بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 21:04
گۇما دىيارى مۇنبىرى ئىككىنچى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە:
جېنىم ئانا، سىزگە بۇ گەپلەرنى دېيىشنىڭ ماڭا قانچىلىك تەس كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ تەس ئانا، بەكمۇ تەس. لېكىن ئەمدى دېمىسەم ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم، ئەمدى دېمىسەم بۇ بۇرۇختۇملۇققا،بۇ ئازاپلارغا چىدىيالمىدىم.
جېنىم ئانا، سىز ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ مېنى بەخىتلىك بولسىكەن دەيدىغان مەقسىتىڭىز سەۋەبىدىن، مېنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولدىڭىز! مېنى ئۆزىڭىز خالىغان يولدا مېڭىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەخىت قارىشىغا كۆندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىپ ھەمدە باياشات تۇرمۇش قاينىمىغا ئىتتىرىپ ئاخىرى مۇرادىڭىزغا يەتتىڭىز، لېكىن، بۇلار ئارقىلىق مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاپلارغا دۇچار قىلدىڭىز... مەن قارىماققا شۇنچە بەخىتلىك، ئەمما ئەڭ بەخىتسىز بەندىمەن، ئانا.
باشقىلار دەيدۇ، ‹‹ئاتا-ئانا ھەر ۋاقىت بالىسىنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ غېمىنى يەيدۇ...›› دەپ. بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكى گەپ كەتمەيدىغان ھەقىقەتتۇر. ئەمما، مۇشۇ ھەقىقەت قانچىلىغان بالىلارنى ئۆز ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى مىڭ مۇشەقەتتە ئېچىلدۇرغا مۇھەببەت گۈلىنى خازان قىلىش، ئۆزى ئارزۇلاپ سۆيگەن كىشىسىنى ئازاپلاپ، كۆز ياشلىرى، نالە - زارىغا ئۈن - تىنسىز چىداش بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. ئاتا - ئانىلار زورلاپ چېتىپ قويغان نىكاھتىن تەڭدىن تولىسى دېگۈدەك بەخىتسىز نىكاھ بولۇپ خۇلاسىلەنگەندە بولسا، قويۇلىدىغان ئەيىپ - بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى چۈشەنمىدىڭ، بىز ياخشى دېگەننى قەدىرلىمىدىڭ، بىزگە قېيداپ كىيىنكى يولنى ئۆزۈڭ تاللىدىڭ... بولىدۇ. ئەقلىم يەتمەيدۇكى، مەن زادى قايسى تىپقا كىرەرمەن؟!
ئەسلى سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزگە كۆنۈشۈم كىرەك ئىدى، ئانا. دەرۋەقە، مەن كۆندۈم. يۈرىكىمنىڭ قات- قېتىغا تامغا بولۇپ بېسىلىپ كەتكەن بىر ئىسىم ئىگىسىنى، كۆڭۈل خانەمنىڭ مەڭگۈلۈك مېھمىنىنى، مەندىن زور ئۈمۈدلەر بىلەن مۇھەببەت شارابى كۈتۈپ تۇرغان بىرسىنى زار - زار قاخشىتىش ھەم ئۆز ئارزۇيۇمغا مۇخالىپ ھالدا، سىزنىڭ، پەقەتلا سىزنىڭ تاللىشىڭىزنى قوبۇل قىلىش بەدىلىگە مۇھەببىتىمنىڭ قاتىلىغا، بەخىتسىزلىكىمنىڭ جاۋاپكارىغا ئايلاندىم...
سىز ھەقلىقسىز ئانا. نېمىلا ئىشقا بۇيرىسىڭىز، قانداقلا باشقۇرسىڭىز، ھاياتىم، تۇرمۇشۇم ھەققىدە قانداقلا قارار چىقارسىڭىز ھەقلىقسىز. مەن ھەم سىزنىڭكىنى ئەزەلدىن توغرا دەپ قاراپ كەلگەچكە، يۈرىكىمنى ئامبۇر بىلەن قىسىپ، ئۆز رايىمدىن ياندۇرۇپ تۇرۇپ سىزنىڭكىگە ئۇناشقا مەجبۇرلىدىم. ئۇنىمايمۇ ئامالىم يوق ئىدى. چۈنكى سىز ‹‹ ئەگەر رەت قىلساڭ ئاق سۈت بېرىپ باققىنىمغا رازى ئەمەسمەن!›› دېگەن ئىدىڭىز. بىر بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ نارازى بولۇشىدىن ئارتۇق جازا بارمۇ؟! بۇ نارازىلىق بىلەن ئۆمۈر بويى قارغىش قېپى بولۇشۇم ئېنىققۇ؟! شۇڭا مەن كۆزۈمنى يۇمۇپلا سىز باشلىغان يولغا ماڭماقچى، بەختىمنى، ئۆمۈرلۈك مۇھىم ئىشىمنى دوغا تىكمەكچى بولدۇم. كىم بىلدى، بۇ تىكىشتە ئەڭ زور ئۇتتۇرغۇچى بولۇپ قېلىشىمنى؟! لېكىن يەنە دېمەيمۇ چىدىيالمايمەن ئانا، مەن مۇشۇنداق قان يۇتۇپ، زار يىغلاپ يۈرگەن كۈنلەردە دەردىمگە مەلھەم بولماقتا يوق، ئەكسىنچە بارچە بەخىتسىزلىكىمنىڭ باش جاۋاپكارى مەن ئۆزۈمدەك، سىزنىڭ مېنى مەجبۇرەن تويلاپ، ئۆزۈم تونىمايدىغان، خالىمايدىغان بىرسىگە چېتىپ قۇيۇشىڭىز قىلچە خاتاسىزدەك، پەقەت مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئەل قىلىپ، چىقىشىپ ئۆتەلمىگەن سەۋەپتىن بەخىتسىز بولۇپ قالغاندەك... گۇناھ يەنىلا مەندە. شۇ چاغدا يىغلاپ كەلسەم، مىنى قار-يامغۇر تىللاپ دۈشكەلەپ كەتكىنىڭىز يادىڭىزدىمۇ ئانا؟ ئويلىغان ئىدىم، ‹‹ ئانام مېنى ئۆزى تۇغماي كوچىدىن تېپىۋېلىپ باققان بولغىيمىدى؟ ياكى بىرەر ئاجىز مەزلۇمەنىڭ باققىلى قۇربى يەتمەيدىغان نىمجان بالىسى بولسام، ئىچ ئاغرىتىپ ئېلىپ قالغان بولغىيمىدى؟ نىمانچە تاش يۈرەكلىك بۇ؟...›› دەپ.
ئۇف... مانا شۇنىڭدىن باشلاندى. توي دېگەن ئەسلى ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈچى، ھاياتقا يارقىن ئىزلارنى بېسىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن يۈكسەك ئىشەنچ، ئارزۇ - ئارمانلارنى ئويغاتقۇچى مۇقەددەس مۇراسىم ئىدى. لېكىن بۇ مۇراسىم قاق بىسمىللىدا كۆڭۈلسىزلىكتىن باشلاندى.
مېنى كۆچۈرگىلى كەلگەن ماشىنا توختاپ، يېنىمدىكى قىز قولدىشىم قولتۇقۇمدىن يۆلەشتۈرۈپ دېگۈدەك ماشىنىدىن چۈشتۈم. قايان مېڭىشىمنى بىلەلمەي قولدىشىمنىڭ باشلىشىنى كۈتۈپ جايىمدا تۇردۇم. بىر چاغدا قىيا - چىيا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز چىققان تەرەپكە بويۇنداپ، يۈزۈمگە يېپىلغان رومىلىمنىڭ ئاراچلىرىدىن مارىدىم. ئىگىز تۆمۈر دەرۋازا ئالدىدا توپلىشىۋالغان يەتتە - سەككىز كىشى كىمنىڭدۇر بىرسىنىڭ ھويلا ئىچىگە كىرىشىنى توسماقچى بولۇپ پايپېتەك يۈرەتتى. كىرمەكچى بولغىنى ئايال بولسا كىرەك، ئاغزىنى بۇزۇپ كىملەرنىدۇ تىللايتتى، ھە دەپ دىۋەيلەپ ھويلىغا كىرمەكچى بولاتتى. ئۇنى توسىۋاتقانلار بىردىن - ئىككىدىن كۆپەيدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئانچە - مۇنچە پۇلاڭلاپ، شىلتىلىپ تۇرغان قوللىرىمۇ، ئەرلەرنىڭ ئاياغلىرى ئارىسىدىن غىل- پال كۆرۈنۈپ - قالىدىغان ياقۇتلۇق ئىگىز پاشنىلىق ئايىغى ۋە ئورۇق، ئاپئاق پۇتلىرىمۇ كۆرۈنمەي قېلىۋاتاتتى.
- بولدى قويۇۋېتىڭلار! نېمە قىلالايدىكىن قېنى، خالىغىنىنى قىلىپ باقسۇن!
بۇ ئەتىگەن مەن بىلەن نىكاھى ئوقۇلغان يولدىشمنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇنىڭ نېمىشقا ئۇنداق دېگەنلىكىنى ئۇ چاغلاردا چۈشەنمىگەن ئىدىم. لېكىن، كېيىنكى كۈنلەردە بۇنى پەقەت ماڭا كۆرسىتىش، ‹‹كۆردۈڭمۇ؟ مېنى سەندىن تالىشىۋاتىدۇ، ماڭا ئېرىشكىنىڭ ئۈچۈن خۇش بولساڭ بولىدۇ›› دېگەننى ماڭا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ پات- پات كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ ‹‹ساڭا دەپ قۇياي، ئەينى چاغدا ئالىمەنلا دېسەم نەچچىسى تەييار ئىدى، ئاناڭ خۇشامەت قىلىپ سېنى ماڭا تەڭلەپ تۇرىۋالمىغان بولسا، توقاللىققىمۇ نۆۋىتىڭ تەگمەيتتى. توي كۈنى نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنى ئېسىڭدىدۇ؟ ھۇ تىجىمەلنىڭ قىزى...›› دېگەن زەھەردەك گەپلىرىدىن تولۇقى بىلەن، پاكىتسىز ھالدا چۈشەندىم.
توسۇۋالغانلار ئۇنىڭ كەسكىن بۇيرۇقى بىلەن ئايالنى قويۇۋەتتى. ئۇ خۇددى كاماندىن ئېتىلغان ئوقتەك كەلگەن پېتى ئالدىمدا گىدىيىپ تۇرغان يولدىشىمغا ئېسىلدى، ئەمما ئۇ چاققان كېلىپ ئايالنى تىزلىك بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. ئايال كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ يىقىلدى، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېسىلماقچى بولۇپ كەلگىنىدە، ياندىكىلەر توسۇپ ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدى. بۇ ئىشلار شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا، شۇنچىلىك تىزلىك بىلەن بولۇپ ئۆتتى. مەن ئىنچىكە تۆشۈكلۈك رومال ئىچىدە قۇلىقىم بىلەن كۆزۈمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتاتتىم.
-ھۇ بېشىنى يەيدىغان مەرەز، نومۇس قىلمايدىغان نېمىكەنسەن ھې ۋىجدانىنى قۇرت غاجىلىۋەتكەن پەس! سەنمۇ ئەر كىشى بولدۇڭمۇ؟ قېنى ماڭا بەرگەن ۋەدەڭ؟ ئەمدى كېلىپ ھېچگەپتىن - ھېچگەپ يوقلا يۈز ئۆرۈيسىنا ھەي ئالدامچى؟!
ئايال توختىماي تىللايتتى، قوللىرىنى شىلتىپ ۋارقىراپ، پۈتۈن ھويلىنى بېشىغا كىيىپ يىغلايتتى. يولدىشىم بولسا مەغرۇر ھالەتتە گىدىيىپ تۇرۇپ تاماشا كۆرىۋاتاتتى.
- ئىلھامجان، بۇنداق بولسا ياخشى ئەمەس ئۇكام. يا ما ساراڭ خوتۇننى سۆرەپ تالاغا ئەپچىقىۋېتىلى، يا بولمىسا ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىپ يولغا سېلىۋىتىڭ. توي كۈنىدە جىدەل تېرىلىپتۇ دىسە نى ئات، نى نۇمۇس!
كىمدۇر بىرى يولدىشىمغا شۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن ئۇ قايتا زۇۋانغا كەلدى:
- تولا ساراڭلىق قىلماي ئاستا كېتىۋال! قانچە قىلساڭمۇ بەرىبىر پايدىسى يوق...
- ھۇ نۇمۇسسىز! قارا ماۋۇ تۇزكورنىڭ بىر چىرايلىق قوغلاۋاتقىنىنى، - يولدىشىمنىڭ گېپى تۈگىمەستە ئايال يەنە تىل سالدى - ئەينى چاغدا قۇرسۇقۇمغا ئۈندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق قوغلىساڭ بولمامدۇ، ھە؟ دوختۇرخانىغا شۇ نارەسىدىكى ئالدۇرۇش ئۈچۈن بارغىنىمدىمۇ مۇشۇنداق قوغلىساڭ بولمامدۇ؟ پۇللىرىمنى خەجلەپ راھىتىمنى سۈرىۋاتقاندىمۇ مۇشۇنداق قوغلىساڭ بولمامدۇ ھەي، ھايۋاندىن تۆرەلگەن مەلئۇن...
ئايال چەبدەسلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئېتىلدى. بېشمغا چوڭ رومال تاشلاپ يۈزۈمنى يۆگەپ قويغان بولغاچقا يولدىشىمنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈشكە، كەيپياتىنى بىلىشكە ئامالسىز ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئېتىلىپ كەلگەن ئايالنى زەرب بىلەن ئىتتىرىپ، ئارقىدىن يانپىشىغا بىر تىپىك تەپكىنىدىن ئۇنىڭ قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلمەس تەس ئەمەس ئىدى:
- نېمە ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىلمەيسەن ھېي بۇزۇق! تويۇمنى قالايمىقان قىلىپ چاتاق تېرىغاننى ئاز دەپ، يەنە باشقا يەردىن تاپقان بالاڭنى ماڭا تاڭماقچىمىدىڭ پاسكىنا!؟...
ئېغىزدىن چىققۇسىز سەت گەپلەرنىڭ توي بولىۋاتقان مۇشۇ ھويلىدا دېيىلىۋاتقىنىنى ئاڭقىرىپ، راست - يالغانلىقىغا ئىلغا قىلىپ بولغىچە، كىمدۇر بىرى قولتۇقۇمدىن يۆلەشتۈرگىنىچە تارتىپ ئېلىپ ماڭدى. مەن ئىختىيارىمنى سۆرەپ ماڭغۇچىغا تاپشۇرۇپ قانداقتۇر بوسۇغىلاردىن ئاتلاپ، سۇپىغا چىقتىم، ئاندىن پۇتلىرىم يۇمشاق كۆرپىلەرگە سۈركەلگەندەك، ئارقىدىن ئالدىمغا داستىخان سېلىنغاندەك بولدى. قالغىنىنى ئېنىق ئىلغا قىلالمايمەن. كاللام گاراڭ، ئەقلىم ئۆزىنى يوقاتقان. ھويلىدىكى ئىشلار قانداق بېسىقتۇرۇلدى، ھېلىقى ئايال ئۆزى كەتتىمۇ ياكى باشقىلار سۆرەپ ئېپ چىقىپ ھەيدىۋەتتىمۇ، بۇلار ماڭا قاراڭغۇ. ھەتتا توي كۈنىنىڭ قانداق كەچ بولۇپ، ھوجرا ئۆيگە كىملەرنىڭ ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنى، قايسى مەھەلدىن بىرى يالغۇز ئولتۇرىۋاتقىنىممۇ ئېسىمدە يوق. ئىشقىلىپ ئالاھىدە ياسىداق بىر ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرىمەن. يېنىمدا نە سائەت، نە يانفۇنۇم يوق. قايسى چاغ بولغىنىنىمۇ ئەسلا بىلمەيمەن. مېنى تۇيۇقسىىز يىغا تۇتۇشقا باشلىدى. يات بىر ئۆيدە شۇنچە ئۇزۇن يالغۇز ئولتۇرۇش مېنى قانداقتۇر بىر ۋەھىمە قوينىغا سۆرەپ، تېنىمنى شۈركەندۈرەتتى.
- ...
ئىشىك ئېچىلىپ يولدىشىم كىرىپ كەلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، قارىدىميۇ، بۇ قېلىقىمدىن ئوڭايسىزلىنىپ دەررۇ يەرگە قارىۋالدىم. ئۇ گەپمۇ قىلماستىن كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى، ئاندىن ئاستا قولۇمنى تۇتتى. ئاھ خۇدا! بايىقى يالغۇزلۇقۇم مىڭ ھەسسە ياخشىكەنتۇق ئەمەسمۇ!؟ نېمىشقىمۇ يالغۇز قالغىنىمدىن ئۆكۈنۈپ غېرىپسىندىم؟ يېنىمدا قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرغىنى ئەزرائىلمىدۇ، ئەجىبا! كەيپىياتىمدىكى جىددىيلىك، بىزارلىقنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ قېلىشقا ئامالسىز ئىدىم. ئاستا قۇلۇمنى تارتىۋېلىپ يانغا قارىۋالدىم. ئۇ گەپ سۆز قىلماستىن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ تام ئىشكاپنىڭ ئەينەك دېرىزىسىنى ئېچىپ بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئۆي ئىچىدە مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى...
ئانا، مېنى شۇنچە ئەتىۋارلاپ، ئىشقىمۇ سالماي تەييارغا ھەييار قىلىپلا چوڭ قىلغان ئىدىڭىز، جېنىم ئانا. لېكىن تويۇم بولۇپ ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئۆينىڭ مالىيىغا ئايلاندىم. ئاش- تاماقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ، ئالتە جان ئادەمنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى يۇيۇپ رەتلەش، ئورۇن - كۆرپىلىرىنى سېلىپ - يىغىش، ئەتىگىنى ھەممىدىن بۇرۇن تۇرۇپ، كەچلىرى ھەممىدىن كېيىن يېتىش، باشقىلار ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە ھويلا - ئاراملارنى سىيرىپ سۈپۈرۈپ ئاندىن چاي تەييارلاش، قېينى ئانا - قېينى ئاتاملارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇلار داستىخانغا قول ئۇزاتمىسا جىممىدە قول باغلاپ تۇرۇشلار، تولاراقى ئىشقا كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيدىن ناشتىسىزلا چىقىشلار، تېخى قېينى ئانام رازىلىق بەرمىگىچە كىچىكىپ قالساممۇ ئىشىكتىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئىچىمگە تىنىپ رايىشلىق بىلەن تۇرۇشلار... كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتتى. تېخى شۇنىڭلىق بىلەنمۇ مەندىن ھېچكىم، يا يولدىشىم، يا قېينى ئانام - قېينى ئاتام، ۋە ياكى قېينى سىڭلىم، ھېچكىم رازى ئەمەس. توۋا دەيمەن، مەن كىلىن بولۇپ كىرمەستە بۇ ئۆيدە ھېچكىم ئىش قىلمايدىغان بولغىيمىدى؟! شۇ ۋاقىتلاردا ئىشلىرىغا كىمنى سالغان بولغىيدى؟...
يولدىشىم باشتا بىر ئوبدان مۇئامىلە قىلغاندەك قىلىۋاتاتتى. ئالاھەزەل ئىككى ئايلاردىن كېيىن ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۆيگە بەك كەچ كېلىدىغان، كەلسىمۇ ماڭا ئانچە گەپ قىلمايدىغان، يەپ - ئىچىپ قۇرسىقى تويغاندىن كېيىن، پۇشۇلداپ ئۇيقىغا كېتىدىغان، بۇرۇنقىدەك ئىشلىرىم تۈگەپ بىكار بولغىچە كىنو كۆرگەچ ساقلاپ ئولتۇرمايدىغان، بۇرۇنقىدەك ‹‹ھېرىپ قالغانسەن›› دەپ مۈرىلىرىمنى ئۇۋۇلاپ قويۇش ئەمەس، ھاردۇق يىتىپ، ھالىم قالمىغان ھالەتتە سولىشىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىغىنىمدا‹‹خويمۇ ئىسكەتىڭ يوق، ئەسكى يوتقانغا ئوخشايدىكەنسەن، خوتۇن كىشى دىگەن سۈيى تېشىپ تۇرىدىغان ئالمىدەك بولمامدۇ؟! قاچان قارىسا تاغاردەك سېلىنىپلا تۇرغان...›› دەپ كۆڭلۈمگە تېگىدىغان بولىۋالدى. بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولاتتى. تۇرۇپلا نىجات بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام بەلكىم مۇنداق بولماس ئىدى دەپ خىيال قىلىپ، ئىختىيارسىز ياش تۆكۈپ قالاتتىم.
بۇ ئائىلىدە مېنىڭ قىلچىلىك ئورنۇم يوق ئىدى. ھەممىسى مېنى مالاينىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، ئىشلىرىغا خالىغانچە بۇيرۇيتتى. قېينى ئانامنىڭ زەھەردەك گەپلىرى، يولدىشىمنىڭ ئالىيىپ قاراشلىرى، قېينى ئاتامنىڭ دارىتمىلاپ قىلغان ئاچچىق تەنىلىرى بىلەن بۇيرۇلغان ئىشلارنى شەرتسىز ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام، مەن ‹‹تەربىيە كۆرمىگەن قاغدالما، سەھرالىق لاي پاچاق، ئېغىلدا چوڭ بولغان تومپاي››، سىز بولسىڭىز ‹‹بالا تۇغۇشنى بىلىپ، تەربىيىلەشنى بىلمىگەن، چوڭ قىلىشنى بىلىپ ئەدەپ - قائىدە ئۆگەتمىگەن، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆگەتمەي پەقەت يېيىىش بىلەن چىقىرىشنىلا بىلىدىغان كالىدەكلا چوڭ قىلغان...›› بولۇپ قالاتتىڭىز. مۇشۇنداق گەپلەر بولۇنسا چىدايمەنمۇ، ئانا؟ نەچچە قېتىم گەپكە چىدىماي ئاجراشماقچى بولۇپ ئۆيگە يامانلاپ بارسام، قىلچە يۈز - خاتىرە قىلماي تىللاپ كەتتىڭىز. سىزنىڭچە بولغاندا، يولدىشمنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئىسىل، خىزىردەك ياخشى كىشىلەر. مەن بولسام گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق، ياخشىلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن گەدەنكەش بولدۇم. ئۇلار ماڭا ئىچ - ئىچىدىن كۆيۈنۈپ ئەتىۋارىمنى قىلىپ تۇرسىمۇ بىشەملىك قىلىپ، يامانلاپ بارغان قاتارغا چىقتىم. ئۇف... نېمىسىنى دەي، بۇ دۇنيادا ماڭا ئىشىنىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟ ئاشۇ ئۆيگە بېرىپ، مەن، يولدىشىم، قېينى ئانا - قېينى ئاتىلىرىم بىلەن بىرەر ھەپتە تۇرالىغان بولسىڭىز، كاشكى شۇنىڭغا ئىمكان بولسىدى، جېنىم ئانا.
نىجاتنى ئەسلەيمەن، ئۇنى سېغىنىمەن. ئاغرىغان يۈرىكىمگە ئۇنىڭ خىياللىرىدىن تەسكىن تاپىمەن. بەزىدە ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغۇم كېلىدۇ. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن توي قىلغاندىن كىيىن ئۇ خىزمىتىنى يۆتكەپ ئۆز ناھىيىسىگە كەتكەن. شۇنىڭدىن بىرى پەقەتلا كۆرۈشۈپ، ھەتتا يوللاردا بولسىمۇ بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىپ باقمىدۇق. ئۇ مەندىن ئاغرىندى، سىزنى گەپكە كىرگۈزۈپ، ئۆزى بىلەن توي قىلىشىمغا قۇشۇلۇشىڭىزنى قولغا كەلتۈرەلمىگىنىم ئۈچۈن مەندىنمۇ، ئۆزىدىنمۇ رەنجىدى. ئۇ قانداق چۈشەنسۇن ئانا؟ ئەزەلدىنلا ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك، ھېچنىمىدىن غېمى يوق ئۆتكەن تۇرسا، ئانىسىنىڭ ‹‹ئاشۇ ئىشنى قىلمىساڭ باققىنىمغا رازى ئەمەسمەن!›› دېگەندەك تەھدىتلىرى يۈرىكىنى تاتىلاپ، ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ باقمىغان تۇرسا، ئۇ بۇ جەھەتتىكى تەڭقىسلىقىمنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟! ئۇ شۇڭا رەنجىدى، شۇ رەنجىگەنچە مېنى كۆزى كۆرۈپ قالىدىغان، ھەرۋاقىت مېنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەردىنمۇ كەتتى...
ئۇف... يەنە ئەسلەۋاتىمەن ئانا، سىزگە سۆزلەپ بىرەي...
شۇ كۈنى يولدىشىم يەنە شۇنداق كەچ كەلدى. كەچ كەلگىنىگە قارىماي، ئوخشىتىپ سۇيقاش ئېتىپ بەر، دېدى. كېچە سائەت بىر بولۇپ قالغىنىغا قارىماي تاماققا تۇتۇندۇم. ئۇنىمىسام تايىقىدىن قورقاتتىم. شۇنداق ئانا، ئۇ بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلغان. كېچە- كېچىلەپ سىرتلاردا پوق دەسسەپ يۈرۈپ، ھالى قالمىغاندا ئۆيگە كېلىپ، مېنى كارىۋاتقا سۆرەيتتى ياكى نەدە ئۆيدە يوقلا بىر نەرسىلەر كېتىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىشكە زورلايتتى. ‹‹ئۆيدە ئۇ نېمە يوق، بۇ نېمە يوق›› دېگۈدەك بولسام، ‹‹ ئۆيدە زادى نېمە بار؟ سەن يوقنى بار قىلماي نېمىش قىلىدىغان ئادەم؟›› دەپلا ئۇرۇپ كېتەتتى. توي قىلىپ يەتتە ئايدىن كېيىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ھازىر ئەر - ئايال ئىككىمىز يالغۇزلا ئىدۇق. شۇڭا جىدەلگە ئارىلىشىپ ئۇنى توسۇۋالىدىغانلار بولمىغاچقا چوقۇم ئېغىر تاياق يەپ كېتەتتىم.
شۇ كۈنى ھورى چىقىپ تۇرغان سۇيقاشنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ، يۈزىنى سۈرتىۋېلىشى ئۈچۈن ھۆللەنگەن لۆڭگىنى ئۇزاتتىم. ئۇ قولۇمدىن لۆڭگىنى ئېلىپ ئۈستەلگە چۆرىۋەتتى، ئاندىن ئاشتىن بىر قۇشۇق ئىچىپلا پۇرقىۋىتىپ، ماڭا تىل سالدى:
- ئاناڭنى... نېمەڭ ھېي بۇ؟ نېرى ئاپىرە ماڭ يۇنداڭنى!... ھۇ تومپاينىڭ قىزى...
- بىر قانداق بوپ قاپتۇمۇ؟ خېلى ئوخشىغاندەك قىلغان بولمىسا...
