بۇرۇن پۇراش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-12 12:18:09 كۆرۈلۈش سانى : 0
بۇ كېسەلدە كۆپىنچە ئاغرىق ئۆزىنىڭ تىنىقىدىكى سېسىقلىقنى سەزمەيدۇ.
سەۋەبى: بۇرۇن ئىچىدىكى كونىراپ كەتكەن بوۋاسىر ياكى باشقا ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ سېسىقلىق بېرىشى؛ مېڭە ياكى باشقا ئەزالار )مەسىلەن: ئاشقازان( دىكى خىلىتلار بۇزۇلۇپ، ئېغىز ياكى بۇرۇن ئارقىلىق پۇراق بېرىشىدىن بولۇپ، شۇ ئەزالاردىكى قوشۇمچە ئاغرىقلار بىللە بولىدۇ.
داۋاسى: خىلىتلارنى تازىلاش ئۈچۈن ھەببى قوقىيا )تەركىبى: سەبرە، ئەپسەنتىن، مەستىكى ۋە غارىقۇندىن تەڭ مىقداردا، شەھمەنزەل، سوقمۇنىيا يېرىم ھەسسىدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلاپ >غارىقۇننى سوقماي، سىم ئەلگەككە سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش كېرەك< ھەر كۈنى ئون گرامدىن، كەچتە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ ياكى ھەببى ئايارەج )تەركىبى: ئايارەج پەيقىرا تۇربۇت، غارىقۇن 33 گرامدىن، كابىلە ھېلىلىسى، سېرىق ھېلىلە، رۇم بەدىيان 12 گرامدىن، ھىندى تۇزى )نەمەكى ھىندى(، سوقمۇنىيا ھەربىرى يەتتە گرامدىن، بادام يېغى بەش گرام، بەدىيان ئەرقىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىيان ئەرەقى بىلەن ئايارەجنى ئېرىتىپ، ئۈستىگە بادام يېغى ۋە تالقان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ نوقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ( دىن مۇۋاپىق مىقداردا 3 ~ 7 ~ 11 دانىدىن ھەر كۈن كەچقۇرۇن بىر قېتىم قايناق سۇ بىلەن بېرىلىدۇ. سىركە، ئۈزۈم غورىسىنىڭ سۈيى ۋە قىچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاش لازىم. قىزىلگۈل، قەلەمپۇر، سۇمبۇللارنى قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاش بىلەن بۇرۇنغا رەيھان شارابى تامغۇزۇش كېرەك. |
|