دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ، مۇكاپات سوممىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كىنو مۇكاپاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەر خىل مۇكاپات تۈرى، نامزات قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ ئوسكار مۇكاپاتى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئاكادىمىيەسى (AMPAS) بولۇپ، 6000 نەپەر ئەزاغا ئىگە غايەت چوڭ بىر ئورگان. بۇ ئورگان دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىنو ئەسىرىگە يۈزلىنىپ يۇقىرى ئۈنۈم، باراۋەر، مۇستەقىل ھالدا بارلىق مۇكاپات تۈرىنى قانداق باھالاپ چىقىدۇ، ھەم ئەڭ دىققەتكە ئېرىشكەن ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى مۇكاپات تۈرى قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئانالىز قىلىپ باقايلى. كىم بىر فىلىمنىڭ نامزات بولۇشى، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى بەلگىلەيدۇ؟ ئوسكار مۇكاپاتىدا باھالاش كومىتىتى يوق، بارلىق مۇكاپات تۈرىنى ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئاكادىىيەسى (AMPAS تۆۋەندە قىسقارتىپ ئاكادىمىيە دەپ ئېلىنىدۇ) دىكى 6000 نەپەر ئەزا بېلەت تاشلاپ تاللاپ چىقىدۇ. ئاكادىمىيەنىڭ ئەزاسى بولۇشنى ئويلىسىڭىز، سىز چوقۇم كىنو ساھەسىدىكى مەلۇم ساھەدە ئەڭ تونۇلغان كىشى بولىشىڭىز كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سىز يەنە ئوخشاش بىر ساھەدىكى ئىككى نەپەر ئەزانىڭ تونۇشتۇرىشىغا مۇھتاج بولىسىز. بىر كىنو قانداق قىلىپ مەلۇم تۈردە نامزاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ؟ كىنونىڭ تاللاش تىزىملىكىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ناھايىتى ئاسان، پەقەت (Los Angeles County) لوس ئانجىلىس رايونىدىكى سودا كىنوخانىسىدا بىر ھەپتە قويۇلسىلا بولىدۇ، ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۈججەت ئاكادىمىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. ھېچقانداق پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق. مەخسۇس تۈر مۇكاپاتى (مەسلەن ئەڭ نادىر گىرىم قىلىش، ئەڭ نادىر كۆرۈش ئۈنۈمى قاتارلىقلار) غا قارىتا ئاكادىمىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان تارماق (Branch) نىڭ مۇتەخەسىسلىرى بېلەت تاشلايدۇ، ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بەش فىلىم نامزاتلىققا ئېرىشىدۇ. نامزات تاللاشتا «ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» «Preferential Voting» قوللىنىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغان ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى ئازراق ئوخشىمايدۇ، 2010-يىلى تۈزۈم ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نامزات كۆرسىتىلگەن فىلىم سانى بەشتىن كەم بولمىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون فىلىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلسە بولىدۇ. ھەرقانداق تارماقنىڭ ئەزاسى ئەڭ نادىر فىلىمگە نامزات كۆرسەتسە بولىدۇ. نامزات كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئوسكارنىڭ مۇكاپات تۈرى قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ كىنو، شەخىسلەر نامزاتلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاكادىمىيەنىڭ بارلىق ئەزاسى بېلەت تاشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى تاللاپ چىقىدۇ. ئەڭ نادىر كىنو بىرىنچى نامزاتنىڭ 50% دىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يەنىلا «ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» «Preferential Voting» قوللىنىلىدۇ. باشقا مۇكاپات تۈرى بېلەت سانىنىڭ 50% دىن ئېشىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكۈچى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ناۋادا