• قوللىرىغا پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەشۇ چېگىردىن ئۆتىدىغان مىنۇتلارنى تەققەزالىق بىلەن كۈتۈپ جىددىلىشىپ

    يۈرگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە،ئۇلارغا تەسەللى بەرگۈڭىز،سەپىرىگە ئاق يول تىلىگىڭىز كېلىدىغاندۇ؟ئەشۇنداق گۈزەل پۇرسەتكە سىزنىڭمۇ ئېرىشكىڭىز كېلىدىغاندۇ؟!
    1990-يىلى 23-مارت. بېيجىڭدىن ئۇچقان سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئايرۇپىلانى شۇ كۈنى مۇسكىۋا ئايرودرومىغا چۈشۈپ،تاموژنىدىن ئۆتۈپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن،مۇسكۋا كېچىسنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىدىن تۇنجى نەپەس ئالغاندا، كاللامدا چاقماق تضزلصكصدة «يالت» قىلىپ ئۆتكەن بىچارىلىق، تەنھالىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى مېنى ئىختىيارسىز ھالدا بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقتا قالغان ئاشۇ ئانا ۋەتەن تەرەپكە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىشقا ھەمدە «ۋەتەن» دىن ئىبارەت مۇقەددەس ئاتالغۇ ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. ئون قېتىملاپ دۆلەت چېگىرسىدىن كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش پىسخىكىسى مەن ئۈچۈن خېلىلا كونىراپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەشۇ بىچارىلىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى ھەر قاچان، ھەر مىنۇت مەندىن ئايرىلماي كەلدى.

     

     

  • ھازىر يۈ ننەن ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ ، كۈ نمىڭدا 500 ئەتراپىدا، رۇيلىدا (جۇڭگو - بېرما چېگرىسىدىكى بىر كىچىك شەھەر)3000 ئەتراپىدا،يەنە باشقا جايلاردا مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تارقاقلاشقانىكەن.بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۈرۈمچى ، قەشقەر (مارالبېشى ناھىيىسىدىن كۆپرەك)،غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ ،ھەممىسى "تىجارەت" بىلەن شوغۇللىنىدىكەن . نىمە تىجارەت دەپ سورىشىڭىز مومكىن ، گەپنى ئاۋال يۈ ننەن ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىدىن باشلاپ تونۇشتۇرىمەن .

  • ...دۇنيا سىياسىيسىدا مۇنداق بىر گەپ بار «دۆلەتلەر ئارا مەڭگۈلۈك دوسلۇق ۋە مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.» .دىمەك ھەر قايسى دۆلەتلەر دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بەزىدە دۈشمەن بىلەن ئىتىپاقلاشسا يەنە بەزىدە ئۆز دوستىنى سېتىۋېتىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇلارنى شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بەلگىلەيدۇ.بۇنىڭغا قانداقتۇ دۆلەت باشلىقى ياكى ئايرىم بىر شەخس سەۋەپچى بولمايدۇ،بەلكى دۆلەتنىڭ دۇچ كەلگەن تەغدىرى سەۋەپچى بولىدۇ.كۆپ قىسىم ھاللاردا ماددى مەنپەئەت دۆلەتلەر ئارا بۇ رولنى ئالىدۇ،  ھەتتا ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى دۆلەتلەر مەنپەئەت ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۇلۇغۋار نەزىريەلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىدۇ . بۇنداق ھەركەتلەرنى سىياسى شوئارنىڭ ئېمىزگىسىنى كۆپرەك ئېمىپ كەتكەن ئاۋام بىچارە سىياسىغا يۈكلەپ قويۇشقا ئامراق.

     

  •  

    ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ – ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﺮﺍﺕ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺸﺘﻪﻙ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .

