دەريانى توسقان چوڭ تاش ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-17 11:12:54 كۆرۈلۈش سانى : 129
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
(1) ئاتۇش بىلەن سوۋېت چېگرىسىدا بىر دەريا بولۇپ، ئۇنى يوغان بىر تاش توسۇپ تۇرۇدىكەن. ئەگەر ئاشۇ تاش بولمىسا ئۇ دەريا ئاتۇش تەرەپكە ئاقار ئىكەن، بۇ تاش ئۈستىدە ئاسمان ئىلاھىنىڭ بەش بارمىقىنىڭ ئىزى ھازىرمۇ بار ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاسمان ئىلاھى بىلەن يەر ئىلاھى ئوتتۇرىسىدا يەنە جەڭ باشلىنىپتۇ. يىراقتىكى بىر دەريانى يەر ئىلاھى ئاتۇشقا باشلاپ كەلگەندە، ئاسمان ئىلاھى غەزەپلىنىپ، خۇپىيانە ھالدا يەر ئىلاھىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. يەر ئىلاھى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئوغلىنىڭمۇ دۈشمەن قولىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇنى تاغ بۈركۈتىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىكە.
ئاسمان ئىلاھى يەر ئىلاھىنىڭ ئوغلى تۇپراق باتۇرنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر ئىلاھى باشلاپ كەلگەن دەريانىڭ يۇقىرىقى ئېقىمغا بىر يوغان تاشنى توسوپ قويۇپ، «ئىلاھىلار ئەتتى، ئەرلەر ئاچالماس» دەپ، بەش بارمىغىنىڭ ئىزىنى تامغا قىلىپ بېرىسىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ئىلاھى ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ.
يەر ئىلاھىنىڭ ئوغلى - تۇپراق تا ھازىرغىچە شۇ تاغلاردا ھەسرەت چېكىپ، تاغ بۈركۈتى بولۇپ ياشاۋېتىپتۇ. ئۇ ئاخىر زامان بولغاندا يەنە ئەسلىگە كېلەرمىش، كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئاسمان ئىلاھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتۇش تاغلىرىنى يەنە شۇنداق گۈزەللەشتۈرەرمىش |
|