ-ساقال چۈشۈپ كەتسە،ئاتنىڭ مېڭىسىنى چاچ-ساقال چۈشۈپ كەتكەن ئوررۇنغا بىر ﻫەپتە ئۇدا سۈرۈپ بەرسە،قايتا چاچ چىقىدۇ.
كۆزگە ئاق چۈشسە،ياۋا توشقاننىڭ ئۆتىنى سۈرۈپ بەرسە،شىپا بولىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىسا،ئەتىياز پەسلىدە ئېرىق بويلىرىدا يېڭى ئۆسۈپ چىققان يالپۇزنى قارا گۆش بىلەن ئۇدا بىر نەچچە مەرتىۋە چۆچۈرە ئىتىپ يېسە،پايدا قىلىدۇ.
ئەگەر كىچىك بالىنىڭ تىلى چىقىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ چىقمىسا،تايچاقنىڭ تىلىنى پىشۇرۇپ يىگۈزسە،تىلى ئاسان چىقىدۇ.
ئەگەر خانىم-قىزلارنىڭ يۈزىدە سەپكۈن،داغ چۈشۈپ قالسا،ياۋا توشقاننىڭ مېڭىسىنى يۈزىگە بىر نەچچە قېتىم سۈركەپ بەرسە،يوقاپ كېتىدۇ.
خانىم-قىزلار ئەتىگەندە يۈزىنى پاكىزە يۇيۇۋېتىپ،تۇخۇمنىڭ ئېقىنى چېپىپ بەرسە،يۈزى نۇرلۇق بولىدۇ.
كالاسۈتى بىلەن ئۆچكە سۈتىدىن 10گىرامدىن ئېلىپ،10گرام سانا ۋە مەستكى بىلەن قاينىتىپ،ئۇدا ئۈچ كۈن ناشتىدىن ئىلگىرى ئىچىپ بەرسە،ئىچكى ئەزالاردىكى تۈرلۈك ئۇششاق-چۈششەك ئاغرىقلار يوقاپ كېتىدۇ.
مەيدە غىژىلدىسا،قارا ئەركەك قوينىڭ قۇيرۇق يېغى بىلەن چامغۇر،پىيازنى يۇمشاق پىشۇرۇپ،ئۈچ كۈن ئەتىگەندە يەپ بەرسە،شىپا بولىدۇ.
كۆز غۇۋالاشسا،بېلىقنىڭ ئىچ يېغىنى ئاپتاپتا ئېرىتىپ كۆزگە سۈرۈپ بەرسە،روشەنلىشىدۇ.
چاچ-ساقال ۋاقىتسىز ئاقىرىپ كەتسە،قارا قاغا(توڭ قاغا)نىڭ مېڭىسىنى قۇرۇتۇپ،ئاچچىقسۇ بىلەن نەمدەپ ئاقارغان چاچ-ساقاللارغا سۈركەپ بەرسە قارىيىدۇ.

مەنبە : ئۇزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:39 , Processed in 0.308120 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش