تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-06-19
قاينامدىن قىرغاققىچە - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41201728.html
بسم الله الرحمن الرحيم
قاينامدىن قىرغاققىچە
(پاكىستانلىق مەشھۇر ئالىم شەمس نەۋىد ئوسمانىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)
مەككىنىڭ راسچىل، ئامانەتدار، دەپ تونۇلغان بىر ئادىمى «مەن ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى چاقىرىقىنى ئېلىپ كەلدىم» دەپ جاكارلاپتىمىش، دېگەن بۇ خەۋەر، ئىنتايىن تېزلىك بىلەن ئەتراپقا تارقالغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خەۋەر غىفار قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ھەققىقەتپەرۋەر ئادىمىي ئەبۇ زەر غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىقىغىمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئىختىيارسىز لەسسىدە تۇرۇپ كەتتى. گويا تۆتىلى ئەتراپنى قاپلىغان زۇلمەت قاراڭغۇلىقىدا ئىنتايىن مەھلىيالىق بىر نۇر ۋىللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇزۇندىن بىرى ئۇنىڭ غۇبارسىز قەلبى گۇناھكارلىق، زۇلۇم ـ سېتەم، ساختىلىقلارنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى قورقۇنچلۇق جاڭگالغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتقانلىقىدىن بولۇشىغا ئۆكۈنۈپ كەلمەكتە ئىدى. چىرايلىرىدىن يىرتقۇچلارچە ۋەھشىيلىك يېغىپلا تۇرىدىغان كۆز ئالدىدىكى ئىنسانلار جەمئىيىتى خۇددى سەسكىنىشلىك قان، يىرىڭ دېڭىزىغا ئوخشايتتىكى، ئۇنىڭ ۋەھشىيانە دولقۇنلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت يەلكەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، كارۋانلارنى ئۆز قوينىغا غەرق قىلغان ئىدى. غەرق بولمىغانلار سۇنۇق كېمە تاختىلىرىغا يېپىشىپ، ھەر بىر قاينامنىڭ گەردىشىدە سەرسان ـ سەرگەردان ئايلىنىپ يۈرمەكتە ئىدى. گەرچە ئۇلار قىرغاقنىڭ تەشنالىقىدا شۇنچە نالە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىرى قىرغاقنىڭ زادى قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق يېتىپ بىرىش مۇمكىنلىكىنى بىلمەيتتى.
ــ بۇ خەۋەر راست بولۇپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەسقۇ؟! ئۆز ـ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان بۇ بەختسىز ئىنسانلارغا «ھەقىقىي خۇداسى» نىڭ رەھمى كېلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىنغۇ؟! ـ ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىچ ـ ئىچىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتاتتى. «ھەقىقىي خۇدا» دېگەن بۇ تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ تىپچىكلەپ تۇرغان باغرىنى لەرزىگە كەلتۈرۈش بىلەنلا، ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىشقا باشلىدى.
ئاھ ھەقىقىي خۇدا! ـ ئۇنىڭسىز ئالتۇن ـ كۈمۈشلەرنىڭ بىھېساب خەزىنىلىرىمۇ ئىنسان قەلبىگە زەھەرلىك نەشتەردەك ئارام بەرمەيدىغان... ئۇنى ئۇنۇتقان، ئۇنىڭدىن يىراقلاشقان ئىنساننىڭ بارىدىغان جايى دوزاختىن باشقا بولمايدىغان... ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچنى قەلبىگە يەرلەشتۈرەلىگەن كىشى ھەتتا ئۆز قېنى بىلەن غۇسلى قىلىپ، ئۈز كىيىمى بىلەن كىپەنلەنگەن چاغدىمۇ، مىسلىسىز مەنىۋىي مەمنۇنىيەتتىن شاتلىنالايدىغان... ئەنە شۇ ھەقىقىي خۇدانىڭ تەسەۋۋۇرى ئۇنىڭ قەلبىنى گويا پارتلاۋاتقان ۋولقانلىق تۇيغۇلارغا تۆلدۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇنغىچە يەنە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى. تەپەككۇر كەپتىرى بۇ خەۋەر ئۈستىدە قانچە پەرۋاز قىلغانسىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە دىلكەش، شۇنچە مەنىلىك تۇيۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
ـ جېنىم ئۇكام! ـ ئۇ ئاخىرى ئەمەلىي قارارغا كېلىپ، ئۆز ئىنىسىگە پىچىرلاشقا باشلىدى.
ـ سەن ھازىرلا مەككىگە ئاتلىنىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىڭ لازىم. «ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر مەبۇد يوق» دەپ جاكارلىغان ئەشۇ كىشى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىپ، دەرھال قايتىپ كەلمىسەڭ بولمايدۇ ـ
ئىنىسى ئاكىنىڭ بۇ مۇقەددەس خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، دەرھال ھەققانىيەتنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىپ كەتتى. ئىنىسى كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەشنالىقى ئۈمىدلىنىش ھەم خەۋپسىرەش ئىچىدە، ئۇنى گويا قىيامەتنىڭ ئىزتىراپلىرىغا چۆمدۈرىۋەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ھەممە نەرسىدىن كۆزىنى ئۈزۈپ، پەقەت مەككىنىڭ يولىغىلا تىكىلىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بېسىۋالغۇسىز مەۋج ئۇرىۋاتقان قەلب دولقۇنلىرى ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا ھەقىقەتنىڭ دەرھال ئايان بولۇپ، ئۆزى بىلەن مۇجەسسەملىشىپ كېتىشىگە ئالدىراۋاتاتتى. ئاخىرى ئىنتىزارلىقنىڭ جان ئالغۇچ بۇ ئازابلىق سائەتلىرىمۇ ئىنتىھاسىغا يەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قېرىندىشىنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە ئىدى. ئۇ يىراقتىنلا ئىنىسىنىڭ چىرايىغا نەزەر سېلىپ، بۇ مۇقەددەس سەپەرنىڭ ئۇنىڭ چىرايىدا زادى قانداق تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقىنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىردىنلا خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى. چۈنكى ئېنىسىنىڭ چىرايىدا ئاجايىپ بىر ئۈمىد نۇرىنىڭ چاقناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى.
ـ ھە، تېزراق ئېيتقىنە، نېمىلەرنى بىلىپ كەلدىڭ؟ ـ تەشنالىقتىن ئەبۇزەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
ـ بولىدۇ، ھاياجىنىڭنى بېسىۋالغىن ئاكا، مەن ئۇ كىشى بىلەنمۇ كۆرىشتىم ۋە باشقىلاردىنمۇ سۈرۈشتۈردۇم. ئاخىرى شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، ئۇ راستىنلا كاتتا ئادەم ئىكەن، كىشىلەرگە ئاجايىپ ئېسىل سۆزلەرنى قىلىدىكەن. ھە راس، ئۇ نە شېئىرغا، نە ماقال ـ تەمسىلگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ، غەيرى بىر كالامنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىكەن.
ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەربىر ئېغىز سۆزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن قەلب تەشنالىقىنىڭ ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ بىردىنلا تىت ـ تىت بولۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي: «ئېسىت، مەككىگە ئۆزەملا بارغان بولسامچۇ كاشكى؟ گېپىنى قىلسىمۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە شىرنە قۇيىلىۋاتقاندەك ھۇزۇر بېرىدىغان شۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلىغان بولسامچۇ كاشكى؟» دەپ توۋلىۋەتتى ۋە ئوتلۇق ئىشتىياقنىڭ توسىۋالغۇسىز ھېسسىياتلىرى قوينىدا سەپەر جابدۇقى ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئالدىراش مەككىگە يۈرۈپ كەتتى. ئەمدىلىكتە ئۇ دۇنيانى ياراتقان ئاللاھنى ئىزدەش ئۈچۈن دۇنيادىلا سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى.
ئىنساننى ئۇدۇل ئۆز ياراتقۇچىسى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا ئېلىپ بارالايدىغان، ئەمما ئىنسانلار نادانلىقتىن يوقىتىپ قويغان ئەشۇ مۇقەددەس يولنى ئىزدەشنىڭ پىراقىدا بوران ـ چاپقۇن، ئاپتاپ، سايىلارغا ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىزلىنىشلارغا پەرۋامۇ قىلمايتتى. خۇدىنى يوقاتقان ھالدا، ئېگىز ـ پەس قۇم بارخانلىرىنى كېچىپ، چۆللۈكتە تەنھا كېتىپ باراتتى. ئاخىرى بىر يىقىلىپ، بىر قوپۇپ، ئاران تەسلىكتە مەسجىدى ھەرەمنىڭ ھويلىسىغا يېتىپ كەلدى. تېخىچە چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر كىشىگە بولغان بۇ ئاجايىپ قىزىقىش ئۇنى ئاقىۋەت يۇرتىدىن ئايرىپ، مانا ئەمدى غىرىپ، مۇساپىرغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمما ئۇنى باشقىلاردىن سوراشقىمۇ پىتىنالمايتتى، چۈنكى ئەمدى تېخى قەلبىدە يانغان بىردىن ـ بىر ئۈمىد شامىنى ھەققانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئوچۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىنتىزارلىقتا تاڭ ئېتىپ كۈنمۇ چىقتى، ھەتتا شام كىرىپ كەچ بولدى. بۇ بىچارە مۇساپىرنىڭ نە تۇرغىدەك جايى، نە يېمەك ـ ئىچمىكىمۇ يوق ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئىخلاسمەن ساھىپخاندىن بىرسى مەيدانغا چىقتى. ئۇ دەل ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، بۇ يات مۇساپىرنى كۆرگەندە، باشقا ھېچقانداق گەپ سوراپ يۈرمەستىنلا مېھماندوسلۇق قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى ۋە ئۆيىگە ياندۈرۈپ كېلىپ قولىدىن كېلىشىچە ياخشى كۈتىۋالدى. ئەمما مېھمان ئۆزىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. ئەتىسى يەنە ھەرەمگە كىرىپ، ئۆزى ئىزدەپ كەلگەن زاتنى «ئۇچرىتىپ قالارمەنمەنمىكى» دېگەن ئۈمىدتە بېقارار ئىنتىزارلىق بىلەن ھەممە ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ بىر كۈننى ئۆتكەزدى. ئەمدىلىكتە ئىككىنچى كېچە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى يەنە ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئۈچىنچى كۈنمۇ ئۆتۈپ، ئۈچىنچى كەچمۇ كىرىپ كەلدى. بۈگۈنمۇ ئۇ يەنە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان ئىدى. بۇ جىمغۇر مۇساپىرنىڭ ھال ـ مۇڭىنى ئاڭلاپ، يار ـ يۆلەكتە بولۇشنى ئەخلاقىي بۇرچى قاتارىدا سانىغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرى ئۇنىڭدىن كېلىشتىكى مەقسىتىنى سورىدى. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ كۆڭلىدىكى گەپنى ئايىماي سۆزلەپ بەردى.
ـ ئۇنداقتا ئەتە مەن سېنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىمەن ـ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىنتايىن سۆيۈنگەن ئاۋازدا ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.
«لېكىن، ناۋادا يول ئۈستىدە سېنى مەن بىلەن بىرگە كۆرۈپ قالسا، مۇناسىپ بولمايدىغان ئادەملەر ئۇچرىسا، مەن ھاجەت قىلغان ياكى ئايىغىمنىڭ شوينىسىنى ئوڭشىغان بولىۋالىمەن، سەن ئۇدۇل يولنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگىن» دەپ تاپىلىدى.
ئىنتىزارلىقنىڭ بۇ ئاخىرقى تاغدەك ئېغىر كېچىسىمۇ ناھايىتى تەستە ئۆتۈپ، ئەتىسى سەھەردە ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا يۈرۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرە ـ كىرمەيلا ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈرلەپ سوقۇشقا باشلىغان ئىدى. تېخى ئەمدىلا دىدارىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ گويا قەلبىنىڭ ھەر بىر دولقۇنى ئاجايىپ پارلاق نۈرغا چۆمۈپ كېتىۋانقاندەك سېزىمگە كەلدى. ئىختىيارسىز پۈتۈن ۋۇجۇدىدا ئۆركەشلەۋاتقان ھۆرمەت، ئېھتىرام ئۇنىڭ ياتسىراش تۇيغۇلىرىنىمۇ، شەك ـ شۈبھە، گۇمانلىرىنىمۇ بىراقلا سۈپۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. ئىلگىرى ئۆز خىيالىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن يول بويى ئويلاپ، مىڭ تەستە رەتلەپ، تۈزۈپ كەلگەن سوئال، پىلانلىرى بىرىنچى نەزەردىلا يوققا چىقىپ كەتكەن ئىدى. دېمەك، ھەققانىيەتنى ئىزدىنىشنىڭ ئۇزۇن سەپىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىنى بىرلا كۆرۈش بىلەن تاماملانغان ئىدى. بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىشقاندىن كېيىن قەلبىدىكى پۈتۈن تۈگۈنلەر يېشىلىپ، غىفار قەبىلىسىنىڭ بۇ يۈرەك پارىسى ئەمدىلىكتە ئۆزىنى ئىمان، ئىسلامنىڭ باغرىدا كۆرۈشكە باشلىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ غەرىبۇلۋەتەن مۇساپىرغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ ئاسانراق يولىنى چۈشەندۈرۈپ، «ھازىرچە ئىمانىڭنى ئىزھار قىلمىساڭمۇ بولىدۇ. سەن قەبىلەڭگە قايتىپ كۈتۈپ تۇرغىن ۋە بىز غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ يەرگە كەلگىن» دەپ تەسەللى بەردى.
ـ يا رەسۇلۇللاھ! ـ ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ئىماننىڭ ئەمدىكى بېسىۋالغۇسىز ۋىجدانىي جاسارىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى.
ـ مېنىڭ جېنىم ئىلكىدىكى ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ھەققانىيەتنىڭ ساداسىنى مۇشۇ ئىمانسىز ئەبلەخلەرنىڭ ئارىسىدا بىر جاكارلىۋالمىغۇچە قەتئىي ئەمىن تاپمايمەن.
ئۇ راستىنلا دېگىنىدەك قىلدى. ئاجايىپ جاسارەت بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرغانچە يوغان ـ يوغان چامداپ، ئۇدۇل ھەرەمگە باردى ۋە جۇغلىشىپ ئولتۇرغان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قاپ ـ ئوتتۇرىسىدا ئورە تۇرۇپ «مانا مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد يوق! مانا مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئاخىرقى پەيغەمبىرى!» دېگىنىچە ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىشقا باشلىدى.
ئاسىي كۇپپارلارنىڭ ھەممىسى بۇ گۈلدۈرمامىدەك سادانى ئاڭلاپ بىر ھازا نېمە قىلىشىنى بىلمەي داڭ قېتىپلا قالدى ۋە «مۇشۇنداق چاغدىمۇ قورقماستىن ئۆز ئۆلۈمىنى چاقىرىۋاتقان بۇ زادى كىم؟!» دەپ بىر ـ بىرىدىن ھەيرانە سوئال سوراشقا باشلىدى. ئاندىن ھەممىسى بىراقلا چىلبۆرىدەك ئېتىلىپ كېلىپ، «ئۇرە! ئۇر!» دەپ توۋلاشقا باشلىدى. شۇنچە كۆپ يېرىتقۇچ ھايۋانلار كەبى كۇپپارلارنىڭ ئارىسىدا قالغان ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇشمۇ ـ تۇشتىن تېگىۋاتقان تاياق توقماقلار بىلەن تەۋرەنمەي قارشىلىشىۋاتتى. بىرسى مۇش ئاتسا، يەنە بىرسى تۈكۈرۈپ ھاقارەت قىلىۋاتقان، بىرسى تىزلىسا، ئىككىنچىسى پەشۋا تىپىۋاتقان. شۇنداقتىمۇ بۇ مەردى ـ مۆئمىن تۆتىلى ئەتراپىدىن تىنىمسىز يېغىۋاتقان تاش، توقماقلار ئارىسىدا، سەبىر ھەم ئىستىقامەتنىڭ نۇر مۇنىرىدەك ئىرادىسىدىن يانمايۋاتقان. پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا «سەن نېمە ئۈچۈن دۇنيانى ياراتقۇچىنىڭ نامىنى تىلغا ئالىسەن؟» دەپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان، ئەمما ئۇ بارلىق كۇپپارلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتكەن شۇنچە كاتتا سۆزنى جاكالىيالىغانلىقىدىن شاتلىنىپ، تاياق يەپ، ھۇزۇرلىنىۋاتقان، شۇنچە شادىمان، شۇنچە بېخىرامان. ھاياسىز تىل ـ ھاقارەتلەرگە پىسەنتمۇ قىلمايۋاتقان. ئارقا ـ ئارقىدىن تېگىۋاتقان پەشۋالارغا بىرەر قېتىممۇ «ۋايجان» دەپ سالمايۋاتقان. چۈنكى ئۇ دەيدىغىنىنى دەپ بولغان، قىلىدىغاننى قىلىپ بولغان. ئەمدىكى نۆۋەت پەقەت بەرداشلىق بېرىشكىلا خاس بولغان. شۇڭا ئۇ قورقۇنچقا ئەمەس، خاتىرجەملىككە چۆمگەن. ”پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئارقامدا بار“ دېگەن ئىشەنچكە مەھكەم يۆلەنگەن. ئاللاھنىڭ رىزالىقى يولىدا دەسسىلىپ، يەنچىلىۋاتقانلىقىغا ئىچ ـ ئىچىدىن شاتلىققا چۆمگەن.
چەكسىز رەھىم ـ شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تائالامۇ ئۆزىگە بولغان چىن ئىخلاس، ۋاپادارلىقنىڭ بۇ تەسىرلىك مەنزىرىسىگە نەزەر سېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاللاھنى ھەر دائىم ئۆز ئۈستىدە ھازىر ۋە نازىر دەپ بېلىشتەك تېرەن تۇيغۇلارغىلا غەرق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋاتاتتى. ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ چىدىغۇسىز ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرگە پىسەنتمۇ قىلماستىن بەرداشلىق بېرىۋاتتى، ئەمما ئەتراپتا تاماششا كۆرىۋاتقانلار ئۇنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ھەتتا ئۆپكىسى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالىشقا تاسلا قىلىۋاتاتتى. بۇ قەدەر دەسسىلىپ، يەنچىلىشلەرگە ئىنسانىۋېلىكنىڭ تەبىئىي شاراپىتى چىداپ تۇرالماي، ئاخىرى ئۇلار ئارىسىدىن تېخى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىش نېسىپ بولمىغان ھەزررىتى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەيدانغا چۈشتى ۋە دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ، زالىملارنى توسۇشقا باشلىدى.
ـ ئى ھاماقەتلەر! شۇنى ئويلاپ قويمامسىلەركى، ناۋادا بۇ غىفار قەبىلىسىنىڭ ئادىمى تايىقىڭلار ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، ئۇچاغدا سىلەرنىڭ شامغا بارىدىغان سودا كارۋانلىرىڭلار نېمە بولماقچى؟ ئۇنىڭ قەبىلسىدىن سالامەت ئۆتۈش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەپ توۋلىدى.
ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغان بۇ ھېسسىزلار كېچىككىنە دۇنيالىق زىياننىڭ ئېتىنى ئاڭلاش بىلەن دەرھال ھۇشىنى تىپىپ ئۇرۇشتىن توختاشتى. شۇنداق قىلىپ، تاياق ـ توقماق دەستىدىن جان ئۇزەيلا دەپ قالغان ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە ئاران ساقلىنىپ قالدى. ئەمما ئەتىسى بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ ۋەقە يۈز بەردى.
ئارىدىن تېخى بىر كېچىمۇ ئۆتمىگەن، تاياق دەستىدىن ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەن بەدەنلىرىگە تېخى بىر سوغۇققىنە شامالمۇ تەگمىگەن، ھەتتا يېرىلىپ، پېچىلىپ كەتكەن زەخىم جاراھەتلىرىنىڭ ئەتراپىمۇ قېتىشاي دېمىگەن بىر چاغدا، ئۇنىڭ يەنە شۇنداق تاياق ـ توقماقلاردىن ھۇزۇرلىنىۋېلىش ئۈچۈن مەستانە كېتىپ بارغانلىقىنى ھەممەيلەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكتە ئىدى.
ئەلمىساقتىلا پۈتكۈل ئىنسانلار روھى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدى بېرىپ، ياڭراتقان ھەقنىڭ ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار ساداسىىنى ھەتتا ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ تەكرار ياڭرىتىش ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا دۇنياغا چۈشكەن، نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ 950 يىلغىچە قالب قانلىرىنى ئېقىتىش بىلەن ھارماي ياڭرىتىپ، ھەتتا ئاخىرى تۇفان بالاسىدا كېمىسىنى لەيلەتكەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ كۇپپارلارنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا ھېچ قورقماستىن ئۆزىنى تاشلىيالىغان، يۇسۇف ئەلەيھىسسالاممۇ زىنداندا ياتقان، مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋننىڭ ئىستىبداتلىقىغا قارشى دېڭىز يېرىپ قىرغاققا چىققان، ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئەشۇ ھەققانىيەت ساداسى ئۈچۈنلا كۇپپارلارنىڭ ئەسەبىي زۇلۇم سېتەملىرىنى باشتىن ئۆتكەزگەن، ئاخىرىدا ھەتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ يولىدا ئازابتىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ بۇ پەيغەمبىرانە ئەنئەنىسىنى ساق 23 يىلغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان، ئەنە شۇ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتتە، ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قان ئېقىپ تۇرغان زەخىملىرىنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئۆتكۈر، تېخىمۇ شېرىن يەنە بىر زەربە يېۋېلىش ئۈچۈن كېتىپ باراتتى.
قېرىندىشىمىز ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نېمىدېگەن بەختلىك، ھە! چۈنكى ئۇنىڭ تەلىيىگە ئەشۇ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىشنىڭ شەرىپى ئىككىنچى قېتىم يەنە پۈتىلگەن ئىدى. باتىل ھېچ قاچان ئەپۇ قىلالمايدىغان بۇ سادا بۈگۈن گويا ھەرىنىڭ كونىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بولدى. ياۋۇز، تەلۋە كۈچلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەردى ـ مۆئمىنگە تەرەپ ـ تەرەپتىن ئېتىلىپ كەلدى. بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدىنمۇ ئەسەبىي تاياق توقماقلار ياغماقتا ئىدى. ناۋادا ئاللاھنىڭ فەزلى بىلەن ھەزرەتى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ۋاقتىدا ئارىغا چۈشمەي قالغان بولسا، ئۇ شۇ يەردىلا جان ئۇزۇپ شېھىت بولغان بولاتتى.
شۇنداق، جەننەتنىڭ خۇشپۇراق، ساپ ھاۋالىرىنى بىر قېتىم پۇراش بىلەن تەڭلا ئاللاھتىن دۇنياغا يەنە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، يەنە تېرىلىپ يەنە شېھت بولۇشنى، يەنە تېرىلىپ يەنە شېھىت بولۇشنى، ھەق يولىدا توپا ـ چاڭ، قانلارغا مېلىنىپ كېتىشنى، پارە ـ پارە بولغان جىسمىنى ئېتىكىدە كۆتىرگەنچە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ھارمايدىغان ئەنە شۇنداق شېھىتلەردىن بولۇپ كەتكەن بولاتتى. ئاخىرى ئۇ شېھىتلىك ئىشقىدا قانچە پۇچۇلۇنۇپ، مەردانىلارچە قانداق يول يۈرۈپ كەلگەن بولسا، بەدەنلىرىنى تولدۇرغان ھەربىر زەخم، جاراھەتلىرىدە شەھادەت ئىشقىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك نۇرلىرىنى جىلۋېلەندۈرۈپ، شۇنداق خۇشال قايتىپ كېتىۋاتاتتى.
ئاھ! بىزدىن ئىلگىرى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەپ تونىغان ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىز زادى قانداق ئىنسانلار بولغىيتتى ـ ھە؟! مانا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىغۇ ئۇلار بىلەن بىرگە كەتتى. ئەمما خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلدەك جېنىمىزغا چاپلاشقان بىزنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىمىزچۇ؟
راسىتىنى ئېيتقاندا، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيالىق ھاياتىمىز ئۈچۈن، يەنى، ھەرقانچە يېپىشىۋالساقمۇ، ئاخىرى يۈلۈپ ئېلىپ، تۇپراق ئاستىغا كۆمىۋېتىدىغان مۇشۇ دۇنيالىق پانى ھايات ئۈچۈن تېخى ئۇيالماستىن ئاللاھتىنمۇ مەيۇسلىنىپ يۈرمەكتىمىز. ھەتتا ئۆمۈرۋايەت گۇناھقا مېلىنىپ ئۆتكەن كىشىنىڭ كۆزلىرىدە ئىككى تامچە نادامەت يېشى لىغىرلاش بىلەنلا كەرەملىك ئاللاھنىڭ چەكسىز ئەپۇ ـ رەھمىتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنەلمەيمىز. شېھىتلىك ئىشقىدا يەرگە بىرتامچە قېنىمىز تۆكۈلگەن ھامان جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايمىز. ئەگەر ھەقنى تونۇپ يېتىپلا پۈتۈن قەلب، ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان ئەشۇ ئەجداتلار «ئەھلى ھەق» دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا پانى دۇنيانىڭ بىر قانچە تىيىنگە ئەرزىمەس راھەتلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھۇزۇر ـ ھالاۋەتلىرىدىن كېچىۋېتىپ بارغان بىز ھەقىقانىيەتپۇرۇشلارنى نېمە دەيمىز؟
قېنى ئېيتىپ باقايلىچۇ! بىز شۇنداقتىمۇ راستىنلا مۇسۇلمانمۇ؟!
مەنبە : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us