- تۇزۇم تۇتۇپ ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭ تىجىمەلنىڭ قىزى! بىر يەردە تۇزنى بىكارغا تارقىتىپتىكەنما؟ سەن قانجۇق تاماق ئېتىشنى بىلەمسەن - ياقمۇ؟
- ئۇنداق سەت گەپ قىلماڭ... ـ دېگىنىمنىلا بىلىمەن، يۈزۈمگە تەگكەن كاچاتتىن كۆزلىرىمدىن ئوت چاقناپ كەتتى. سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ يىقىلدىم. ئۇ كېلىپ چېچېمنى قاماللىماقچى بولۇپ قولىنى سوزغان ئىدى، بېشىمنى قاماللاپلا تۈگۈلۈپ يېتىۋالدىم. ئۇ ئاچچىقىدا گەجگەمدىن تۇتۇپ تام تەرەپكە سۆرەپ كەلدى. خىيالىمدا يەنە قاتتىق ئۇرىۋىتىدىغان بولدى، دەپ قورقۇپ جېنىم چىقايلا دېگەن ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغان بالامنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقاتتىم. ئىلھام مېنى گەجگەمدىن سۆرەپ كېلىپ تامغا ئۈستۈردى، ئاندىن مۈرەمگە بىر مۇش سېلىپ، پۇتۇمغا كۈچەپ بىرنى تەپتى. مەن قۇرسىقىمنى قوغداش ئۈچۈن يەردە تۈگۈلۈپ يېتىۋېلىپ، دۈمبەم ۋە پۇتلىرىمنى تاياققا تۇتۇپ بېرىۋاتاتتىم. شۇ تاپتىكى يالۋۇرۇش، نالە قىلىشلىرىم ئۇنىڭغا كار قىلسۇنمۇ؟! بۇ ھەقتە ئۇنىڭ كاللىسى سەگەك، ئەقلى جايىدا ۋاقىتلاردا تولا سۆزلەپ ئاڭلىتالمىغاننى ئاز دەپ، ئاشۇ گەپنى قىلغىنىم ئۈچۈنمۇ تاياق يېگەن تۇرسام، توختىماي ئۇرىۋاتقان چېغىدا گەپ يەيتتىمۇ؟
ئۇ ئىشىكلەرنى تاراقشىتىپ ئېچىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ياتقان يېرىمدىن مىڭ تەستە تۇرۇپ، سۆرىلىپ دېگۈدەك كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇردۇم. بېشىم بىلەن پۇتۇم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيتتى. ئاغرىقتىن بەكرەك، قورقۇنچ دەستىدىن پۇت - قولۇمدا جان قالمىغان ئىدى. مېنى بىردىنلا يىغا تۇتۇپ كەتتى. تەقدىرنىڭ ماڭا يۈكلىگەن بۇ زۇلمەتلىرىگە چىدىماي بوغۇلۇپ - بوغۇلۇپ يىغلىدىم. يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرغان ئېغىر ئازاپلار يەنە ئىختىيارسىز مېنى نىجاتنىڭ خىيالىغا ئۈندەيتتى. كەچۈرۈڭ ئانا، مۇشۇ يەردىمۇ يەنە ئۇنىڭ گېپىنى قىلغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ. لېكىن دېمىسەم بولمايدۇ، بىز يۈرىۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ھېچنېمىگە ۋە ھېچكىمگە بوزەك قىلدۇرمايتتى...
شۇ قېتىم تاڭ يورۇشى بىلەنلا مەن چوڭ بولغان، رەھمەتلىك دادام بىلەن سىز مىڭ جاپادا قۇرۇپ گۈللەندۈرگەن مېھرى ئىللىق ئۆيۈمگە كەلدىم. ئۆيدە سىز يوق ئىدىڭىز، سورىسام، سىڭلىم سىزنى ئىشقا كەتتى دېدى. شۇئان مەكتەپكە بارمىغىنىم ئېسىمگە كىلىپ، تېلېفۇن قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىمىزدىن رۇخسەت سورىدىم. سىڭلىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ يەنە تۆكۈلۈپ كەتتىم. ئۇ تاياق ۋە تىپىك زەربىسىدىن بەدىنىمدە تۇرۇپ قالغان كۆكلەرنى كۆرۈپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. بىز شۇ تەرىقىدە چۈشكىچە ئولتۇردۇق. چۈشتە سىز كەلدىڭىز، قول-قولچە تاماق ئېتىپ غىزالانغاندىن كىيىن، سىز ماڭا ئىشقا بىللە ماڭايلى دېدىڭىز. شۇ چاغدا سىزگە يالغان ئېيتقان ئىدىم، ئانا. ئەمەلىيەتتە تەكشۈرتكىلى دوختورخانىغا بارىدىغانلىقىم، شۇڭا رۇخسەت سورىغىنىم يالغان ئىدى. سىزدىن قورقىمەن ئانا، خۇيلىرىڭىز تۇتۇپ قالسا يەنە ‹‹رازى ئەمەسمەن...›› دەپ تۇرىۋېلىشلىرىڭىزدىن قورقوپ سىزگە راست گەپنى دېيەلمەيمەن.
ئىشقا يالغۇز كەتتىڭىز، مەن ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان سىڭلىم بىلەن يالغۇز قالدىم. بىز ئىچ - باغرىمىزنى تۆكۈشۈپ قانغۇچە مۇڭداشتۇق، يىغلاشتۇق. مەن يەنىلا ئەنسىرەيتتىم. چۈنكى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ يەنە كېلەتتىڭىز، ئاندىن يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە - مېنى تىرىك قىينايدىغان جازا لاگىرىغا قوغلايتتىڭىز. سىز ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ ئويلىغىنىمدەكلا:
- كەچلىك تاماق يەپ ئاندىن كېتەمسەن؟ تېلېفۇن قىلىپ ئىلھامجاننى چاقىر، ئۇمۇ كەلسۇن، - دەپ قالدىڭىز.
تېلېفۇن قىلالمايتتىم، ئانا. يەنە يالغان ئېيتتىم:
- ئۇ بىر يەرگە كەتكەن، كەچرەك كېلىدۇ. بۈگۈن قونۇپ قالىمەن.
- ئېرىڭنىڭ خەۋىرى بارمۇ؟
- بار، دەپ قويغان...
يالغان گەپ قىلىۋاتىمەن. نېمىشقىكىن، ئۆزۈممۇ بىلمەيلا شۇنداق دەپ تاشلىدىم. بۇ گەپنى دېيىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق تەييارلىقىم يوق ئىدى. ھەتتا ‹‹ئاپام كېلىپ، شۇ ئۆيگە قوغلاپ قالسا نېمە دەرمەن›› دېگەننىمۇ ئويلاپ باقمىغانىكەنمەن. تۇرۇپلا مۇنچە يۈرەكلىك ھالدا يالغان گەپ بىلەن چانمىغۇدەك جاۋاپ بېرىۋەتكىنىمگە ھەم ھەيران قالدىم ھەم خىجىل بولدۇم. ئەمما بۇ ئۆزۈمنى قوغداشنىڭ يولى ئىدى.
تاماقتىن كېيىن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەچ تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. خىيالىمدا ئىلھامنىڭ ئەندىشىسى، ھېلى تېلېفۇن قىلىپ ساراڭلىق قىلامدىكىن، مەس پېتى باستۇرۇپ كىرىپلا يەنە ئۇرۇپ كېتەمدىكىن دەپ. خۇداغا شۈكرىكى، ئۇنداقمۇ بولمىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن سىز بىلەن تەڭ ئۆيدىن چىقتىم. ئىشقا بېرىپ نورمال ئىشلىدىم. تۆنۈگۈن تىپىك يېگەن پۇتۇم بۈگۈن سىرقىراپ ئاغرىماقتا، ھەر يۆتكىسەم خۇددى ھازىرلا سۇنۇپ كىتىدىغاندەك. ماجالىم يوق، بىلىم ئاغرىپ ئۆرە بولالمايلا قالدىم. بويۇمدىكى بالىدىن ئەنسىرەيمەن. بىر ئاماللارنى قىلىپ ھېچنىمە بولمىغاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشىمەن. دوستتىن تولا دۈشمەن، ئادەمنىڭ كەينىدىن قەدەمدە بىر تىكىلىپ تۇرىدىغان ھەررەڭ - سەررەڭ مەقسەتتىكى كۆزلەرگە ياخشى تۇرىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش كېرەك. بىركىم - بىركىمىنىڭ ئازاپلىرىغا پەرۋاسىز، يېغىرىنى ئېچىشقا ئارانلا تۇرىدىغان بۇ جەمئىيەتتە زادى شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى.
ئاران دېگەندە كەچنى قىلدىم. ئىشتىن چۈشۈپ، مىڭ بالالىقتا ئۆيگە كېلىۋالدىم. ئىشىكتىن كىرىپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ تۇرۇشۇمغا سىز كەلدىڭىز. يەنە سورىدىڭىز ‹‹كەتمەپسەنغۇ؟›› دەپ. يىغلىۋىتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم. شۇنداقتىمۇ لىۋىمنى چىشلىدىم:
- پەقەتلا مىجەزىم يوق، سەل تۇرۇپ كېتەيچۇ ئانا!؟ بىردەم يېتىۋېلىپ كېتىمەن.
- نەرىڭ ئاغرىيدۇ؟ دوختۇرغا بارىمەن دېگەنتىڭغۇ؟
- باردىم... نەتىجە چۈشتىن كىيىن چىقماقچىدى، مىجەزىم يوق بارالمىدىم. ئەتە بېرىپ ئېلىۋالارمەن.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى ھامىلە تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى شۇ ھامانلا چىقاتتى. بارغان بولسام نەتىجىنى بىلىپ كىلەتتىم. مەن دوختۇرخانىغا بارمىغان ھەم نەتىجە ساقلاش ئىشى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەنە ئويلايمەن، نېمانچە قورقۇش ۋە نىمانچە قورقۇتۇش بۇ؟! سىز مېنىڭ ئانام تۇرۇپ، ئالدىڭىزدا نېمىشقا مۇنچە يۈرەكزادە بوپ كېتىمەن؟!
شۇندىن كېيىن ئاغرىققا چىداپ خېلى ئۇزۇنغىچە ياتتىم. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا سىڭلىمنىڭ تۈرتۈپ ئويغۇتىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچسام، سىز بېشىمدا قەھىر - غەەزپ بىلەن چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇپسىز. سىزدىن ئەيمىنىپ تەئەججۈپ بىلەن تەستە چىرايىڭىزغا قارىدىم. تۈرۈلگەن قۇشۇمىڭىزدىن مۇز ياغاتتى. كۆكسىڭىزنى تولدۇرۇپ چوڭ - چوڭ نەپەس ئېلىشىڭىزدىن ھازىرلا ئېغىز ئېچىپ مېنى تىللاپ كېتىدىغاندەك بىر خىل ۋەھىمە چىقىپ تۇراتتى. تەمتىرەپ كۆزلىرىمنى سىزدىن ئېلىپ قاچتىم ھەم سىڭلىمغا قارىدىم. ئۇ ئۇڭايسىز بىر ھالەتتە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ لىۋىنى چىشلىدى. دىمەك، سىز ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئىدىڭىز. ئەمدى مېنىڭمۇ سىزگە چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشۇم ھاجەتسىز ئىدى. شۇڭا دادىلراق بولۇپ، چاچلىرىمنى تۈزەپ، ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردۇم، ئەمما گەپ قىلمىدىم. ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. ئۈچىمىز خۇددى بىرەسىگە تەزىيە بىلدۈرىۋاتقاندەك ئۈن - تىنسىز، جىمجىت ئولتۇراتتۇق.
