Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شۈنجاڭ ېۇيغۇر تۈركلۈرۈ تارۈخ تورۈ ?新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイ? ,Uygur Türklere Tarih Websitesi ,الۆغوريە التاريخ الموقى
  • ېابدۇشۇكۇر مۇھەممەتېۈمۈن
  • 2012-05-17 03:05:49:يوللانغان ۋاقتۈ
  • كۆرۈشۈلۈشۈ491 :قۈتۈم
  •  

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتنىڭ مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمى مۇۋەپپەقىيەت ھەم بەدىئى ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چېلقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۇھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ،تۆھپىكار مائارىپچى ،
    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۇنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەتئىمىن ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخانىم ئىدى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بۇلغان ئابدۇشۇكۇرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ( شۇكىرىللا ) دەپ ئات قۇيۇلغان ،
    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىبراھىم ھاجىم 1910-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۇل بۇيدىكى قاراقول شەھىرگە چىقىپ دادىسى مەمتىمىن ھاجىمدىن قالغان خۇرۇم كارخانىسىنى باشقۇرغان ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ( ئۇكتەبىر ئىنقىلابى ) نىڭ ئالدى-كەينىدە قاراقول ، تاشكەنتلەر دە ئۇقۇغان ،ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئانىسى ھەمراخانىم ئاتۇش تۇركۇللۇك خۇجا قاسىم دېگەن باينىڭ يەتتىنجى پەرزەنتى ، شۇنداقلا بىردىن بىر قىزى ئىدى ، خۇجا قاسىمباي ئائىلىسى ئەينى يىللىرى ئەنجان شەھىرىدە ئۇلتۇراقلىشىپ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان . 1920-يىللىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر ھېيت ھارپىسىدا خۇجا قاسىمباي ئايالى ۋە باللىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرۇپ قىزى ھەمراخانغا ناس خالتىسىنى كۇتۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى ناس ساتقۇچىنىڭ ئۇيىدىن ناس ئەكىلىشكە بۇيرۇغان ، شۇ ئارىدا ئەنجان- قوقان قىشلاقلىرىدا پائالىيەت قىلىدىغان تۇرەجان باسمىچىلىرى خۇجا قاسىمباينىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ خۇجا قاسىمباينى ئايالى ۋە ئالتە ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئوققا تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن ،بۇ قانلىق پاجىئەدە پەقەت ناس سېتۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ھەمراخانلا ئامان قالغان ،،،،
    قاراقولدا تۇرۇپ بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئىبراھىم ھاجىم تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بۇلغاچقا قارا يىتىم بۇلۇپ قالغان بۇ يالغۇز قىزنى ئەنجاندىن قاراقولدىكى ئائىلىسىگە ياندۇرۇپ كېلىپ تەربىيلەپ ، ئوقۇتقان ، كېينچە ئوغلى مۇھەممەتئىمىن بىلەن بىرنەۋرە بۇلغان ھەمراخاننى بىر-بىرىگە چېتىپ قۇيغان ،
    مۇھەممەتئىمىن بىلەن ھەمراخان 1920-يىللىرى قاراقول ، تاشكەنتلەردە تۇرغان ، مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بۇجەرياندا بولشىۋىكىزمنىڭ تەسىرگە خېلى چۇڭقۇر ئۇچىرغان ، 1930-يىللىرنىڭ بېشىدا ئىبراھىم ھاجىم ئائىلىسى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن ، مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىم بىلەن ھەمراخانىممۇ بىرگە قايتىپ كەلگەن ، 1933-يىلى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغان . 1933-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1934-يىلىنىڭ باشلىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسى ، ھەربى كۇچلەرنىڭ قانلىق كۇرەشلىرى خۇجىنىياز ھاجى بىلەن سىتالىن ھۇكۇمىتىنى ۋاستە قىلىپ كېلىشىم تۇزۇشى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان ، نەتىجىدە 1934-يىلى يازدىن باشلاپ مەھمۇت شىجاڭ جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى گارنىزوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ، ليۇبىن باش قوماندانى سالاھيتى بىلەن قەشقەرگە قاراشلىق شەھەر ، ناھىيلەرنى باشقۇرۇشقا باشلىغان ،ئەنە شۇ چاغدا ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەرئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم خۇنجىراپ ئېغىزىدا تاموژنا باشلىقى بۇلغان ، مەلۇم سەۋەب تۇپەيلىدىن 1835-يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئايالى ھەمراخانىم ۋە ئىككى ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۇكۇرنى ئېلىپ ليۇبىننىڭ ياردىمىدە قارا ماشىنا بىلەن ئۇرۇمچى . ( ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى )دا سانايى نەپىسە خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ئىشلىگەن . ئۇزاق ئۇتمەي مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئۇلكىلىك مالىيە نازارىتىدە جۇبىڭ ، ( ماۋزېمىن ) نىڭ يېنىدا مۇپەتتىش بۇلۇپ ئىشلىگەن ، 1937-يىللىرى چۇچەك مالىيە ئىدارىسگە باشلىق بۇلۇپ تەيىنلەنگەن ، بۇ چاغدا ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى ھەمراخانىم بىلەن غۇلجا ، بۇينى كېسىك ، مەھەللىسىدە تاغىسى شاە ھاجىمنىڭكىدە بىر مەزگىل تۇرغان ، كېيىن چۇچەككە دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ پالتاخۇن (پالتابايېپ) نىڭ قورۇسىدا بىر يىلدەك تۇرغان ، 1939-يىلى دادىسىنىڭ خىزمىتى ئۇرۇمچىگە يۇتكەلگەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇرۇمچىگە كەلگەن . 1939-يىلنىڭ ئاخىرى (غەربى زال) دىكى يىغىنغا قاتناشقان دېگەن باھەنە بىلەن دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى شېڭ سىسەي تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۇرمىگە قامالغان ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئانىسى بىلەن دەسلەپ (خوتەن مەسچىتى ) ئۇدۇلىدىكى بىر قورۇدا ئۇلتۇرغان ، ئۇ دەسلەپ (خوتەن مەسچىتى )ئۇدۇلدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا، كېيىن ئاق مەسچىت قوروسىدىكى باشلانغۇچ سىنىپتا ، كېيىن بۇلاق بېشى مەھەللىسىدىكى ھازىرقى 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيسىگە ئىگە بولغان ، ئانىسى ھەمراخانىم بۇ قيىن كۇنلەردە تىككۇچىلىك قىلىپ ئائىلىنى قامدىغان ،
    1944-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم تۇيۇقسىز تۇرمىدىن چىققان ، ئۇزىنىڭ خاتا قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىدىغان بۇ كىشى شۇ كۇنىلا ئۇي بىساتىنى سېتىپ ، ىوتۇن-بالىسىنى ئېلىپ پەيزىۋاتقا تەۋە قوشئاۋاتلىق روزى ئاخۇن دېگەن ھارۋىكەشنىڭ ئۇستى كىگىز بىلەن يىپىلغان ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ كېچىلەپ قەشقەرگە قاراپ يۇلغا چىققان ،،
    بۇ قېتىمقى 95 كۇنلۇك سەپەر ، گۇدەك ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئۇچۇن ئېيىتقاندا ، ئۇز خەلقىنىڭ ھاياتى . تارىم ۋادىسىنىڭ چۇل ۋە بۇستانلىقلىرى بىلەن بىۋاستە تۇنۇشۇش پۇرسىتى بۇلغان . ئەينى چاغدىكى ، قەشقەر- ئۇرۇمچى يولى ھازىرقىدەك تاغ بۇيلاپ قۇپ-قۇرۇق چۇل-باياۋاندا ماڭىدىغان يول بۇلماستىن يۇرت-بوستانلىق ئارلاپ ماڭىدىغان ئاۋات يول ئىدى ، ئەنئەنىۋى ئادەت بۇيىچە يېقىن يۇرتلاردا نۇۋەت بۇيىچە ھەپتىنىڭ ھەركۇنى بازار بۇلىدىغان بۇلغاچقا ئۇلار ھەر كۇنى دېگۇدەك بازار كۇرۇپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى كۇزىتىپ ماڭغان ، بۇ سەپەر ۋە سەپەر تەسىراتلىرى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ كېيىنكى ھاياتىدا بىر قىممەتلىك بايلىق بۇلۇپ قالغان .
    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۇل قالغان چوڭ ئانىسى ئانارخان قەشقەر (جانقورغان) دىكى بىر قورۇدا تۇردىغان بۇلغاچقا . ئۇلار ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ شۇ يەرگە چۇشكەن ، شېڭ سىسەي بىلەن ۋۇجۇڭشىننىڭ ھوقۇق ئۇتكۇزۋىلىش پەيتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق تۇپەيلى راستتىنلا خاتا قۇيۇپ بېرىلگەن مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن كۇننىڭ ئەتىسى قۇلغا ئېلىنغان ، ئانىسى ھەمراخانىم ھېيىتكاە جامەسى يېنىدىكى ئىنايىتىللا ئەپەندى مەسئۇللىقىدىكى دورىخانىدا دورا ياساش خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشقان ، ھەمراخانىم 12-13 ياشلىق ئوغلى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننى ھېيىتكاە مەسچىتنىڭ مۇدەررىسى دوك قارىھاجىمنىڭ شاگىرتى ئابدۇرۇسۇل قارىغا دىني تەلىم ئېلىشقا بەرگەن،،،،،،،،،،

    1946-يىلى( ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتى) بىلەن گۇمىنداڭ ھۇكۇمىتى بىرلىكتە تۇزگەن ( 11 ماددىلىق بېتىم ) نىڭ روھىغا ئاساسەن نۇرغۇن كىشىلەر قاتارىدا ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسىمۇ تۇرمىدىن قۇىيۋېتىلگەن
    ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن دىني تەربىيەنى قسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن . 1950-يىلىغىچە نەزەر باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۇتتۇرا سىنىپىدا 4 يىل ئۇقۇغان ،
    1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ئېە ئۇقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيغا ۋەكىل بۇلۇپ قاتناشقان ، يىغىندىن كېيىن شىئەن ، بېيجىڭ ،تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېكۇسكۇرسىيەدە بۇلغان ، 1950-يىلنىڭ ئاخىرى ئۇرۇمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو-خمىيە فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1952-يىلى ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ، مەكتەبنىڭ ئۇزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان ، شۇ يىلى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىگە ئەزا بۇلغان ،
    مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ، ئۇسۇملۇكلەر فىزىئولوگىيسى ، ئۇسۇملۇكلەر پاتالوگىيسى، ھاشارەتشۇناسلىق ، قاتارلىق دەرسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بۇلغان ، يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا ، ماتېماتكا ، بىئولوگىيە ، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا ، ماركىسىزىم ئاساسلىرى ، ، پەلسەپە ، دەرسلىرىنى ئۇتكەن . بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەندى ، ئۇ دەرس مىقدارى بەك كۇپ ۋەزىپە ئېغىر بۇلغاچقا چارچاپ ئاغىرىپ قالغان ، شۇ سەۋەبتىن قەشقەرگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا داۋالانغىلى بېرىپ ئاتۇش بىلەن قېرغىزىستان چېگىرىسىدىكى گۇزەل تۇيۇن بايلىقىدا ئۇچ ئاي ئارام ئالغان ، بۇ جەرياندا ئالتۇن ئىسىملىك شۇخ بىر قىرغىز قىزى ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان ، مۇشۇ تەسىر ئاساسىدا كېيىن ( ئالتۇنقىز) ناملىق ھېكايىسىنى يازغان ،،
    1953-يىلى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن شىئەندىكى غەربى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماركىسىزىم ئاسپىرانتوريسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل چامسىدا بىلىم ئاشۇرغان، ئاسپىرانتوريىنى پۇتتۇرۇپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماركىسىزىم كافىىدراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۇتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۇزۇپ چىققان ، بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان ( شىنجاڭ ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى ) ئۇيغۇرچە نەشرى نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قۇشۇمچە ئۇستىگە ئالغان، ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمى باشلانغان ، ئىككى تىلدا يازغان ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ XI ئەسىردىكى ئىككى بۇيۇك ئالىمى ناملىق ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمى ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئىلان قىلىنغان ،
    بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ( قوتادغۇبىلىك ) ۋە ( تۇركي تىللار دىۋانى) تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمى تەتقىقات ئىدى ، ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20-يىل ، ئوڭچى ،قالپىقى كىيگەن ،. 1975-يىلى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئائىت ، شىنجاڭدا 1944--1949-يىللاردىكى خەلىق ئىنقىلابى ،، دېگەن كىتابىنى يېزىپ تاماملىغان ، مىجىت قاسىم ،مۇزاپپەر ئەزىزلەر بىلەن بىرلىشىپ يازغان ، ئەمما ، شۇ يىللىرى جۇڭگۇ مىقياسىدا ئېلىپ بىرىلغان ، ئىستىل تۇزىتىش ھەركىتى ، نىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ئەمگەك مېۋىلىرى نەشىر قىلىنمىغان ،
    بۇ ھەركەت باشلىنىش بىلەن تەڭ ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن . يېزا تۇرمۇشىنى كۇرمىگەن ياش ماركىسىزىمچى ، دېگەن باھانە بىلەن باشلانغۇچ كوپىراتىپلارنى ئالى كوپىراتىپقا تەرەققى قىلدۇرۇشقا ساپەرۋەر قىلىنغان كادىرلار تۇركۇمىدە مارالبېشى ناھىيسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدىكى شاكالئاۋات كەنتىگە ئەۋەتىلىپ مەسئۇل كادىر بۇلۇپ ئىشلىگەن ، يېرىم يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇرۇمچىگە چاقىرتىلغان ھەم، ئۇڭغا مايىل ، دەپ قارىلىپ كۇرەش قىلىنغان، ، سول ،چىللىق كېسىلىگە ناھايىتى ئاسان گىرىپتار بۇلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن زۇيانكەشلىك قىلغان ، ھەتتا ئۇنىڭ پوتېرېتىنى مۇھەببەتلىشۋاتقان قىزى، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى سەنئەت پاكۇلتېتىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى رەنا مەخسۇتنىڭ پۇرتېرتى بىلەن قۇشۇپ ھەجۋى رەسىملىرىنى سىزىپ مەكتەپ تاملىرىغا چاپلاتقۇزغان،
    ھەقىقەتەنمۇ ئەينى يىللاردا كېڭەيتىۋېتىلگەن سىياسى ھەركەت غايەت ئېغىر ئىجتىمائى بوھران پەيدا قىلغان ،دەسلەپتىكى سىياسى ئاكتىپلىك بارغانسېرى ئۇمۇمى جەمىيەت ئەسەبىيلىكىگە ئايلىنىپ كەتكەن ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن سابىق سەۋېت ئىتىپاقىغا 1950-يىللىرنىڭ ئۇتتۇرلىرى كۇچۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ 1958-يىلى -ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى ئۇرۇمچىگە كەلگەن ، لېكىن ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن، بۇ كۇنلەر تېزلا ئۇتۇپ كېتىدۇ ، دەپ ئاتا-ئانىسنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان ، ئاتا-ئانىسى ئىلاجىسىز قايتىپ كەلگەن،
    1959-يىلى ئۇنىڭغا ، ئوڭچى .. قالپىقى كەيگۇزۇلۇپ ، پارتىدىن ۋە خىزمەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن ، پۇتكۇل جۇڭگۇ جەمىيىتى ئاچارچىلىق قەھەتچىلىكى قىيامىتىدە قىينىلۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئۇ ئىككى يېرىم يىلنى ئۇرۇمچىنىڭ دېھقانچىلىق ،مەيدانلىردا، سانجىنىڭ يۇقىرسىدىكى غەربى گۇبى چۇللىكىدە ۋە ئەمگەك ، جاپا-مۇشەققەت، دەرت-ئەلەم ۋە ئاچ-زارلىق ئىچىدە ئۇتكۇزگەن ، شۇنداق مۇشەققەتلىك كۇنلەردىمۇ ئۇ روس تىلى ئۇگىنىىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان، بۇ ئېغىر كۇنلەردە ئۇنىڭغا ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا تۇنۇشقان دۇستى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم كۇپ يار-يۇلەك بۇلغان . ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئاتا-ئانىسى 1930-يىللاردا ئۇرۇمچىدىكى ، سانايى نەپىسە،،دە بىللە ئىشلىگەندى ، 1961-يىلى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ، 1962-يىلى ئانىسى ھەمراخانىم ئۇنى ئالغىلى بىشەك( ئەينى چاغدىكى فرونزى دېيلەتتى) تىن ئۇرۇمچىگە كەلگەن ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن شۇ چاغدىلا دادىسىنىڭ 1961-يىلى 11-ئايدا ئالەمدىن ئۇتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ،
    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن تارىخ ھاسىراپ-ھۇمۇدەپ ئېغىر تىنۋاتقان ، ئىجتىمائى ئەنسىزلىك. سىياسى سولچىللىق شەخسىنىڭ قىممىتى ئەرزىمەس نەرسىگە ، كىشىلەر تەقدىرىنى ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇيۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن ،ئۇزۇنىڭ ئىنسانى تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ .، كۇسەن قىزى ، رەنا مەخسۇت بىلەن تۇي قىلىش مەقسىتىدە ئۇرۇمچىدە قىلىشنى قارار قىلغان، ئانىسى ئىلاجىسىز 1962-يىلى 4-ئايدا بۇ، ئەنسىز يىللاردىكى ، ئاشىق-مەشۇقلار ، نىڭ توينى قىلىپ قۇيۇپ ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ ، بىشكەككە قايتىپ كەتكەن ھەم ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلغان ،

    مەنبە ؛ ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى

    ېالۈمنۈڭ ھەسرۈتۈ ۋە دەۋرنۈڭ كۇلپۈتۈ
    (ېوبزۇرچە ماقالە)

    (مەرھۇم ېالۈمۈمۈز ېابدۇشۇكۇر مۇھەممەتېۈمۈنغا بېغۈشلايمەن)
    ېەسسالامۇ ېەلەيكۇم ھۆرمەتلۈك كۈتاپخان!،مەرھۇم ېالۈم،ېابدۇشۇكۇر ېەپەندۈگە بېغۈشلانغان ېۇشبۇ رېسالەمنۈ يېزۈشتۈن بۇرۇن سەل ېۈككلۈنۈپ قالدۈم.چۇنكۈ بۇ ناھايتۈ چوڭ تېما ېۈدۈ.ېۇنۈڭ ېۈستۈگە ھەر-ھەر يازغۇچۈ، ېوبزۇرچۈلار چۈش بۈلەپ تۇرغان يەردە مەندەك تېخۈ بۇرتۈ خەت تارتمۈغان، قانات- قۇيرۇقۈ ېەمدۈلا كۆكلەۋاتقان سويمۈغا چوڭ سۆزلەشنۈ كۈم قويۇپتۇ؟ ېەمما كونۈلار:<خورازمۇ ېۆز بۈلگۈنۈنۈ چۈللايدۇ.>دۈگەنغۇ! ېابدۇرېھۈم دۆلەت:< ېەسەر يېزۈش يالغۇز يازغۇچۈ-شاېۈرلارنۈڭ ېۈشۈ ېەمەس. سەندە پەقەت نورمال گۈراماتۈكۈلۈق جۇملۈلەرنۈ تۇزۇش ېۈقتۈدارۈ ۋە ېاز- تولا قابۈلۈيەت بولسلا قولۇڭغا قەلەم ېېلۈۈپ يازساڭ بولۈۋېرۈدۇ>دۈگەنۈكەن. شۇڭا يازۈۋېرەي ھە! لۈكۈن مېنۈ تۈللاپ كەتمەسلۈكۈڭلار ېۇچۇن قايتا دەپ قوياي، مەن بۇ كەسۈپنۈڭ ېەھلۈ ېەمەس. ېاڭلۈدۈڭلارمۇ؟؟؟؟!!
    مەن بۇ يەردە ېالۈمنۈڭ تەپسۈلۈ تەرجۈمۈھالۈنۈ سۆزلەپ يۇرمەيمەن. ېەگەر ېابدۇشۇكۇر مۇھەممەتېۈمۈن دۈگەن ېۈسۈمنۈ زادۈلا ېاڭلاپ باقماپتۇق..ياكۈ ېۇ كۈشنۈ پەقەتلا بۈلمەيمۈز دەيدۈغان ېۇيغۇرلار بولسا بۇ ماقالۈنۈ ېوقۇپ يۇرمەي،،دەرھال تور ېويۇنچۇقلۈرۈنۈ ېويناپ كۆڭۇل ېاچساڭلارمۇ بولۈۋېرۈدۇ.. شۇنداق بۈزنۈڭ بۇ گۈگانۈتې ېالۈمۈمۈزدۈن ېايرۈلغۈنۈمۈزغا مانا13يۈل بولۇپ قاپتۇ.(ېاللاھ ېۇنۈڭ ياتقان يېرۈنۈ جەننەت قۈلغاي!)13يۈل بۈر قارۈماققا كۈچۈككۈنا ساندەك بۈر قارۈسا ېۇزاق ۋاقۈتتەك تۇيغۇ بېرۈدۇ. خوش،ېەمۈسە بۈز بۇ 13يۈلۈدا ېۇ ھەقتە قانچۈلۈك تەتقۈقات ېېلۈپ باردۇق؟ ېۇ ۋە ېۇنۈڭ ېېيتقانلۈرۈ توغرۈسۈدا قانچۈلۈك ېويلاندۇقكۈن؟ خۇددۈي ېۆزۈمۈزنۈڭ ېادەتتۈكۈ تۇغۇلغان كۇنۈنۈ خاتۈرلۈگەندەك ېانچە-مۇنچە ېەسلەشتۈن بۆلەك يەنە نېمە ېۈش قۈلدۇقكۈن؟ بۇنۈ ېۈستاتۈسكاچۈ دوستلار بۈر چەتتە قاراپ تۇرمۈغان بولسۈلا بۈلگۈلۈ بولاتتۈ.
    شۇنداق دەپ ېېيتۈشقا بولۈدۈكۈ، ېابدۇشۇكۇر مۇھەممەتېۈېمن ېەپەندۈ گويا تارۈم ېويمانلۈقۈغا كۆمۇلۇپ ياتقان سۈرلۈق شەخس. ېۇ تېخۈ ېېچۈلمۈغان، يېشۈلمۈگەن مەدەنۈيەت. ياكۈ ېۇ چوڭقۇر دېڭۈز ېاستۈۈدۈكۈ بۈز قەدەم باسمۈغان قەلېەگە ېوخشايدۇ. بۈزدە بۇ جەھەتتۈكۈ كارامەت ېارخولوگۈلارنۈڭ ېازلۈقۈ مانا بۇگۇنكۈ كۈندە ېۇنۈڭ قۈممتۈنۈ تېخۈمۇ يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.. شۇنداق ېۇنۈ بايقاش ياكۈ ېۇنۈ رەسۈمي تەتقۈق قۈلۈشۈ(پەقەت شەخۈس سۇپتۈدۈلا ېەمەس، بۈر مەدەنۈيەت ھادۈسسۈ سۇپۈتۈدە)،ېالۈمنۈڭ بۈزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بېباھا مۈراسۈلۈرۈنۈ بۈر پۇتۇن تەتقۈقات تۇرۈ قۈلۈپ بېكۈتۈپ، رەسمۈي ېۈشلەش،ېۈزدۈنۈش تولۈمۇ ېۇلۇغ، شەرەپلۈك شۇنداقلا تەخۈرسۈز زۆرۇرۈيەت ېۈدۈ. بۇ بۈزنۈڭ تارۈم دەرياسۈنۈڭ بۇلغۈنۈشۈنۈ تۈزگۈنلەشكە كۆڭۇل بۆلۇشۈمۈزدۈن ياكۈ يەر ېاستۈدۈكۈ نېغۈتۈنۈ قۈدۈرۈپ چۈقۈشۈمۈزدۈنمۇ مۇھۈم خۈزمەت ېۈدۈ. ېەرەبلەر:<بۈر كاتتا ېالۈمنۈڭ ۋاپات بولۇشۈ، بۈر چوڭ كۇتۇپخانۈنۈڭ كۆيدۇرۇلگەنلۈكۈگە باراۋار.>دېسە،ېامۈرۈكۈلۈق قايسۈ بۈر يازغۇچۈ:<ېامۈرۈكۈلۈقلار ېۇچۇن ېېيتقاندا، سوقراتۈنۈڭ روھۈي ېامۈرۈكا قوشما شۈتاتلۈرۈدۈنمۇ مۇھۈم.>دۈگەنۈكەن. جۇڭگۇلۇق تارۈخچۈ، سۈماچۈيەن،:<بەزۈلەرنۈڭ ېۆلۇمۈي ھاڭگۈرۈت پېيۈدۈنمۇ قەدرۈسز بولسا، بەزۈلەرنۈڭ ېۆلۇمي تۈيانشان تېغۈدۈنمۇ ېۇلۇغ.>دەپتۇ. مېنۈڭچە شۇ قەدەر ېۇلۇغ ېالۈمۈزنۈڭ ېۆلۇمۈ بۈز ېۇچۇن چومۇلاڭما چوققۈسۈدۈنمۇ قۈممەتلۈك بولسا كېرەك.
    ېۇ ېۆزۈنۈڭ <يۈپەك يولۈدا قايتا ېويلۈنۈش>،< يۈپەك يولۈدا توققۇز ھۈكۈمەت>< ېۇيغۇرلاردا ېۈسلام مەدەنۈيتۈ.><ېەل فارابۈ ۋە ېۇنۈڭ پەلسەپە سېستۈمۈس><ېۇيغۇر پەلسەپ تارۈخۈ.><ېومۇمۈي ېۈستۈتكۈا>قاتارلۈق بۈر قاتار ېەسەلۈرۈ بۈلەن خۇددۈي پۇتكۇل جاھاننۈ يورۇتقان قۇياش كەبۈي ېۆزۈنۈ ېۇنتۇشقا قاراپ يۇزلەنگەن، ياكۈ قايتا ېويلۈنشۈقا تېخۈ ېۈلگۇرمۈگەن خەلقۈمۈزنۈڭ روھۈي دۇنياسۈنۈ يۇرۇتقان ېۈدۈ. ېۇزاق يۈللار ېۈلۈگۈرۈكۈ ېەجدادۈلۈرۈمۈزنۈڭ سەلتەنەتلۈك تارۈخۈنۈ، روھۈي دۇنياسۈنۈ جانلۈق سۈرەتلەش بۈلەن بۈللە يېڭۈ زاماندا چەتېەل مەدەنۈيتۈنۈڭ ېېغۈر تەسۈرۈگە ېۇچۈرۈغان مۈللۈتۈمۈز روھۈيتۈمۈزدۈكۈ ېۈللەتلەرنۈ باتۇرلۇق ۋە چەكسۈز كۆيۇنۈش ېۈلكۈدە كۆرستۈپ بەرگەنۈدۈ. شۇنداق ېۇنۈڭ بۈزگە تەقۈدۈم ېەتكۈنۈ كۆپ ېۈرشۈكۈنۈ ېاز بولدۈ.. ېۈرشتۈ دېيۈلسە، پەقەت قەلبۈنۈ چۇشەنمۈگەن ېاز بۈر قۈسۈم كۈشلەرنۈڭ ېېغۋاگەرچۈلۈكۈ ياكۈ زۈيانكەشلۈكۈ بولدۈ.. بۈر ېادەمنۈڭ جاپالۈق ېوقۇتقۇچۈلۈق خۈزمتۈدۈن باشقا شۇ قەدەر مۇشكۇل ېۈشلارنۈ قۈلمۈقۈ ېاسانمۇ ھە؟؟!! لۈكۈن ېۇ بۇلارنۈڭ ھەممۈسنۈ خوشاللۈق بۈلەن قوبۇل قۈلدۈ.ھەتتا زاماننۈڭ تەتۇر قۇيۇنلۈرۈ ېۇنۈڭغا قارشۈ سوققان ، ېۇنۈڭ ېالغا ېۈلگۈرلەش يولۈنۈ تالاي قېتۈم تۈكەندەك توسقان بولسۈمۇ، ېۇ خۇددي دانكو ېۆز يۇركۈنۈ سۇغۇرۇپ ېېلۈپ قاراڭغۇ ېورمانلۈقتۈن تېنەپ قالغان خەلۈقنۈ باشلاپ چۈقۈپ كەتكەندەك ېۆز مۈللۈتۈ ېۇچۇن بارلۈقۈنۈ تەقدۈم ېەتكەن ، تالاي داۋانلاردۈن ېاشقان ېۈدۈلەر.. گۈيۇتۈ:<باتۇرلۇق تۇگۈسە ھەممە تۇگەيدۇ.>دەيدۇ.ېالۈم ېۆز ېۈرادۈسۈ، كۆزلۈگەن نۈشانۈسۈدۈن قەتېۈي تەۋرەنمۈگەچكە،<مەدەنۈيەت زور ېېنقۈلابۈي>،<ېۈستۈل تۇزۈتۈش ھەرۈكۈتۈ>دۈگەنگە ېوخشاش سولچۈل خاتا سۈياسەتلەر يولغا قۇيۇلغان بوران-چاپقۇنلۇق،كۈلپەتۈلۈك يۈللاردۈمۇ ېۆز تەتقۈقاتۈنۈ ېۈزدۈنۈشنۈ داۋاملاشتۇردۈ. نۇرغۇن زۈيالۈلار دەرد- ھەسۈرەت ېۈچۈدە ېۆزۈنۈ ېۆلتۇرۋېلۈشقا مەجبۇر بولغاندۈمۇ ېۇ يەنۈلا كۈلۇپ تۇرۇپ ياشۈدۈ، چۈرايدۈن تەبەسسۇم ېۆچمۈدۈ.....ېۇنۈڭ ۋاپادار ېايالۈ رەنا قاسۈم خانۈممۇ ېۇنۈڭغا كۈچلۇك مەدەت ياردەمدە بولغان ېۈدۈ. ېۇ ېۆز ېەسەرلۈرۈدە مۇشۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دۈگەن ېۈدۈ،<مېنۈڭچە تۇرمۇش ېۈككۈ خۈل بولۈدۇ. بۈرۈ راھەت-پاراغەتلۈك چۇشەكەش، يەنە بۈرۈ جاپالۈق كۇرەش. پەقەت جاپالۈق كۈرەشلا ھەقۈقي تۇرمۇش ېۇ تۇرمۇشنۈ يېڭۈلايدۈغان تۇرمۇشتۈن ېۈبارەت.>

  • كۈيۈنكۈسۈ : نەۋاېۈ ېۈجادۈيتۈنۈڭ ېۈدۈيۈۋۈ مەنبۈېۈ ھەققۈدە قۈسقۈچە مۇلاھۈزە
  • ېالدۈنقۈسۈ : مەھمۇد قەشقۈرۈ
  •  

        ېۈسمۈڭۈز      :     ېېلخەت      :  
    • ېۈنكاس مەزمۇنۈ:
    • جەمېۈ ېۇچۇر:0
    • 1/1
    • باش بەت
    • ېالدۈنقۈ بەت
    • 1
    • كۈيۈنكۈ بەت
    • ېاخۈرقۈ بەت

     

    ېەجداد تارۈخ تورۈ بۈلەن ھەمكارلۈق ېورناتقان بۈكەتلەر

    بۈكەتنۈڭ بارلۈق ھوقۇقۈ ?a href="">ېەجداد تارۈخ تورۈ?غا مەنسۇپ،قالايمۈقان كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ! كۆچۈرۈشتۈن كۈلۈپ چۈققان ېاقۈۋەتكە ېۆزۈ مەسېۇل بولۈدۇ.

    TEL:-----QQ:669219764-----E-mail:yarkn@126-----备案?新ICP备11003746号-1