قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئىندومېتاتسىن تاللىنىلمايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-21
ئاۋاتلىقى: 1365 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئىندومېتاتسىن تاللىنىلمايدۇ؟
ئىندومېتاتسىننىڭ (消炎痛) كۆرۈنەرلىك ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە قىزىتما ياندۇرۇش رولى بار، %50~%30 بىمارلاردا نورمال داۋالاش مىقدارىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن، كۆڭۈل ئىلىشىش، قورساق ئاغرىش، يۇقىرىقى ھەزىم يولىدا يارا پەيدا بولۇش، ھەتتا ئاشقازان تېشىلىش، ئاشقازان قاناش، ئىچ سۈرۈش، بېشى قېيىش، بەزىدە روھىي جەھەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. يەنە قان دانچىلىرى، قان پىلاستىنكىلرى ئازىيىپ كېتىدۇ، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشلىق قان ئازلىق ۋە زىيادە سېزىمچان رېئاكسىيە قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. %20 بىمارلار دورىنىڭ ناچار تەسىرى تۈپەيلى دورىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەزكۇر دورىنى ئالدىن تاللاش مۇۋاپىق ئەمەس. رېتسېپسىز دورىدىن پەقەت ئۇنىڭ شامچە دورىسى بىلەن سۈرتىدىغان دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.