دەردىمنى تۆكىدىغان ئادەم يوق، شۇڭا مۇشۇ يەردە بىر تۆكۈۋالاي.
ئۆلۈشكۈن ئەتتىگەن ياتاقتىن چىققاندا ئالدىراپ مېڭىپ ئاچقۇچۇم ياتاقتا قاپتۇ. بۇنى مەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن سەزدىم. ياتاقتا مەن يالغۇز تۇرىۋاتقان بولغاچقا ئامالسىز ياتاق باشقۇرىدىغانلاردىن ئاچقۇچ ئارىيەت ئېلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بېلەن ياتاق باشقۇرىدىغان دىجۇرنىخانىغا بارسام ئېنگلىزچە بىلىدىغان خادىم ئىشلىمەي، ئىتالىيانچىلا بېلىدىغان بىرەيلەن ئىشلەپتۇ. ھەرخىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇرلارن...
تولۇق مەزمۇنى
QQ نىڭ جىنى كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرگە چاپلاشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سىرتىدا قالمىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئەمدىلا تورخانىغا كىرىشنى ئۆگەنگەن چاغلىرىم ئىدى. ئاۋۋال QQ نومۇرى بارلار بىز يېڭىدىن تورخانىغا كىرگەنلەرنى زاڭلىق قىلىپ بولۇپ بىزگە نومۇر ئېلتىماس قىلىپ بىرىشتى. ئەمما كىيىنكى قېتىم كىرگەندە پارولنى ئۇنتۇپ قالغاچقا كىرەلمىدىم. شۇنىڭ بېلەن سۇراشتۈرۈپ يۈرۈپ توردىن QQ نومۇرى ئېلىتىماس قىلدىم. ئېلتىماس قىلغاندىمۇ بىر...
تولۇق مەزمۇنى
(10-ئاينىڭ 6-كۈنى 1:30 دىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 2:00 گىچە بولغان تەخمىنەن 54 سائەتلىك سەپەر جەريانىدىكى ئىشلار ئەسلىمە سۈپىتىدە يېزىلدى. بەلكىم كىيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن بىر ئەسلىمە بولۇپ ساقلىنىپ قالغۇسى.)
چاقىرىقتا 10-ئاينىڭ 3-كۈنى مەكتەپكە بېرىپ بولىشىمىزنى ئېيتقان بولسىمۇ، ۋىزا چىقمىسا ھېچ ئىش قىلالمايتتىم. ئۇزۇنغا سوزۇلغان رەسمىيەت بىجىرىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئاخىرى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەلچىخانىدىن چىققان ۋىزىنى قولغا ئالدىم. ئايرۇدۇرۇمغا تېلىفۇن قىلى...
تولۇق مەزمۇنى
مانا بۈگۈن ئالدىنقى قېتىم بلوگ يازمىسى يازغىنىمغا نەق ئىككى ئاي بوپتۇ. ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بلوگ يازمىلىرى ئاساسلىقى تەۋسىيە ۋە تەشۋىقات خاراكتىرىنى ئالغان يازمىلار ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە ھەممەيلەنگە ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولغاچقا شەخسىي تۇرمۇش ھەققىدە بلوگ يازغۇدەك مەزمۇنمۇ چىقمايتتى. ئەمدىلىكتە ماڭغان يوللارنىڭ ئۇزىرىشى بېلەن تۇرمۇش رېتىمىمدا ئۆزگىرىش بولدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىمدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزىبىر سە...
تولۇق مەزمۇنى