بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> ئەپسانىلىرىمىز >> «بىرنى بىر دېگۈلۈك» رىۋايىتى

«بىرنى بىر دېگۈلۈك» رىۋايىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-03 11:27:38    كۆرۈلۈش سانى : 38  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ھىدايتۇللا ئىشان جۇڭغار خانى غالدان سىرىننىڭ قوشۇنلىرىغا تايىنىپ، ئىسمائىلخاننىڭ قولىدىن يەركەن خانلىقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن پۇقرالارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ زامانلاردا جۇڭغارلار قىزىل تۇچتىن ياسالغان داچەن پۇلنى بىر پۇل دەپ خەجلەيدىكەن. ھىدايتۇللا غاجا جۇڭغارلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى پۈتۈن جايلارغا «بىر پۇلنى ئىككى پۇل ئورنىدا خەجلەش» توغرىسىدا بۇيرۇق چىقىرىپتۇ ۋە شۇ يول بىلەن ئۆزىگە ياردەم بەرگەن غالدان قوشۇنلىرىنى باي قىلىشنى ئويلاپتۇ. بۇ بۇيرۇققا ئالدى بىلەن خوتەن خەلقى قاتتىق نارازى بولۇپ، بىر پۇلنى ئىككى دېيىشكە زادى ئۇنىماپتۇ. بۇيرۇقى ئۆتمىگەن ھىدايىتۇللا غۇجا خوتەن خەلقىغە ھەيۋە قىلىپ ئۇلارنى بىر ئەدەبلەپ قويۇش مەقسىتىدە، پۈتۈن پۇقرانى بىر مەيدانغا توپلاپتۇ، قىرىق نەپەر يۇرت ئاقساقىلنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىپ: «بىر پۇلنى ئىككى دەمسەن - دىمەمسەن؟» دەپ سوراپتۇ. «خۇدامۇ بىر، پۇلمۇ بىر، بىرنى ئىككى دېسەك خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ، شۇڭا بىرنى بىر دېگۈلۈك» _ دەپ قارشىلىق قىپتۇ ئۇلار.   جۇڭغارلار قىلچلىرىنى يالىڭاچلاپ: «ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلىپ قايسىڭ بىر پۇلنى ئىككى پۇل دېمىسەڭ ئۆلتۈرىمىز» دەپ ئۇلارنى قورقۇتماقچى بوپتۇ ۋە بىر - بىرلەپ سوراپتۇ. كىمدىنلا سورىسا«بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەپ سۆزىدىن زادى يانماپتۇ. شۇ جايدىلا بىرنى ئىككى دېمىگەنلەرنىڭ بېشى كېسىلىپتۇ. قىرىقىنچى كىشىگە كەلگەندە يەنە سوراپتۇ، ئۇ كىشىمۇ جۇڭغارلارغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ: «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇنىڭ بېشىمۇ دەرھال كېسىلىپتۇ. شۇ چاغدا مەيداندا چۇقان كۆتىرىلىپ، «بىرنى بىر دېگۈلۈك!» دېگەن شوئار ساداسى كۆكنى لەرزىگە ساپتۇ.                بۇ راىۋايەتنى شىنجاڭ داشۆدىكى ئابدۇرىشىت داموللام ئېيتىپ بەرگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دەريانى توسقان چوڭ ...
●  «جىيا» توغرىسىدا ر...
●  «ئىمامى ئاسمخان غو...
●  «يورۇڭقاش» ۋە «قار...
●  «زەر ئەپشان» توغرى...
●  «ئامانشا» دېگەن ئى...
●  «ئىشتاچى» دېگەن نا...
●  ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ ...
●  «يەكەن» دېگەن نام ھ...
●  كىرۇرەن شەھىرىنى ك...
●  «خامى گۇا» (قۇمۇل ق...
●  ھېيتكار توغرىسىدا ...
●  «تارانچى» رىۋايىتى
●  «بىرنى بىر دېگۈلۈك...
●  «نورۇز بۇلاق» رېۋا...
●  «مۇق يولى» رىۋايىت...
●  بۈبى رابىيە رىۋايى...
●  «ھەزرىتى موللام» م...
●  شەھىرى كېتىك رىۋاي...
●  خارەزىم ھەققىدە رى...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دەريانى توسقان چوڭ تاش ھ...
●  «جىيا» توغرىسىدا رىۋايە...
●  «ئىمامى ئاسمخان غوجام» ...
●  «يورۇڭقاش» ۋە «قاراقاش»
●  «زەر ئەپشان» توغرىسىدا
●  «ئامانشا» دېگەن ئىسىم ت...
●  «ئىشتاچى» دېگەن نامنىڭ ...
●  ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ پەيدا...
●  «يەكەن» دېگەن نام ھەققى...
●  كىرۇرەن شەھىرىنى كىم تا...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى