قولۇڭدا بار ئۈچ بىسلىق قايچاڭ،
تۈگىتىسەن ۋاقىتنى
يەڭگىل تىۋىشتە،
تىكە-تىكە قىلىپ-كېمىرىپ.
ئاۋاق پېتى تۇرىسەن ئەمما
دەم تارتساڭمۇ نەچچە ئېرانى،
يالماپ-يېمىرىپ.
ئېلىۋالار سېنى ئۇدۇل تام،
قۇچىقىغا باغرىنى كېرىپ.
ئۇندىن زېرىكسەڭ،
ئولتۇرىسەن ئۈستەل ئۈستىدە-
گاھى زوڭزۇيۇپ؛
بىلەككىلا قويۇپ بېشىڭنى
يانپاشلايسەن گاھىدا يەنە
ئىللىق يەڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ.
شۇنداقتىمۇ
نىمىدىندۇ رازى ئەمەستەك
چىكىلدايسەن(چايقاپ گاھى باش).
كۆرىنىسەن سۈرلۈك،ئالدىراش؛
گەپ قىلمايسەن زىنھار چىش يېرىپ.
ھەممەڭ تەلدەك،
ھەتتا چۈشۈڭگە-
كىرىپ چىقماس مۇنداق ئوي-خىيال:
«كېتەرمەنمۇ قىشتا توڭلاپ،تومۇزدا ئېرىپ...».
كوسا پېتىسەن،چىقمايدۇ ساقال،
كىرمەيسەن ياشقا،كەتمەيسەن قېرىپ.
يوقمۇ سېنىڭ رەقىپ-كۈشەندەڭ
تاشلىساڭمۇ كۈللى مەخلۇقنىڭ-
ئۆمۈر دەرىخىنى شىخىدىن يىرىپ؟!
قويۇمدىغانسەن ئۆزۈڭگە سۇئال:
«تامام جاھان-كائىناتنىڭ قۇماندانىمەن،
نىمىلەرنى ئالدىم ئۇلاردىن،
قىلدىم رازى نىمىنى بېرىپ؟!».