-
2012-04-14
ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى - [مەشھۇر شەخىسلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/205597369.html
ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى
ئىمامنىياز ئابدۇقادىربۇ ماقالە جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان
1. ھاياتى
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تولۇق ئىسمى يەئقۇب ئىبن ئىبراھىم ئىبن ھەبىب سەئەد ئەلكۇفى. ئۇ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ غوللۇق شاگىرتى، فىقھشۇناس ۋە ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى قازىيقۇزات (قازىكالان) تۇر.
ئەبۇ يۈسۈف ھىجرىيە 113-يىلى، مىلادىيە 731-يىلى كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنى 93\711-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشلارمۇ مەۋجۇت. تەبەقات (تەرجىمھال) كىتاپلىرىدا ئەبۇ يۈسۈفنىڭ 69 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ كىتاپلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنى 93/711-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراش يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتقا ئىگە ئەمەس.
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بوۋىسى سەئەد ئىبن بۇجەير ساھابىلەردىن بولۇپ، ياش ۋاقتىدا خەندەك جېڭىگە قاتناشقان ۋە بۇ جەڭدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئەۋلادلىرىغا دۇئا قىلغان. سەئەد كىيىن كۇفە شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە ئىدىيە ۋە سىياسى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان كۇفە شەھىرى، بىر قىسىم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئەينى زاماندا بۇ يەرگە كۆچۈپ كىلىشى ۋە بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئىلىم-ئېرپان مەركىزىگە ئايلانغانىدى. كۇفە شەھىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە باشچىلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى ۋە تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئابباسىيلار دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمى ساھەدە پىشىپ يىتىلىشىنى ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى ۋە ئىلمىي غايىسىدىن باشقا، يەنە كۇفە شەھىرىنىڭ يۇقارقىدەك قۇيۇق ئىلمى مۇھىتىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئەبۇ يۈسۈف كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەچكە، ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ، قىلچە بوشاشماستىن ئىلم تەھسىل قىلىشتىن ئۆمىدىنى ئۈزمىگەن. ئائىلىسى ئۇنىڭ بىرەر كەسىپ ئۆگەنمەي، داۋاملىق ئۇقۇشىغا نارازى ئىدى. بىر قېتىم ئەبۇ يۈسۈف دەرىستىن يېنىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، ئانىسىدىن يەيدىغان نەرسە سورىغاندا، ئانىسى يۆگەلگەن بىر داستىخاننى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئالدىغا قويغان. ئەبۇ يۈسۈف داستىخاننى ئېچىپ، داستىخان ئىچىدە بىر پارچە كىتاپنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ئانىسىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئانىسى : كۈندۈزى نېمە تېپىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن بولساڭ، كەچ بولغاندا شۇ تاپقىنىڭنى يەيسەن دەپ،- جاۋاپ بەرگەن. بىر قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ئەبۇ ھەنىيفە بۇ زېرەك، ئەقىللىق شاگىرتىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بىرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلغان.
ئەبۇ يۈسۈف كۇفەدە نۇرغۇن ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭ فىقھ ئىلمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىيفە، ھەدىس ئىلمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبن ئابدۇرراھماندۇر. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمى ساھەدە يىتىشىپ چىقىشىدا بۇ ئىككى ئۆلىمادىن باشقا، يەنە ئىبن ئەبۇ لەيلا، ئەبۇ ئىسھاق ئەش-شەيبانى، سۇلايمان ئەت-تەمىمىي، ئەئمەش، ھىشام ئىبن ئۇرۋە، مۇھەممەد ئىبن يەسار، ھەسەن ئىبن دىنار ۋە ئىسمائىل ئىبن ئۇمەييەگە ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملار تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان.