بېلەت نىسبەتەن تارقاق بولسا، بەلكىم مەلۇم ئەسەر 25% بېلەتكە ئېرىشكەن بولسا غەلبە قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، كۆپلىگەن ئاكادىمىيە ئەزالىرى ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ، چۈنكى 75% كىشى ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىمىغان. باشقا كىنو بايرىمىدا، ئادەتتە بىر قانچە، ئون نەچچە باھالاش كومىتىتى مەلۇم مۇكاپات تۈرىنى باھالاپ چىقىدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئوسكاردا 6000 نەپەر ئەزا بېلەت تاشلايدۇ، ھەرقانداق ئادەم بېلەت سانىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز، نەتىجىسى تېخىمۇ ئادىل. «ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» دىگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل تۈزۈم قوللىنىلىدۇ؟ «ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» «Preferential Voting» ئامېرىكىنىڭ سىياسى سايلىمىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان، چۈنكى ئۈنۈمى يۇقىرى، پۇل تېجەيدۇ. نامزاتلار ئىككى نەپەردىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، بېلەت تاشلىغۇچى خۇسۇسى قىزىقىشى بويىچە، بېلەتنى نامزات تەرتىپىگە تاشلايدۇ، ئەڭ قوللايدىغىنى بىرىنچىسى، ئىككىنچى بولۇپ قوللايدىغىنى ئىككىنچىسى…تاكى N چىسىگىچە. بېلەت ھېسابلىغاندا، ئاۋال بېلەت ئۈستىدىكى بىرىنچى تاللاش بويىچە نامزاتنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا رەت-تەرتىپتە بىرىنچى بولغۇچىنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى 50% دىن ئاشمىسا، ئېرىشكەن بېلىتى ئەڭ ئاز بولغان نامزات شاللىنىدۇ. ئارقىدىن، شاللانغان نامزاتنىڭ بېلىتى بېلەت يۈزىدىكى ئىككىنچى تاللاش بويىچە، قايتىدىن باشقا نامزاتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ، قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزىلىدۇ. ناۋادا بىرىنچىسىنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى يەنىلا 50% دىن ئاشمىسا، بۇ جەريان قايتىلىنىدۇ، تاكى نامزاتنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى 50% دىن ئاشقىچە داۋاملىشىدۇ. ناۋادا«ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» قوللىنىلمىسا، ئاكادىمىيە ئۇزۇن ۋاقىت كۆپ ئايلانمىلىق بېلەت تاشلاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئاكادىمىيە قانداق بېلەت تاشلايدۇ؟ ھەربىر ئەزانىڭ ھەرقانداق مۇكاپات تۈرىگە بېلەت تاشلاش سالاھىيىتى بار. ئەمما بىر ئاددى تەلەپ بار، سىز چوقۇم نامزاتلىققا ئېرىشكەن بەش فىلىمنى كۆرگەن بولىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بېلەت تاشلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ باشقا نامزات ئەسەرگە قارىتا ئادىللىق بولمايدۇ. مەلۇم مۇكاپات تۈرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىر ئادەم پەقەت بىرلا بېلەت تاشلىيالايدۇ. ئاكادىمىيە ئەزالىرى قانداق قىلىپ بۇ فىلىملەرنى كۆرەلەيدۇ؟ ئەزالار نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشتىن ئىلگىرى، ئەزالىق كارتىسىنى ئېلىپ، لوس ئانجىلىس، سان فرانسېسكو رايونى، نىيويوركتىكى سودا كىنوخانىسىدا بۇ كىنولارنى ھەقسىز كۆرسە بولىدۇ، يەنە بىر نەپەر دوستىنى ئېلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. سودا كىنوخانىسىدىن سىرت، ئاكادىمىيەنىڭ ئىككى كىنوخانىسى بار، بۇ كىنوخانىدا ھەپتە ئاخىرىدا بارلىق نامزاتلىققا ئېرىشكەن فىلىملەر ئۇدا قويۇلۇپ، ئەزالارنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. بۇندىن سىرت، كىنو شىركىتى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكادىمىيە ئەزالىرىغا ئۆزىنىڭ كىنو ئوپتىك دىسكىسىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. خېلى بۇرۇنلا كىنو شىركىتى ئوپتىك دىسكىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بۇ كىنو شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. بېلەت تاشلىغان ئەزالارنىڭ بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىنونى كۆرگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم بارمۇ-يوق؟ يوق، بۇ پەقەت بىر ئاتاقتىكى تۈزۈم، ئاساسلىقى ئەزالار ئۆزى خالاپ كۆرىدۇ. ناۋادا بىر ئەزا بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىنونى كۆرمىگەن بولسا، ياكى مەلۇم ساھەگە قارىتا تونۇش بولمىسا بېلەت تاشلىماسلىقى كېرەك. ئەمما ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، بۇ ئېسىلزادىلەردىن مۇداپىئە قىلىپ كۆزى كىچىكلەردىن مۇداپىئە قىلمايدىغان تۈزۈم. مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسى كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ تونۇلغان شەخىسلەر. بىر كىنو قانداق قىلىپ ئەڭ نادىر كىنو نامزاتلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ؟ ھەرقانداق ئەزانىڭ ئەڭ نادىر كىنوغا نامزات كۆرسىتىش سالاھىيىتى بار. 1944-يىلىدىن باشلاپ، ئوسكارنىڭ ئەڭ نادىر كىنو نامزاتى پەقەتلا بەش فىلىم بولۇپ كەلگەن، ئەمما 2010-يىلى قائىدىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون كىنو ئەڭ نادىر كىنو نامزاتلىقىغا ئېرىشسە بولىدۇ. ئەمما ئاكادىمىيە«ئېغىپ كېتىشچانلىق بېلەت تاشلاش تۈزۈمى» بويىچە، بىر كىنو چوقۇم كەمىدە 5% بىرىنچى تەرتىپتىكى بېلەتكە ئېرىشىشى كېرەك، ئەنە شۇندىلا نامزاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ دەپ بەلگىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، مەلۇم نۆۋەتلىك ئوسكاردىكى ئەڭ نادىر كىنو نامزاتى توققۇز، مەلۇم نۆۋەتلىكنىڭ ئالتە ياكى يەتتە بولۇپ، سان ئۆزگىرىپ تۇرىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلغاندا مەلۇم كىنونىڭ پەقەت 1% لىك بىرىنچى تەرتىپتىكى بېلەتكە ئېرىشسىمۇ، ئەمما نامزاتلىققا ئېرىشىش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئەڭ نادىر كىنوغا نامزاتلىقىغا ئېرىشىش ناھايىتى يۇقىرى شەرەپ. ئەزالار بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، بېلەت قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ ئاكادىمىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن سىرتقا چىقمايدۇ، دۇنيادىكى داڭلىق بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى پرايىز ۋوتېرخوئۇس (Price waterhouse Coopers) بېلەت ھېسابلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئەنئەنە 1935-يىلىدىن باشلانغان. پرايىز ۋوتېرخوئۇسنىڭ ئىناۋىتى بېلەت ھېسابلاشنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پرايىز ۋوتېرخوئۇس ئاكادىمىيەنىڭ ئىچكى قىسىمى، سىرتقى ساھەگە بېلەت تاشلاش كونكىرت ئەھۋالىنى ئاشكارلىمايدۇ( يەنى ئاكادىمىيەنىڭ ئىجرائىيە باش نازارەتچىسىمۇ بىلمەيدۇ)، پەقەت نەتىجىسىنىلا تاپشۇرىدۇ. پەقەت ئىككى ئادەم ئەڭ ئاخىرقى بېلەت سىتاتىكىسىنى چىقىرىپ، نەتىجىنى كونۋېرتقا پېچەتلەپ، بىۋاستە ھالدا ئوسكار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئەۋەتىدۇ. ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش تاراتقۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تەسىرىگە ئۇچىرامدۇ-يوق؟ نامزات ئېلان قىلىنسىلا، كىنو شىركىتى بېلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى باشلايدۇ. ئەمما ئاكادىمىيە كىنو شىركىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەرىكىتى ئوسكارنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، بارلىق بېلەت تاشلىغان ئاكادىمىيە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى كىنو ساھەسىدىكى تونۇلغان سەنئەتكار، كىنو خىزمەتچىسى، كىنو سەنئىتىگە قارىتا ئەڭ يۇقىرى تونۇشقا ئىگە، ئاسانلا سىرتقى ساھە تەرىپىدىن كونترول قىلىنمايدۇ، تاراتقۇ، كىنو ئوبزورچىلىرىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئۇچىرىمايدۇ. ئوخشاشلا، بېلەت ھېسابلاش خىزمىتىگە ئۈچىنچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ، ھېچكىم كىمنىڭ قايسى كىنوغا بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى ئوسكارغا قانداق كىرىدۇ؟ بىر دۆلەت پەقەت بىرلا كىنونى تاللايدۇ، ئوسكار ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى مۇكاپاتىنى باھالاشقا قاتنىشىدۇ ( جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق، شىياڭگاڭ، جۇڭخۇا تەيۋەن ئۈچ رايون ئايرىم ئىلتىماس قىلىدۇ.) بۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزى قارار قىلىدۇ، ئاكادىمىيە ئارلاشمايدۇ. بۇ «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»نىڭ قاتنىشىش شەكىلىگە ئوخشايدۇ، ئاساسلىقى زېھىننى كۈچ چەكلىك بولىدۇ، بولمىسا كۆرۈپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. بارلىق ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىگە ئىلتىماس قىلىنغان كىنو تاللاشتىن ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق بىر «قىسقا تىزىملىك» ھاسىل قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدىغان بەش كىنو تاللاپ چىقىلىدۇ. ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى، ئاكادىمىيە تىل چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ ئىلتىماس قىلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئاكادىمىيە لوس ئانجىلىستا پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىدۇ ( چەتئەل تىلىنى چۈشىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ككپ قىسىمى پىنسىيەگە چىققان كىشلەر قوبۇل قىلىنىدۇ)، ئادەتتە 320-400 كىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئارقىدىن پىدائىيلارنى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ، ئادەتتە ھەربىر گۇرۇپپىدا 80-100 گىچە ئادەم بولىدۇ، ئوخشاشلا قاتناشتۇرۇلغان چەتئەل تىلى فىلىمىمۇ ماس ھالدىكى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلار چوقۇم ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى فىلىمنى كۆرۈشى كېرەك. گۇرۇپپىغا ئايرىش كىنو كۆرۈش مىقدارىنى تىجەش ئۈچۈن، ئەمما قىزىقىدىغان پىدائىيلار تېخىمۇ كۆپلىگەن كىنونى كۆرسە بولىدۇ. كىنونى كۆرگەندىن كېيىن، پىدائىيلار كىنوغا قارىتا نومۇر قويىدۇ، ئەڭ يۇقىرى نومۇر 10 نومۇر، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 7 نومۇر. پرايىز ۋوتېرخوئۇس بارلىق ئېرىشكەن نومۇرنى خۇلاسىلەپ، ئوتتۇرچە نومۇرنى چىقىرىدۇ، ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەن كىنو «قىسقا تىزىملىك» كە كىرىدۇ. بۇ جەريانغا كەمىدە ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ. ئەڭ نادىر چەتئەل فىلىمىنى نامزاتقا كۆرسىتىشتىن ئىلگىرىكى «قىسقا تىزىملىك» نېمە؟ «قىسقا تىزىملىك» ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى پىدائىيلار نومۇر قويىدۇ، ئالدىنقى ئالتە كىنو تاللىنىدۇ، بۇ «ئالتىنى تاللاش» دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى چەتئەل تىلى فىلىمى ئىجرائىيە كومىتىتى ئەزالىرى باشقا ئۈچ كىنونى تاللاپ چىقىدۇ، بۇ «ئۈچنى تاللاش» دېيىلىدۇ. «ئالتىنى تاللاش»،«ئۈچنى تاللاش» تىن كېيىن توققۇز فىلىمگە ئېرىشىدۇ، يەنى «توققۇزغا كىرىش»، بۇ دەل مۇكەممەل «قىسقا تىزىملىك». پىدائىيلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، چەتئەل تىلى فىلىمى ئىجرائىيە كومىتىتى ئەزالىرى تەخمىنەن 20 كىشى بولۇپ، ھەممىسى تونۇلغان كىنو ساھەسىدىكى شەخىسلەر، ئۇلار كۆرگەن كىنولار پىدائىيلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ. بۇنداق قائىدە تۈزۈش بولسا پىدائىيلار توپىنىڭ ياخشى كىنونى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىدىن ساقلىنىش، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن. ئىلگىرى كۆپلىگەن مۇنەۋەر ئەسەرلەر ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى نامزاتلىقىغا ئېرىشەلمەي تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان. «قىسقا تىزىملىك»تىكى كىنو، ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى نامزاتلىقىغا قانداق ئېرىشىدۇ؟ نامزات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ھەپتە ئاخىرىدا، ئاكادىمىيە لوس ئانجىلىس، نىيويورك، لوندوندا ئۈچ نامزات كۆرسىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لوس ئانجىلىسدا 20 ئادەم، نىيويوركتا 10 ئادەم بار. ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۈچ كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ «قىسقا تىزىملىك» تىكى توققۇز كىنونى كۆرىدۇ، ئارقىدىن نامسىز بېلەت تاشلاپ، بەش ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى نامزاتىنى تاللاپ چىقىدۇ. ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ھەممىسى كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ تونۇلغان كىشلەر. ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى مۇكاپاتى قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنى ئوخشاشلا بارلىق ئەزالار بېلەت تاشلاپ تاللايدۇ. ئەمما بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەزالار بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىنونى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بېلەت تاشلايدۇ. تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىگە بېلەت تاشلىشى ئۈچۈن ئاكادىمىيە ئەزالارغا «قىسقا تىزىملىك» نى ئەۋەتىدۇ. ئەمما نامزاتلىققا ئېرىشكەن چەتئەل تىلى فىلىمى ئىچىدە، ئادەتتە پەقەت بىردىن ئىككىگىچە كىنو ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، دائىم ئەڭ ياخشى چەتئەل تىلى فىلىمى ئامېرىكىدا تارقىتىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنىڭ «ئەڭ نادىر تونۇلغان چەتئەل تىلى فىلىم مۇكاپاتى» غا ئۆزگىرىپ قېلىش خەۋىپى بار. ئوسكار ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنىڭ باھالىنىشىدا ئېغىشچانلىق بارمۇ-يوق؟ تاراتقۇلار بۇنىڭغا قارىتا ئازراق پەرەز قىلغان، يەنى بىر قىسىم دۆلەتلەر كىنو ئىلتىماس قىلغاندا، بىر قىسىملىرى 2-دۇنيا ئۇرۇش ماتىرىيالىدىكى كىنولارنى ئىلتىماس قىلىدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى پىدائىيلار خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىچىدە كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى كەچۈرمىشى بار ئىدى. ئەمما ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنىڭ سىياسىي، ماتىرىيال بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا كىنونىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا قارايدۇ. جۇڭگونىڭ كىنوسىنى مىسالغا ئالساق، ئىلگىرى جۇڭگولۇق ئارتىس فېڭشىياۋگاڭنىڭ «تاڭشەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش» ناملىق فىلىمى ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنى باھالاشقا قاتناشقان، كىنو قويۇلۇپ يەر تەۋرىگەن كۆرۈنۈشكە كەلگەندە، تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىشلاپ، سۈرەتكە ئېلىش ناھايىتى چىن دەپ قارىغان، بۇ قويۇشتا ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدۇ. كىنو ئاياقلاشقاندا ھېچكىم ئالقىشلىمىغان، ئەڭ ئاخىرىدا «تاڭشەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش» نامزاتلىققا ئېرىشەلمىگەن. مەنبە: تۇنياز ئۈندىدار سالونى (1)or(0)