- ماڭا يالغان گەپ قىلىپسەنغۇ، ھە؟ يولدىشىڭ بۇ ئۆيدە قونۇپ قېلىشىڭنى راست بىلەمتى؟
سىزنىڭ يەنە قايناپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ئەمما، بۇ ئىش ھامان بولاتتى. مەيلى ھازىر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، بۇ ئىش ئۈچۈن ھامان سىزگە ھېساپ بېرىشىم كىرەك ئىدى.
-بىلىدۇ دېسەممۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ خاپا بولۇشۇپ قېلىپ يېنىپ كەلدىم...
- قىزىققۇ سەن! خاپا بولۇشۇپ قالدىم دەپلا يېنىپ كەلگىلى تۇرساڭ بۇ ئۆينى تۇتامسەن تۇتمامسەن؟
- تۇتقۇچىلىكى بولمىسا، بولدى تۇتمايمەن. نېمە كەپتۇ خەقنىڭ ئۆيىدە ئۇنچە خارلىنىپ؟- ئىىچم قايناپ ئارانلا تۇرغاچقا ئىختىيارسىز شۇنداق دەپ تاشلاپتىمەن. شۇ گەپ بىلەنلا سىزنىڭ غەزەپ پىلتىڭىزگە ئوت يېقىلىپ كېتىشىنى شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئاندىن يادىمغا ئالدىم، ئەمما كىچىككەن ئىدىم.
- تۇتمايمەن دەپلا تۇتمايدىغان ئىشمۇ؟ ئۆزۈڭچە شۇنچە يوغىناپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟ نەدىن كەلدى ساڭا بۇ چوڭچىلىق؟ كىمگە، نېمىگە يامانلاپ تۇتمايسەن شۇ ئۆينى؟ مەن سېنى خالىغان ۋاقتىدا ئاجرىشىپ كەتسۇن دەپ تويلىدىمما؟ نېمانداق مەسئۇلىيەت قارىشىڭ يوق سېنىڭ؟ توۋا خۇدايىم، كۆرىدىغان كۈنۈم باركەنغۇ تېخى...
كۆزۈمگە نەشتەردەك قادىلىپ تۇرۇپ مېنى ئەيىپلەپ كەتتىڭىز. بۇ ھالدا قانچە چۈشەندۈرسەممۇ پايدىسى يوق ئىدى. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. مەن ھېچكىمدىن پاناھلىق تىلىيەلمەيتتىم. پەقەت ئاللاھتىن سىزنىڭ يۇمشاپ قېلىشىڭىزنى تىلەپ جىمجىتلا يىغلاپ ئولتۇراتتىم.
- داداڭ تۈگەپ كەتكەندە تۆتىڭ تېخى كىچىك ئىدىڭ، – دەيتتىڭىز چالۋاقاپ – سىلەرنى قاتارغا قوشقىچە كىرمىگەن گۆر، يېمىگەن پوق قالدى. ماڭىمۇ ئۇۋال ئەمەسمۇ؟! ئاچاڭ بىر بالا بىلەن ئاجرىشىپ ئولتۇرىۋىدى، خەقلەر كەينىمىزدىن گەپ تېپىپ، پوقىدا كۆمدى. ئاكاڭ بولغان بەچچىغەرمۇ بىر ئوبدان يۇۋاش ئايالىنى تاشلاپ، نەدىكى تېگىنىڭ تايىنى يوق كوچىدىن تېپىۋالغان بىرىنى كەينىگە سېلىپ يۈرىدۇ. بېشىمنى ساقايتارمىكىن دەپ سېنى ياتلىق قىلدىم، ياتلىق قىلغاندىمۇ، تۇتسا سېپى، قىچقارسا ئېتى بار كىشىلەرنىڭ بالىسىغا تويلىدىم. شۇلارنى قىلىش ماڭىمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ھەر قايسىڭ بىلىشمەيسەن، شۇ توينى قىلغىچە خەقنىڭ ئالدىغا نەچچە سارغىيىپ بارغىنىمنى...
- مەن سىزگە شۇنىڭغا تېگىمەن دەپ تۇرىۋالغانمىدىم؟ نېمىشقا خەقنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بېرىپ، يالۋۇرۇپ تۇرۇپ چېتىپ قويىسىز؟ مۇشۇنىڭغا تەگمىسەم مەڭگۈ ئەرگە تېگەلمەي قالامدىكەنمەن؟...- ئانامنىڭ گېپى تۈگىمەستە سەرۋ قاچام توشۇپ، ئىختىيارسىز گەپ ياندۇرۇپ سالدىم- سىز يالۋۇرۇپ يۈرۈپ قىلغان توينىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇ، ھازىرغىچە مۇشۇلارنى پىشانەمگە يەپ يۈرىمەن... تېخى ھەپتە – ئون كۈندە بىرەر ۋاخ تاياقمۇ نىسى قالمىدى. كۆرگەنسىز، ئەتىۋارلاپ كەتكەن كۆيئوغلىڭىز مېنى مانا مۇشۇنداق ئۇرىدۇ. سىزنىڭ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ مېنى ئۆزىگە چېتىپ قويغىنىڭىزنى قەدەمدە بىر پىشانەمگە ئۈستۈرىدۇ. ئىككى گەپنىڭ بىرسىدە ‹‹ئاناڭ سېنى ماڭا سۈركەپ دېگۈدەك بەرگەن، ئەسلى بىر ئۆتمەس ماتا ئىدىڭ›› دېيىشنى ئۇنتۇمايدۇ. مانا سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز... ئەمدى كۆڭلۈم سۇ ئىچمەي يېنىپ كەلسەممۇ يەنە مەن ئەسكىمۇ؟ نەدىمۇ سىزدەك ئۆز بالىسىنى رەھىمسىز بۆرىگە تۇتۇپ بىرىدىغان ئانا بولىدۇ؟...
شۇلارنى دەپلا ئۆپكىدپ يىغلاپ تاشلىدىم. ئويلىماپتىمەن، بۇ گېپىم بىلەن تەڭ قىياندەك تاشتىڭىز:
- ھۇ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تۇركوز! قايسى بىر ئۆيدە جىدەل – ماجرا بولمايدۇ؟ قايسى بىر ئەر – ئايال ئۇرۇشۇپ قالمايدۇ؟ سەن ئېرىڭ بىلەن ئۇرۇشساڭ سەۋەبىنى مەندىن كۆرەمسەن، ھە؟ سېنى ياخشى ئۆتۈپ، ئۆي تۇتۇپ قالسۇن دەپ بەردىم. ھە دېگەندە ئۇرۇشۇپ، تاياق يەپ يېنىپ كەل دەپ بەرمىگەندىمەن؟ ئۆزۈڭ ئوڭشاپ ئەر قىلىپ ئۆي تۇتالماي، تاياق يېسەڭ مەن يامانما؟ بېقىپ چوڭ قىلىپ، ھوشۇڭنى بىلگۈدەك ئادەم قىلدىم، يەنە مىڭ جاپادا ئۆي – ئۆي ئوچاقلىق قىلدىم، ئەمدى ماڭا قايتۇرغان جاۋابىڭ مۇشۇما...
سىزنىڭ بۇ دەرىجىدە قايناپ كېتىشىڭىزنى ئويلىمىغان ئىدىم. ماڭا ئىچ ئاغرىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنىلا ئۆزىنىڭىزنىڭكىنى توغرا دەۋاتاتتىڭىز. ھەئە، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ توغرا. لېكىن، سىز ئارزۇلىغاننى يولدىشىم چۈشەنمەيۋاتاتتى، ئىلھام ئۆزىگە چوڭ، مەن بولسام ئۇنىڭ نەزەرىدە بىكارلىققا بېرىۋېتىلگەن بىر ئۆي خىزماتكارى، خالاس. خۇددى مەندە قىلچە ئەركىنلىك يوقتەك، مېنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان سىز، ۋاقتى كەلگەندە يەنە مېنى ھەممە ئىشقا – ئۆزۈم خالىمايدىغان بارلىق ئىشلارغا مەجبۇرلىشىڭىز ھەقلىقتەك، پەقەت مېنىڭلا خاتادەك، نېمىلا ئىش بولسا ئىچىمگە يۇتۇپ، لىۋىمنى چىشلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكتەكلە، ئەنە شۇنداق ئويلايتتىڭىز.
- ئەمسە قانداق قىلىمەن؟ ئۆلگىچە مۇشۇنداق ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ ئۆتەيمۇ؟ مەنغۇ چىدارمەن، قۇرسۇقۇمدىكى بالام مۇشۇ تاياق – تىپىكلەرگە چىدىماي، تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتسۇنمۇ؟ مەنمۇ ئادەمغۇ...
- مەن سېنى ئادەم ئەمەس دېمىدىم، ئۆيۈڭنى ياخشى تۇت، پەزىلەتلىك، سەۋرچان ئايال بول دەۋاتىمەن!
-ئۇ ئاشۇنداق قىلىپ تۇرسا، بۇ ئۆينىڭ كېيىنلىكىدىن يەنە گەپ ئاچقىلى بولامدۇ؟ مېنى نېمانچە قىينايدىغانسىز ئانا؟!... -بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم، ئانامنىڭ مېنى قىلچىمۇ چۈشەنمىگىنى بەكلا كۆڭلۈمگە كەلگەن ئىدى.
