ئۇيغۇر تىلىم
("دۇنيا ئانا تىل كۈنى"گە بېغىشلايمەن)
مۇختار سۈپۈرگى
مەن ئۈچۈن جان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
جانغا جان قان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
مۆھتىرەملىك تەختىدە يۈكسەك ھامان،
ئەل بېشى-خان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
سەن بىلەن قويدى ئاتامنىڭ ئاتىنى،
سەن بىلەن قويدى ئانامنىڭ ئاتىنى،
سەن بىلەن بىلدىم ئۆزۈمنىڭ زاتىنى،
سەن زەپەر-شان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
سەن بىلەن ئۈزدۈم
تەپەككۇر بەھرىدە،
سەن بىلەن مەغرۇر ئىلىملەر قەسرىدە،
سەن بىلەن ئەركىن ئۆزۈمنىڭ شەھرىدە،
سەنكى- ئىرپان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
سەن بىلەن سۈرسەم زۇۋان شۆھرەت ماڭا،
سەن ئېلىپ كەلدىڭ تالاي ھۆرمەت ماڭا،
ئايرىلىش سەندىن دەقىق، كۈلپەت ماڭا،
مەن ئۈچۈن نان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
ئوتتۇز ئىككى چىش بىلەن تەڭ ھەرپىڭ،
شۇ سېنىڭ ئىلغارلىقىڭ ھەم شەرىپىڭ،
قانچە يازسام شۇنچە يەتكەي تەرىپىڭ،
شەنى
داستان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
"تۈركى تىل"شاھانە بولدى سەن بىلەن،
خاس يۈسۈپ مەۋلانە بولدى سەن بىلەن،
خان ئوغۇز مەردانە بولدى سەن بىلەن،
ئۆمرى ئاسمان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
مىللىتىم مەۋجۇدلىقىغا بەلگە سەن،
مىڭ ئۆلۈم،چۈشسەڭ ئېغىزدىن يەرگە سەن.
چىن نىجادلىق يۇلتۇزى بۇ ئەلگە سەن،
بەلكى قالقان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
باركى سەن مەنسۇپ ئەمەس خارلىق ماڭا،
باركى سەن ئالەمدە يوق تارلىق ماڭا،
سەن بىلەن قىلماق نوتۇق يارلىق ماڭا،
ئەمرى سۇلتان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
ساقلىنىپ كەلدىڭ دىلىم، ئاغزىمدا سەن،
نە ئېغىز،ۋىجدان،غورۇر، باغرىمدا سەن،
شام-سەھەر بىللە جىمى چاغىمدا سەن،
تۈندە چولپان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
تاپ روناق ئوغلان قىزىڭنىڭ ئەقلىدە،
بىللە بول كۈلپەت،خۇشاللىق-بەختىدە،
سەنمۇ بار شاھانە تىللار تەختىدە،
بارچە ئىنسان بىرلە تەڭ ئۇيغۇر تىلىم.
2015-يىل 20-فېۋرال
خوتەن
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى