چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 561|ئىنكاس: 1

ئالاھىدىننىڭ مېيت نامىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئالاھىدىننىڭ مېيت نامىزى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

سوقۇشىدۇ خورازلار دەھشەت،
تاجلىرىدا ئۇيۇپ قالغان قان.
چىللىمايدۇ ئۆلۈمنى خوراز،
پەيدەك توزۇپ تۆكۈلىدۇ جان.

قوغلىشىدۇ، چۆرگىلىشىدۇ،
قېچىش دېگەن ئۆلۈمدىن يامان.
قىزىتىدۇ ئۆلۈم بولسىمۇ،
قىقاس-سۈرەن سېلىپ ئالامان.

ئۆلۈم دېگەن جادۇگەر قېرى،
ئويۇن دېگەن چىرايلىق چوكان.
تېپىكلەرگە ياغىدۇ ئالقىش،
چىرايلاردا چوغدەك ھاياجان.

جىمىپ قالدى بىر خوراز ئاخىر،
دېدى بىرى ئالدىمدا: سەپراس!
-ئالاھىدىن قانداق كىشىدى؟
-........
مېيىت نامىزىم ئوقۇلدى تىمتاس.

يۈرىكىمدەك تۈگۈلۈپ قالدى،
ئالىقاندىكى بىرى خورازنىڭ.
يىغىسى يوق خوراز ئۆلگەنچە،
خورازۋازغا قالغان نامازنىڭ.

جىنازىنىڭ تۆت پۇتى ئارتۇق،
ئېھتىمالىم، مەندەك يېتىمغا.
پۇت ئاتمىدى ھېلىقى خوراز،
ئالامان بار، لېكىن، سېتىمغا.

كىرپىكىمدە ئېرىپ ئاپئاق قار،
كۆزلىرىمدىن ياغدى يامغۇردەك.
يامغۇر سۈيى ئويغان ئويۇققا،
كۆمۈلەرمەن بىر باش چامغۇردەك...

2015-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭىسار.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-13 01:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قارنى‹ قار› دەپلا ئالسىمۇ بولامدىكىن دەيمەن،ياكى قارا، قىزىل، سېرىق... دېگەندەك قارلارمۇ ياغامدىغاندۇ؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 05:36 , Processed in 0.137698 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش