سىز تورغا چىقسىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ تور كۆرىسىز؟ پاراڭلىشىسىز؟ ئويۇن ئوينايسىز؟ … يەنىچۇ؟ باشقا دېگۈدەك ھېچنېمە يوق. بەك بىچارىمىكەنمەن؟ ياق. مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئارىلاش. چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە بۇنىڭغا سەۋەب ياكى باھانە تاپالمىساممۇ شۇنى ئۆزۈم سىزىپ تۇرىۋاتىمەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ م...
تولۇق مەزمۇنى
مەكتەپ ھاياتىمدا قانچە پارچە ماقالە يازغانلىقىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن. ئەمما قانداقراق ماقالىلەرنى يازغىنىمنى ساناپ بىرەلىشىم مۇمكىن.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ماقالە يازغىنىم ئىسىمدە يوق. بالىلىقىمىزدا يېزىشقان «سالام خەت»لەر بەلكىم شۇ يېشىمىزغا نىسبەتەن ماقالە ھېسابلانسا كېرەك.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بايان ماقالىسى يېزىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشىمىز ئىدى. ئەمما ئۇنى تاماملاش تەسكىمۇ چۈشمەيتتى. توقۇلما قىلىپلا، ئەدەبى...
تولۇق مەزمۇنى
شۇ دەملەر نېمە يازغۇم بار، يازارغا ھېچ ماجالىم يوق.
كىچەي دەيمەن، كىچەلمەيمەن، كىچىشكە ھېچ ئامالىم يوق.
قەدەھلار ھەم شاراپسىزدۇر، پۇراپ باقماي بىھۇشتۇرمەن،
شۇ دەملەر نېمىنى بىلدىم، بىلىشكە ھېچ مادارىم يوق.
قولاق سال، ئاڭلا ئەي ئەھلى شارابىن سۇنغۇچى دوستلار،
ئىچەي دەيمەن، ئىچەلمەيمەن، ئىچەرگە دىلۇ-رايىم يوق.
شاراپسىزمۇ يېرىم مەست مەن، جاھان يىغلار ئاياغىمدا،
بۇ ھالىمغا بىجان تەمسىل، سۇرارغا جان نىگارىم يوق.
بىرى دەرلەر مېنى ئاشىق، شۇ بەلكى ئاشىقى ...
تولۇق مەزمۇنى
قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات(1)تا بەزى گەپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئۈچى ئايرىلماس بىر گەۋدە. بەزىدە مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. باشقىلارنى «مېنى قوللا!» دەپ مەجبۇرىلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش، ئۇزۇن مۇددەت بۇ يولدا چەبدەس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەشنى كۆڭلىگە پۈككۈچىلەر ئاۋۋال باشقىلارنى قوللايدۇ، ئۈن-تىنسىز باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇدى. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، ق...
تولۇق مەزمۇنى
ئالىي مەكتەپتىكى تولۇق كۇرس ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا قانداقتۇر ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. پەقەتلا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم كۆپەيدى. جۇغلانمام ئاۋۇدى. جەمىئەتكە بولغان تۇنۇشۇم ئاشتى. ھايات يولىدا قانداق مېڭىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاڭ پەيدا بولدى. بۇ بەلكىم بۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى قىممىتى بار ئۆزگىرىشلەر بولسا كېرەك.
ئۆزىمىزنىڭ تۇرىۋاتقان شارائىت ۋە مۇھتنىڭ تەلىپى سەۋەبلىك، شۇنداقلا مائارىپ...
تولۇق مەزمۇنى
جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.
ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇن...
تولۇق مەزمۇنى
«ياۋۇز» سۆزىنىڭ مەنىسىنى بەلكىم ھەممىمىز بىلىمىز. كۆپ ۋاقىتلاردا «ياۋۇز بۆرە» دېگەندەك سۈپەتلەشلەرنىمۇ ئىشلىتىپ تۇرىمىز. ئەمما ئاشۇ ياۋۇزلۇقنىڭ مەنىسىنى قانچىلىكىمىز چۈشۈنۈپ يەتكەندىمىز؟ قانچىلىكىمىز ياۋۇزلۇق قىلىپ گۇناھلارغا پاتقاندىمىز؟ …
بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىرسىنىڭ شۇنداق ئۇماق بىر بۆجەننىڭ ئۈستىگە قېلىن ئەينەكنى قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بىچارە بۆجەننى مىجىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنىنى كۆرگەندە، قەلبىمنى ئېيتقۇسىز بىر ئازاپ چۇلغىۋالغان ئ...
تولۇق مەزمۇنى
مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات ھەققىدە دائىم تالاش تارتىش بولۇپ تۇرىدۇ. ئاۋۋال بۇ بىر نەچچە سۇئالغا قاراپ باقايلى:
مەۋجۇتلۇق بىلەن تەرەققىياتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟
مەۋجۇتلۇق بولمىسا تەرەققىيات نەدىن كىلىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىسا مەۋجۇتلۇقنى قانداق ساقلىغىلى بولىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىغان مەۋجۇتلۇقنىڭ نېمە مەنىسى؟
…
مانا بۇ سۇئاللار تەرەققىيات ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى مۇنازىرىنى دائىم باش-ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش تارتىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ...
تولۇق مەزمۇنى
(ئەبجەش خاتىرە)
ئالەم بوز رەڭگە كىرگەن. چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەپسۇس!چۈشۈم ئەمەسكەن. بۇران ئۇچۇپ تۇرغان قاق سەھەردە ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشقىلىپ مېڭىۋاتىمەن، بەلكىم تاماق يىيىش ئۈچۈن، ۋەياكى تاماق يىيىش مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن …
يول ۋە ئاشخانا، ئەنە تۇنۇش ئاۋاز تۇنۇش چىرايلار، مانا ناتۇنۇش ئاۋاز ناتۇنۇش چىرايلار …
قاسساپنىڭ پىچىقى ئاستىدا تىپىرلاۋاتقان مالغا ئوخشاش تەرەپ-تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقا...
تولۇق مەزمۇنى
قاتتىق بوران، سىم-سىم يامغۇر. قاياقلارغىدۇر ئالدىراۋاتقان قەدىمىم تۇيۇقسىلا تېيىپ كەتتى. قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. ئارقىدىنلا ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۈزۈمگە كۈلۈپ كەتتىم. مەن ساقمۇ ياكى …….
…
قولۇمدا كۈنلۈكۈم ، گۆركىرەر بوران .
قەدىمىم يۆتكىلەر تەسلىكتە ئاران.
ئەنسىزلىك ئىچىرە كۈلۈپمۇ قويدۇم،
ئۈلۈمۈم باغرىمدا يىغلايدۇ پىنھان .
قەدىمىم قايانغا يەتتىكىن تەنھا ،
يىقىلغان شۇ دەمدە ئەلەمدە جاھان.
كىملەرگە تەلمۈرۈپ ئەسلىدىم كىمنى،
ئېيتقىنا بۇ د...
تولۇق مەزمۇنى
ئۆگۈنۈش پۇرسىتى ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ. ھەم ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىلگەنلىرىڭىز ئازلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز. بۇ قانداقتۇر سىزنىڭ دۆتلىشىپ كەتكىنىڭىزنىڭ، ياكى بىلىمىڭىزنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. پەقەت سىز پەقەت ئۆگۈتۈش بىلەن مەشغۇل بولغان ئاشۇ كۈنلەردە، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگۈنۈش ئارقىلىق سىز بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلەتتى، ياكى سىزدىن ئېشىپ كەتتى. دېمەك سىزنى...
تولۇق مەزمۇنى
مەنمۇ شۇنداق قىلىپ مەخسۇس بلوگ ئېچىۋالدىم. نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزۈلۈپ قالغان پارچە-پۇرات نەرسە يېزىش ئادىتىمنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرۇشۇمنىڭمۇ مۇئەييەن سەۋەبى بار.
«ئىتىقادسىز كىشىدىن قورق» دېگەنگە ئوخشاش، بەزىدە تۇرمۇشتا دائىم مۇقىم قىلىدىغان بىرەر ئىش تاپالماسلىقتىنمۇ قورقۇش كېرەككەن. شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ، ئۆزىڭىز چوقۇم قىلىشڭىز كېرەك بولغان بىرەر ئىشنى تاپالمىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. ئەنە شۇنداق بىچارە ھالغ...
تولۇق مەزمۇنى
نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ. بۈگۈن ئازراق ۋاقت چىقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخىىسى ئۇتۇقلۇق ئورنىتىلدى. بۇ نۇسخىنى تەييارلىغان تۆھپىكارلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن نۇرقۇت بلوگى داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.
بلوگ مېنىڭ مۇستەقىل دۇنيايىم، ئۇ پەقەت شەخسىي تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمى. نۇرقۇت دۇنياسى بىلەن ئالاقىسى يوق. شۇڭا بلوگدىكى پاراڭلار بىلەن نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ چوقۇم ئالاقىسى بولۇشى ناتايىن.
...
تولۇق مەزمۇنى