چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1464 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1032|ئىنكاس: 0

چىشقا زىيانلىق ئادەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چىشقا زىيانلىق ئادەتلەر


نەيچە ئارقىلىق چىش ئاسراش
كاربونات كىسلاتا ئىچىملىكلىرى چىشنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر گازلىق سۇدىكى قەنتلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېغىز بوشلۇقىدا كىسلاتالىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ ھەم قويۇقلۇقى ئېشىپ چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېمال ماددىسىنى ئېرىتىپ خورىتىدۇ. بەزىلەر گازلىق سۇنى نەيچە بىلەن ئىچسە، بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما گازلىق سۇنى نەيچە ئارقىلىق ئىچكەندىمۇ چىش ئوخشاشلا زەخىملىنىدۇ.
تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلاش
تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلاش چىشنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ. گازلىق سۇ ۋە قىزىل ھاراق قاتارلىق كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئېمال ماددىسىنى يۇمشىتىپ قويىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندىن كېيىنلا چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ.
چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىغاندا، سوغۇقلۇق قىلىش
نۇرغۇن كىشى چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىسا، بۇ ئىسسىقتىن بولغان دەپ قاراپ، تەبىئىتى سوغۇق چايلارنى ئىچىش ئارقىلىق ئىسسىقنى قايتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشنىڭ چوقۇم ئىسسىقتىن بولۇشى ناتايىن، بۇ بەلكىم چىش ئەتراپى كېسەللىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئۇزاققىچە ئىششىق يانماي چىش بوشاشقا باشلىسا، چىش چوتكىلىغاندا قانىسا، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.
دائىم چىش كوچىلىغۇچ بىلەن چىش كوچىلاش
چىش كوچىلىغۇچنى كۆپ ئىشلەتكەندە، چىش ئارىلىقلىرى چوڭىيىپ چىش مىلىكى زەخىملىنىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا چىش يىپى ئىشلىتىش.
سېغىزنى كۆپ چايناش
نۇرغۇن كىشى سېغىز چايناش ئارقىلىق ئېغىزنى تازىلاشقا ۋە ئېغىزدىكى پۇراقلارنى يوقىتىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق تەركىبىدە شېكەر بولغان سېغىزلارنى ئۇزاق مۇددەت چاينىغاندا، ئېغىزدىكى باكتېرىيەلەر شېكەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ كىسلاتالىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ چىشنى تېخىمۇ چىرىتىدۇ.
كەچلىك ئىسمېنا ئىشلىگەندە ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك
كېچىدە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدىغان بولغاچقا، باكتېرىيەلەر ئاسانلا كۆپىيىپ چىش ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ، ئېغىز پۇرايدۇ. شۇڭا كەچ ئۇخلاشقا ياكى تۈنەشكە توغرا كەلسە، ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-1 10:06 , Processed in 0.245969 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش