كىتابىيە | بالدۇرراق كۆرمىگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلىدىغان ئۈچ نەسىھەت

تەرمىلەر alma 325℃ 0

00

بالدۇرراق كۆرمىگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلىدىغان ئۈچ نەسىھەت

تىلىمىز تورى

www.tilimiz.com


ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەڭ
پەرزەنتىڭىزنى ياخشى ئوقۇمىدى دەپ پىشانىسىنى نوقىغان قولىڭىزنى ئېڭىكىڭىزگە قويۇپ بالامنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا ئىلھام بەرگۈدەك ،ياخشى ئۈلگە بولغۇدەك ھېچ بولمىسا ياخشى تەسىر بېرەلىگۈدەك بىرەر ئىش قىلدىممۇ دپ ئويلىنىپ بېقىڭ .
ھايۋانلارمۇ بالا تۇغۇلىدۇ ، ئەۋلاد قالدۇرىدۇ ، ھايۋانلار بالىسىغا ياشاش ھەققىدە مەشىقنى ئەمەلىي ئۈلگىسى ئاساسىدا پىششىق تەربىيەلەيدۇ ئەمما بىز بالىنى تۇغۇپ مەكتەپكىلا تاشلاپ قويۇپ نېمىشقا نەتىجەڭ تۆۋەن، تېلېۋىزۇرنى بوينۇڭغا ئېسىپ قويايمۇ كۆرىۋىرەمسەن ؟ ساڭا نېمە تېلېفۇن ؟ كىتابنى دېمىگۈچە قولۇڭغا ئالمامسەن دەپ قاقشىماي بالام كېچىك ۋاقتىدا مەن قولۇمغا كىتاب ئالغانمۇ ؟ ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىدەك كىتابلىرىم بارمۇ ؟ دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇڭ ! پەرزەنت تەربىيەلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەڭ  .  كىتاب سېتىۋېلىپ بىلىم ئېلىشقا مەبلەغ ئايىماڭ !
كىتابىيە تەۋسىيەسى   ئۈندىدار:murabbba


ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە باشلاڭ
بىر ئۇرۇقنى تېكىپ ئىجتىھات بىلەن پەرۋىش قىلساق كۆكلەپ ، باراقسانلىشىپ مېۋە بېرىدۇ ھەم سايە تاشلايدۇ ئەمما تېلېفۇن قولىمىزغا يىلتىز تارتقاندىن بىرى ئۇ ۋاقتىمىزغا چاڭگال سېلىشقا باشلىدى ئۇنىڭدىن يا بىر ھوسۇل يا بىر مېۋە يا بىر ئىلىم ئالمىدۇق .
بۇنداق دېسەك تولىمۇ بىرتەرەپلىمىلىك بولىدۇ چۈنكى تېلېفۇندىن پايدىلىنىپ  ئېلكىتاب ئوقۇۋاتقان ، ماقالىلەرنى كۆرۈۋاتقان ،تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ  ئىگىلىك تىكلەۋاتقان دوستلىمىزغا ئۇۋۋال قىلغان بولىمىز .
خوش ، ئەمسە كۈنبويى ئۈندىداردىن باش كۆتۈرمەي پاراڭ سېلىۋاتقان سىزچۇ ؟ ئەتراپتىكى ئادەملەرنى تاپىدىغان ئىقتىدارنى ئېچىپ ، گۈزەل قىز ، كىلىشكەن يىگىت ئىزدەپ  《سىرداش》 بولۇۋاتقان سىزچۇ ؟ كۈنىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ ؟   شۇ پاراڭلاردىن قانداق جاۋاھىراتلارنى سۈزۈپ چىقتىڭىز ؟  بىردانا تولىمۇ توغرا قىلىپ مۇنداق دېگەن  «ياشلىقىڭغا ئىشەنمە ئۇ ئۆتكۈچى مېھمان »  . توغرا ياشلىق -شاشلىق .كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مۈكچەيگەن بەدەنگە ، نازىنىنلار قورۇق باسقان مېھرىبانلارغا ئايلىنىدۇ .
«ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت»،«ۋاقىت ئاتقان ئوق»دەپ  كونىلار ۋاقىتنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىزگە تەۋەرۈك سۆزلىرىدە قالدۇرغان .
گەپنىڭ قىسقىسى ، دوستۇم تېلېفۇن ئوينىغان ۋاقتىڭىزدا كىتاب ئوقۇڭ ۋاقتىم چىقمايدۇ ،ئالىم بولارمىدىممەن دېمەڭ پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ ئىزىڭىزغا ۋارىس . «ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلۇر » . ئۆگىنىشكە ، ئوقۇشقا مەڭگۈ كېچىكمەيسىز ھېلىھەم قولىڭىزغا كىتاب ئېلىڭ، ئىلىم ئېلىشقا مەبلەغ ئايىماڭ .
ـــ كىتابىيە تەۋسىيەسى  ئۈندىدار:murabbba


ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپچان ئۇستازى بولۇڭ
ئارزۇ مارجانلىرىمغا كىتاب ئاتلىق مۇنچاقنى بىلىم يىڭنىسى بىلەن ئۆتكۈزگەچ سۆزۈمنى باشلاي   .
بەزىلەر كىتابنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپلا قىممەتكەن دەپ ئەپسۇسلىنىپ ئالمايدۇ ، بەزىلەر كىتاب باھاسىنى ئاڭلاپ باھامۇ تالاشماستىن سېتىۋالىدۇ . يەنە بەزىلەر كىتاب سېتىۋالغۇسى بار پۇل يوق پەرىشان بولسا بەزىلىرى پۇلۇمنى ئېلىپ قاچارمۇ دەپ خاۋاتىرىلىنىدۇ يەنە بەزىلەر گەپكە سالايچۇ دەپ ئالدىرايدۇ .
ئەلۋەتتە ، سېتىۋالسۇن ياكى سېتىۋالمىسۇن ۋە ياكى سېتىۋالالمىسۇن ھېچكىمدىن ئاغرىنىش بىھاجەت چۈنكى ھەركىمنىڭ قىسمەت ئوچىقى ئوخشاش كۆيمەيدۇ . بەزىلەرنىڭ ئوچىقىمۇ چوڭ ، ئوتۇنلىرى كۆپ ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيىدۇ بەزىلەرنىڭ  ئوچىقى تار ، ئوتۇنلىرىمۇ ئاز ئوت ئۇچقۇنچىلىك كۆيىدۇ ، ھەتتا بەزىلەر شۇ ئوچاققىمۇ زار .
بۇ تەقدىر-پىشانە ھەركىم بېشىدا بار ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ چۈنكى ئاغرىنىش ،قاقشاش مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس .
ئاچقۇچ نەدە ؟ ئاچقۇچ دەل – كىتاب  . تولۇق 3- يىللىق تارىخ كىتابتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ« بىلىم چىندە بولسىمۇ ئېلىڭلار »  دېگەن سۆزى ئېسىمدىن كەچتى . (بۇ جۈملىنى تەكرار كۆرمىگىلى بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچ چۈشۈپ قالغان سۆزلىرى بولسا ئەپۇ ئېتەكلىرىڭدە يېپىۋىتەرسىلەر).
توغرا ، بىلىم ئىگەللەش دەس تۇرۇشتىكى يۆلەنچۈك ، ئاللىكىملەرنىڭ قولىغا تەلمۈرمەڭ ، ئاللىكىملەر سۆزلىگەن «ئالەمشۇمۇل» سۆزلەرگە قاراپ ھەيران بولماڭ ، ئالىم بولارمىدىممەن كىتاب ئوقۇپ دەپ كەينىگە داجىماڭ سىز شۇ خىيالدا كىتابتىن بىرقەدەم يىراقلاشسىڭىز پەرزەنتىڭىز مىڭ قەدەم يىراقلىشىدۇ .
كىتاب بىزگە تەپەككۇر قىلىشنى ، غورۇرنى (بىرسى ھاقارەت قىلسا ياكى تىللىسا جاۋاب قايتۇرىۋالسىڭىزلا غورۇرىڭىزنى قوغدىغانلىق بولمايدۇ)، ئادىمىيلىكنى ، ياشاشنىڭ ئۇلۇغ سەنئەت ۋە قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ . كىتابنى سىستېمىلىق ، تەرتىپلىك ئوقۇغاندا (كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى قالدۇرۇپ ماڭسىڭىز تېخىمۇ ياخشى)ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان ئۈنۈم يۇقىرى بولىدۇ .  بىرلا كىتاب ئوقۇپ تەپەككۇرنى بۇرىۋەتكىلى ،باشقىچە ئادەم بولۇپ بىلىملىك بولغىلى بولمايدۇ . ئالدىرىماي -ئالدىرىماى كۆپ تەرەپلىمە ئوقۇپ ئۆزىڭىزنى چىنىقتۇرۇڭ .«  تاما-تاما كۆل بولۇر »كۈندە  بىر سائەت  ياكى يېرىم سائەت چوقۇم كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ ،ئۆزىڭىزگە ھورۇن ئۇستاز بولماي تەلەپچان ئۇستاز بولۇڭ . تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرىت يېتىشىپ چىقىدۇ .
يازما ئىگىسى كىتابىيە   ئۈندىدار:murabbba
يازما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتمەڭ

QQ图片20160227183808


مەنبە: تىلىمىز تورى

يازما ئىگىسى كىتابىيە   ئۈندىدار:murabbba
يازما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتمەڭ

430

تارتۇق
(6)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