-قايسى بىر ئۆيدە قازان-قۇمۇچ چېقىشمايدۇ ھە؟ ئەر-خوتۇن دېگەن بەزىدە شۇنداق تاكاللىشىپ قالىدۇ، ئېرىڭنىڭ ئاچچىقى يانسا، ئىلھامجانمۇ ئۇنچىۋالا ئەسكى بالا ئەمەس. بىردەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ كېين پۇشايماندا قالىسەن...
-مەن پۇشايمان قىلمايمەن...
-يۇم ئاغزىڭنى...
-ئانا...
-سىلەر نەچچىڭلارنى قاتارغا قوشقىچە تارتمىغان جاپالىرىم قالمىدى. ئەمدى بولسىمۇ ئۇف دەرمەن دېسەم، ھە دېسىلا مۇشۇنداق بېشىمنى ئاغرىتىپ يامانلاپ كەلگىلى تۇرساڭ... مېنىڭ جېنىمغىمۇ ئۇۋال ئەمەسمۇ... ئۆي دېگەن سەرۋچانلىق بىلەن تۇتىدىغان نەرسە ئۇ، ئالەمنى بەرسىمۇ رازى بولۇشمايسەنغۇ زادى...
شۇنداق دەپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىڭىز. تۈگەپ كەتكەن دادامنى، چەككەن جاپالىرىڭىزنى شىپى كەلتۈرۈپ سۆزلەپ، بىر ھارغۇچە يىغلىدىڭىز. ئىچىمگە پاتمايۋاتقان ئەلەملىرىمنى لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ئىچىمگە يۇتۇپ، ئاستا سىرتقا چىقتىم. قاراڭغۇ ئىدى، ئاچچىق بىر يىغا بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ، چىدىغۇسىز بىر پىغان كۆكرەك قەپىزىمدە يۇلقۇناتتى.
كۆزۈمدىن تاراملاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىم مۇزلاپ، ،مەڭزىم توڭۇشقا باشلىغاندا ئىسىمگە كەلدىم. كۈزنىڭ ئاچچىق شىۋىرغانلىرى يۈزلىرىمگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ، بارغانسىرى توڭلاپ كېتىۋاتاتتىم، كوچىلار ئادەمسىز، ماشىنىلار شالاڭ. يېنىمدا نە سائەت، نە يانفۇنۇم يوق ئىدى. سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، چۆلدەرەپ قالغان يوللار، چىراقلىرى ئۆچۈپ بولغان ئۆيلەرگە قارىسا ۋاقىتنىڭ خېلى بىر يەرگە بارغانلىقىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. مەن چىققىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىرەرسىڭلارنىڭ كەينىمدىن ئىزدەپ چىقىپ قويمىغىنىڭلار كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلاتتى. كىرىپ كېتىش كېرەك، بۇ سوغۇقتا، بۇ كېچىدە تالادا يەنە تۇرىۋېرىشكە بولمايتتى. ئەمما نەگە؟
ھايات دوقاللىرىدا ئەڭ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمنى بارا-بارا چۈشىنىپ يەتتىم. راست دەيسىز ئانا، سىزنى چۈشەنمىسەممۇ بولمايتتى. چۈنكى، شۇنچە يىلدىن بىرى تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىڭىزگە شاھىد ئىدىم. ئاكام بىلەن ئاچام بېشىڭىزنى ساقايتقان بولسىمۇ مۇنچىلىك دىشۋارچىلىقلارنى بېشىمغا ئىتتىرمەس ئىدىڭىز، بەلكىم. شۇلار گېپىڭىزنى ئاڭلىماي، ئۆزى خالىغان يولنى تۇتۇپ، كېيىن بەخىتسىز بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن مەندىن غەم يېگىنىڭىز ئېنىق. بىراق ھازىر مەن...
ئاللىقانداق بىر مەجبۇرلۇق تۇيغۇسى ئىچىدە بىنانىڭ ئالدىغا كەلدىم. خىياللار قوينىدا گاراڭ يۈرۈپ، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغىنىمنىمۇ تازا ئىلغا قىلالمايتتىم. تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر قەدەملىرىمنى مىڭ تەسلىكتە يۆتكەپ، ئاران دېگەندە تۆتىنچى قەۋەتكە چىقتىم، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىردىم، چىراقنى ياندۇرۇشۇم بىلەنلا ئۆي ئىچىدىكى ناتونۇش بىر ھالدىن مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. بوسۇغا تۈۋىدە، ئېرىمنىڭ ئايىغى يېنىدا ماڭا ناتونۇشلا بىر ئاياغ، يەنە كېلىپ ئىگىز پاشنىلىق، ئالاھىدە پاسۇنى ۋە ياقۇتلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئايالچە قارا رەڭلىك كۈزلۈك ئاياغ تۇراتتى. ھامىلدار ئىكەنلىكىم مەلۇم بولغاندىن بىرى ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيگەن ئەمەسمەن. ئەجىبا بۇ...
ئۇشتۇمتۇت كاللامغا كەلگەن خىيالدىن چۆچۈگىنىمنى بىلىمەن، دەقىقە ئىچىدە ئۆزۈمنى ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكدە كۆردۈم. كۆردۈميۇ، كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان مەنزىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. مەن تۇتقان ئۆيدە، مەن ياتقان كارىۋاتتا، شۇ يوتقان كۆرپىدە ماڭا ناتونۇش بولغان ئاق يۈزلىك بىر ئايال قاپقارا چاچلىرىنى ياستۇققا يايغىنىچە ئۇخلاۋاتاتتى. بىلىنىڭ تۆۋىنى يوتقاننىڭ ئىچىدە، ئۈستى تەرىپى ھاۋا رەڭ رۇباشكىسىنىڭ ئوچۇق يەرلىرىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ئايال قارىماققا مەندىن ئىككى- ئۈچ ياش چوڭدەك قىلاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يولدىشىم، سىزنىڭ ئەتىۋارلىق كۆيئوغلىڭىز ئىلھام خۇددى بالىسىنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتقاندەك، ئايالنىڭ قولتۇقىغا بېشىنى تىقىپ بەخىرامان ئۇخلاپ ياتاتتى. شۇئان جۇدۇنۇم ئۆرلىدى. توغرىراقىنى ئېيتقاندا، ئاياللىق نەپسىم ئىزا تارتتى، خورلاندى. غەزەپتىن نىرۋام چىڭقىلىپ، ھۇشۇمنى يوقاتقان ئىدىم. كىرگىنىمنىمۇ تۇيماي ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقان ئىككى مەرەزگە يەردە تاشلىنىپ تۇرغان نېمىنىدۇر ئېلىپ كۈچەپ ئاتتىم ۋە ۋارقىرىدىم:
-ھۇ نومۇسنى بىلمەيدىغان ئىپلاسلار! ئاللاھتىن قورقمايدىغان بۇزۇقلار!...
بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ئۈلگۈرگەن ئىككىسى، ئالمان-تالمان كىيىملىرىنى كىيىشمەكتە ئىدى.
-سەن... سەن... بۇ كېچىدە ئۆيۈڭدە ئۇيقۇڭنى ئۇخلىماي نېمە بار ساڭا بۇ ئۆيدە؟...
-قايسى ئۆيۈمدە ئۇخلايدىكەنمەن؟ ئىسىڭدىن چىقىپ قالغان بولسا دەپ قوياي، مۇشۇ مېنىڭ ئۆيۈم! ساڭا نىكاھلانغاندىن بىرى مەدىكاردەك ئىشلەپ يۈرۈپ تۇتقان ئۆيۈمگە خالىغاندا كېلەلمەيمەنما؟
-ئۇنى ‹‹يامانلاپ كەتتى، ئەمدى كەلمەيدۇ›› دەۋاتاتتىڭغۇ!؟... ساڭا ئىشەنگەن ئادەمنىڭغۇ ئۆزى ساراڭ...
ئايالنىڭ گەپلىرى ئوغامنى تېخىمۇ قايناتتى، غەزەپتىن تىترەپ، چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزۈممۇ تۇيمايلا ئۇنىڭغا تاشلاندىم ۋە ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە يەلكىسىدە يېيىلىپ تۇرغان چاچلىرىدىن قاماللاپ تۇتۇپ، كارىۋاتتىن پەسكە سۆرىدىم، ئايال ئەسكى پالاستەك ئالدىمدا يەرگە تاشلاندى:
-كەلمىسەم نېمە بولماقچى ھەي بۇزۇق؟ قايسى تىگى پەسنىڭ قىزى سەن! نۇمۇسنى بىلمەيدىغان رەسۋا! ھېيىقماي خوتۇنى بار بىرسىنىڭ قوينىغا سولىنىپ يېتىپ، يەنە چالۋاقايسىنا داپيۈز...
ئۇنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازىدىن كېيىنلا كۈچلۈك بىر قول گەجگەمدىن تۇتۇپ تارتقىنىچە، كەينىمگە داجىتتى. ئېنىقكى، بۇ ئىلھام ئىدى. قولۇمدىن بوشانغان ئايالنىڭ يۈزلىرى پوكاندەك قىزارغان بولۇپ، قوللىرىنى شىلتىپ مېنى تىللاشقا باشلىدى:
-ئېرىڭگە يارىماپتىكەنسەن، مېنى ئۇ ئۆزى چاقىرىپ كەلدى. خەقنىڭ قوينىدا يېتىشنىمىچۇ، قاملاشتۇرالايدىغان ئادەم ياتىدۇ. نوچى بولساڭ ماڭا ھەيۋە قىلماي، ئېرىڭنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، سەنمۇ قوينىغا كىرىپ يات! سەھرالىقتەك تەلەتىڭنى ياراتماي تالاغا قاراپ قالسا، دەردىڭنى مەندىن ئالامتىڭ ھەي تومپاي!؟ بۇ كېچىدە يول مېڭىپ، كۆزەتچىلىك قىلىپ يۈرگىچە، تاڭ ئاتقاندا، ئىش تۈگىگەندە كەلسەڭ بولمامدۇ سەنمۇ...
ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى غورورۇمنى كۆيدۈرۈپ، تىغى يۈرۈكۈمنىڭ قات-قاتلىرىغا بېرىپ توختىدى. ئىلھامنى ئۇنچىۋالا ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ، ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن مېنىڭ قانونلۇق ھەم نىكاھلىق ئېرىم. قاراپ تۇرۇپ، ئۆزى شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى جان كۆيدۈرۈپ، ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ تۇتقان ئۆيىگە يات بىراۋ كىرىپ، ئېرى بىلەن شۇ ھالەتتە كۆز ئالدىدا نامايەن بولسا قانداق خوتۇن چىدايدۇ؟ تەپتارتماستىن دەۋاتقان سېسىق گەپلىرىچۇ تېخى...
-ھۇ پاسكىنا... سەن جالاپنى كۆرەڭلەتكەن مۇشۇ زىدى پەس ھايۋانغۇ ھە! لەنەت سەندەك ئىپلاسقا! تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالاڭنىڭمۇ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىساڭ، يا ئاللاھتىن قورقمىساڭ، قىلغانلىرىڭنى ئاللاھقا قويدۇم... سەن بىلەن ئۆتكەن بىر كۈنۈمگىمۇ رازى ئەمەسمەن ھۇ نىجىس! ئىت پوقىغا مىلىنىپ ئۆلەرسەن ھاراملىق...
ئىلھامغا قولۇمنى شىلتىپ شۇنى دېگىنىم ئېسىمدە. باش-ئاياغلىرىمغا ياغقان مۇش-تېپىكلەر دەستىدىن بېشىمنى كۆتۈرەلمىدىم. ئەمما بەدىنىم ئاغرىقنى سىزەر ئەمەس ئىدى. يۈرەك ئاغرىقى ئالدىدا، تەن ئاغرىقى نېمىدى؟!...
كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا دوختۇرخانىدا ئىكەنمەن. سىز يېنىمدا يىغلاپ ئولتۇراتتىڭىز. بەدىنىم سىرقىراپ ئاغرىپ، ئۇستىخانلىرىم ھازىرلا چۇۋۇلۇپ كېتىدىغاندەك سىزىم بولاتتى. مىڭ تەسلىكتە ئىككى قولۇمنى مىدىرلىتالىدىم. بىراق، ئۆرە بولۇشقا مادارىم يەتمىدى. كېيىن بىلسەم، شۇ قېتىمقى تاياقتا بويۇمدىن ئاجراپ كەتكەننى ئاز دەپ، ئوڭ پۇتۇم ئوشۇقۇمدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. يۈز-كۆزلىرىم ئىششىپ، كۆك ئورناپ قالغان بولۇپ، ئىششىق، زىدە ۋە كۆك دەستىدىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھۇشسىز ياتقىنىمغا ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى سىزدىن ئۇققان ئىدىم. مەن كۆزۈمنى ئېچىپ بەشىنچى كۈنى ئاكامنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى. ئىلھامنى ئۇرۇپ پۇتىنى سۇندۇرىۋەتكىنى ئۈچۈن ئاكام قاماقتا جازالاندى، سىز بىلەن مەن ئىلھامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىسىگە، ئىزا-ئاھانەتلىرىگە ئۆلمىدۇق، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇق. شۇ ئەلەملەرگە چىشىمنى چىشلەپ چىدىدىم. جېنىم ئانا، تويغا قوپقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان شۇ جەرياندا تېخى ھازىرلا ماڭا ئىشەندىڭىز ھەم مەن تەرەپتە تۇردىڭىز. ماڭا يېغىۋاتقان ھاقارەتلەرگە مەيدىڭىزنى كېرىپ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇپ يۈزلەندىڭىز ۋە ئۇلارغا گەپ قايتۇرۇپ زۇۋانىنى بېسىقتۇردىڭىز. ‹‹مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك›› دېگەندەك، ئەڭ چوڭ گۇناھنى قىلغىنى ۋە مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى ئۆزىنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، ئاكامنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھى بەكرەك تارازا بېسىپ كەتكەن ئىدى. نېمە ئامال؟ تەقدىر پىشانىگە پۈتكەننى كۆرمەي ئىلاجىمىز يوق ئىكەن. شۇ كۈنلەردە ھالىمغا يەتتىڭىز، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇردىڭىز. مەجبۇرلاپ تويلاپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتقىنىڭىزدا باغرىڭىزغا تاشلىنىپ بۇقۇلداپ يىغلىغانلىرىم ھېلىمۇ ئىسىمدە...
بىر ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، شۇ ئىشلار يۈز بېرىپ دەل ئىككى ئاي بولغاندا ئاندىن خىزمەتكە چۈشۈپتىمەن. مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈم يەر بىلەن يەكسان بولغان، ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا مېنىڭ گېپىم ئىدى. كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ئىشارەت قىلپ كۇسۇرلىشاتتى، بەزىلىرى ئالدىمنى توسۇپ، يۈزۈمچىلا سورايتتى:
-راھىلە، ئېرىڭىزنى ئۆز ئۆيىڭىزدە باشقا بىرى بىلەن تۇتىۋاپسىز ھە؟ بىرەرسى خەۋەر قىلغانمىدى سىزگە؟...
-راھىلە خانىم، كىملىكىنى بىلدىڭىزمۇ ھېلىقى خوتۇننىڭ؟...
-قانداق بولۇپ كېتەرسىلەر ئەمدى؟ ئىزدىشىپ تۇرىۋاتامسىلەر يا ئېرىڭىزنىڭ كارى...
-بالىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە بەك ئېچىندىم، ئېرىڭىز پۇشايمان قىلغاندۇ ھە؟...
ئىلھام پۇشايمان قىلامدۇ، قىلمامدۇ، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر. ئىشقىلىپ ئەمدى بۇ تۇرمۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرغۇم يوق ئىدى. بىراق، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئاسان بولمىدى. ئىلھام پۇتى ساقىيىپ ماڭغىدەك بولغاندا مېنى ئىزدەپ مەكتەپكە كەلدى ۋە يارىشىپ قېلىش تەكلىۋىنى قويدى. مەن قەتئىي رەت قىلىپ، ئەمدى پۇرسەت يوقلىقىنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن ئىلھامنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇ بىردىنلا پەيلىنى بۇزدى. ھامان بىر كۈنى ھېرىپ توختاپ قالىدۇ دەپ مەن پىسەنت قىلماي يۈرۈپتىمەن. نەدىكىنى؟ شۇنىڭدىن كېيىن يولسىزلىق بىلەن جىدەل چىقىرىدىغان، كۆرگەنلا يەردە ئالدىمنى توسۇپ مەجبۇرلايدىغان، مەكتەپكە ئىزدەپ كېلىپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ ئادەم يىغىپ، كىشىلەر يىغىلغان يەردە مېنى تىللاپ، ھاقارەتلەيدىغان بولىۋالدى. ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. بۇ خىلدىكى سۈكۈت، ئۇزاققا سوزۇلغان بۇرۇختۇملۇق، بەرداشلىق بېرىشلەر ئاخىرى ئادەمنى ھالىدىن كەتكۈزىدىكەن. يىغلاپ كۆز يېشىم قۇرىمىدى، ئازاپلىنىپ يۈرىكىم ئېقىپ تۈگىمىدى، ئەمما جېنىم قوقاسقا چۈشكەندەك قىينىلىپ، ھاياتتىن بەزگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. ئاجىز بىر ئايال ئۈچۈن يۈز-ئابرويىنىڭ چۈشۈشىدىن، شەرمەندە بولۇشتىن قورقمايدىغان بىر ئەرنىڭ شۇنچىۋالا ئاھانەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ياشىماق ھەقىيقەتەن تەسكەن.
قانداقلا قىلسام قىلىپ، چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدىم. بۇ غەۋغالار ئاۋۇپ بېرىپ، مەكتەپ تەشكىلىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. مەكتەپ مۇدىرى مېنى چاقىرتىپ پاراڭلاشتى ۋە ھەممە تەرەپلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. مەن نومۇس دېگەننى قايرىپ قويۇپ، تويدىن بۇرۇن زورلىغانلىرىڭىز، توي كۈنى بولغان ئىشلار، تويدىن كېيىنكى ئەھۋال ۋە ھېلىقى كۈندىكى رەسۋاچىلىقتىن تارتىپ ھەممىنى قالدۇرماي تۆكتۈم. توغرا، مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىچىمدىكىنى بەخۇدۇك دەۋالغۇدەك، قارنىمنى بوشىتىۋالغۇدەك بىر پۇرسەت بولۇشى كېرەك ئىدى...
تەشكىلنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مېنىڭ ئاجرىشىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشۇم بىلەن ئاخىرى نىكاھتىن ئاجراشتۇق. شۇندىن كېيىن يەلكەمدىكى ئېغىر بىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك يەڭگىللەپ قالدىم. بىراق ئۆتمۈشتىكى بۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ قورقۇنچى بېسىلمىدىمۇ ياكى يۈرەكئالدى بولۇپ كەتتىممۇ ‹‹تۇرمۇشلۇق بولۇش›› دېگەن سۆز مەن ئۈچۈن ‹‹دوزاخقا كىرىش›› دېگەندەك مەنادا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. خەير، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
ئىككى يىلدىن كېينكى گۈزەل ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا سىڭلىم بىلەن ھاۋا يىگەچ دەريا بويىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىدىغان بولدۇق. دەريا بويىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، مۇھىتى ياخشى ئىدى. ياپيېشىل چىملىق ۋە دەريا قاسنىقىدا بۇلۇق ئۆسكەن كوكاتلارغا قارىغان كىشىدە ئىختىيارسىز بىر سۆيۈنۈش تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى.
