ئۇيغۇر فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر فوتو سۆرەت ئەسەرلىرى
فوتوگراف ئەركىن تاشتۆمۈر 1967-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، سوتچىلىقتىن پېنسىيەگە چىققان، ھازىر جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 1987-يىلى فوتوگرافىيە ئىجادىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 30 يىلغا يېقىن فوتو سۆرەتچىلىك ھاياتىدا، ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك گېزىت ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، ھەم كۆپ قېتىم فوتو سۆرەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ فوتو سۆرەت ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت فوتوگرافى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن-ئاخىر ‹شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى فوتو سۆرەت ئىجادىيەت تېمىسى قىلىپ كەلدىم›، قارا قۇرۇم تاغلىرى، تەڭرىتېغى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كۆپلىگەن مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت، ھېكايە قاتارلىق فوتو سۆرەت ئەسەرلىرىنى تارتتىم»، دېدى.
مەنبە: خەلق تورى