
-
دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]
دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى
تۈركىيىدىكى نوقتىلىق دۆلەت ئۇنۋېرسىتى بولغان ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنۋېرسىتى قاتارلىقلار نوقتىلىق دۆلەت ئۇنۋېرسىتلىرىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن تۈركىيىگە كەلدى ۋە ئىككى ھەپتىگە يېقىن بۇ يەردىكى ئۇنۋېرسىتلاردا ئوپتىك ئىلمى، كائىنات بىلىملىرى ۋە NASA غا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە تېمىدا نۇتۇق بېرىدۇ. ئىستنابۇلغا ئاخشام كەچ سائەتلەردە يېتىپ كەلگەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە خانىمى ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ھاياجان ۋە سۆيۈنۈش ئىچىدە كۈتىۋىلىندى، ۋە خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىدە بولىدىغان بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئوقۇش ۋە ھايات توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
تۈركىيىدە تەبىئىي پەن ساھەسىدە تۈنجى قىتىم ئەركىن سىدىققا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە نۇتۇق بېرىشى، بۇ يەردىكى تۈرك قىرىنداشلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۈيۈك ئىلھام بىر ئىلھام بولغۇسى.