ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ پەيدا بولۇشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-09 10:51:11 كۆرۈلۈش سانى : 144
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مىلادىدىن خېلى يىللار ئىلگىرى تۇرپاننىڭ يالقۇنتاغ باغرى ياپ - يېشىل ئوتلاق ئىكەن. بۇ تاغدا دەقيانۇس ئىسىملىك بىر بالا قوي باقىدىكەن. بۇ بالا قوي بېقىپ يۈرۈپ بىر پارچە خەت تېپىۋاپتۇ. بالا ساۋاتىسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، خەتنى كۆتىرىپ كېتىۋېتىپ سەكسەن ياشلىق بىر بوۋايغا ئۇچراپ قاپتۇ. قويچى دەقىيانۇس خەتنى ھېلىقى بوۋايغا كۆرسىتىپتۇ. بوۋاي خەتنى كۆرۈپ، بۇ خەتكە بىر غەزىنىنىڭ سىرى پۈتۈنگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەقىيانۇس بۇ غەزىنىنى ئىزلەپ تېپىپتۇ ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئىسمىنى «ئىدىقۇت» («باخت - سائادەتلىك شەھەر») دەپ قويۇپتۇ. ئۆزى بۇ شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ. بوۋاينى بولسا ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. ھازىرمۇ بۇ شەھەر خارابىسى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتالماقتا.
|
|