15 جۈملە: كۈتۈشۈڭگە لايىق ئادەم بولسىلا ساقلاش گۈزەلدۇر

تەرمىلەر alma 223℃ 0

3badd688d43f879478eb31c7d21b0ef41ad53a2f - 副本

15 جۈملە: كۈتۈشۈڭگە لايىق ئادەم بولسىلا ساقلاش گۈزەلدۇر

مەنبە: چەمبىرەك

 

1.كۈتۈشۈڭگە لايىق ئادەم بولسىلا ساقلاش گۈزەلدۇر.
‏
‏2.باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل باش چۆكۈرۈش كېرەك.
‏
‏3.قۇياش نۇرى ئەخلەتخانىلارغىمۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ. لېكىن, ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بۇلغىنىپ كەتمەيدۇ .
‏
‏4.ئىت بىلەن ئېلىشىپ 《ئىت》بولما ،ئەگەر ئېلىشساڭ يولۋاس بىلەن ئېلىش, يا سۇنسۇن بىلەك ، يا چوڭايسۇن يۈرەك.
‏
‏5.شامال قاياققا كۈچلۈك چىقسا شۇياقتا يۈرگەننى ئەخلەت دەيمىز.
‏
‏6.كۆڭۈل نە چاي ئىستەر نە بىر چايخانە،
كۆڭۈل كۆڭۈل ئىستەر چاي بىر باھانە.
‏
‏7.ئىنسانلار گۈللەر ئارىسىدا تىكەنلەرنىڭ بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلغۇچە، تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا گۈللەرنىڭ يارىتىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى لازىم.
‏
‏8.كىشى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، كىملەرنى سۆيگەنلىكىگە قارىسۇن.
‏
9.قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى، پايدىلىق ئىشلارنى ئەتىگە قويما. ئەتە بولىشى، لېكىن سەن ئەتىگە چىقالماي قېلىشىڭ مۇمكىن.
‏
‏‏‏10.كېمە قىرغاقتا ئەڭ بىخەتەردۇر، ئەمما كېمنىڭ ۋەزىپىسى ئۇ ئەمەس.
‏
‏11.ھەق سۆزنى قىلىشقا قادىر بولالمىساڭ،ناھەق سۆزگە بولسىمۇ چاۋاك چالما!
‏
12.كىمنى دوراپ ياشىغان بولسىڭىز، ئاقىۋىتىڭىز شۇنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ھېچكىم نەمۇرۇتتەك ياشاپ، ئىبراھىمدەك نەتىجىگە ئېرىشىشنى خىيال قىلمىسۇن!
‏
‏13.بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرغان كىشىنىڭ ،ساپ ھاۋادا بېشى قايىدۇ.
‏
14.كۈن كۆرەي دىسەڭ كۈندىن بۇرۇن قوپ!!!!
‏
‏15.شام ئۆزىدىن باشقا شامنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىدىن بىر نەرسىنى يوقاتمايدۇ .

 

مەنبە: چەمبىرەك

http://www.4pesil.com/thread-2625-1-1.html

qrcode_for_gh_4e98502b9615_344

تارتۇق
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