-
2012-04-14
ئىـمـام مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى - [مەشھۇر شەخىسلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/205597893.html
ئىـمـام مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى
ئىمامنىياز ئابدۇقادىر
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىمام مۇھەممەدنىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەرقەد ئەش-شەيبانىيدۇر. ئۇ ئىمامى ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ غوللۇق شاگرىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىپىدىكى بۈيۈك ئـۈچ ئـىمامنىڭ بـىـرىدۇر. شۇنداقلا ھـەنەفىي مەزھـىپنـىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئـومـۇملىشىشىـدا تۈرتكىلىك رول ئوينىـغـان مۇھىم زات بولۇپ، ئىسلام فىقھە (يەنى-ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى) ساھەسىدە ئىمام مۇھەممەد ۋە ئەبۇ يۈسۈفكە ئىمـامـەيىـن يەنى "ئىككى چوڭ پېشىۋا" دەپ نـام بېرىلگەن.
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ئىمام مۇھەممەدنىڭ دادىسى ھەسەن دىمەشىق شەھەر ئەتىراپىغا جايلاشقان ھۈدىستا دېگەن كەنتىدىن بولۇپ، ئۇمەييە خەلىپىلىكى دەۋرىنىڭ (مىلادىيە661-750) ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىراققا كۆچۈپ بارغان. ئىمام مۇھەممەد ھىجرىيە 132-مىلادىيە 749-يىللىرى ئىراقنىڭ ۋاسىت دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلـگـەن. كىـيىن دادىسى بىلەن بىرگە كۇفە شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى كـۇفـە شەھىرىدە ئۆتكەن. ئىمام مۇھەممەد كۇفە شەھىرىگە كـۆچـۈپ كەلـگـەن ۋاقـىـت بۇ جاينىڭ ئىلىم مەرىپىتى گۈللەنگەن، فىقھە، ھەدىس، تىل-ئەدەبىيات، گىرامماتىكا ئىلمى قاتارلىق بىلىملەر تەرەققى قىلغان دەۋرىگە توغـرا كىلىدۇ. ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئىلىـمدا شـۇ قەدەر يۈكسەكلىككە كۆتۈرلىشىدە ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىن باشــقـا، يەنە يـۇقاردا زىكىر قىلىنغان ئىلمى مۇھىتمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىمام مۇھەممەد كۆپلىگەن ئالىملاردىن دەرىس ئالغان. 14 ياش ۋاقتىدا ئىمام ئەزەم ئـەبـۇھەنىيفەنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ ھەنىيفە دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىيە 767-يىلى) فىقھە دەرىسىنى ئەبۇ يۈسۈفتە داۋاملاشتۇرغـان. ئـەبـۇھەنىيفە دۇنيادىن ئۆتكەندە ئىمام مۇھەممەد 18ياشتا بولۇپ، رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ ئەبۇھەنىفەنـىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. موللا ئەلى قارىينىڭ قارىشىچە ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئىمامى ئەزەم بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئېكەن. ئـىمـام مـۇھـەمـمـەد ئىلىم ئۆگۈنۈش ئۈچۈن نۇرغۇن جايلارغا سەپەر قىلغان ۋە بۇ جەرياندا كۆپـلىگـەن ئالىمـلار بـىلــەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئىلىم ئۆگەنگەن. ئۇ شامدا ئەۋزائى، مەككىدە سۈفيان ئىبنى ئۇيەينە، خۇراساندا ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالارنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشـىپ، ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بەسرە شەھىرىگە بېرىپ ئىلىم ئۆگەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلىك ئىلىم سەپىرى مەدىنەگە قىلغان سەپىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام مۇھەممەد مەدىنىدە ئۈچ يىل تۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئىمام مالىكتىن تەپسىر ،ھەدىس ۋە باشقا دىنى بىلىملەرنى ئۈگەنگەندىن باشقا، يەنە مۇۋەتتانى ئىمام مالىكنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى ئىلمى قاراشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈفتىن ھەدىس ئاڭلىغاندىن باشقا، يەنە كۇفە، بەسرە، مەككە ۋە شام قاتارلىق جايلاردىكى پىشقەدەم ئالىملاردىنمۇ ھەدىس ئاڭلىغان.
ئىمام مۇھەممەد مەدىنىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ ئاساسىدا رەي (ئەقلىيەتچىلەر) ئەھلىنىڭ ھۆكـۈم چىقىرىش مېتودى بىلەن ھەدىس ئەھلىنىڭ مېتودىنى بىرلەشتۈرگەن. ئىراققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىـڭ ئىلمـي ئىقتىـدارىنىـڭ يۇقىرىلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىلىم شەيدالىرى توپ-توپ بولۇپ، ئىراققا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ دەرسخانىسىدا نۇرغۇنلىغان ئالىملار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنـىڭ ئىچىدىكى ئـەڭ مەشھۇرى شافىئي مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام شافىئىيدۇر. ئىمام شافىئىي ئىمامى مۇھەممەدتىن كۆپلەپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ۋە بۇ ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان كىتاب يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىمامى مۇھەممەدنىڭ غوللۇق شاگرىتلېرىدىن ئەسەد ئىبنى فۇرات، ئەبۇ ھەفس ئەل-كەبىر، ھىشام ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل-رازىي، ئىسا ئىبنى ئەبان، ئىبنى سەما، ئىسمائىل ئىبنى قەزۋىنىي، مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەل-جۇزجانى، ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئبنى سالام ۋە يـەھـيـا ئىبنى ئەكسەم قاتارلىق ئالىملار بار.
مالىكىي فىقھەسىدە تۇنجى بولۇپ ئەسەر يازغان زات ئەسەد ئىبنى فۇرات ئالدىدا ئىمام مالىكتىن، كىيىن ئىمام مۇھەممـەدتىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئـۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ تەشەببۇسى بىلـەن شىمالى ئـافرېقـىغـا بېرىپ، شۇ يەردە ئىجتىھاد ۋە ئىلىم ئۈگۈتۈش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، مەغرىبتە ھەنەفى مەزھىپىنىڭ تارقىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن
ئىمام مۇھەممەد ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مەرد، راۋان سۆزلۈك، ئىنساپلىق، ئىلىم سۆيەر كىشى ئىدى. مۇزەنىيدىن ئىمام شافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان: "مـەن ئىمام مۇھەممەدكە ئوخشاش بەدىنى سېمىز ،لېكىن روھى يەڭگىل، تىلى پاساھەتلىك بۇنداق بىر كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشىدىن، قـۇرئـان كـەرىـم خۇددى ئۇنىڭ تىلىدىن چۈشكەندەك ھىس قىلپ قالاتتىم. ئۇ بىر ئىلىـم كـانـى ئىدى، مەن مۇنازىرىلەشكەن كىشىلەر ئىچىدىن مۇنازىرىدە قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىـغـان كىشى دەل ئىمام مۇھەممەد ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇنازىرېلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئىدى". يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە ئىمامى شافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيىت قىلىنغان: " ئىمامى مۇھەممەد ئۆز ئەقلىنىڭ لاياقېتىدە گەپ قىلسا ئىدى بىز ئەسلا چۈشۈنەلمىگەن بولاتتۇق، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە يارىشا سۆزلىگەچكە چۈشۈنىۋاتىمىز".
ئىمام مۇھەممەدنىڭ دادىسى ئىنتايىن باي بـۇلـۇپ، دادىسىدىن ئـۇنىڭـغـا ئوتتۇز مىڭ دىنار مېراس قالغان. بۇ مېراس ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم مەرىپەت بىلەن شوغۇللىنىشغا ھەمدە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىـشىـغـا شـارائـىـت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ، يوقسۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.
ئەسەد ئىبنى فۇرات مۇنداق بىر ۋەقەنى رىۋايەت قىلغان: «مـەن بىر كـۈنـى، ئىمـام مۇھەممەدنىڭ دەرىسخانىسىدا ئىدىم، مۇساپىرلارغا ھەقسىز سۇ تارقىتىدىـغـان كىشى (سۇ ئېلىۋېلىڭلار) دەپ توۋلىدى. مەن ئالدىراپ بېرىپ، بـىـر نـوگـاي سـۇ ئېلىپ ئىچكەندىن كېيىن، ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇشىمغا، ئىمام مۇھەممەد: "ھەقسىز سۇنى ئىچتىڭغۇ"دەپ سورىدى. مەن: "ھەئە، رەھمەت ئۇستازىم. مەن مۇسـاپـىـر" دەپ جاۋاپ بەردىم. دەرىس تۆگىگـەندىن كىيىن، ھـۇجىرامـغـا قايـتىپ ئـەمـدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشىمغا، بىرى ئىشىك چەكتـى، چىقـىپ ئىشىكنـى ئاچسام ئىمـام مۇھەممەدنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئۇ ئۇستازىم سىزگە سالام ئېيتتى، ئـۇ سىزنـىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىڭىزنى تېخى بۈگۈن بىلىپتۇ، ئۇ سىزنى قىيىنچىلىق تارتىپ قـالمىسۇن دەپ بۇنى ئەۋەتتى، دەپ ماڭا بىرخالتىنى بېرىپ قايتىپ كەتتى .كۆڭـلۈمـدە، بـۇ كۈمۈش پۇل (دەرھەم) بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ خوش بولغىنىمچە ھۇجىرامغا كـىرىپ خالتىنى ئېچىپ قارىسام خالتىدىكى سەكسەن دىنار (ئالتۇن پۇل) ئېكەن».
ئىمام مۇھەممەد تەقۋادار، سۈننەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ئۆزى تۇغرا دەپ قارىغان ئىشلاردا باشقىلارغا يۈز خاتىرە قىلمايدىغان كىشى ئىدى .
ئىمام مۇھەممەد بىلەن دەۋېرداش بىر كىشى مۇنداق رىۋايەت قـىلغان: « بىر كۈنى بىز ئىمام مۇھەممەد بىلەن بىرگە ئۇلتۇرغان ئېدۇق، خەلـىفە ھـارون رەشىـدە كېلىپ قالدى، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆرە-توپە بۇلۇشۇپ ئۇرۇنلىرىدىن تۇرغىنىچە قول باغلاپ تۇردى. پەقەت ئىمام مۇھەممەدلا ئورنىدىن مىدىر قىلماي ئولتۇردى. خەلىفە ھارون رەشىدە ئۇنىڭدىن: ئى مۇھەممەد، نېمە ئۈچۈن ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر بىلەن تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرمايسەن ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ئۆزلىرى مىنى ئىلىمگە مۇناسىپ كۆرگەن ئىدىلە، ئۆزۈمگە لايىق ئىلىم مەرتىۋىسىدىن خىزمەتچى مـەرتـىۋىسىگـە چۈشۈشنى مۇۋاپىق تاپمىدىم. چۈنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "ھەرقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قول باغلاپ تۇرۇشىنى تاما قىلسا، دەۋزەختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بۇلىدۇ" دېگەن (ئىمـام مۇھەممەد، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان) . دېۋىدى، خەلىفە ھارون رەشىدە ئۇنىڭغا توغرا ئېيتتىڭ دېگەن».
ئىمامى مۇھەممەدنىڭ ئابباسىي خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇقىم داۋاملاشمىغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئابباسى خەلىپىلىرىدىن ئەبۇ ئابباس ئەل-سەففاھ، مەنسۇر، مەھدىي بىللاھ، ھادىي ئىلەلھەق ۋە ھارۇن رەشىدلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋىرلىرىدە ياشىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەقەت ھارۇن رەشىد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىلا زىكىر قىلىنغان. ئىمامى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇنىڭغا خەلىپە ھارۇن رەشىد تەرىپىدىن قازىلىق مەنسىپى بېرىلگەن، لېكىن ئۇ بۇنى رەت قىلغان. نەتىجىدە خەلىپە تەرىپىدىن ئىككى ئاي زىندانغا تاشلانغان. كېيىن ئۇ قازىلىق مەنسىپىنى قۇبۇل قىلغان ۋە رەققە شەھىرىگە قازىلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇ 176/792- يىلى خەلىپىگە قارىشى كۈچلەردىن بولغان ئەلى تەرەپدارلىرىنى قوللىدى دېگەن گۇمان بىلەن قازىلىقتىن ئېلىپ تاشلانغان. قازىلىقتىن ئايرىلىپ 189/805-يىلىغىچە بولغان ئارېلىقتا باغدات شەھىرىدە تۇرغان ۋە بۇ مەزگىلدە خەلىپە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان. ھارۇن رەشىد ئۇنى خۇراسان قازىلىقىغا تەيىنلىگەن. لېكىن ئۇ بۇ قېتىم قازىلىق ماقامىدا ئۇزۇن ئولتۇرالمىغان ۋە شۇ يىلى رەي شەھرىدە ۋاپات بولغان. ھارۇن رەشىد بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ" بۈگۈن ئەرەپ تىلى ۋە فىقھ ئىلمى دەپنە قىلىندى" دېگەن.
ئىمام مۇھەممەد كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلۇپمۇ، ئۇنىڭ «جامئول كەبىـر» دېگـەن كىتابـىدا ئىسلام قـانـۇنشـۇناسلىـقىدىـكى مـۇھـىم مەسىلىلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. بـۇ كىتابى ھەقـقىدە "ئىسلامـدا تېخى مـۇنـداق بىر كىـتاب يېزىلىپ باققىنى يوق" دېگەن ئەڭ يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ئەس-سىيەر ئەل-كەبىر ناملىق كىتابى ئىسلامنـىڭ ئـۇرۇش ۋە تىنىچـلىـق ھەققىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسـىۋەت قـانـۇنىيەتلىرىنى ئـۆزئـىچىگـە ئالىـدۇ. بـۇكىتـاب مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلـەر، مۇشىرىكلارنىڭ مۇسۇلمـان بولۇشى، ئىسلام دۆلىتىگە كەلگەن ئەلچىلەر، ئۇلارنى قوغداش تەدبىرلـىرى، غەنىيمەتلەر (ئولجىلار)، كېلىشىم، قارار چىقىرىش، ئەھدى-توختاملار ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇرۇش جىنايەتلىرى قاتارلىق ئۇرۇش ۋە تىنىچلىـق ھەققىدىكى يۈزلەرچە مەسىلىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىـدۇ. خـەلىپـە ھارون رەشىدە بـۇ كىتابنى ئۆز زامانىسىنىڭ پەخرى ھىساپلىغان. بۇكىتاپقـا بـىـرنـەچچـە شـەرھـى يېزىلغان ،ئەڭ مۇھىم شەرھـلەرنىڭ بېرى سـەرخسىنىڭ يـازغـان شەرھىسىدۇر. ئىمام مۇھەممەدنى بۇ كىتابىغا ئاساسەن دۇنيادا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان تۈنجـى كىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
1645-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن گوللاندىيلىك ئالىم ھىبروس بوس غەرب دۇنياسىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قانۇنىنىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان. لېكىن، ئىمامىي مۇھەممەد بۇ ساھەدە تۇنجى بولۇپ كىتاپ يازغان شەخس بولۇپ، بـۇ نـۇقتىـدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلىقئارا مـۇنـاسىۋەتلـەر قـانـۇنىنىڭ ئاتـىسى دىـگـەن نـامـغـا ئىسلام قانۇنشۇناسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قانۇنى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ ئەسەر يازغان زات مۇھەممەد ئىبن ھەسـەن ئەششەيبانى تېخىمۇ لايىقتۇر.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارېشىچە ھەدىس قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ، ئىــككىنچـى ھۆكۈم مەنبەسى. ئۇنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرىنى ئۇ رىۋايەت قىـلغـان سۆزلەردىن، ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىدىن، زامانداشلىرىنىڭ باھالىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئىلىم مەنبەلىرىنى چۈشەندۈرگەن بىر سۆزىدە مۇنداق دېگەن : «ئىلىمنىڭ تۆت يولى بار. بىرىنچىسى، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم. ئىككىنچىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەشھۇر ھەدىسلىرى. ئۈچىنچىسى، ساھابىلار ئىجاد قىلغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغـا قىلىنغان قىياسلار. تۆتىنچىسى، فىقھەشۇناس مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ياخشى دەپ قارىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان قىياس» .يەنى ئىمامى مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە ئىلىمنىڭ مەنبەسى يۇقارقى تـۆت تـۈرنىڭ سىرتىغـا چىقىپ كـەتمـەيدۇ. ئـۇ ئىجتىھـاد شـەرتلىـرىنـى چۈشەندۈرگەن بۇ سۆزلىرىدە يۇقارىقى ئۇقۇملارنى تېخىمۇ ئىنىق قىلـىپ مـۇنـداق دىـگـەن: «قـۇرئان كـەرىمنى، رەسـۇلـۇللاھنىڭ ھـەدىسىنى ۋە سـاھـابىلـىرىنىـڭ قاراشلىرىنى، فىقھەشۇناس مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ياخشىسى "ئىستىھسان"دەپ قارىغان مەسىلىلىرىنى بىلگەن ئالىم ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلسا بۇلىدۇ».
ئىمام مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈملەردە تايانغان مەنبەلىرىنى يىغىنچاقلىساق تۆۋەندىكى مەنبەلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يەنى، قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شەرىئەت، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەت.
شەيىبانىنىڭ فىقھەدىكى ئورنى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مـەۋجـۇت بولۇپ، ئـىبنــى ئابىـدىن فىقىھشۇناسلارنى يـەتـتـە مـەرتـىـۋىگـە ئـايرىپ شەيىبانىنى ئىككىنـجى مەرتىۋىدە سانىغان. بۇنىڭـغا ئاساسلانـغـانـدا شـەيىبانى مـەزھـەب ئىچىدىـكـى مۇجتەھىد ھىساپلىنىدۇ. ئەمما، بۇ قاراش ئۇمۇميۈزلۈك قۇبۇل قىلنمىغان. چۈنكى شەيىبانى ئىمام ئەبۇھەنىفەنى ياكى باشقا بىرەر مۇجتـەھىـد ئـالـىمنـى پۈتۈنلەي تەقلىد قىلمىغان. بەلكى كۆز قاراشلىرىدا تامامەن مۇستەقىل بولـغانـلىقى ئـۈچـۈن ئـۇنـى مۇتلەق مۇجتەھىد دەيدىغان ئالىملار ناھايىتى كۆپ. (ئەبۇزەھرە ،ئـەبۇھـەنىپـە 653-657).
ئىمامى مۇھەممەد ئۆز ئەسەرلىرى ۋە شاگرىتلىرى ئارقىلىق ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ تارقىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان .شۇنداقلا ئىككىنچى ئەۋلاد فىقھشۇناسلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان. ئۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق فىقھە ساھەسىدىكى بىر قىسىم چوڭ ئالىملارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. نۇرغۇن فىقھشۇناسلار كىتابلىرىنى ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.
ئىمامى مۇھەممەد قازىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇقۇغان فىقىھ ئىلمىنى ئەمەلىيەتتە تەدبىقلاش ئىمكانىيتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئىراق ۋە ھىجاز ئېقىمىدىكى ئالىملارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن دەرس ئالغاچقا، بۇ ئىككى ئېقىم ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىنى بىر قەدەر ئازايتقان. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ فىقھ ساھەسىگە چوڭ ھەسسە قوشقان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق مەشھۇر سۆز بار: "فىقھەنى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد (32/652) تىكتى، ئەلقەمە (62/681) ئورىدى، ئىبراھىم نەخەئى (ۋاپاتى، 95/713) خامىنىنى ئالدى، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە تۈگمەندە تارتتى، ئەبۇ يۈسۈف خېمىرىنى يۇغۇردى، ئىمام مۇھەممەد خېمىرىنى پىشۇردى، كىشىلەر بۇنىڭدىن قورسىقىنى تويغۇزىۋاتىدۇ".
ئىمام مۇھەممەدنىڭ تىلى ئىنتايىن ئۆتكۈر، قەلىمى كۈچلۈك بۇلۇپ ،يـېزىقـچىلـىقـقا ماھىر ئىدى. ئۇ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھى مەسىلىلىرىنى توپلاپ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان كىشىدۇر. ئۇ پەقەت فىقھ ساھەسىدىلا ئەسەر يازمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن بولۇپ ،تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
1. " الأصل" (ئەل-ئەسل) بۇ كىتابى"المبسوط"(ئەل- مەبسۇت) دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر. ئىمام مۇھەممەد بۇ ئەسەرنى باغداتقا كۆچۈپ بېرىشتىن بۇرۇن ،كۇفەدىكى ۋاقتىدا يازغان. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان. رىۋايەتلەردە ئىمامىي شافىئىينىڭ بۇ كىتابنى يادلىغانلىقى ۋە ئەل-ئۇم (الأم) ناملىق كىتابىنى مەبسۇتنى دوراپ يازغانلىقى قەيىت قىلىنغان. رىۋايەتلەردە ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر دانىشمەننىڭ ئىمام مۇھەممەدنىڭ بۇ كىتابىنى مۇتالەئە قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە " سىلەرنىڭ كىچىك مۇھەممىدىڭلارنىڭ كىتابىي شۇنچىلىك ئېسىل بولغان يەردە، چوڭ مۇھەممەتنىڭ كىتابىغا ھەرگىز گەپ كەتمەيدىكەن" دېگەنلىكى زىكېر قىلىنغان. ئەسەردە ھالال-ھارام مەسىلىسى ھەققىدە نەچچە مىڭلىغان مەسىلىلەر سۆزلەنگەن. بۇ ئەسەر ئىمام مۇھەممەدنىڭ فىقىھ ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ھەجىملىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
2. "الجامع الصغير" (ئەل-جامىئۇس-سەغىير) ئىمام مۇھەممەد ئەل-مەبسۇت كىتابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتاپتا 1532 مەسىلە زىكرى قىلىنغان. ئاساسلىقى ئەبۇ ھەنىيفىدىن ئۆگەنگەن قاراشلار رىۋايەت شەكلىدە سۆزلەنگەن، ھەمدە بىر قىسىم جايلاردا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. مەسىلە ۋە قاراشلاردا دەلىلى زىكرى قىلىنماي يېزىلغان.
3. "الجامع الكبير" (ئەل-جامىئۇل كەبىير) جامىئۇس-سەغىيردىن كېيىن يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك فىقىھ كىتابى بولۇپ، ناھايىتى چوڭقۇر يېزىلغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر فىقىھ ساھەسىدىلا ئەمەس، ئەرەپ تىل ساھەسىدىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە. كىتابتا ئىمام مۇھەممەدنىڭ فىقھ ۋە ئەرەپ تىلىدىكى چوڭقۇر ماھارىتى نامايەن قىلغانغان. بۇ كىتاپقا نەچچە ئونلىغان ئالىم شەرھى يازغان بولۇپ، شەرھىلەرنىڭ بەزىسى نەشىر قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قول يازما كۈتۈپخانىلىرىدا ساقلانماقتا.
4. "الزيادات"(ئەز-زىيادات) ۋە "زيادة الزيادات" (زىيادەتۇز-زىيادات) ناملىق كىچىك ھەجىملىك بۇ ئىككى ئەسەر جامىئۇس-سەغىيردىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، جامىئۇس-سەغىيردا ئوتتۇرغا قۇيۇلمىغان بەزى مەسىلىلەر بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان.
5. "السير الصغير" (ئەس-سىيەرۇس -سەغىير) بۇ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇنغا ئالاقىدار كىتاب بولۇپ ئەل-مەبسۇت كىتابىنىڭ ئىچىدە زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن.
6. "السير الكبير"(ئەس-سىيەرۇل-كەبىير) بۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىردا يازغان كىتابى بولۇپ، كىتاب ئىسلامنـىڭ ئـۇرۇش ۋە تېنىچـلىـق ھەققىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسـىۋەت قـانـۇنىيەتلىرىنى ئـۆزئـىچىگـە ئالغان. بـۇكىتـاب مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلـەر، مۇشىرىكلارنىڭ مۇسۇلمـان بولۇشى، ئىسلام دۆلىتىگە كەلگەن ئەلچىلەر، ئۇلارنى قۇغداش تەدبىرلـىرى، غەنىيمەتلەر (ئولجىلار)، كېلىشىم، قارار چىقىرىش، ئەھدى توختاملار ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇرۇش جىنايەتلىرى قاتارلىق ئۇرۇش ۋە تىنىچلىـق ھەققىدىكى يۈزلەرچە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. خـەلىپـە ھارون رەشىد بـۇ كىتابنى ئۆز-زامانىسىنىڭ پەخرى ھىساپلىغان. ئىككى ئوغلى ئەمىن ۋە مەئمۇنغا بۇ كىتابنى ئاڭلاتقۇزغان. بۇكىتاپقـا بـىـرنـەچچـە شـەرھـى يېزىلغان بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى سـەرخسىنىڭ يـازغـان شەرھىسىدۇر. ئەسەرنىڭ بىر پارچىسىلا سەرخىسىنىڭ شەرھىسى ئىچىدە زامانىمىزغىچە يىتىپ كىلەلىگەن.
يۇقارقى ئالتە ئەسەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام فىقھەسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بۇ ئەسەر مەزمۇنلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن تەۋاتۇر-كۆپ سانلىق كىشىلەر كۈچلۈك-شەكلىدە رىۋايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن"زاھىرۇر رىۋايە" –يەنى رىۋايەتلىرى ئۇچۇق بولغان، رىۋايەتلىرىدە شەك يوق ئەسەرلەر دەپ ئاتالغان. بۇ ئالتە ئەسەر ھەنەفىي فىقھەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "الأصول" (ئەل-ئۇسۇل-يەنى، ھەنەفى مەزھىبىدىكى پىرېنسىپال مەسىلىلەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
7. "كتاب في المخارج والحيل" (فىل-مەخارىج، ۋەل-ھىيەل) بۇ كىتاپتا ئىمام مۇھەممەدنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە كۆپۈنچىسى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن نەقىل قىلىنغان مەزمۇنلار بولغاچقا، كىتابنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ دېگەن قاراشلامۇ مەۋجۇت ئەمما كۆپ قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىچە كىتاپ يەنىلا ئىمام مۇھەممەدكە تەۋەدۇر.
8. " الاكتساب في الرزق المستطاب" (ئەل-ئىكتىساب فى-رىقزىل مۇستەتاب) بۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ سودا-كەسىپ ھەققىدە يازغان كىتابى بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابنى كىشىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىشقا باشلىغان، ئەمما كىتابنى تاماملاشقا ئۆلگۈرمەي ۋاپات بولغان.
9. "موطأ الإمام مالك رواية محمد" (مۇۋەتتائۇ ئىمام مالىك رىۋايەتۇ مۇھەممەد) ناملىق ھەدىسلەر توپلىمى بولۇپ، كىتابتا ئومۇمى مىڭدىن ئارتۇق ھەدىس توپلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام مالىكتىن ئاڭلاپ توپلانغان ھەدىس بىر يۈز يەتمىش بەش.
10. "كتاب الآثار" (ئەل-ئاسار" بۇ كىتابتا ئىمام مۇھەممەد ئۇستازى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفىدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ۋەئۆزىنىڭ باشقا رىۋايەت ۋە قاراشلىرىنى توپلاپ يازغان.
11. "الحجة على أهل مدينة" (ئەل-ھۆججە ئەلا ئەھلى مەدىنە) ناملىق كىتاب بولۇپ، مەنبەلەردە كىتاب ئىسمى"الحجة في اختلاف أهل كوفة و أهل مدينة" (يەنى-كۇفە ۋە مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى) دەپمۇ ئېلىنماقتا. ئىمام مۇھەممەد مەدىنىدە ئۈچ يىل تۇرۇپ، ئىمام مالىك ۋە باشقا مەدىنىلىك ئالىملاردىن ھەدىس ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە، كۆپلەپ ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئۇ، بۇ كىتابىدا ئەنە شۇ مۇنازىرىلەرنى توپلىغان. كىتابتا ئىمام ئەزەم ۋە مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بايان قىلىنغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە (الرقيات, الكيسانيات, الجرجانيات, الهارونيات،-ئەر-رەقىييات، ئەل-كەيسانىييات، ئەل-جۇرجانىييات، ئەل-ھارۇنىييات) قاتارلىق "نەۋادىر" دەپ ئاتالغان ھەرخىل كىتابچىلىرى مەۋجۇتتۇر.
ئاللاھ بۇ ئالىمىمىزغا رەھمەت قىلسۇن!
ئاپتۇر: خۇتەن شەھىرى ناۋاغ مەسچىت ھەيئىتى؛مەنبەسى : ئىزدىنىش مۇنبىرى
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=46798#Inkas
收藏到:Del.icio.us