  •  

    ۋەتەنداشلىرىم:
    بۇگۇن مەن بۇ يەردە ئالدىمىزدىكى ۋەزپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان، سىلەر بەرگەن ئشەنچتىن مەمنۇن بولۇۋاتقان، ئەجداتلىرىمىز بىغىشلىغان قۇربانلىقلارنى يادلاپ تۇرىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپتىمەن. مەن پىرىزدىنىت بۇشنىڭ دۆلىتىمىز ئۇچۇن قىلغان خىزمىتى شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتكۇزۇپ بىرىش جەريانىدىكى مەردانىلىقى ۋە ھەمكارلاشقىنى ئۇچۇن رەھمەت ئىيتىمەن.ھازىرغا قەدەر 44 نەپەر ئامرىكا پۇقراسى پىرىزدىنىتلىق قەسىمىنى بەردى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دۆلەت گۇللىنىۋاتقان ، تىنچلىق ھۆكۇم سۇرگەن مەزگىللەردە بولدى. يەنە بەزىدە بۇ قەسەملەر تۇمانلىق بۇلۇتلار ۋە شىددەتلىك بورانلار ئارىسدا قالدى. ئەنە شۇنداق چاغلاردا ئامرىكا يەنىلا بەرداشلىق بەردى.

  • ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، غەربتىكى ھەر قايسى ئەللەردىن تۈرلۈك سالاھىيەتلەر بىلەن كۆپلىگەن چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەر تارىم ئويمانلىقىغا كەلدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە روسىيىلىك پرژىۋالىسكى ( 1870-1873- يىللار ، 1876-1878- يىللار ، 1879-1880- يىللار ، 1883-1885- يىللار ) ، شۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن ( 1090-1891- يىللار ، 1894-1895- يىللار ، 1899-1901- يىللار ، 1906- يىل ، 1913- يىللار ) ، گېرمانىيلىك لېكوك ۋە گرۇنۋېدىل ( 1902-1903- يىللار ، 1904-1905- يىللار ، 1905-1907- يىللار ، 1913-1914- يىللار ) ، فرانسىيىلىك پېللىئوت (1906-1909- يىللار ) ھەمدە ياپونىيىلىك ئوتانى ( 1902-1903- يىللار ) قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇردۇر


  • بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق نىگىرلارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغانىدى. بۈگۈن بىز ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا يىغىن ئېچىۋاتىمىز. ئۇ تەنتەنىلىك خىتابنامە گويا ماياك نۇرى كەبى ھاياتنى نابۇت قىلىدىغان ئادالەتسىزلىك يالقۇنى ئىچىدە كۆيىۋاتقان، ئازاب – ئوقۇبەت چەككەن مىليونلىغان نىگىر قۇللارغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى خۇشاللىققا چۆمگەن تاڭ نۇرى بولۇپ، نىگىرلارنى ئاسارەتتە قويغان ئۇزۇن تۈننى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.
    بىراق، يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلارنىڭ تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىر پاجىئەلىك پاكىتقا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك.


  • «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرىنى يىغىپ، ئۇنى كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر باپ قىلىپ يازغان. مەن بۇ يەردە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزەم لايىق كۆرگەن مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى باشلىقلارنى «قەبىلە باشلىقى» («chieftain») دەپ ئاتاپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنى بولسا «ھون» ياكى «ھونلار» دەپ ئاتىغان. يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى شۇ پېتىچە ئىشلەتكەن بولۇپ، مەنمۇ كىتابتىكى ئاتالغۇلارنى ئەينەن قوللۇنىمەن.

     


  • مىنىڭ قىزىم دىلنارە ئامىركىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر قىتىم لىدىرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى. بۇ دەرستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇعۇچىلارنى 3 كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى.بۇ تاپشۇرۇقتا ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 3 ئوقۇعۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېركىنىڭ پېرىزدىنتى،مالىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى دەپ پەرەز قىلىنىپ، بۇ 3 كىشىنىڭ قانداق قلغاندا ئامېركىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلغىلى بولىدىعانلىقى توعرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى، ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىردىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى. مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا توغرىسىدىكى بىر كىتابنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىكەن.

  •  

    ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻳﯚﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺵ، ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻙ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺸﻼﻗﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧﺎ - ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ، ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﯜﺭﺗﺘﯜﻡ. ﺗﻮﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻣﻪﺭﻧﻰ  ﺑﯧﻠﯩﻤﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻛﻪﻣﯩﺮﻯﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﻣﭽﯩﻨﻰ  ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨﻰﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻳﺪﻩﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯚﺭﻩ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ  ﻛﯚﻙ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﻧﻰ ﻣﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ.


  • ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ. ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﻛﯧﭽﻪ. ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﺍ - ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﻥﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﯩﺮﯨﻘﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯘﺱﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻ ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﯘﺱ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ؛ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ.

    «ﮬﯘﯞ » ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ.

    ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯗ؟