چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4698|ئىنكاس: 18

گۈلۈم (ئەركان)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلۈم

مۇھەممەدئىمىن ھامۇت ئەركان

ئەگەر پۇراق بەرمىسە گۈلۈم ،
ساپ ھاۋادىن نە ئەسەر قايدا.
كۆڭلۈم خۇشال ئۆتەر ھەرقاچان ،
يارىم ئامان بولسا ھەر جايدا.

ئەگەر پۇراق بەرمىسە گۈلۈم ،
بۇلبۇل خۇشال سايرامدۇ باغدا.
يايرىم كۆڭۈل بەرمىسە  ماڭا،
ئۆتەر كۈنۈم قارا ھىجراندا.

ئەگەر پۇراق بەرمىسە گۈلۈم ،
كىرەك ئەمەس خۇشبۇي ئەتىرە.
قەلبىمدىكى ئەشۇ يار ئۈچۈن،
يۈرىگىمگە سالدىم  ئەندىزە .

ئەگەر پۇراق بەرمىسە گۈلۈم ،
خۇشاللىقتىن ئۈمۈت يوق ماڭا.
شۇ سەۋەپتىن قالساممۇ يالغۇز،
باشقا يارنى كۆرمەيمەن راۋا.


2012 -يىلى 8 -ئاينىڭ  29-كۈنى كەچ

مەنبەسى : يىڭى ئىجادىيىتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-2 22:20  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-30 01:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلۈم پۇراق بەرمىسە ئەگەر،
ھېجران تېشى بېشىمغا تېگەر،
شاتلىقىمنى دەرت يىپى چىگەر،
شاخلىرىمنى غەم-ھەسرەت ئېگەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 01:28  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-30 01:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام تۇركزاتنىڭ تولۇقلاپ ئىنكاس يازغىنىغا كۆپ رەخمەت! مىسرالىرى بىر-بىرىگە شۇنداق ماس كەپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 01:38  



ۋاقتى: 2012-8-30 18:21:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر قاپىيە قوغلىشىپلا يېزىلىپتۇ.


ۋاقتى: 2012-8-30 18:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن گۈلۈمنىڭ پۇرىقىنى سەزمىدىڭ،
قۇلۇپلانغان قەلىب، يۈرەك ھۈجەيرەڭ.
ئازاپلىرىم كۆز يېشىمغا ئايلانغان،
شۇ سۇلاردا ئېچىلغانتى گۈللىرىم.



ۋاقتى: 2012-8-30 23:50:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يىزىپسىز ماڭا بەك يارىدى. رەخمەت سىزگە، ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز تىشىپ تۇرغاي.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-31 22:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇراقىڭىدا مەستخۇشمەن. سەھەر تاڭدا ئەي گۈلۈم،
پىراقىڭدا گۈلخاندەك كۆيەر مىنىڭ بۇ  جىنىم.
قەلىپ، قەسىر بىغىمغا گۈزەل ھۆسۈن بەردىڭسەن،
چىن سۆيگۈڭگە ئەسىرمەن، سەن قەلبىمدە گۈل خىنىم.


ۋاقتى: 2012-9-7 23:09:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھھھھھھھھھھھھھ..... بۇ شئىرنى قالتىس يىزىپسىز جۇما؟


ۋاقتى: 2012-9-14 12:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ ئەسلەتتى سېنى ،

خىجىلچان تۇلۇنئاي بەزلەيتى مېنى .

ئۇيقۇدىن بىدارلىق ئەسنەتتى مېنى ،

ھەر ياققا ئۆرىلىپ سېنى ئەسلىدىم .
  

گۈل ئىدىڭ ئېچىلغان شۇنچە خۇش پۇراق،

بۇلبۇل بوپ ئىشقىڭدا چەكسەممۇ پىراق.

يەنىلا  سالساڭمۇ  قەلبىمگە سىيىرتماق،

يىلاندەك  تولغىنىپ  سېنى ئەسلىدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۆھەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 12:25  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-23 19:36:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆھەرنىڭ شىئىرىمغا ئەگىشىپ جۈر بولغىنىغا رەخمەت! گۆھەرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمە.


ۋاقتى: 2012-9-28 21:47:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرىڭىزنى بەكمۇ ياختۇردۇم، رەخمەت سىزگە.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-7 19:14:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياختۇرغىنىڭىزغا رەىىخمەت ئىپارگۈل


ۋاقتى: 2012-12-7 22:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامماباپ تىللاربىلەن ئۆز قەلىب تېۋىشىڭىزنى ئىپادىلەپسىز. ناخشا تېكىستى قىلسىمۇ بولغۇدەك.


ۋاقتى: 2013-2-4 16:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي،ئەركان!


ۋاقتى: 2013-2-5 22:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى يەڭگىل، تاتلىق چىقىپتۇ. ناخشا تېكىستى قىلىپ ئوقۇسىمۇ بولغۇدەك...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:41 , Processed in 0.441324 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش