ئۆزۈم تارتقان بەدىئىي سۈرەت __ ئاۋۇت بارات فوتوسى

سۆرەتلىك دۇنيا alma 177℃ 0

格式工厂1

ئۆزۈم تارتقان بەدىئىي سۈرەت

ئاۋۇت بارات فوتوسى

ئانىسى باشقىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇۋاتقان، كىچىك بالىسى ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي، زور ئىشتىھا بىلەن قېتىق ئىچىۋاتقان سۈرەتكە قاراپ سۆزلەيمەن:

قۇياش ئەمدىلا نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغ ئىدى، بىرگە يۈرگەن فوتوگرافلار كېتىۋېتىپ، چىرايلىق تاشكەن دوپپا، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن، چىرايىدىن كۈلكە ئوقچۇپ تۇرغان ئايالنى كۆرۈپ ئاپپاراتلىرىنى ئالدىراش تۈزەشتۈرۈپ توغرىلاشتى… پاراس ــ پۇرۇس ئاۋازلار سۈرەتنىڭ كەينى ــ كەينىدىن تارتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇ ئەسنادا، قىلچە خىيالىمدا يوق بىر سەبىي بالىنىڭ پەستە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قاچىدىكى قېتىقنى زور ئىشتىھا بىلەن ئىچىۋاتقان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بالىنىڭ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي، بالىلىق مىجەزىگە خاس ئەركىن ئولتۇرۇش ھالىتى، قاچىنى پەم بىلەن يەڭگىل كۆتۈرۈپ قېتىق ئىچىش ھالىتى خىيالىمنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتتى ــ دە، ئاپپاراتىمنى لەسسىدە تۆۋەنلىتىپ تەپكىنى ئۇدا تارتىش ھالىتىدە باستىم… ئاپپارات ئېكرانىدا كۆرۈنگەن سۈرەت شۇنداق تەبىئىي ئىدىكى، ئانىمۇ ئۆز خىيالى بىلەن، بالىمۇ ئۆز ئىشتىھاسى بىلەن ئىدى. بۇ سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ سەبىي بالىنىڭ خىيالى تولىمۇ ئەركىن، روھى ھالىتى تولىمۇ ئوماق، ھەرىكەتلىرى تولىمۇ يەڭگىل، چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مانا بۇ ھەقىقىي رېئاللىق، ھەقىقىي گۈزەللىك، ھەقىقىي تەبىئىيلىك ئىدى…

بۇ سۈرەتكە ھەر قېتىم كۆزۈم چۈشكەندە، ھېس ــ تۇيغۇمدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بىرى ــ رېئاللىق، گۈزەللىك، تەبىئىيلىك توغرىسىدا دېئالوگلۇق چىرماش خىياللارنى سۈرىمەن؛ يەنە بىرى ــ ئۆزۈمنىڭ ھەم نەۋرەمنىڭ شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ سەبىي چاغلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن ــ دە، ئۆزگىچە گۈزەل، ئۆزگىچە ئەركىن، ئۆزگىچە مەمنۇن، ئۆزگىچە تۇيغۇلار ئىچىدە غەرق «مەست» بولۇپ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەپلا كېتىمەن…

 

مەنبە: خەلق تورى


 

 

 

格式工厂2 (1)

تار كوچىدا ئىزىم قالدى…

ئاۋۇت بارات فوتوسى

قەشقەر شەھىرىدىكى تار كوچىلار بەدىئىي سۈرەت ئىجادىيىتىمنىڭ مەنبەسى ئىدى. يېقىندا، بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىپ ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم… ئۇ چاغلاردا مەن بۇ كوچىلارنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتىم ــ دە، ھېلى ئوڭغا، ھېلى سولغا قايرىلىپ يۈرۈپ، نى ــ نى گۈزەللەرنى، نى ــ نى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەتتىم، ھېس – تۇيغۇلىرىم كۈچەيگەنسىرى چارچىغاننىمۇ بىلمەي قالاتتىم. كوچىدىكى ئوماق ــ سەبىي بالىلارنىڭ مېنى «چەتئەللىك» كەن دەپ، قاراپ «خالوۋ؟!» دەپ چاقىرىشلىرى، سۈرەتكە تارتىپ قويمامسىز؟! دەپ پىشىمدىن چىڭ تۇتۇۋېلىشلىرى مېنى تولىمۇ قىزىقتۇراتتى. بۇ كوچىلاردا قالغان ئاشۇ ئىزلىرىم ئەمدى مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈن تارىخى ئەسلىمە بولۇپ قالدى…

مەنبە: خەلق تورى

格式工厂2 (2)

تارتۇق
(3)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
(1) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرىنچى سۈرەتتىكى قېتىق ئىچىۋاتقان بالىنى كۆرۈپ بۇلتۇر ياز ۋاقتىكى ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى. خوتەننىڭ چايخانا مەكتەپ ئالدىدا يەرلىك قېتىق ساتىدىغان ئاياللار بارئىدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا شۇ يەرگە بېرىپ ئىككى بالام بىلەن بىر قاچا قېتىق ئىككى زاغرا ئېلىپ ئۈچ قاچىغا چىلاپ يەرگە چۇۋلۇپ كەتكەن يەشىكتىن بىرنى سېلىپ ئۈچەيلەن سورۇن تۈزۈپ يەپ ئولتۇرساق ئوغلۇمنىڭ بىر قىز ساۋاقدېشى كۆرۈپ ئوغلۇمنى زاڭلىق قىلدى. يەردە ئولتۇرۇپ قېتىق ئىچىۋاتقىنىمىز كۆزىگە سىغماي قالغان ئىدى. ئوغلۇمغا قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ئەھمىيتىنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە پەخىرلىنىپ كەتتى. بارا-بارا ئاشۇنداق مەنزىرىلەرنىمۇ تاپالمايدىغان بۇلۇپ كىتىدىغان ئوخشايمىز.
    روھچىن2016-02-06 13:38 جاۋاب
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