ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۇرۇن كېسەللىكى >> بۇرۇن قىچىشىش

بۇرۇن قىچىشىش

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-13 12:36:01    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇرۇننىڭ كۆپ قىچىشىپ كېتىشى زۇكام، نەزلە ياكى چېچەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداقتا سەۋەبىنى داۋالاش كېرەك. ئەگەر سوغۇق ھاۋا ياكى بەدەندىكى بۇخاراتلار سەۋەبىدىن بولسا، مەتبۇخ شاھتەررە بېرىلگەندىن كېيىن، ئىترىفىل كەشنىز )تەركىبى: كابىل ھېلىلىسىنىڭ پوستى، ئامىلە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 33 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئۈچ ھەسسە چەكلەنگەن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، كۈنىگە 5 ~ 8 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. مەتبۇخى شاھتەررە )تەركىبى: سېرىق ھېلىلە، كابىل ھېلىلىسى، بەلىلە ۋە ئامىلىنىڭ پوستى 16 گرامدىن، شاھتەررە، سانا ۋە شۇمشا 13 گرامدىن، قارا ھېلىلە 17 گرام، نېلۇپەر ۋە مامىرانچىنى 33 گرامدىن، ئەفتىمۇن ۋە قىزىلگۈل ئون گرامدىن، بەدىيان، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، بىستىپايەج، ئۇستىقۇددۇس ۋە يالپۇز يەتتە گرامدىن، چىلان ۋە ئەينۇلا 20 دانىدىن )بۇلارنى چالا سوقۇپ، چىلانغۇدەك سۇ قۇيۇپ بىر كېچە قويۇلىدۇ( پۇنۇس ۋە تەمرى ھىندى 50 گرامدىن، تەرەنجىبىن 33 گرامدىن ئېلىپ، چىلانغان دورىلارنى يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە پۇنۇس، تەمرى ھىندى، تەرەنجىبىننى سېلىپ، تازا ئارىلاشتۇرۇپ، ماتا ئارقىلىق سۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

بۇرۇن قىچىشىش
چۈشكۈرۈش
بۇرۇن پۇراش
بۇرۇندىكى جاراھەت...
پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى...
پۇراش سېزىمىنىڭ يو...
بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن ئىچىگە جاراھ...
بۇرۇن قاناش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

بۇرۇن قىچىشىش
چۈشكۈرۈش
بۇرۇن پۇراش
بۇرۇندىكى جاراھەت
پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى
پۇراش سېزىمىنىڭ يوقىلىش...
بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن ئىچىگە جاراھەت چى...
بۇرۇن قاناش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316