بۇ قېتىم 2- سان ئۈمىد سۆھبەت خاتىرىسى فىلىمىگە بۇرۇن ئاتۇشتا دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ساراڭ دەپ تەرىپلىنىدىغان ،زامانىمىزدىكى يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيتىگە ئۆزىگە خاس ھۆسۈن قوشقان مىراج خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى كېرەم ئاكىمىز تەكلىپ قىلىنغان.
سۆھبەت دەل بىر سائەت چىققان بولۇپ ،فىلىمدا كېرەم ئاكىمىزنىڭ باي بولۇش يوللىرى، بالىلىقتىكى ئىش پائالىيەتلىرى ۋە بىر قىسىم ئىلغا ئىددىيلىرى نۇقتىلىق سۆزلەنگەن.
مېنىڭچە بۇ سۆھبەت سىزنىڭ بىر ...
تولۇق مەزمۇنى
دەردىمنى تۆكىدىغان ئادەم يوق، شۇڭا مۇشۇ يەردە بىر تۆكۈۋالاي.
ئۆلۈشكۈن ئەتتىگەن ياتاقتىن چىققاندا ئالدىراپ مېڭىپ ئاچقۇچۇم ياتاقتا قاپتۇ. بۇنى مەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن سەزدىم. ياتاقتا مەن يالغۇز تۇرىۋاتقان بولغاچقا ئامالسىز ياتاق باشقۇرىدىغانلاردىن ئاچقۇچ ئارىيەت ئېلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بېلەن ياتاق باشقۇرىدىغان دىجۇرنىخانىغا بارسام ئېنگلىزچە بىلىدىغان خادىم ئىشلىمەي، ئىتالىيانچىلا بېلىدىغان بىرەيلەن ئىشلەپتۇ. ھەرخىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇرلارن...
تولۇق مەزمۇنى
ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇم ھەققىدىكى پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، كېيىن بىلسەم مەن مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان يىل بېشىدىن باشلاپ ئۆيدە بۇ خىل پاراڭلار كۆپ بولغان ئىكەن. تۇغقانلار بىر قىسمى مېنى «ئوقۇغان يېرىدىن بىرەرسى بېلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ.» دەپ قارايتتى، باشقىلار «توي دېگەن چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، يەنىلا چوڭلارنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە بولغىنى ياخشى.» دەپ قارايتتى. مەن بولسام بۇ پاراڭلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئالتە يىللىق ...
تولۇق مەزمۇنى
ئاۋۋال بۇ «1 مىليۇن» ناملىق ئىتوتنى كۆرۈپ چىقىڭ.
مەنزىل: http://www.ozhan.cn/play.asp?id=176
ئەمدى گېپىمىزگە كېلەيلى، سىز بۇ ئېتوتنى كۆرۈش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ ئىتوتنى ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ كىچىك كارتىنىسى دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ئىتوتتىكى رولچىلار جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىدىمۇ؟ ئاۋۋال پاراڭ سوقۇپ تۇرايلى …
مەزكۇر ئىتوتتىن ئالغان تەسىرات ۋە قاراشلىرىمنى كېيىنكى يازمامدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن. بەل...
تولۇق مەزمۇنى
سىز ئۇچراشقان نەرسە كۆپەيگەنسىرى شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تەسىراتلىرىڭىز كۆپىيىدۇ. ئىلگىرى پەقەت باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغىنىڭىز بېلەن ئۆز كۆزىڭىز بېلەن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغىنىڭىزنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. بۈگۈن توردا بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەت ھەققىدىكى بىر كىچىك پارچە دېققىتىمنى تارتتى. ئوقۇپ كۆرسەم خېلى توغرا يەكۈنلەنگەندەك قىلىدۇ. ناۋادا مەن خاتا چۈشىنىۋالمىغانلا بولسام، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىشساقلا قىلغىلى بول...
تولۇق مەزمۇنى
مانا بۈگۈن بلوگنىڭ تۇنجى يازمىسى نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ يوللانغىنىغا نەق بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا تۇرمۇش رېتىمىمدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، شۇ سەۋەبلىك بلوگ يازمىسىنىڭ ئىزچىللىقىدىمۇ زور پەرقلەر بولدى. ئالدىراش مەزگىللەردە بلوگ يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى، بەزىدە ۋاقت چىقسا يازغۇدەك ئىلھام تېپىلمىدى. مۇنداقلا بىر نەرسە يوللاشقا كۆڭۈل تېخى ئۇنىمىدى. شۇنداقتىمۇ ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ بلوگ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
بلوگىمنىڭ يېقىنقى يېڭى قە...
تولۇق مەزمۇنى
QQ نىڭ جىنى كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرگە چاپلاشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سىرتىدا قالمىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئەمدىلا تورخانىغا كىرىشنى ئۆگەنگەن چاغلىرىم ئىدى. ئاۋۋال QQ نومۇرى بارلار بىز يېڭىدىن تورخانىغا كىرگەنلەرنى زاڭلىق قىلىپ بولۇپ بىزگە نومۇر ئېلتىماس قىلىپ بىرىشتى. ئەمما كىيىنكى قېتىم كىرگەندە پارولنى ئۇنتۇپ قالغاچقا كىرەلمىدىم. شۇنىڭ بېلەن سۇراشتۈرۈپ يۈرۈپ توردىن QQ نومۇرى ئېلىتىماس قىلدىم. ئېلتىماس قىلغاندىمۇ بىر...
تولۇق مەزمۇنى
(10-ئاينىڭ 6-كۈنى 1:30 دىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 2:00 گىچە بولغان تەخمىنەن 54 سائەتلىك سەپەر جەريانىدىكى ئىشلار ئەسلىمە سۈپىتىدە يېزىلدى. بەلكىم كىيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن بىر ئەسلىمە بولۇپ ساقلىنىپ قالغۇسى.)
چاقىرىقتا 10-ئاينىڭ 3-كۈنى مەكتەپكە بېرىپ بولىشىمىزنى ئېيتقان بولسىمۇ، ۋىزا چىقمىسا ھېچ ئىش قىلالمايتتىم. ئۇزۇنغا سوزۇلغان رەسمىيەت بىجىرىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئاخىرى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەلچىخانىدىن چىققان ۋىزىنى قولغا ئالدىم. ئايرۇدۇرۇمغا تېلىفۇن قىلى...
تولۇق مەزمۇنى
مانا بۈگۈن ئالدىنقى قېتىم بلوگ يازمىسى يازغىنىمغا نەق ئىككى ئاي بوپتۇ. ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بلوگ يازمىلىرى ئاساسلىقى تەۋسىيە ۋە تەشۋىقات خاراكتىرىنى ئالغان يازمىلار ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە ھەممەيلەنگە ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولغاچقا شەخسىي تۇرمۇش ھەققىدە بلوگ يازغۇدەك مەزمۇنمۇ چىقمايتتى. ئەمدىلىكتە ماڭغان يوللارنىڭ ئۇزىرىشى بېلەن تۇرمۇش رېتىمىمدا ئۆزگىرىش بولدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىمدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزىبىر سە...
تولۇق مەزمۇنى
ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرى چارچىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بولسا،دىل ئارامىمىزغا ئىلھام بولۇپ ھەممەيلەننىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋام ئىىتىپ كىلىۋاتىدۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتقان،مەيلى چوڭلار بولسۇن مەيلى كىچىكلەر بولسۇن ھەممەيلەن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان شۇنداق بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم.
بالىلىق ھاياتىنى...
تولۇق مەزمۇنى
يانفۇن تۇرمۇشىمىزنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرچە كۈرۈنمە يۈزلۈك يانفۇنلار تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە پارىڭى كۆپ بولىۋاتقان iPhone، Android ۋە Windows Phone قاتارلىق ئەقلى يانفۇنلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇزۇندىن بىرى مۇنازىرىلەرمۇ بولۇپ تۇرى. مانا ھازىر بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەپتۇ.
مول ھۇسۇللۇق تەجرىبەخانا بولغان uyghurdev تەجرىبەخانىسى ئۇيغۇرچە Android يانفۇن ROM ياساپ تارقىتىپتۇ. قى...
تولۇق مەزمۇنى
مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ باققان بولسىڭىز، دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم ئاكىمىزنى چوقۇم تونۇيسىز. داڭلىق، تالانتلىق، ئاۋازى يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ دىكتور ئاكىمىز ئۈچۈن كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېلەت تاشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇرۇنمۇ بۇنداق بېلەت تاشلاش ئىشلىرى كۆپ بولغان. سىز ھەرخىل ئىشلار بېلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرخىل كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان، بەلكىم بەزىلىرى ئۈچۈن نېمىشقا بېلەت تاشلىغىنىمىزم...
تولۇق مەزمۇنى
كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى! ھەممىمىز كۈنلىرىمىزنىڭ كۈلكە ئىچىدە ئۈتۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز! بۇ كۈلكىلەر بىزلەرگە ھەر خىل شەكىللەردە يىتىپ كېلىدۇ. ئىتوت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كۈلكە مەنبەسى شەكلى. ئۇيغۇر ئىتوتچىلىق سەنئىتىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى ئاز بولمىغان كۈلكە ئۇزۇقلىرىنى بىزگە سۇنغان ئىدى.
كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىتنى كۆپچىلىكىمىز تونۇيمىز. ئۇيغۇر ئىتوت سەھنىسىدە ئادىل مىجىت خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى دەپ ئويلايمەن. مانا مىسرانىم تورى بۇ كۈلكە چولپىنىمى...
تولۇق مەزمۇنى
ماۋۇ سۇئالنى كۆرۈپلا مېنى ئالجىپ قالدىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ھەقىچان. لېكىن مەن ھازىرچە ئالجىپ قالمىدىم. راست سوراۋاتىمەن: سىلەرنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسى ساقلاش قىزىقىشىڭلار بارمۇ؟ ياكى بولمىسا كومپيۇتېرغا يۇقىۋالغان ۋىرۇسنى ئايرىم ساقلاپ قويغان چاغلىرىڭىلار بولغانمۇ؟ …
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۈگۈن توردىن ياپۇنىيەدە بىرەيلەننىڭ كومپيۇتېردا ۋىرۇس ساقلىغىنى ئۈچۈن جازالانغانلىق خەۋىرىنى كۆردۈم. ياپۇنىيەدە بۇنى قانۇن ماددىسىغا كىرگۈزۈپ، «قانۇن يول ق...
تولۇق مەزمۇنى
تور بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئوپئوخشاش بولۇپ قالسا تور بېكەت ئىگىسىنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولىدىكەن. مەن كەسپى بلوگېر بولمىساممۇ بەزى-بەزىدە بلوگ يېزىپ قويىمەن. شەخسىي بلوگىمنىمۇ WordPress تە قۇرۇۋالغان ئىدىم. باشتىلا ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈرۈپ WPSummer ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ بلوگنىمۇ ئېچىۋالدىم. شۇ ئىشلارغا يېرىم يىلدىن ئاشتى.
دەسلەپتە بۇ WPSummer ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنلەر يوق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلقۇت ئەپەندىم بۇ ئۇسلۇبن...
تولۇق مەزمۇنى