چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 491|ئىنكاس: 0

ئۆگەنمەسلىك- گۇناھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئۆگەنمەسلىك- گۇناھ

نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى


بەزىلەر ئۆزلىرى تۆت تال نەرسىنى بىلىۋېلىپ، ‹‹بىز خەق بەك دۆت-كالۋا ئىكەنمىز›› دېيىشىدۇ. بۇ سۆز قارىسىغىلا ئېيتىلغان، ئادىل بولمىغان، ئۇيغۇرلاردا ئەقىل بار، پەم-پاراسەت بار، زېھنىي بار. ‹‹كاللىسى ئاددىي، كالۋا›› دېگەن سۆز بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، لېكىن بەزى كىشىلەرنى ھورۇن، ئۆگەنمەيدۇ دېسە بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، چۈنكى ئۆگەنمەسلىك، مەرىپەتسىزلىك ھەر قانداق باي مىللەتنىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئەبگالاشتۇرۇۋېتىدۇ. پەزىلەتسىزلىك ھەر قانداق ئەقىللىق مىللەتنىمۇ ھامان بىر كۈنى دەلتى، كاللىسى قۇرۇق قىلىپ قويىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە، يەھۇدىيلار ئۆگىنىشكە قىزغىن ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك مىللەت دېيىشىدۇ. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش- يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى، ئۆگىنىش يەھۇدىيلارنى ئەقىللىق قىلغان.
بىز خەلقىمىز بىلەن يەھۇدىيلار سېلىشتۇرساق نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. ھەر ئىككى مىللەت ئوخشاشلا چۆل-جەزىرىدە ياشاپ، شۇ يەردە بوستانلىق يارىتىپ كۆپەيگەن، تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ھەر ئىككى مىللەت تارىختىن بۇيان تىجارەتنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ بىرى قىلغان. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلار قاداقسىگە ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؟ چۈنكى ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق تەقدىرى ئىچىدە تۇرۇپمۇ ‹‹يەھۇدىي مىللىتى›› دېگەن نامدىن قالمىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل دىن، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ھەر خىل خىرىسلىرىغا يەھۇدىي روھىي ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. ناتسىستلارنىڭ جازا لاگىرىدىكى يەھۇدىي روھىي تۇتقۇنلىرىنىڭ تېزلا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىپ كۈرەش قىلالىشى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم مىللىي روھنىڭ كۈچىدىن بولغان. لېكىن كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇش كېلىپ چىققان تەكرالىنىش پسىخىكىسى بەزىمىزنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسان قىزىپ، ئاسان سوۋۇيدىغان، ئىش خۇشياقمايدىغان، ئارىسالدى بولۇپ تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. 2000 يىل يۇرت-ماكانسىز قېلىپ، دۇنيادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ياراتتى. ئۆزىنىڭ توختىماي ئۆگىنىدىغان ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا سان-ساناقسىز مەدەنىيەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچتى. بىزچۇ، بىز بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن خۇراپاتلىق، يۇرتۋازلىق، غەيۋەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، ئەقىدىسزلىك، تەمەخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، ھورۇنلۇق، ھەسەتخورلۇق، دورامچىلىق، چېقىمچىلىق، يالغانچلىق، ھاراقكەشلىك، پۇرسەتپەرەسلىك، ئۆزىنى بىلمەسلىك قاتارلىق روھىي ئىللەتلەر بىلەن ئېڭىمىزنى پەيدىنپەي خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويدۇق. دېمەك، ئاشۇنداق ناچار ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىز ئاجىزلاپ قالدى.
بىز ۋۇجۇدىمىزغا يوشۇرۇنغان ئەقلىي كۈچىمىزدىن پايدىلىنىۋاتامدۇق-يوق؟ بۇلارنى ئويلىغانسېرى يەلكىمىزنى غەم تاغلىرى باسىدۇ. ئىلىم-پەن ئۆگىنىشتە ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشقا تىرىشمىغان مىللەتنى ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى بىلىش قىممەتلىك. ئۆزىنى بىلمىگەن ئىنسان نادان، جاھىل ئىنساندۇر. ئۆزىنى بىلمەسلىك- ھەممە پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.