بىز ئېلىۋالغان ئەدىيالنى دەريا بويىدىكى چىملىق ئۈستىگە سېلىپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىردەم پاراڭلاشتۇق. ئەتراپنىڭ مۇھىتى ھەقىيقەتەن ياخشى ئىدى. كېيىن مەن ئېلىۋالغان كىتابىمنى كۆردۈم، سىڭلىم دەرس تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچىلىك بېرىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس تەييارلىقى قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ شۇنداق مەستلىكىم كەلدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىدە ياخشى ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى تىلىدىم.
دەريا بويلاپ بىر دەم ئايلانغۇم كەلدى. كىتابنى يېپىپ، قويۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە دەريانى بويلاپ ئاستا ماڭدىم. شەرق تەرەپتىن ئۇرۇلىۋاتقان سەلكىن شامال يۈزلىرىمنى سۆيۈپ چاچلىرىمنى ھەر يان ئۇچۇراتتى. مەن ئەتراپقا تويماي قارايتتىم ۋە ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەسلىنەتتىم. دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتىدىغان كۆۋرۈك ئۈستىگە كېلىپ، ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇغا تىكىلىپ ئۇزاق تۇردۇم. كۆڭلۈمدە، بېشىمدىكى ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك ئازادە كۈنلەرنى بەخش ئەتكەن ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرىلەر ئېيتاتتىم.
-راھىلە...
قۇلام تۈۋىمدە ياڭرىغان تونۇش، يەنە كېلىپ ئەڭ سۆيۈملۈك ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. بىراق سەزگۈم مېنى ئالدىغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ئۆز خىيالىم بىلەن بولغان ئىدىم. ھېلىقى ئاۋاز قايتا جاراڭلىدى:
-مېنىڭ ئوماق راھىلەم، كېلىڭە ئاپپاق قىزىم، قولۇمدىكىنى ئېلىڭە...
شۇ ھامان چاقماق تىزلىكىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم. جېنىم ئانا، مېنىڭ قەدىردان ئانام، شۇ ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىمنى قانداق ئىپادىلەي سىزگە؟! كەينىمدە نىجات مەن تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ، كەينىچە داجىپ ماڭغىنىچە، ئۇنىڭغا قاراپ تايتاڭلاپ مېڭىپ كېتىۋاتقان بىر يېرىم ياشلاردىكى بۇدرۇققىنا بىر قىزغا كۆپتۈرۈلگەن شارنى تەڭلەپ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتاتتى. خۇددى باشتا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىگەندەك، كۆزلىرىمگىمۇ ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم. بىراق، كۆز ئالدىمدىكىسى ھەقىيقەت ئىدى. شۇ تاپتىكى ھاياجىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن، بىر ئاللاھ بىلىدۇ.
تۇيۇقسىز ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قاڭشارلق ھەم كۆزلىرى يۇغان، سىمىزغىنا كەلگەن، شىم-كاستىيوم كىيىۋالغان يالاڭباش بىر ئايالغا كۆزۈم چۈشتى. ئايالنىڭ چىرايىدىكى شادىيانە كۈلكە، قىزنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ نىجاتقا قولىنى تەڭلەپ تايتاڭلاشلىرى، نىجاتنىڭ شادلىقتىن قىن-قېنىغا پاتماي قالغان روھى كەيپىياتىنى كۆرۈپ نە خۇش بولۇشنى، نە خاپا بولۇشنى بىلمەي جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. شۇنداق، ئىشلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، يەنە كىمدىن، نېمە دەپ خاپا بولغىلى بولاتتى؟ بىردىنلا ئۆزۈمنى ناھايىتى ئوڭايسىز بىر ھالەتتە سەزدىم ۋە دەررۇ ئارقىمنى قىلىۋالدىم. نىجات مېنى كۆرمەسلىكى كېرەك ئىدى. سۇلغان گۈلدەك بۇ چۈشكۈن ھالىمنى، جۇدۇن سوققاندەك زەئىپ تۇرقۇمنى كۆرسە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆتمۈشتىكى خۇشال چاغلارنى ۋە مەن ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان تۇنجى سۆيگۈنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجرانىنى قايتا يادىغا سېلىپ يۈرەك-باغرىنى تىلغىسام بولمايتتى. ئۇنىڭ ھازىرمۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ قىزىنى مېنىڭ ئىسمىم بىلەن چاقىرغانلىقى بۇنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىدى...
ئۇلار شۇنداق تاتلىق ئەركىلەشكەن ھالدا مەندىن يىراقلاپ كەتتى. بىردىنلا ئۆزۈمنى ھاۋايى مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. ئۆپكەم ئۆرۈلدى، ئەمما يىغلىيالمىدىم. ئىچ-ئىچىمدىن قايناپ چىقىۋاتقان ئاچچىق پىغاننى بېسىۋېلىش ماڭا تەس كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە ئاجىز كەلدىم. ھېلىلا ئايلىنىپ چۈشىدىغاندەك، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشماقتا، يۈرىكىم ئاغرىماقتا ئىدى. يوقلىقىمنى بىلىپ، كەينىمدىن كەلگەن سىڭلىم قولۇمنى تۇتقاندىلا ئىسىمگە كەلدىم. ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئەلەملىك تۈس ئالغان بولۇپ، ئاچىسىنىڭ بەخىتسىز قىسمەتلىرىنى تەڭ تارتىۋاتقاندەك كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇمۇ بەلكىم نىجاتنى كۆرگەندۇ، ياكى ھازىرقى كەيپىياتىمغا قاراپ كۆڭلى بۇزۇلغاندۇ. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ مۇڭلانغان چىرايى ۋە ياش ئەگىگەن كۆزلىرىگە قاراش بىلەن تەڭ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالدىم. كۆز ياشلىرىم يەنە بىر قېتىم باغرىمنى بويلاپ ئاقتى...
جېنىم ئانا، ئەمدى سىزگە خوش دەي، ھاياتىمغا ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمىغان داغلارنى بەخشەندە قىلغان بۇ شەھەردىن كېتەي. يېقىندا باشقا ناھىيەگە يۆتكىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىم تەستىقلاندى. شۇڭا، بۇ گەپلەرنى سىزگە دەۋاتىمەن. بەلكىم بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى ھەم ئاخىرقى قېتىم تارتىنماي، قورۇنماي تۇرۇپ سىزگە ئىچكى دۇنيايىمدىكىنىڭ ھەممىسىنى تۆككىنىم بولۇپ قالار. مائارىپ ماڭا مۇھتاج، يېزىلاردىكى بىلىمگە تەشنا گۆەكلەر ماڭا مۇھتاج. مەن ئۆتكەن ھاياتىمدا مۇھەببەتكە تەشنا بولغان، ئەمما ئېرىشەلمىگەن. شۇ چاغلاردا مۇھەببەت ئاتا قىلغان، ئەمما قەدىرلىنىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان. مېنىڭ توي، مۇھەببەت، تۇرمۇش دېگەنلەرگە رايىم يوق. ئەمدىكى نىشانىم- ئۆز خىزمىتىمدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇش، زىممەمگە يۈكلەنگەن ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىپ، بىلىم بىلەن قوراللانغان بىر تۈركۈم ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىش. مانا شۇندىلا ئۆتمۈشۈمدىكى قاباھەتلەرنى ئۇنتۇپ، كۆڭلۈم خاتىرجەم ھالدا، ئارامخۇدا ياشايمەن.
جېنىم ئانا، سىزدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايدۇ. بىراق بۇ شەھەردە يەنە تۇرىۋېرىشنى لايىق كۆرەلمىدىم. ئىلگىرىكى شۇ داغلارنى ئەسلىتىدىغان ھەر بىر دۇقمۇش، ھەر بىر ئىش، ھەر بىر شەيئىي مېنى ئارامسىز قىيناپ، يۈرىكىمنى زىدە قىلىدىكەن. مەن بۇ ھالغا ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمىدىم. يەنە كېلىپ ئىلھام ھازىرمۇ پات-پات مەكتەپ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر كۆرسەم مېنى قورقۇنچ بېسىپ، كېچىلىرىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايمەن. مەن ئەركىن نەپەس ئالاي ئانا. مېنى باغرىڭىزغا بېسىپ تۇرۇپ، پىشانەمگە سۆيۈڭ. قوينى كەڭ سەھراغا، مېھرى ئىللىق، ساپ دىل كىشىلەر ئارىسىغا ئۇزۇتۇپ قويۇڭ مېھرىبانىم ئانا.
سىزگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلارسىزمۇ، ئانا؟! سىزدىن پەخىرلىنىمەن جېنىم ئانا! خەير، ئامان بولۇڭ! ھەر ۋاقىت سىزنى ئەسلەيمەن ۋە سېغىنىمەن!...
ئاخىرقى ئىلتىجايىم- ئامراق سىڭلىمنى، كۆز قارىچۇقىڭىز بولغان كەنجى قىزىڭىزنى ئۆزى خالىمىغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشقا زورلىمىسىڭىز، ئۇ بولسىمۇ بەختىنى تاپسا...
2013-يىلى 3-ئاي (خوتەن) |