ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بۇرۇن كېسەللىكى >> پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى

پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-25 11:03:24    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
   پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى — ھەرخىل پۇراقلىق ماددىلاردىن بىرخىل پۇراق سېزىش، بىرخىل پۇراقلىق ماددىدىن بىر قانچە خىل پۇراق سېزىش ياكى بىر خىللا پۇراقنى سېزىپ، باشقىنى سەزمەسلىك )مەسىلەن: خۇش پۇراقنى سېزىپ بەدبۇي پۇراقنى سەزمەسلىك( تىن ئىبارەت.   سەۋەبى:   1( مىزاجنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بۇرۇن يوللىرىدىكى زەھەرلىنىشلەر. 2( ئىسسىق ياكى سوغۇقلارنىڭ تەسىر قىلىشى، مەسىلەن: ئىسسىقلىق مېڭىنىڭ پۇراش خىزمىتىنى بۇزىدۇ. سوغۇقلۇق ھېس قابىلىيىتىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ.   داۋاسى:  مىزاجنى ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى قىلىش بىلەن ھەببى پەيقىرا )تەركىبى: ئۇدبىلسان، مەستىكى رۇمى، ئاسارۇن ۋە زەپەردىن ئون گرامدىن، سەبرە 19 گرام، ھەسەلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، زەپەردىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم سوقۇپ، بىر ئاز قىزىتىلغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە قالغان دورىنى قۇيۇپ خېمىردەك يۇغۇرۇپ، 40 كۈندىن كېيىن ئونگرامدىن ھەر كۈنى كەچتە بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ.( ھەببى قوقىيا )تەركىبى سەبرە، ئەپسەنتىن، مەستىكى ۋە غارىقۇندىن تەڭ مىقداردا، شەھمەنزەل، سوقمۇنىيا يېرىم ھەسسىدىن  ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلاپ، غارىقۇننى سوقماي، سىم ئەلگەككە سۈزۈپ ئۆتكۈزۈپ، كۈنىگە ئون گرامدىن كەچتە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ( ۋە بىنەپشە، نېلۇپەر ۋە بابۇنىلەرنى قاينىتىپ بۇرۇنغا تۇتۇش كېرەك. مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىسسىق مىزاج بولسا كاپۇر، سەندەللەرنى كۆيدۈرۈپ بۇرۇننى ئىسلاپ بېرىش لازىم. ئەگەر سوغۇق مىزاج بولسا، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، سوئتەر، دەرمىنى تۈركى، مەرزەنجۈشلەرنى قاينىتىپ بۇرۇنغا تۇتۇلىدۇ. ئەگەر خۇش پۇراقنى سېزىپ، سېسىق پۇراقنى سەزمىسە، قۇندۇز قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا تارتىش كېرەك. سېسىق پۇراقنى سېزىپ خۇش پۇراقنى سەزمىگەندە بۇرۇنغا ئىپار تارتقۇزۇش لازىم.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

بۇرۇن قىچىشىش
چۈشكۈرۈش
بۇرۇن پۇراش
بۇرۇندىكى جاراھەت...
پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى...
پۇراش سېزىمىنىڭ يو...
بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن ئىچىگە جاراھ...
بۇرۇن قاناش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

بۇرۇن قىچىشىش
چۈشكۈرۈش
بۇرۇن پۇراش
بۇرۇندىكى جاراھەت
پۇراشنىڭ بۇزۇلۇشى
پۇراش سېزىمىنىڭ يوقىلىش...
بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن ئىچىگە جاراھەت چى...
بۇرۇن قاناش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316