نورۇزلۇق پىچىرلاش ئەيساجان تۇردى ئاچچىق يېتىپ كەلدى ئوتلۇق نورۇز، ئىللىق پەسىلدە، خوشاللىق بار ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇت-بەستىدە. بوۋىلارنىڭ قەلبى دېڭىز ھىكمەتكە تولغان، ھېيلە –مېكىر، نەيرەڭ يوقتۇر ھىچكىم قەستىدە پۇراپ بېقىڭ ھەممە جايدا نورۇز شەنىگە ، ھۆرمەت بىلەن گۇل تىزىلدى دەستە-دەستىدە مەيلى ئايال،مەيلى ئەرنىڭ ؛ قېرى ۋە ياشنىڭ، سوقۇپ تۇرغان يۈرەكلىرى ئوتلۇق ئەسلىدە ئەۋلاتلارنىڭ ئارزۇ-ھىكمەت ، ئەقىدىسى بار، بۇ نورۇزنىڭ سىر،ھېكمىتى، پاكىز ۋەسلىدە قاراڭ ئەنە بەزمە-مەشرەپ قىزىدى راسا، كوچا-كويدا، مەكتەپلەردە ھەتتا يەسلىدە سىزمۇ كېلىڭ!!! ۋىلىق-ۋىلىق كۈلەيلى بىرگە گۈزەل ئاقسۇ دىيارىدا ، پاكىز رەستىدە ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن تارتۇق 微信扫一扫,打赏作者吧~ 赞一个 (0) 收藏 (0) (6)or(0)