ئەبۇ يۈسۈف ئۆز زامانىدىكى مائارىپ ئۇسۇلى بويىچە، دەسلەپ ئاساسى ئىسلام بىلىملىرى، ھەدىس ئۆگەنگەندىن كېيىن، فىقىھ ئۆگۈنۈشكە كىرىشكەن ۋە بۇ مەقسەتتە ئىبن ئەبۇ لەيلانىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ لەيلادىن توققۇز يىل قەزا (دەۋا-دەستۇر ئىلمى) ۋە فىقىھ ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ ھەنىيفە ۋاپات بولغۇچە 17 يىل ئۇنىڭدا ئۇقۇغان. ئارلىقتا پەقەت بىر ئايلا ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشماي،ئىبن ئىسھاقتا مەغازى ئىلمىنى ئوقۇۋالغان. ئۇ، ھەدىس ئىلمىنى ئۆگۈنىشنىمۇ توختاتمىغان بولۇپ، پۇرسەت تاپسىلا، ھەدىس دەرىسى سورۇنلىرىغا بېرىپ ھەدىس ئاڭلىغان ۋە بۇ يەردە ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ فىقھ دەرىس سورۇنىدا مۇزاكىرە قىلغان. ئەبۇ يۈسۈف ھەدىس دەرىسلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا، ھەججاج ئىبن ئەرتاتقا ئوخشاش ھەدىسشۇناسلار بىلەن تونۇشقان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمىي قابىلىيتى ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنداقلا فىقھ ئىلمى ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە ھەدىس ئىلمى ساھەسىدىمۇ چوڭقۇرلاشقان ۋە رەي ئەھلى ئىچىدىكى <ھەدىسى ئېلىنسا بولىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشى> دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەبۇ يۈسۈف ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە 150/767-يىلى ۋاپات بولۇپ، 15 يىلدىن كېيىن قازىيلىق قىلىشقا باشلىغان. تارىخىي مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۇستازىدىن كېيىن قازىيلىق قىلغۇچە بولغان 15 يىل جەريانىدا قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يوق دېيەرلىك. شۇنداقلا ئۇنىڭ كۇفە جامىئەسىدە شەخسىي دەرىس سورۇنى ئاچقان ياكى ئاچمىغانلىقى، قازىيلىققا تەيىنلەنگۈچە بولغان ئارلىقتا تۇرمۇشىنى قانداق قامداپ كەلگەنلىكى قاتارلىق خۇسۇسلاردىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئەبۇ يۈسۈف تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئابباسى خەلىپىسى مەھدىي بىللاھ دەۋرىدە (775-785-يىللىرى) ئائىلىسى بىلەن بىللە باغداتقا كىلىپ ماكانلاشقان. بۇ جەرياندا خەلىپە بىلەن تۇنۇشقان ۋە بىر قىسىم مەنبەلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، 166/782- يىلى قازىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. جۇرجانغا ۋالى بولۇپ ئەۋەتىلگەن ۋەلىئەھد مۇسا ئەلھادى ئەبۇ يۈسۈفنى ئۆزى بىلەن بىللە جۇرجانغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ قازىلىق ئورنىغا ئوغلى يۈسۈف ئولتۇرغان. خەلىپە مەھدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن جۇرجان ۋالىسى مۇسا ئەلھادى تەختكە چىققان. ئەبۇ يۈسۈفمۇ بۇ يېڭى خەلىپە بىلەن بىللە باغداتقا قايتىپ كەلگەن ۋە قازىيلىق ۋەزىپىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرغان. خەلىپە ھارۇن رەشىد تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئەبۇ يۈسۈفنى قازىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرمىغان. ھارۇن رەشىد زامانىدا (786-809-يىللىرى) قازىيقۇزاتلىق (قازىكالان) ئورگىنى تەسىس قىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىش، سوتلاش ۋە سوت ئىجىرا قىلىش ئىشلىرنىڭ بىرلىككە كىلىشىدە ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بېسىلغان. ئەبۇ يۈسۈف قازىكالانلىققا تەيىنلەنگەن ۋە ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى قازىيقۇزات بولۇپ قالغان. ئۇ ئابباسى خەلىپىلىكىگە تەۋە پۈتۈن رايۇنلارغا قازىي بەلگىلەش ۋە قازىيلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، «قازىيقۇزاتى دۇنيا (دۇنيانىڭ قازىكالانى)» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان. مەقرىزىينىڭ بايان قىلىشىچە، ئەبۇ يۈسۈف قازىيقۇزاتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىراق، خۇراسان، شام ۋە مىسىر قاتارلىق رايۇنلاردا ئۇنىڭ تەستىقىسىز قازىي تەيىن قىلىنمىغان. ئەبۇ يۈسۈف ھىجىريە 182-يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل (مىلادىيە 798-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى) 69 يېشىدا باغداتتا ۋاپات بولغان. ۋاپات بولغۇچە باش قازىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ جىنازا نامىزىنى ھارۇن رەشىد ئۇقۇغان ۋە جىنازىنى باشلاپ ئۆزىنىڭ ئائىلە قەبىرىستانلىقغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە يەرلىكىگە قويغان. قەبرىسى باغدات شەھىرىنىڭ كازىمىيە رايۇنىدىكى كازىم قەبرىستانلىقىغا تۇتاش سېلىنغان، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەسجىدنىڭ يېنىدا قاتۇرۇلغان.
2. ئىلمىي قابىلىيتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى
مەيلى ھازىرقى زامان ئالىملىرى بولسۇن ياكى كېيىنكى زامان ئالىملىرى بولسۇن، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمى قابىلىيتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىنى مەدھىيلەپ تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەبۇ يۈسۈف تاشقى قىياپەت جەھەتتىن جۇغى كىچىكرەك كەلگەن كىشى بولۇپ، بەززازىينىڭ نەقىل قىلىشىچە، قاسىم ئىبن زەيبەك ئەبۇ يۈسۈفنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، شۇنداق دېگەنمىش: «ئاللاھ ئىلىمنى بىرەر قۇشنىڭ تىنىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى». ئەبۇ يۈسۈف زېرەك ئادەم بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئۇ، 50-60 ھەدىسنى بىر قېتىم ئاڭلاپلا، ئۆز ئەينى يادىغا ئوقۇپ بېرەلەيتتى. ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ھەسەن ئىبن زىياد ئەل-لۇئلۇئنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇ يۈسۈف بىر قېتىملىق ھەج سەپىرىدە ئاغىرىپ قالىدۇ، ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن سۈفيان ئىبن ئۇيەينەدىن ئاڭلىغان قىرىق ھەدىسنى ياشىنىپ قالغانلىقىغا ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي يادىلىۋالغان ۋە كېيىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يازدۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈف دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھارۇن رەشىدنىڭ ۋەزىرى يەھيائىبن خالىد ئەل-بەرمەكىي، ئۇنىڭ ئەرەپ تەزكىرىچىلىكى (ئەييامۇل-ئەرەب)نى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى بىلمىسە پادىشاھلار بىلەن سۆھبەتلىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئەبۇ يۈسۈف بىر ئاي ئۆيىگە بىكىنىۋېلىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۆگىنىش قىلغان. ئەئمەشتە ئوقۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەئمەش ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بىر سۇئالغا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ۋە ئۇنىڭدىن «سەن بۇنىڭ جاۋابىنى نەدىن تاپتىڭ» دەپ سورىغاندا، ئەبۇ يۈسۈف «سىلى بىزگە ئۆگەتكەن پالانى ھەدىستىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئەئمەش ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي: «مەن بۇ ھەدىسنى سەن تۇغۇلماستا ئۈگەنگەن بولساممۇ، لىكىن ئۇنىڭ مەنىسىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم» دېگەن.
ئەبۇ يۈسۈف ئۆزىنىڭ ئىلىمى قابىلىيىتى بىلەن تۇنۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، سېخىيلىقى ۋە مەردلىكى بىلەنمۇ تونۇلغان زات ئىدى. ئۇ نامراتلىق ۋە قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇناتتى. ئۇستازى ۋە يۈلەنچۈكى بولغان ئەبۇ ھەنىيفىگە ياخشى دۇئا-تىلەكلىرىنى ئۇزۇپ قويمىغانىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى مەككە، مەدىنە، كۇفە ۋە باغدات شەھىرىنىڭ ھەر بىرىگە 100 دىناردىن تارقىتىشنى ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈف خەلىپە ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار ئۇنىڭغا «ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ پەتىۋا بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىدەك يۇقىرى ماقاملارغا چىقالىغان» دېگەنگە ئوخشاش تۆھمەتلەرنى چاپلىغان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھارۇن رەشىدكە قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئۇنىڭغا چاپلانغان بۇ تۆھمەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ: «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما!....ئاللاھ تەرەپتىن ساڭا بىرىلگەن بۇ خەلىپىلىك ۋەزىپەڭنى ھەرۋاقىت جايىدا ئۇرۇندا. قىيامەت كۈنى ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ بەخىتلىكى خەلقىنى بەخىتلىك قىلغان ئەمەلداردۇر. سەن توغرا يولدىن ئاداشمىساڭ خەلقىڭمۇ ئاداشمايدۇ. نەپسىڭنىڭ ۋە ئاچچىقىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىنتىقام ئېلىشتىن يىراق تۇرغىن....»
ئەبۇ يۈسۈف ئىلم ۋە ئىلىم ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى كىشىلەرگە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئەڭ كۆركەم يەردە ئولتۇراتتى. كىيىم-كىچەكنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى كىيەتتى. ھەر خىل قىممەتلىك زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بىزەلگەن ئاتقا مېنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قارشى چىققۇچىلارغا قارىتا، ئۇ: «بىر تىككۈچى بالىسىنىڭ ئىلمىي ساھەدە يۇقىرى سەۋىيگە يەتكەنلىكىنى ھەممە كىشىنىڭ كۆرىشىنى ۋە بۇنى بىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەپ رەددىيە بەرگەن. قانۇن-ھۆكۈم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ، خەلق ئارىسىدا ئالاھىدە ئۇرۇندا كۆرۈنىشى ۋە ئۆزلىرىگە لايىق ھۆرمەتكە نائىل بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا قارا سەللە ۋە تون قاتارلىق مەخسۇس كىيىم كىيىشنى بېكىتكەن. ھارۇن رەشىدتىن ئەبۇ يۈسۈفنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئەبۇ يۈسۈفنى ئىلىمدىكى مۇكەممەللىكى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەزھەپتىكى تەۋرەنمەسلىكى ۋە دىندىكى تەقۋادارلىقى سەۋەپ شۇنچە ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەيمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. ئەبۇ يۈسۈف بۇ ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان، خەلىپە بىلەن بىللە نۇرغۇن سەپەرگە چىققان، بىر قانچە قېتىم خەلىپە بىلەن بىللە ھەجگىمۇ بارغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ دەرىس ۋە ئىلمىي سورۇنلىرىغا نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن فىقھ ئۈگەنگەن ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇقۇغۇچىلىرىدىن: ئەھمەدئىبن ھەنبەل، مۇھەممەدئىبن ھەسەن ئەش-شەيبانى، بىشىرئىبن ۋەلىد ئەل كىندى، بىشىرئىبن غىياس، يەھيائىبن مەئىين، ھىلال ئىبن يەھيا ئەل-رەئىي، جەئفەرئىبن يەھيا ئەل-بەرمەكىي، ھەسەن ئىبن زىياد ئەل-لۇئلۇئ، ئەسەدئىبن فۇرات ۋە يەھيا ئىبن ئادەم قاتارلىقلار بار.
ئەبۇ يۈسۈف فىقھ ۋە ھەدىس ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە تەپسىر، سىيرەت، مەغازىي ۋە ئەرەپ تەزكىرىچىلىكى ساھەسىدىمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمى ئىدى. زامانداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى بىلىمىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
3. ئىجتىھاد (يىڭى ھۆكۈم تۇرغۇزۇش) تىكى مېتودى ۋە فىقھ ساھەسىدىكى ئورنى
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھاتتىكى مېتودىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد قاتارىغا كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىختىلاپلارغا كۆز يۈگۈرتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.ئىبن قەييىم ئەل-جەۋزىييە،ئىبن كەمال ۋەئىبن ئابىدىنغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئەبۇ يۈسۈفنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد ھېسابلانماستىن، پەقەت مەزھەپ مۇجتەھىدى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەرەخسى،ئىبن ھەزم، شىھابىددىن ئەل مەرجانى ۋە يېقىنقى زامان ئالىملىرىدىن ئەلى ئەل-خەفىف، مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە، زاھىد كەۋسەرى، شەرىقشۇناسلاردىنJ.Schacht جوز شاخىت قاتارلىقلار ئەكسىچە ئەبۇ يۈسۈفنى مۇتلەق مۇجتەھىد دەپ قارىغان.
ئەبۇ يۈسۈف ئەبۇ ھەنىيفىگە پەقەت فۇرۇئ (تارماق) مەسىلىلەردىلا ئەمەس، يەنە ئۇسۇلغا(يەنى-شەرىئەت قانۇنچىلىقىدىكى پىرىنسىپال نەزەرىيەلەرگە) ئالاقىدار مەسىلىلەردىمۇ قارىشى پىكىردە بولغان. مەلۇم بىر مەسىلىدە نوقۇل تەقلىدچىلىك يولىنى تۇتماستىن بەلكى تەتقىقات يولىنى تۇتقان. ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئوخشاش قاراشلىرىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىمۇ تەقلىتچىلىكتىن خالى بولۇپ، ئۇنىڭدا دەلىل-ئىسپاتقا تايانغان.
ئەگەر بىز ئىجتىھادنى، ھەر دەۋىردىكى يىڭى مەسىلىلەرگە شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىش، يەنى، قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە ئىجمائ-قىياس ئۇسۇللىرىنى پىششىق بىلىش دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئەبۇ يۈسۈفنى شەرتسىز ھالدا مۇتلەق مۇجتەھىد دېيەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەينى زاماندا كۇفە شەھىرىدە ئەبۇ ھەنىيفە باشچىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان فىقھ ئەنجۇمەنىنىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، بۇ ھەيئەت ئىچىدە 17 يىل پائال خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد سانىلىدىغانلىقىغا ئۇستازىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى كۇپايە: «ئەبۇ يۈسۈف يەر يۈزىدىكى ئەڭ بىلىملىك كىشىدۇر».
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلىنى بىرەر كىتاپتا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەر خىل تارىخى مەنبەلەردە ئىسلامىيەتتىكى فىقھ ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تۇنجى كىتاپنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ يازغانلىقى بايان قىلىنسىمۇ، لىكىن ھازىرغىچە بۇنداق بىر كىتاپنى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. شۇڭا ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلىنى ئۇنىڭ بىر قىسىم پەتىۋالىرى ۋە سۆزلىرىدىن چىقىرىش مۇمكىن. تارىخى مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان: «ئەي ئاللاھ! سەن ئوبدان بىلىسەن، ئالدىمغا كەلگەن ھەر بىر مەسىلىنىڭ ھۆكۈمى ئۈچۈن ئاۋۋال سېنىڭ كىتاۋىڭغا مۇراجەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن بىرەر چىقىش يولى تاپالىسام شۇنى ئالدىم. ئەگەر تاپالمىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە مۇراجەت قىلدىم. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ بىر چىقىش يولى تاپالمىسام ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجەت قىلدىم». بۇنىڭدىن ئىجتىھاتتا ئەڭ كۆپ قىياسقا تايىنىدىغان بۇ رەي ئالىمىنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلىدا ساھابە سۆزىنى قىياسنىڭ ئۈستىگە قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئەبۇ يۈسۈف ساھابە سۆزلىرىگە تايىنىپ قىياس بىلەن چىقىرىلغان نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى بىكار قىلىۋەتكەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ پەتىۋالىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئاساسى ۋە تارماق دەلىللەرنىمۇ ئوخشىمايدىغان رەت-تەرتىپ ۋە ئۇسۇل ئىچىدە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئەبۇ يۈسۈف رەي ئېقىمىدىكى فىقھشۇناس، شۇنداقلا ھەدىس ئىلمى ساھەسىدىكى مۆتىۋەر زاتتۇر. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەر دائىم ھەدىستىن پايدىلىنىدىغانلىقى ۋە قىياسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئۇزۇن مۇددەت سىياسى تۈزۈلمىگە تەۋە دەۋا-دەستۇر ئورنىدا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە قىياسنى ئەمەس، ئىستىھسان (مەنپەئەت ئومۇمىيلىقى)نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ھۆكۈم چىقارغان. مانا بۇ خىل ئەھۋال، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ «زاماننىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن ھۆكۈملەرنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقى» دىن ئىبارەت ئۇمۇمى فىقھ پىرىنسىپى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. قىسقىسى، ئەبۇ يۈسۈف بارلىق ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرىدا قۇرئان-ھەدىسقا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان ئالىم. شۇنداقلا شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ھېكمىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن فەقىھدۇر.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ فىقھ ساھەسىدىكى ئورنىغا كەلسەك، ئەبۈ يۈسۈف دەسلەپ ئەبۇ لەيلادا، كېيىن ئەبۇ ھەنىيفەدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لىكىن ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان. ئۇ ھېچبىر زامان تەقلىتچىلىك قىلمىغان، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئۇچۇق ئوتتۇرغا قويۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئوتتۇرسىدا پىكىر ئىختىلاپى پات-پات يۈز بىرىپ تۇرغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئىختىلاپ تېخىمۇ كۆپەيگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۇستازى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىرى بىر يەردىن چىققاندا، كۆڭلنىڭ يۇرۇپ كىتىدىغانلىقىنى تىلغان ئالغان. ئۇستازىغا بولغان ھۆرمىتى، ئۇنىڭ ھۆكۈم ئىشلىرىدىكى ئۆزىگە خاس يولىغا تۇسالغۇ بولمىغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھەدىس ئالىملىرى بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇشى، ئۇلاردىن ھەدىس ئۆگۈنىشى، ئەبۇ ھەنىيفە زامانىدا ئىشەنچىلىكلىكى بېكىتىلمىگەن نۇرغۇن ھەدىسلەرنىڭ ئەبۇ يۈسۈف زامانىغا كەلگەندە ئىشەنچىلىك بولۇپ بېكىتىلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر ئەبۇ يۈسۈفكە مەسىلىلەرگە ئۇستازى ئەبۇ ھەنىيفىگە ئوخشىمايدىغان نۇقتىدا تۇرۇپ قارايدىغان شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ئەبۇ يۈسۈف ھەدىس ئۆگۈنۈشنى فىقھتىن بۇرۇن باشلىغان. ھەدىسلەرنى ئەستە تۇتۇش ۋە ھەدىسلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ھەر خىل مەنىلىرىنى ئىگىلەشتە قىينالمىغان. شۇ سەۋەپتىن رەي ئالىملىرى ئىچىدىكى ھەدىسكە ئەڭ چىڭ يېپىشقان ئالىمنىڭ ئەبۇ يۈسۈف ئىكەنلىكى مەشھۇردۇر. ئەبۇ يۈسۈف ئەبۇ ھەنىيفىدىن ئۆگەنگەن بىلىمگىلا قانائەت قىلىپ ئولتۇرماستىن يەنە مەدىينىگە بېرىپ ئىمام مالىك بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس، فىقھ ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىمام مالىكنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ئىككى ئۇسلۇبنى بىرلەشتۈرگەن. ئىراققا قايتقاندىن كېيىن مەدىينىدىكى ئەسەر (ھەدىس) ئېقىمى بىلەن ئىراقتىكى رەي (ئەقىل) ئېقىمىنى يېقىنلاشتۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئەبۇ ھەنيفە بىلەن پىكىر ئىختىلاپى يۈز بىرىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ دەسلەپ قازى كيىن قازىيقۇزاتلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىدىندۇر. بۇ مەنسەپلەر ئەبۇ يۈسۈفنى ھۆكۈم ئىشلىرىدا نۇرغۇن تەجرىبە ۋە مول بىلىمگە ئىگە قىلغان. نەزىرىيە ھالىتىدىكى ھۆكۈملەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئىمكانىيتى ھازىرلاپ بەرگەن. ئەبۇ يۈسۈف قازىيقۇزات بولۇش سۈپىتى بىلەن، قازىلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئادەتتە كۆپرەك ھەنەفىي مەزھىبىگە مەنسۇپ قازىيلارغا مەنسەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خەلق ئارسىدا ھەنەفىي مەزھىبىگە بولغان قىزىقىش ئېشىپ بارغان. ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كەڭ تارقىلىپ تەرەققى قىلىشىنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
4. ئەسەرلىرى
ئەبۇ يۈسۈف ھەنەفىي مەزھىبىدە ئەسەر يازغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتاپ يازغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى ناھايىتى ئاز. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفكە نىسبەت بىرىلگەن ئىككى كىتاپ مەۋجۇتتۇر. بىرى ئەدەبۇل-قازىي، يەنە بىرى كىتابۇل-مەخارىج.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1) كتاب الخراج (كىتابۇلخاراج-ئىقتىسادىي مەنبەلەر). بۇ ئىسلام فىقھ تارىخىدا ئىقتىساد ساھەسىدە يېزىلغان تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم كىتاپ بولۇپ، ئۇنى بۇ ساھەدە كۈنىمىزگىچە يىتىپ كىلەلىگەن تۇنجى كىتاپ دېسەكمۇ بولىدۇ. كىتاپتا دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە مالىيە مەنبەلىرى تىلغا ئېلىنغان. كىتاپتا دىنى ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە ئۇرۇن بىرىلىش بىلەن بىرگە يەنە فىقھ، ھەدىس، ھېساب، ھەق-ھوقۇق، جەمئىيەت، ئەدەبىيات ۋە جۇغراپىيە قاتارلىق تېمىلارغىمۇ ئۇرۇن بىرىلگەن.
2) اختلاف أبي حنيفة وابن أبي ليلى (ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئەبۇ لەيلانىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى). ئەبۇ يۈسۈف بۇ كىتاپتا ئىككى ئۇستازىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل قاراشلىرىنى بىر يەرگە توپلىغان ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ ھەرخىل مەسىلىلەردىكى چوڭقۇر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. كىتاپنى ئەبۇ يۈسۈفتىن مۇھەممەدئىبن ھەسەن ئەش-شەيبانى رىۋايەت قىلىپ تارقاتقان.
3) الرد على سير الأوزاعي (ئەۋزائىينڭ سىيرەتىگە رەددىيە). ئەبۇ ھەنىيفە ئىمامى مۇھەممەتكە ئىملا (ئاغزاكى بايان)يولى ئارقىلىق سىيرەت ھەققىدە بىر كىتاپ يازدۇرغان. بۇ كىتاپتىكى قاراشلار ئەۋزائىي تەرىپىدىن يېزىلغان سىيرەتۇ ئەۋزائىي ناملىق كىتاپتا تەنقىت قىلىنغان. ئەبۇ يۈسۈف ئەۋزائىينىڭ بۇ سىيرەتىدىكى قاراشلارنى تەنقىدلەش ئۈچۈن «ئەۋزائىينىڭ سىيرەتىگە رەددىيە»ناملىق كىتاپنى يېزىپ چىققان.
4) كتاب الآثار (ئەسەرلەر). بۇ ئەبۇ ھەنىيفىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر قىسىم ھەدىس ۋە فىقھي قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاپ بولۇپ، ئۇ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مۇسنەدى ھېسابلىنىدۇ. كىتاپتا تاھارەت، غۇسلى، جۇنۇپلۇق، ئىددەت قاتارلىق فىقھى مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. ئەسەرگە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ پەتىۋا ۋە ھۆكۈم ئىشلىرىدا تايانغان ھەدىسلىرى ۋە كۇفە، ئىراقلىق تابىئىن فىقھ ئالىملىرىنىڭ پەتىۋالىرى توپلانغان.
ئاپتۇر: خوتەن شەھەر ناۋاغ مەسچىت ھەيئىتى؛مەنبەسى : ئىزدىنىش تورى
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=46798#Inkas
收藏到:Del.icio.us