   ئۆگەنمەسلىك-گۇناھ. بەزىلەر كۈنىنىڭ بىر خىل ئۆتكىنىگە ياكى ياخشىراق ئۆتكىنىگە رازى بولۇپ ئۆگەنمەيۋاتىدۇ. بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، بەزىلەر بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەتىگە خۇدايىم بار دەپ ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ-ھورۇنلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى. بۇ ئۇلارنىڭ نامرات جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى، ھورۇنلۇق قورقۇنچلۇق ئىللەت. ھورۇنلۇق ھالاك بولۇش دېمەكتۇر. ھورۇنلۇقنىڭ بىۋاستە تەسىرى ئالغا كەتكەن باشقا مىللەتلەرنىڭ بىلەن بولغان پەرقىمىزنى بارغانسېرى زورايتىماقتا. بىز بىلىم ئېلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە توغرا باھا بېرەلمەيدىكەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇشىدىن قالىدۇ. بىز ھازىر يېرىم ساۋاتسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز، ئۆگەنمەيدىغان نادان ئادەملەر نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ. بايلىق بولغان بىلەن، مەدەنىيەت بولمىسا، ئۆزىنى گۈللەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، نادانلىقتىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرمىساق، گۈللىنىمىز دېگىنىمىز قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.
   دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك، ئىلغار مىللەتلەرگە نەزەر سالساق، ئۇلار ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە كىتاب ئوقۇشنى ھەممىدىن ئۈستىن ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىسرائىلىيە قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەڭ ئاۋۋال ‹‹مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى›› نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا: 5 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر چوقۇم مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىر ئىسرائىلىيىدە ساۋاتسىزلىق ئاساسەن تۈگىگەن.
بىزدىچۇ، كىتاب-ژۇرنال سېتىۋالدىغانلار ھاراق-تاماكا سېتىۋالىدىغانلاردىن كېمىيىپ كېتىۋاتىدۇ.، كۇتۇپخانىلارغا بارىدىغانلار بىكار يۈرۈپ غەيۋەت قىلىدىغان، پىتنە-پاسات قىلىدىغانلاردىن ئاز بولۇۋاتىدۇ. بىزدە ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەنمەيۋاتىدۇ. شۇڭا قورسىقىدا ئۇمىچى يوق، ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغانلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.
بەزىلەر ‹‹خۇدادىن بىسوراق قىل تەۋرەنمەيدۇ›› دەپ ھېچقانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلماي، ھەممىنى تەقدىرگە باغلاپ قويىدۇ. بىز شۈكرىۋازلىق پەرەنجىسى بىلەن نىقابلانغان ھورۇنلۇق ئىللىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، ئۆز بەختىمىزنى يارىتىشىمىز كېرەك. بىزمى ئادەم، بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا تېنىمىزدە ھالال گۆشىمىز بار، نورمال ھوشىمىز بار، پۇت-قولىمىز بىجىرىم، جېنىمىز بار ئادەم! باشقىلار قىلالىغاننى بىزمۇ جەزمەن قىلالايمىز، بەلكى باشقىلاردىن ياخشىراق قىلالايمىز. ئەگەر بىزمۇ ئادەمدەك ياشايمىز دېسەك، باشقىلار ئۆگەنگەننى ئۆگىنىپ، دەس تۇرۇپ، ئەجدادىمىزدىن ئۇدۇم قالغان جاسارىتىمىزنى قايتا ئۇرغۇتۇشىمىز، مېڭىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرماي، كېتىۋاتقانلار بىلەن بىللە مېڭىشىمىز لازىم. بىلىم ئالايلى، ئۆگىنەيلى، ئۆگەنمەسلىك-گۇناھ.


باھا

بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى- بىزدىكى بەزىبىر پسىخىك ئاجىزلىقلار، بولۇپمۇ بىرىلىپ ئۆگەنمەسلىكتىن ئىبارەت ھورۇنلۇقىمىزغا تولىمۇ توغرا دېئاگنوز قويۇپ، بىزگە تولدۇرۇش زۆرۈر بولغان بەزىبىر يېتەزلىكلىرىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
ماقالىدىكى پاكىتلار ئەمەلىي ھەم قايىل قىلارلىق بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مۇھاكىمە، باھالار ناھايتتى چوڭقۇر ھەم توغرا. شۇڭا بۇ ماقالە ھەر قانداق كىشىگە ئۆگەنمەسلىكنىڭ ئەو زور گۇناھ، ئەڭ زور نومۇس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، ئۆگىنىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىققا ئۈندەيدۇ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 02:03 , Processed in 0.166328 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش