ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئەجدادلار

  مەھمۇد قەشقەرى
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-1-17

 

مەھمۇد قەشقەرى

 

 

 

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى ۋاستە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق① .بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ «ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇپ»② ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ ③ تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ”④ لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي - جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان ⑤ شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن⑥ . بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى⑦ . ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ⑧ .
    بىر تاسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا(9). ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يېزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركى ئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى «بۇغراخان» مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى(10) . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 –1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ .
    شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .
    ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى .
    شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھەممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”(12) .
    ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ(13) ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئەزالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ»(14) .
    تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ .
    ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت .
    ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر .
    ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز(15) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھۆكۈم سۈرگەن(16) .
    چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن(17) . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نۇقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1039 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ .
    تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىگىنىڭ تەكلىپى بىلەن UNESCO (united nations Educational scientific and cultural organization, ئۇيغۇرچىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت بىرلىگى) 2008- يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتتى. 2007- يىلىنى مەۋلانا يىلى ۋە 2009-يىلنى ھاجى بەكتاشى ۋە كاتىپ چەلەبى يىلى قىلىپ بېكىتتى.
    4
-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگە قەدەر، قىرغىزىستاننىڭ مەركىزى بىشكەك شەھىرىدىكى «ئاتا-تۈرك ئۇنۋېرىسىتىتى» دا، تۈركىيە تۈرك دۇنياسى مەركىزى ۋە قىرغىزىستان مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىغىدا ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل-ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى توغرىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر-قايسى ئەللىرىدىكى تەتقىقاتچىلار قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىندا تۈركىيىلىك ئالىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركىي تىللاردىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يىتۈك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى
» نىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل-ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئوتۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئەسەرنىڭ تۈركىي مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسى ۋە تەۋرەنمەس ئۇلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيىلىك ئالىملارنىڭ 2005-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر-قايسى رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش -تەتقىقات ئەھۋالى ۋە ئالىمنىڭ يۇرتى قەشقەر-ئوپالدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى سىن-ئالغۇ ئارقىلىق نەق مەيداندا كۆرسىتىلىپ ئۆتتى ۋە يىغىن ئەھلىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. ئۇندىن باشقا روسىيە، ئەرەب ئەللىرى ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا-ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى مەركىزىنىڭ 2008-يىلى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقتا بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھمۇد قەشقەرى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈركىيىلىك ئالىم ۋە تۇرك دۇنياسى تىللىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى شۈكۈر ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى 1072-يىللىرى يېزىشقا باشلىغان، ۋە بۇنى تاماملاشقا بەش يىل ۋاقىت كەتكەن دەيدۇ. شۇنداقلا ئالىم بۇ يىتۈك ئەسەرنى باشلاشتىن ئىلگىرى بارلىق تۈركىي قەۋىملەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ۋە شۇنداقلا 60 ياش ئەتىراپىدا ياشاپ، ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان دەيدۇ. شۈكۈر ئەپەندىم 2005-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدا 10 مىليون ئۇيغۇر ياشايدۇ دەپ قەيت قىلىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۆزى قەشقەر-ئوپالغا بارغاندا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە: «مەن تۈركىيىدىن كەلگەن -تۈرك، سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار- دەپ ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر پىيالە سۈت بېرىدۇ». شۇڭا شۈكۈر ئەپەندىم يىغىندا بىر نەچچە قېتىم قايتا-قايتىلاپ «مەھمۇد قەشقەرى دېمەك تۈرك دېمەك! تۈرك دېمەك-مەھمۇد قەشقەرى دېمەك» دەپ ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە سۆزلىدى. ۋە 2008 يىلى ئالىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە، يىغىن ئەھلىنى دەۋەت قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ خاتىرلەش تۈركىيىدە بولىدۇ.

    ھازىرقى مەھمۇد قەشقەرى توغرسىدىكى يېڭى تەتقىقات نۇقتىسىدىن، ئىلگىرىكى كىتاپلاردا دېيىلگەن يېشى ۋە تۇغۇلغان ۋاقىتىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

گوندۇراسنىڭ پايتەختىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 14 ئادەم ئۆلدى
چولپان مەستانىسى نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلار بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىملىرىنى توردا ئاشكارا قىلغان
پاكىستاننىڭ شەرقى قىسىمىدا پارتىلاش يۈز بىرىپ 32 ئادەم ئۆلدى
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا ئائىت خوش خەۋەر
بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا
(قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئۆز تالانتى بىلەن تۈزگەن) دېگەن سەپسەتىگە بىرىلگەن رەددىيە
كىتاپ سوۋغات قىلىش
نەسىرىدىن ئەپەندى تارىختا ئوتكەن شەخىس
ئابدۇللا تالىپ
ئىز رومانى ھەققىدە
سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى