چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 639|ئىنكاس: 0

ئۆگىنىش ئىبادىتى ۋە ئىنسان سائادىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئۆگىنىش ئىبادىتى ۋە ئىنسان سائادىتى
(نەسىر )
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي


   مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايىتى « ئىقرا بىسمى رەببىكە ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ - ئۆگەن!)» دەپ نازىل بولغانىكەن. دېمەككى، ئىنسان ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم، ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر، ئۆگىنىش بەك مۇقەددەس؛ ياشامنى ئەھمىيەتلىك، تۇرمۇشنى مەنىلىك ۋە ھاياتنى قىممەتلىك قىلىدىغان قوراللار ئىچىدە ، ئۆگىنىشنىڭ ئالدىغا ھېچ قاندىقى مەڭگۈ ئۆتەلمەس!
   مۇسۇلمانلىق ئىمان پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ دېگىنىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى پائالىيەت ئىبادەت جۈملىسىگە كىرىدۇكى، بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە، ئۆگىنىش پائالىيىتى ئەڭ باشتا تۇرىدىغان مۆتىۋەر پائالىيەت سانىلىدۇ. ئېچىپ دېسەك، ئۆگىنىش بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېلىقىدەك قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت قىممىتىدىكى پەرز ئىشتۇر، دېسەك ئوشۇق كەتمەس!
ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشتىن مەقسەت-مۇددىئاسى مەڭگۈلۈك سائادەتنى قازىنىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ھەر قانداق سائادەت، بولۇپمۇ بىز دەۋاتقان مەڭگۈلۈك سائادەت ئەمگەكسىز، رىيازەتسىز ۋە جاپا-مۇشەققەتسىز قولغا كەلمەس.
دېمەكچىمىزكى، ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ جاپاسى-رىيازىتى بار، ئوخشاشلا ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ ھەم مۇشەققىتى بار. ھەتتا، ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ رىيازىتى ۋە مۇشەققىتى باشقا ئىبادەتلەرنىڭكىدىن قىلچىمۇ قېلىشماس.
    رىيازەتتىن قاچماي، مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھالاۋىتى، شاراپىتى ۋە مۇكاپاتى بولىدۇ. ئەمدى، ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى شۇكى، ئۇ ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇقمىغاننى ئۇقتۇرىدۇ، ئىنساننى بىلمەس مەخلۇقتىن بىلگىن ئالىمغا، مىسكىن مەغلۇبتىن مەغرۇر غالىبقا ئايلاندۇرىدۇ.
يەنە دېسەك، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى ئۆگىنىش بىلەن زىننەت تاپىدۇ: زىننەتلىك تۇرمۇش، گۈزەل ھايات ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىنساننىڭ بىرىنچى ئارزۇسى، ئەڭ باشتا تۇرىدىغان ئارمىنىدۇر. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ بۇ ئارزۇسى ۋە بۇ يۈكسەك ئارمىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆگىنىش-ئوقۇش بىلەنلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
    كىشىلىك ھايات ئۆگىنىش بىلەن لەززەت تاپىدۇ: شۇنىسى ئېنىقكى، تەمسىز ھاياتنى ھېچكىممۇ ياقتۇرمايدۇ؛ لاۋزا تۇرمۇشنى ھېچكىممۇ ياراتمايدۇ. ھالبۇكى، ئۆگىنىش-ئوقۇش ئىنسان تۇرمۇشىغا تەم كىرگۈزىدىغان خاسىيەتلىك تۇزدۇر؛ تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىجتىھات قىلىش بولسا، كىشىلىك ھاياتنى تەملىك، تاتلىق، ياشىغانسېرى ياشىغۇسى كېلىدىغان مەززىلىك قىلىدىغان سېھىرى كۈچنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
    ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت جاپالىق ئۆگىنىش بىلەن، ئىخلاسلىق ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە تېگىشلىك قىممەت تاپىدۇ؛ ئىنساننىڭ ئۆزى بولسا، ئۆگىنىش بىلەن، ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە لايىق ھۆرمەت، ئىكرام ۋە ئىززەت تاپىدۇ.
شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بۈگۈنكى دۇنيادا، ستودېنت بولمىغان، بىلىك ئېڭىدا ستودېنت سەۋىيىسىنى ھاسىل قىلالمىغان مۇسۇلمان نېمىلا دېگەنبىلەن بىر ناچار مۇسۇلماندۇر. بۈگۈنكى ئالەمدە، كومپيوتېر بىلمىگەن، بىلىك، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنالمايدىغان مۇسۇلمان بولسا، سېپى ئۆزىدىن بىر ناكار مۇسۇلماندۇر.
     «ياشلىقتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك». ئوخشاشلا، ئۆگىنىش ئىبادىتىمۇ ئۆمۈر مەۋسۇمىنى بەك تاللايدۇكى، ياشلىق-نەۋقىرانلىق ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ ئەڭ پەيز مەۋسۇمىدۇر.
     ئى، ياش مۆمىن! ئى، ياش نەۋقىران مۇسۇلمان! ئۆگىنىش-ئوقۇش ئىبادىتىدىن ھەرگىز نېسىۋىسىز قالما، تىرىشىپ ئۆگەن! ياشلىق-بەڭباشلىق ۋە قاششاقلىق ئېتىڭنىڭ بېشىغا دەرھال سال يۈگەن!
     ئىلىم - پەن كىتابلىرىنىمۇ  مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈ بىلەن ۋە چىن ئىخلاس تەسبىھىڭ بىلەن ئوقۇ! چۈنكى، ئۇ كىتابلاردا سۆزلىنىۋاتقىنى دەل ئاللاھ مۆجىزاتلىرىنىڭ تەسۋىرىدۇر؛ ئۇ پەن ۋە ئۇ تېخنىكىلارنىڭ بىلدۈرىدىغىنى بولسا، بەلكى پەرزىي بىلىملەرنىڭ جەۋھىرىدۇر!
    خۇللەس كەلام، ئۆگىنىش ئىبادىتى مۆمىن ئىنسان سائادىتىنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچىدۇر. ھالبۇكى، پەقەت ئۆگىنىش ئىبادىتىنى ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىنسانلا، ئاخىرقى ھېسابتا، ئىككى دۇنيالىق سائادەتلىك ياشام ئۇپۇقىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۇ يەردە، ئىنسانىي ھاياتنىڭ پەيزىنى راۋرۇس سۈرەلەيدۇ!

2010  - يىل 20 - يانۋار، بېيجىڭ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 05:31 , Processed in 0.148888 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش