• ياۋا كەپتەر - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]

     

    ئاپتۇرى : نۇرمەمەت ياسىن ئۆركىشى    


                                                                                       
    يەنە ئاشۇ كۆپكۈك ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگۈدەكمەن. ئوڭۇممۇ- چۈشۈممۇ ياكى ھەر ئىككىلىسى ئەمەسمۇ بىلمىدىم. قانىتىم ئاستىدا غۇر-غۇر شامال ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. مەن ھازىر ناھايىتى روھلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ۋۇجۇدۇمدا كۈچ-قۇۋۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. زەڭگەررەڭ ئاسمان، پارلاق قوياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بىپايان دۇنيا. بۇ نەقەدەر گۈزەل مەنزىرە-ھە؟ مەن تېخىمۇ روھلىنىپ يەنىمۇ ئېگىز ئۆرلىدىم. كۆز ئالدىمدىكى بۆلجۈرگەنزار غايىب بولدى. ئەمدى ماڭا دۇنيا تېخىمۇ..
    كەڭرى يېيىلىپ كۆز ئالدىمدا بىر يېشىل داستىخاندەك ئوچۇق نامايەن بولدى. بۇ ئىلگىرى مەن كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرە، مەن كۆرۈپ باقمىغان جايلارئىدى. لېكىن، مەن ئۇ يەرگە ئۆز ماكانىمدەك مۇامىلە قىلدىم. ھەممە يەر ئوخشاشلا گۈزەل كۆرۈنەتتى.
    تۇيۇقسىز ئالدىمدا مەھەللىلەر، ئۆيلەر كۆرۈندى. پەستە ئۇششاق نەرسىلەر قىمىرلاپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ ئانام سۆزلەپ بىرىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، ئۇلار ماڭا ئانچە خەتەرلىك ئەمەستەك كۆرۈندى. ...





    评论

  • ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن بىرسىمو قويولمىدى، قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن .مەن بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتىم.