•  
        ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5- ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
    تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە «ھون» سۆزى «كۈن» سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.

  •  

    1.ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
    2.ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
    3.قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
    4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
    5.ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
    6.ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
    7.قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
    8.ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
    9.ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
    10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.

  •  

    سەلكىن شامالنىڭ يۈزۈمنى سىپاپ ئۆتۈشىدىن ،زىمىستان قىشنىڭ كېتىپ ئىللىق باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمدا ، قەلبىمدە قانداقتۇر شېرىن ئەمما ئازابلىق بىر سېزىم پەيدا بولدى ...
    شامال يۈزلىرىمنى سىپاپ ئۆتمىگەن بولسا ، باھارنىڭ كەلگىنىنى ھېلىھەم بىلمەي يۈرەمدىمكىن تاڭ . ئۇنىڭ ماڭا باھارنىڭ كەلگىنىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمىتىمنى ئېيتماق بولغۇنۇمدا ، ئۇ ئاللىقاچان يىڭىدىن يۇپۇرماق چىقارغان سۆگەت شاخلىرىنى يەلپۈپ يىراقلارغا كېتىپ بولغان ئىدى . قارىغاندا ئۇ مېنىڭ رەھمىتىمگە مۇھتاج ئەمەستەك قىلاتتى ...
    زىمىستاننىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بىلگىنىمدە ، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم ...
    نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايمەن ، ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرغۇم كېلىدۇ . قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشنى باشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، قەيەردىندۇر بىرسوئال پەيدا بولۇپ ، ئويلىغانلىرىمنى تۇمانغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قەلەمنى قويۇشقا مەجبۇرى بولىمەن , ئەمما خىياللىرىم شۇ سوئالنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كېتەلمەي مەندىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالىدۇ , بىراق نىمىشقىدۇر خىياللار جاۋابىمدىن ھېچ قانائەتلىنىدىغاندەك ئەمەس ...

  •  

                                    ئۇيقۇڭىز قاچقان تۈنلەردە دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەملەرنى، زۇلۇم-سىتەملەر، ئالۋاڭ-سېلىقلارنى، ئېتىقادىغا، ئەقىدىسىگە قىلىنىۋاتقان ھاقارەتلەر، كەمسىتىشلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ چەكسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولىدىغانسىز. سەۋەبىنى بىلىشكە، ماھىيتىنى ئېنىقلاشقا ئىنتىلىدىغانسىز. نەتىجىدە جىنايەتنى گاھ مىللەتنىڭ تەكلىماكان سۇكۇناتلىقى چوڭقۇر سىڭگەن پىسخىك ھالىتىگە، گاھ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئېنىق يورتۇلمىغان دىنني ئېتىقادىغا يۈكلەپ كۆرىدىغانسىز. بۇ نۇقتىدا ئۆزىڭىزدىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ئىللەتنى تېپىپ، ئىسلاھات يولىنى تۇتۇش غەرىزىڭىز بولسا، قېنى تۆۋەندىكى قالايمىقان قۇرلار ئارىسىدىن قەلب جاراھىتىڭىزگە تەسەللى بولىدىغان مەنالارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ!

  • بارلىق  كىشلەر  مىللەتنى  دۇنياغا تۇنۇتايلى  دەيدۇ . شۇنداق  قىلىش  زوزۈزمۇ؟
    ياق . بىز  ئۇيغۇر  ،تۈركىي  ئۇيغۇر  ،  ھون  قېنى  تومۇرىمىزدا  ئېقىپ  تۇرىۋاتقان  مىللەت .  ئات تاقىسى  بىلەن  ئۆتۈك  پاشنىسى  بىلەن  5- ئەسىرلەردىن  باشلاپ  3-4  ئەسىردە  بىر  قېتىم  دۇنياغا   خەلقىگە تۆمۇر  تامغىمىزنى  بېسىپ  بەرگەن  مىللەت  ئەۋلادلىرى  تۇرساق ، دۇنيا  بىزنى  تونۇمىسۇنمۇ ؟ 
    دۇنيا  بىزنى  تونىماي كىمنى  تونىسۇن .  ئەلۋەتتە  تونۇيدۇ  . ئاتنىڭ  تۇياق  ئاۋازىنى  ئاڭلىسا  ئىككى  قۇللىقى  تىك تۇرىدىغان  كىشلەر  ئەلۋەتتە  تونۇيدۇ  ، 500 مېتر يىراقلىقتىن ئات  ئۈستىدىكى  جەسۇر  قىياپىتىمىزنى  ئەمەس ،  مىسكىن ، غېرىپ قىياپىتىمزدىن  تونۇيدۇ .
    ئىلگىرى بىز  ئاتقا  مىنگەندە  چۆچۈپ  ئويغىناتتى ،  كۈدە -كۆپىسىنى  يۇغۇشتۇرۇپ  يىراققلارغا  كېتەتتى.
    بۈگۈنكى  كۈندە  كىشلەر  ئاسماندا  قاتناپ ، جاھان كىزىپ   يۇرسە ،  بىز  چۆچۈمىدۇق ،  ئويغانمىدۇق ،بىزنىڭ  ئۇيقۇمىزنى  كۈچلۈك  ئاۋازلارمۇ بۇزالمىدى. نىمە  ئۈچۈن؟

  • ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىلغان بالا ئوغرىلارنىڭ ئىچىدىكى قىزلارنىڭ 10 ياشقا كىرگەنلىرىگە خوجايىنى باسقۇنچىلىق قىلىپ نابۇت قىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇلار خوجايىننىڭ قول ئاستىدىكى باشقا ئوغرىلارغا،شۇنداقلا ئومۇمنىڭ خوتۇنىغا يەنى بىر پاھىشەگە ئايلىنىدۇ. 2003-يىلى شاڭخەي شەھەرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا ئىككى نەپەر ئويغۇرئەر،ئىككى نەپەر ئويغۇر قىزنى تەكشۈرتكىلى ئېلىپ كەلگەن، بۇ قىزلارنىڭ بىرسى 11 ياش،يەنە بىرسى13 ئىكەن.دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق بۇ قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان... ئىچكىردىكى بالىلىرىمىز ئەنە شۇ تەرىقىدە چوڭ بولىدۇ،تېخى ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمەي تۇرۇپ تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ،چوڭراقلىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.بەزىلىرى تېخى كىچىك تۇرۇپلا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى كۆرسىڭىز تاياق زەربىسىدىن قىزىرىپ،ئىششىپ كەتكىنىنى،تاماكۇ يېقىلغان ۋە ھەر خىل تاتۇقلارنى كۆرىسىز...


  •      
                 يىنىككىنە چىققان شامال بەزىدە بىزنى سەگىتىپ ھوزۇر بەخىش ئەتسە،بەزىدە بىر قىسىم ئەخلەت - چاۋارلارنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ ئەتراپىمىزغا تاشلايدۇ، مانا بۇنى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ئىپادىلىنىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىيلىك ئامىلى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. قۇتلۇق قەدىمى بىلەن بىزگە نىسىپ بولۇۋاتقان تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش ئىزنالىرى بىر تەرپتىن بىزنى ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىرىشقاھەركەت قىلىۋاتقان،يەنە بىر تەرەپتىن ئادىمىيلىك ۋە خاسلىق ئالىمىمىزنىڭ رەڭدار چىراقلىرى سۇسلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بىر قىسىم ئاچچىق پاجىئەلەرتەپەككۇر سەينالىرىمىزنى سىلكىتىپ،بىزنى ئىزتىراپلىق خىياللار قوينىغا غەرىق قىلىۋاتدۇ.مانا بۇ خىياللار ئىلكىدە ئۆزلىك ئالىمىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق90-يىللارنىڭ باشلىرىدا «قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسى»ئەمدىلا ھەل بولۇپ چىرايىمىزغا ئاز-تولا قان يۈگۈشۈپ قالغان بىز خەقنىڭ ئۈستىدە قانلىق قىلىچىنى ئوينۇتۇپ شىددەت بىلەن چېپ كىلىۋاتقان«ئاق ئالۋاستى»نىڭ غالىبانە يۈرۈشلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.

  •  

               ئۇيغۇر دىگەن قىزىق خەق ، بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈمگە تېزلا ئىشىنىپ كىتىدۇ ، ئالدىراپ شادلىنىپ ئىتتىكلا خاپا بولىدۇ . مانا مەن شۇنداقلارنىڭ تىپىدىن . بىر چاغلاردا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىپ ، نوقسانلىرىنى سۆكىدىغان ماقالىلەر ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك بەس - بەستە ئېلان قىلىنىپ چىقىۋىدى ئەجەپ ناچار مىللەتكەنمىز دەپ ئۆزۈمدىنمۇ رايىم سوۋۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى ئاقلايدىغان ۋە ماختايدىغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ ئەسلى ئېسىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىپمۇ قالدىم . بۇ قارىشىمنىڭ يەنە ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشىم ئۈمىدۋارلىق قىرىغا مايىللىشىپ كىتۋاتقاندەك قىلىدۇ . بۇ مەندىكى ياخشى يۈزلىنىش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن ، بۇ يۈزلىنىشنىڭمۇ سەۋەبى بار ئەلبەتتە .

  •  
    ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﮬﻪﺵ- ﭘﻪﺵ ﺩﯦﮕﯜﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.  ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺷﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.   ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ- ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﺩﯦﻠﻮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻣﭽﻪ ﺩﯦﻠﻮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.  ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯦﻠﻮ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻢ. ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ.
  • ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ، ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. «ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ  ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺋﺎﯕﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ «ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪﻩ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ» ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯛﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ.


  •  ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﺎﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ: ﻳﯧﯖﻰ  ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ: ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ.  ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ، ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻛﻤﯘ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ  ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻛﻤﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻏﺎﭘﯩﻞ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪﻙ، ﺯﯨﺪﺩﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻻﭖ، ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻤﯘ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺩﯛﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.


  • موسكۋا ئەنە شۇ پرىنسىپقا ئاساسەن غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە 1945-يىلى 5-يانۋاردا توققۇز ماددىلىق خىتابنامىنىڭ ھەمدە مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا ئوچۇق قىلىپ، " مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش" (8) شۇئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا يول قويدى. "مىللىي مۇستەقىللىق" ئىبارىسى ، ئەلىخان تورە باشلىق "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ، تاكى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش ھەمدە بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي مۇستەقىللىق شۇئارى كەڭ تەشۋىق قىلىندى. سوۋەت تارىخشۇناسلىرىدىن ئالىمجان ھاكىمبايەۋ ۋە مىڭۇلوۋ قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ھوكۇمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر توققۇز ماددىلىق خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە دولەت تۇزۇلمىسى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە خەلى ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلىۋىدىلا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى يوشۇرمىغان(9).


  • ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن  شىنجاڭ دائىرىسىدە 30- ۋە 40-يىللاردا كەڭ كۆلەمدە  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى پارتلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 30-يىللاردىكى ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى  ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، 40-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت  جەھەتلەردە ئوزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا  ئاشۇرۇش بىلەن شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئوز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە ئاخىرىدا  ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ  ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ  جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 

  • شۇنىسى قىزىقارلىقكى، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالار ئوتتۇرا قىسمىدىكى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىپ تۆت ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى پايانسىز دېڭىز- ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بولسا، دەريا- ئېقىنلار تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردىن باشلىنىپ، مەركەزگە قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرى تەكلىماكان قوينىغا سىڭىپ كېتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جاينىڭ جۇغراپىيىۋى جايلىشىش غا ئوخشىمايدىغان بۇ خىل تەتۈر تاناسىپلىق مۇھىت بۇ ماكاندا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە ھەر ۋاقت سۇغىرىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان قۇرغاق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ بۇ رايوننى شەرق بىلەن غەربنىڭ يېنى ئۈچۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كىيىن، ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان، كىشىنى بىزار قىلىدىغان سىرلىق سۈكۈنات باستى.

  • ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپاد چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بېسىلغان:
    مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ فرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قولى بىلەن يەرنى بىر _ ئىككى قېتىم سىلاپ قويغانيۇ، يىڭنىنى تېپىۋېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن، پەقەت ئىزدەپ كۆردۈم، دېگەن روھى تەسەللى بىلەنلا بولدى قىلغان؛ گېرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك-كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان، ئاندىن ھەربىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھېلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددى بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