چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1635|ئىنكاس: 4

گۇما خاتىرىسى (تەبەسسۇم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
گۇما خاتىرىسى

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم

ھەقىيقى بۇلۇتنى گۇمىدا كۆردۈم،
خەلقىنىڭ قەلبىنى قولىدا كۆردۈم.
ئۆمرۈمدە ئەڭ ئۇزۇن سەپەرنى،
بۈگۈن گۇما يولىدا كۆردۈم...

كۆڭۈللەردەك ئازادە يوللار،
گۈللىرىنى يەلپۈتۈپ ئۆتتى.
مىڭ تونۇرنىڭ تەپتى بار قوللار،
مۇھەببەت گۈلدەستىسى تۇتتى.

تاپقانلىرىم ئالتۇندىن ئىسىل،
ساپ ھاۋاسى يېشىلدىن يېشىل.
مېنى ئەزىزلىگەن قەدىردانلارنىڭ،
يۈرىكى بار ئالمىدەك قىزىل.

تامچە ئىدىم،
قوشۇۋالدى باغرىغا دېڭىز.
ئېيتتى دەريا:
-كەلمىدىمۇ مېنى كۆرگۈڭىز؟...
شائىر ئاكا!
<<كىچىك بالا ئىكەن>> دېدىڭىز،
كۆڭلۈمگە كەلدى،
بىر چاغلاردا،
سىزمۇ مەندەك سويما ئىدىڭىز.

گەپلىرىمگە كۈلگەنلەر بولدى،
ئەسرارلىشىپ يۈرگەنلەر بولدى.
تۇنجى دىدار، ئىللىق مېھىرنىڭ،
ھوزورىنى سۈرگەنلەر بولدى.
تۇپرىقىنى ئەزىز گۇمىنىڭ،
ئىھ... توتىيا بىلگەنلەر بولدى.

ھاسىلاتىم شاۋقۇنلۇق ئېقىن،
داستان پۈتەر ھايات بېتىمگە.
ئاق كۆڭۈللەر شۇنچىلىك يېقىن،
جاۋاپ تاپتىم سالام خېتىمگە.

چىمەنزارلار تۇتتى قولۇمنى،
دىلخانەمگە ھىدىنى چېچىپ.
نۇرغا پۈركەپ ماڭار يولۇمنى،
قۇياشلىرىم قالدى خوش ئېيتىپ.
خۇشخۇيغىنا بىر كىشى دېدى:
كۆرۈپ تۇرۇڭ پات-پاتلا كېلىپ...

ھەر كۆڭۈلگە گۈللەرنى تەردىم،
ئوتلۇق مېھىر دەرياسى كىچىپ،
چىن مۇھەببەت شەربىتى ئىچىپ،
بۇلۇت سۆيگەن تاغلاردىن ئېشىپ،
گۈزەل دىيار گۇمىدىن كەلدىم...

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-23 21:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ھەپتىدىن بېرى نېمىشقا ئىلھام كەلمەيدىكىن دېسەم،گۇمىدىكى شېئىرى ئىلھاملارنى تەبەسسۇمخان ئوۋلاپ كېتىپتىكەن-دە! «گۇما خاتىرىسى»ئېسىل چىقىپتۇ.قارىغاندا بۇ تەرەپلەرگە پات-پات ئۆتۈپ تۇرسىڭىز بولغىدەك خانقىز...
ۋاقتى: 2013-6-23 21:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇما خاتىرىسى ياخشى چىقىپتۇ،كىشىدە ئازراق مۇھىت ئالماشسا تەپەككۇرمۇ يېڭىلىنىدۇ.بۇ دىيارغا ئاتاپ شائىرەدىن بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل كۈيلەرنىڭ چىقىشى تەبىئى.

سىز گۇمىغا چىققاندا،
ئالدىڭىزغا كىم چىققان.
ئەسسالام دەپ ھۆرمەتتە،
قولىڭزنى كىم سىققان؟

بۇ قوشاق ئارقىلىق سىزگە مىننەت قىلىۋاتقىنىم يوق،يەنە بىر چاخچاق بولسۇن دېدىم.
ۋاقتى: 2016-7-23 23:52:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-24 00:37  

siz gumiha qikkanda
ajapmu koruxmaptuk
elham atlik bulakning
payzini suruxmaptuk
sayli kilip gumida
yanmu-yan yuruxmaptuk
kaysi yutning guli siz
enqika bilixmaptuk

yana kaqan kilarsiz
ana diyar gumiha
qiqiwatmang elhamni
karakaxning zawiha

    2016724



ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كىملەر بىلەن كۆرۈشتىڭىز؟ نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟

پەقەت تەپسىلى دىمەپسىززا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-11 15:50 , Processed in 0.253808 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش