بەخت دەستۇرىدىن دۇردانىلەر (1)

تەرمىلەر alma 191℃ 0

美女 海洋 (2) - 副本

بەخت دەستۇرىدىن دۇردانىلەر (1)

مەنبە: گۈلجاھان مېدىيەسى


 

ئۇلۇغلىرىمىز كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
قومۇشنى كۆرمىدىڭمۇ باش چىقاردى ، بورىيا بولدى.
ئۈزۈمنى كۆرمىدىڭمۇ يەردە ياتتى ، تۇتىيا بولدى.
-ئانا ، 《بورىيا》،《تۇتىيا》دېگەن نېمە ئۇ ؟
-قومۇش باش چىقىرىپ 《قاراڭلار مەن ھەممىدىن ئېگىزمەن》دېگىنى بىلەن ، ئاخىرى ئۇ بورا بولدى .تەك يەر باغاشلاپ ياتقىنى بىلەن ،ئۇنىڭ يېمىشلىرى كۆزگە سۈرتكۈدەك تۇتىيا بولدى …
-چۈشەندىم ئانا ،قومۇش تەكەببۇرلىقى بىلەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندى . تەك كەمتەر بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر نەزىرىدە ئۇلۇغلاندى .


«ئىنسانلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭنى چىقار، ئەمما پۈتۈن سۆيگۈڭنى بەرمە. چۈنكى سەن ئۇلارنى چۈشىنىشكە باشلىغاندا، بەرگەن سۆيگۈڭ ئۈچۈن ئىچىڭ ئاچچىق بولىدۇ.»- بۇ مەۋلانە رۇمىنىڭ سۆزى. مەۋلاناغا سوئالىم بار: سۆيمەي تۇرۇپ، چۈشەنگىلى بولارمۇ؟ سۆيگەنلەر ئازابلىنىدۇ، سۆيمىگەنلەر بىخەۋەر يۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازابتا ئورتاق بولالىغانلار ناھايىتى ئازكى، ئازاب كىشىنى ئامالسىزلىق ۋە باشقىلار چۈشەنمەيدىغان يالغۇزلۇقتا قالدۇرىدۇ. مەۋلانە سۆيگەن، ئاندىن چۈشەنگەن، ئاخىرىدا ئىچى ئاچچىق بولغان. روشەنكى، دۇنيا سەمىمىي سۆيگەنلەرنىڭ زىندانى، سۆيمىگەنلەرنىڭ ئىشرەتگاھى. زامانىمىزدىكى ئەرمەك ئىت مودىسى مەلۇم جەھەتتىن ئاشۇ قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


 

قالتىس كىشىلەر ئىدىيىلەرنى مۇنازىرە قىلىدۇ ،   ئوتتۇراھال كىشىلەر ۋەقەلەرنى مۇنازىرە قىلىدۇ ،   ناچار كىشىلەر ئادەملەرنى مۇنازىرە قىلىدۇ !  دىلى پاكىزلا ھۇزۇر ئىزدەيدۇ ،   دىلى قارىداپ كەتكەنلەر قۇسۇر ئ‍ىزدەيدۇ ،  
تارىختىكى مەشھۇر كىشىلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق بولسا پەقەت بىرلا ئۇلاردا غەيرەت كۆپ ،   بىزدە غەيۋەت !….


 

مۇۋاپىقىيەت تاسادىبىي بولمايدۇ . بەزى مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ بىلىنىشى ، ئۇنىڭ ماھىيىتى بولماي، بەلكى تاشقى كۆرۈنىشىدۇر.


ھالالنىڭ نامىلا قالدى، ئۇنى كۆرگىلى بومىدى، ھارام تالاشتا قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى!            – يۈسۈپ خاس ھاجىپ


يىغلىساڭ بولىدۇ ، نەپرەتلەنسەڭ بولىدۇ ، ئەمما ئىشەنچىڭنى ھەم غەيرىتىڭنى يوقاتساڭ بولمايدۇ. چۈنكى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارقاڭدا سېنىڭ كۈلكىگە قېلىشىڭنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئىسىل ياشا…


 

ئۈچ تۈرلۈك ئادەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گەپ قىلسا ئۇلارنىڭ سۆزىنى توختىتىۋەتمەڭلار، ئۇلار: ئاتا - ئانا، كىچىك بالا ۋە دەتمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى سۆزلەيدۇ.   ئۈندىداردا: bilimyar تەرجىمىسى.


 

يەرگە چۈشكەن ئالما ھەرقانچە تاتلىق بولسىمۇ ئىنسان يەنە شاختىكى ئالمىغا ئېسىلىدۇ ئنسان ئەزەلدىن ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىگە قانائەت قىلغان ئەمەس ھەم قەدىرلىگەن ئەمەس..


كۆڭۈلچەك ئادەمنى قەدىرلەڭ!چۈنكى ئۇ ھەرقاچان ئۆزىنىڭ دىل ئازارى بەدىلىگە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىدۇ !بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ دۆتلۈكى ۋە ياكى ئەخمەقلىكى ئەمەس  بەلكى- سىزنى ھۆرمەتلىگىنى خالاس…..


 

 

مەنبە: تىلىمىز تورى

http://www.tilimiz.com/thread-2810-1-1.html

维吾尔语频道_430

 

تارتۇق
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