يوق ئەمەس
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران
زەڭ سېلىپ باقسام جاھانغا زاتى پەسلەر يوق ئەمەس.
شۇ سەۋەپ ماڭدامدا دوق، ئازگالى نەسلەر يوق ئەمەس.
چۈشسە ئاسمان ئۆرۈلۈپ ئاستىدا يەيدۇ مانتىنى ،
ئەل غېمىغا كارى يوق پاڭقايى مەسلەر يوق ئەمەس.
بەيگىدە چىقسا ئۈزۈپ ئىقبال ئېتىنى چاپتۇرۇپ،
قىپ ھەسەت ئېغۋا توقوپ باپلاشتا قەسلەر يوق ئەمەس.
بۇ دەۋىر يەتتى قەيەرگە ؟!ئاي بىلەن مارس تامان...
ئويلىماستىن تام يۆلەپ ياتقانى خەسلەر يوق ئەمەس.
ھەق نېمە؟ناھەق نېمە؟ئېلغاشنى ئەسلا ئستىمەس،
نەپسىگە قۇل بىر ئۆمۈر ئەقلى ئەلەسلەر يوق ئەمەس.
سىلكىتىپ شۈكران شۇلارنى باشلىساڭ قۇت ئەتىگە،
دەيدىغان دىلدا تىلەك ئارزۇ ھەۋەسلەر يوق ئەمەس.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى