-
2010-05-10
ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر - [دىنىي كىتابلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63346715.html
بسم الله الرحمن الرحيم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.
ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى ”دىن ۋە ھايات (1600 سوئالغا جاۋاب)“ ناملىق بۇ ئەسەر چوڭ – كىچىك ھەممىگە ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ ھازىرلاندى. كىتابنىڭ تۈزۈلىشى مۇنداق بولدى:
بىرىنچى بۆلۈم : ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
ئىككىنچى بۆلۈم: ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەم ئەھكاملىرى
ئۈچىنچى بۆلۈم: ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
تۆتىنچى بۆلۈم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
بەشىنچى بۆلۈم: مۇئامىلە ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
ئالتىنچى بۆلۈم: ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار
يەتتىنچى بۆلۈم: ئىسلامىي بىلىملەردىن قىسقىچە مەلۇمات
كىتابىمنىڭ بىرىچى، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلۈملىرى ئاساسەن ياش – ئۆسمۈرلەرگە مۇناسىب شەكىلدە ھازىرلانغانلىقتىن، سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى ئىخچام بولۇپ، مەسىلىلەرنىڭ مەنبەلىرى بېرىلمىدى ۋە تەپسىلاتلىرىغا كىرىلمىدى، ھەمدە فىقھى مەسىلىلەردە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبى ئاساس قىلىنىپ، ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ھەممە بىرلىككە كېلىنگەن ئىختىلاپسىز مەسىلىلەر تاللاپ ئېلىندى.
ئەمما كىتابىمنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى بۆلۈملىرى ئومۇمەن چوڭلارغا مۇناسىبرەك بولغانلىقتىن، جاۋابلار بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىلدى ۋە مەسىلىلەرنىڭ مەنبەلىرى ئىمكان قەدەر تولۇق بېرىلدى.
مەن بۇ كىتابىمدا، ئەخلاققا ئالاھىدە كەڭ يەر ئايرىدىم. ھەقىقىي دىندارلىقنىڭ ۋە تەلەبكە لايىق مۇسۇلمانلىقنىڭ پەقەت ساغلام ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەخلاقنىڭ مەرتىبىسى ئىمان بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، تەلەبكە لايىق قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ چوقۇم ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بەزى دىندارلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىقلار ئۇلار قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ نەپسنى ۋە روھنى پاكلاش، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت مېۋىسىنى بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور كرىزىس دىيانەت بىلەن ئەخلاق ئىككىسىنى بىر – بىرىگە باغلىيالماسلىق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ شەكلىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەخلاقىي تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىبادەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن ئىبارەت بولغان كرىزىستۇر.
ئۆزىنى دىندار دەپ سانايدىغان بەزى كىشىلەر گۈزەل ئەخلاقتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك قاتارلىق ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىننىڭ، توغرىسى مۇسۇلمانلىقنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدۇ. چۈنكى ئۇلار بەش پەرزگە ئوخشاش بەزى مۇھىم ئىبادەتلەرنىلا دىن قاتارىدىن ساناپ كەلگەنلىكتىن، ”دىن – مۇئامىلە“ ئىكەنلىكىنى، ” بىزنى ئالدايدىغانلار بىزدىن ئەمەس“ ۋە ” ئىمانى ئەڭ كامىل ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر“ دېگەن ھەدىسلارنىڭ روھىنى، شۇنداقلا دىن – بىر پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئىمان بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى بىرى- بىرىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم باغلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەخلاق بۆلۈمىنى كىتابىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بولغان ئېتىقاد بۆلۈمىدىن كېيىنلا قويۇشنى ئەڭ مۇناسىپ كۆرگەن بولساممۇ، دىنىي كىتابلارنىڭ ئېتىقادتىن كېيىنلا ئىبادەت مەسىلىلىرىنى بايان قىلىش تەرتىبىگە رىئايە قىلىپ، ئىبادەت بۆلۈمىنى كىتابىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى، ئەخلاق بۆلۈمىنى بولسا ئۈچىنچى بۆلۈمى قىلىپ تىزدىم.
بۇ ئەسەرنى ھازىرلاش ئۇزۇن مۇددەتلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئەمگەك بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمغا مەنپەئەتلىك، چۈشىنىشلىك ۋە تولۇق بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىقتىدارىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، ئەڭ ئىلغار ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپسىز پىكىرلەر بىلەن بېيىتتىم. دوستلىرىمنىڭ، كەسىبداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدىم ۋە ئاخىرقى نۇسخىنى ئۇلار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇردۇم.
بۇ كىتاپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ بېكىتىش ئىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا، پاكىستان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، شۇنداقلا مىسىر ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، يۇقىرىسى دوكتورلۇقتىن باشلاپ تۆۋىنى باكلارىيوس ئۇنۋانلىرىنى ئالغان ياش ئالىملار ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
دېمەكچى بولغىنىم، بۇ ئەسەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن ئىسلام پرىنسىپىغا، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا تامامەن ئويغۇن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئوقۇرمەنلەرنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىشنى خالايمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ياش ئالىملارغا، شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى يېزىشىمدا ماڭا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم – ئەزھەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ ئەسەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىر نۇسخىدىن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جانابى ئاللاھتىن بۇ ئاددى ئەمگىكىمنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.
- مۇھەممەد يۈسۈپ
ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
دىن ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى
1. سوئال: ئىنسانلار نەدىن پەيدا بولغان؟
جاۋاب: ئىنسانلار ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان.
2. سوئال: ئىسانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟
جاۋاب: ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئويغۇن ھالدا ياشاش ئۈچۈن يارىتىلغان.
3. سوئال: دىن دېگەن نېمە؟
جاۋاب: دىن –ئىنسانلارنى ئىختىيارىي ھالدا بەخت – سائادەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ئىلاھىي قانۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە قىلغان ۋەھيىسىدۇر.
4. سوئال: دىننىڭ مەنىبىئى نېمە؟
جاۋاب: دىننىڭ مەنبىئى ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى دىني ئېتىقادقا ئېھتىياجلىق قىلىپ ياراتقان. ئاندىن ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دىننى چۈشۇرۈپ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن.
5. سوئال: دۇنيادىكى دىنلار قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
جاۋاب: دۇنيادىكى دىنلار «ھەق دىن»، «ئۆزگەرتىلگەن دىن» ۋە «باتىل دىن» دەپ 3 كە بۆلۈنىدۇ.
6. سوئال: ھەق دىن دېگەن نېمە ۋە ئۇ قايسى؟
جاۋاب: ھەق دىن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كەلگەن ۋە ئەسلى ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلغان دىن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن بىرلا ئىسلام دىنىدۇر.
7. سوئال: ئۆزگەرتىلگەن دىن دېگەن نېمە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاب: ئۆزگەرتىلگەن دىن ئەسلى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر ۋاسىتىسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىنلاردۇر. يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرىغا ئوخشاش.
8. سوئال: يەھۇدىيلىق قانداق دىن ۋە يەھۇدىيلار كىملەر؟
جاۋاب: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىغان كىشىلەر يەھۇدىي دېيىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى يەھۇدىي دىنى ئەسلى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىندۇر.
9. سوئال: خرىستىئانلىق دېگەن قانداق دىن ۋە خرىستىئانلار كىملەر؟
جاۋاب: ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، ناسارا دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر خرىستىئان ياكى ناسارا دېيىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى خرىستىئان دىنى ئەسلى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىندۇر.
10. سوئال: باتىل دىن دېگەن نېمە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاب: باتىل دىنلار ئاللاھ تەرىپىدىن كەلمىگەن، پەقەت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دىنلاردۇر. مەسىلەن: بۇددا، ھىندى دىنلىرىغا ئوخشاش.
11. سوئال: ئېتىقاد جەھەتتىن ئىنسانلار قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟
جاۋاب: ئىنسانلار ئېتىقاد جەھەتتىن مۆمىن، مۇناپىق، كاپىر ۋە مۇشرىك دەپ 4 كە بۆلۈنىدۇ.
12. سوئال: مۆمىن دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: مۆمىن – ئىسلام دىنىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىدىغان، بۇ ئېتىقادىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا ياشاشقا تىرىشىدىغان كىشىلەردۇر.
13. سوئال: مۇناپىق دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: مۇناپىقلار- ئىسلام دىنىغا كۆڭلىدىن ئىشەنمەيدىغان تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلۈك كىشىلەردۇر.
14. سوئال: كاپىر دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: كاپىر – ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنى ئوچۇق سۆزلەيدىغان ياكى ئىسلامدا ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان مەسىلىلەردىن بىرەرسىگە ئىنكار قىلغانلاردۇر.
15. سوئال: مۇشرىك دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: ئېتىقادتا ياكى ئىبادەتلەردە باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ قۇشۇۋالغۇچىلاردۇر. مەسىلەن: بۇتلارغا، مازارلارغا، ئەۋلىيالارغا چوقۇنغانغا ئوخشاش.
16. سوئال: بىزنىڭ دىنىمىز قايسى دىن؟
جاۋاب: بىزنىڭ دىنىمىز ساماۋىي دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان ئىسلام دىنىدۇر.
ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ غايىسى
17. سوئال: ئىسلام دىنى قانداق دىن؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كەلگەن ۋە ئەسلى ھېچ ئۆزگەرمەستىن، كەلگەن پېتى داۋام قىلىۋاتقان ھەق دىندۇر.
18. سوئال: ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر.
19. سوئال: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان، ئىبادەت ۋە ئەخلاققا بۇيرۇيدۇ.
20. سوئال: ئىمان دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئىمان – ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تىل بىلەن سۆزلەشتۇر.
ئىماننىڭ ئاساسىي پرىنسىپى
21. سوئال: ئىماننىڭ ئاساسىي پرىنسىپى نېمە؟
جاۋاب: ئىماننىڭ ئاساسىي پرىنسىپى تۆۋەندىكى 6 ھەقىقەتكە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت:
(1) ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
(2) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
(3) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بارلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
(4) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
(5) قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
(6) ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.
22. سوئال: قانداق كىشى ھەقىقىي مۆمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ؟
جاۋاب: ئىماننىڭ يۇقىرىدىكى 6 پرىنسىپىغا، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ(ئىشەنچلىك) ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان پۈتۈن مەسىلىلەرگە چىن ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان جىمى ئەھكاملارنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەل قىلغان كىشى ھەقىقىي مۆمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ.
ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
23. سوئال: ئىبادەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھ بۇيرىغان بەندىچىلىك ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ خالىغىنى بويىچە ياشاشتۇر.
24. سوئال: ئىبادەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: ئىبادەت ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەت، گەپ – سۆز ۋە توغرا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: ھەر ئىشتا ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇش، ئوقۇپ بىلىم ئېلىش، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج-ئۆمرە قىلىش، ئاتا–ئانىنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، توغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش، ئۇلاردىن كەمبەغەللەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش، راست سۆزلەش، ۋەدىگە پاۋادار بولۇش، خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ۋە ھەققاناىي بولۇش ۋە باشقىلار.
收藏到:Del.icio.us
评论
buzuore@126.com
ئسلام ۋە ھايات دىگەن كىتابنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى بارمىدۇ سىزدە؟
داڭلىقتا چىقىرىپ قويۇپتىكەن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى،مەن چۈشۈرەلمىدىم،مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.