تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-06-19
ۋەھشىي ئىبنى ھەرب ۋە گۇناھ پاتقىقىدىكى ئىنسانلار - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41201819.html
ۋەھشىي ئىبنى ھەرب ۋە گۇناھ پاتقىقىدىكى ئىنسانلار ئا. قارلۇقى يېڭىلىنىش ئۆتمۈشكە مۇراجىئەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ. كىشىلەر مەيلى قايسى تەبىقىگە مەنسۇپ بولسى بولسۇن، ئۆزىنى ئىزدەش، قايتىدىن شەكىللىنىش مۇساپىسى ھامان قەدىمكىلەرنىڭ يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سالغۇچى ئاجايىپ ئىش – ئىزلىرى، قەھرىمانلىقلىرىدىن نەمۇنە ۋەياكى ۋايىغا يەتكەن خائىنانە خىسلەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشتىن باشلىنىدۇ. تاكامۇللۇق ئەنە شۇ ئىككى خىل تىپنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. مەن بۇ يازمام ئارقىلىق ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا ئۆزىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئېتىقادىمىزنىڭ مەركىزى نوقتىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىبرەتلىك قىسسىنى خاتىرلىتىپ ئۆتمەكچىمەن… قىلغان تائەت -ئىبادەتلىرىنىڭ تولۇقسىزلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ – مەسىيەتلىرىنىڭ سانسىز ۋە ئېغىرلىقى قانچىلىغان كىشىلەرنى «بەس، مەن ئاللاھنىڭ مېنى كەچۈرىدىغان نوقتىسىدىن ھالقىپ كەتتىم، سادىر قىلغان بۇ قەدەر كۆپ گۇناھلىرىمدىن كېيىن ئاللاھمۇ مېنى قانداقمۇ ئەپۇ قىلسۇن؟!» دېگۈزمىدى دەيسىز؟! ئەڭ ياخشىسى بىز قىسسىمىزنى باشلايلى... مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلىلىرى زامانىمىزغا قەدەر ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ دەۋردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ ئۆتكەن بىر مەشھۇر كىشى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى، ئۇنى مەككە كاپىرلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك تايانچى ھېسابلايتتى، قىقىسى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ئىنسان ئىدى... ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئىدى. ھەمزە ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مەككىلىك بىر مۇشرىك تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى… بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىنتايىن ئېغىر كەلدى، ئارىدىن يىللار ئۆتتى... مۇسۇلمانلارنىڭ شانۇ- شەۋكىتى بارغانچە يۈكسەلدى، ئەرەب يېرىم ئارىلى مەككە مۇشرىكلىرى ئۈچۈن بارغانچە تار كېلىۋاتاتتى، تار كەلگەنچە «مۇھەممەد بىزدىن ئىنتىقام ئالارمۇ؟» دېگەن ئەندىشە بارغانچە كۈچىيىپ باراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا يەتكۈدەك ئەسكىلىك قىلغان، زىيان سالغان خېلى- خېلى كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدى. ئەمما، شۇ مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە بىرى بار ئىدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى كەچۈرىۋېتىشىگە قىلچىلىكمۇ ئىشەنچ قىلالمايتتى. ئۇ كىشى دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇلمۇتەللىبنىڭ قاتىلى ۋەھشىي ئىبنى ھەرب ئىدى. ئۇ جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ قۇلى ئىدى. بىر كۈنى جۇبەير ۋەھشىينى چاقىرىپ، «ئەگەر ئازادلىققا ئېرىشەي دېسەڭ، ھەمزىنى ئۆلتۈرگىن» دېدى. ۋەھشىينىڭ ئۆز تىلى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ ھەمزىنى پەقەت ۋە پەقەت ئازادلىققا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە ھەمزىنى ئۆلتۈردى، ئازادلىققا ئېرىشتى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەمزە ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورقۇپ، قېچىپ يۈردى. دېمەك ئۇنىڭ ئازادلىقى يېڭى بىر مەھكۇملۇقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى. مۇسۇلمانلار مەككىنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلگەندە ۋەھشىي يىراق يەرلەرگە قېچىشنىڭ كۇيىغا چۈشتى، «شامغا كېتەيمۇ، يەمەنگىمۇ؟» ۋەھشىي قەيەرگە كېتىشنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرسى ۋەھشىيگە ئەقىل كۆرسەتتى، «ئىمان ئېيتساڭ مۇھەممەد سېنى كەچۈرىدۇ» دېدى. ۋەھشىي ئىككىلەندى، «قېنى مەككىنى بىر ئازاد قىلسۇن، ئاندىن ئىمان ئېيتاي» دېدى ئۆز – ئۆزىگە، «تائىفنى بىر ئازاد قىلسۇن بىر گەپ بولار»... مۇھەممەد ئۇنى قىلسا ئىمان ئېيتىمەن، بۇنى قىلسا ئىمان ئېيتىمەن دەپ بارا- بارا ئۇرۇن قالمىدى. ئاخىرى ئۇ مەككىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ تونىۋالماسلىقى ئۈچۈن كۇلاسىنى بۇرنىنىڭ ئۈستىگە چۈشىرىۋالغان ئىدى، ئۇ مۇناسىپ بىر يەردە ئولتۇردى ۋە: - ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەنمۇ ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامغا كىرسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: - دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر-، دەپ جاۋاب بەردى. ۋەھشىي «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ شاھادەت ئېيتتى، ۋە: - مەن سېنىڭ تاغاڭ، ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ قاتىلى ۋەھشىي ئىبنى ھەرب بولىمەن» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئۆڭدى، ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولدى، ھەتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ماڭا رۇخسەت قىلغان ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ مۇناپىقنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاي، دەپمۇ ئۈلگۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھشىيگە قاراپ: -تاغام ھەمزىنى قانداق ئۆلتۈردۈڭ، سۆزلەپ بەرگىن، دېدى»، ۋەھشىي: -بۇنى سۆزلىمىگەن بولسام، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، دېدى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بېرىشكە ئۈندىدى. ۋەھشىي: - بىز ئۇھۇدقا يېتىپ بېرىپ ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندا جەڭ مەيدانىدا ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەلىپنى تاپتىم. مەن ئۇنى بۇرۇنلا تونۇيتىم. مەنلا ئەمەس ئۇنى ھەممە كىشى تونۇيتتى. چۈنكى ئۇ ئەرەب باتۇرلىرىنىڭ نوچىلىرى قىلىدىغاندەك ھەمىشە بېشىغا تۆگە قۇشىنىڭ پېيىنى قىستۇرۋالاتتى. ئۇ سەپ ئوتتۇرىسىدا كۈلرەڭ ئاتقا مىنگەن ھالدا پەيدا بولدى. ئۇ ئۇچرىغاننى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئىلگىرلاۋاتاتتى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيتتى. مەن تاش ۋە دەرەخلىك بىر يەردە ئۆزەمنى دالدىغا ئالغاچ ئۇنىڭ يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم. دەل مەن ئۇنى نىشانغا ئالغان ۋاقتىمدا قۇرەيشلەر ئىچىدىن سىبا ئىبنى ئابدۇل ئۇززا دەپ ئاتىلىدىغان بىرىمۇ ئات ئۈستىدە ۋاقىرغان پېتى يېتىپ كېلىپ: - ئى ھەمزە! مەن بىلەن ئېلىش،مەن بىلەن ئېلىش! دەپ جەڭ ئىلان قىلدى. ھەمزە ئۇنى كۆرۈپ: -ئى مۇشرىكنىڭ كۈچىگى! كەلمەمسەن! قېنى ئالدىمغا كەل! دەپلا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى بىر قىلىچ بىلەنلا چېپىپ تاشلىدى. مەن بۇ چاغدا ھەمزىنى نىشانغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆزەم تالىغان مۇۋاپىق بىر يەردە تۇردۇم ـ دە نىشانىمغا ئىشەنچ قىلغان ھامان نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم. ئاتقان نەيزەم ھەمزىنىڭ قۇرسىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كىرىپ ئىككى پۇتۇنىڭ ئارسىدىن چىقتى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ئىككى- ئۈچ قەدەم چامدىدىيۇ يىقىلدى. مەن تاكى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئېنىق جەزىم قىلغانغا قەدەر نەيزەمنى ئۇنىڭ جەسىدىدىن چىقارماي ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن چىقاردىم...» دەپ ھېكايە قىلىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: - كېيىن قانداق بولدى؟ - دەپ سورىۋىدى، ۋەھشىي: - بۇنى سۆزلىمىگەن بولسام، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى-، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەشكە ئۈندىدى. ۋەھشىي خۇجايىنىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىنى، تىلىنى كەسكەنلىكنى، ئىككى كۆزىنى ئويغانلىقىنى، ئارقىدىن باغرىنى يېرىپ، يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالام بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋەھشىيگە «بۇنىڭدىن كېيىن كۆزۈمگە كۆرۈنمە» دېدى، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، مەيلى مەسچىت ياكى باشقا جايلار بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىدىن يىراق ياشىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرمانىغا شۇ قەدەر سادىق ئىدىكى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، مەسچىتتە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.… ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە نەجد زېمىنىدا مۇسەيلەمە ئىسىملىك بىر سېھىرگەر كەززاپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى راھەتلىتىش ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇسەيلەمەنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە نەجدگە باردى ۋە مۇسەيلەمەنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھشىينىڭ چۈشىگە كىردى ۋە «بۈگۈندىن باشلاپ، باشقىلاردىن ئايرىم ئولتۇرۇش يوق، نامازدا باشقىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرساڭ بولىدۇ» دېدى. ۋەھشىي شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇچۇق يەرلەردە باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا ناماز ئۇقۇشقا باشلىدى... ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار شۇ نەرسىنى ئېنىق بېلىڭلاركى، «مەن ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلدىم، ئاخىرەتتىن ئەنسىرىشىم يوق» دەپ بىخارامان بۇلۇشنىڭ ئۆزى قانچىلىك كۇپرانى نېمەت بولسا، «مەندەك سان- ساناقسىز گۇناھ سادىر قىلغان كىشىنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ» دېيىشمۇ نېمەتكە كۇپۇرلۇق قىلىشتۇر. ۋەھشىي ئىبنى ھەربكە ئوخشاش كىشىلەر ئەپۇ قىلىنغان ئىكەن، بىزنىڭ بۇرۇنقى ھاراقكەشلكىمىز، زىناخورلىقىمىز، ئۇغرىلىقىمىز، ئاق تاماكۇ چەككەنلىكىمىز، ئاتا- ئانىلارنى قاتشاتقانلىقىمىز... ھەممىسى ئۈچۈن تەۋبىمىزدە سەمىمى بولساقلا، ئاللاھ بىزنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىدە مۇنداق دەيدۇ: ](ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.[ [سۈرە زۇمەر، 53-ئايەت] مەنبە : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us