«زەر ئەپشان» توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-13 12:11:05 كۆرۈلۈش سانى : 118
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇرۇنقى زاماندا يەركەن پادىشاھىنىڭ بىر مەلىكىسى(بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ مەلىكىنىڭ ئىسمى سۇلئى سۇما ئىكەن. بۇ ۋەقە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 30 - يىللىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ ھەقتە بىر ئەرەب تارىخچىسىنىڭ «تارىخىي جەمىليە» نامىلىق ئەسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. بۇ رىۋايەتنى قۇم باسقان لەڭگەرنىڭ يېنىدىكى كالتىلار دېگەن يېشى توقسەندىن ئاشقان رېھىم موللا دېگەن كىشى ئېيتىپ بەرگەن.) بار ئىكەن. ئۇ ئاجايىپ گۈزەل ۋە غاراييىب كۈچتۈڭگۈر ئىكەن. ئۇنىڭ سايىسىنى كۆرسە تاغلار تىترەپ، دەريالار دولقۇنلىنىپ شاۋقۇن سالىدىكەن، يەر _ زېمىن لەرزىگە كېلىدىكەن.
«بىر جۈپ مۈڭگۈزۈم بىلەن دۇنيانى تىرەپ، ئۇيۇنچۇقتەك ئوينىتىمەن» دەپ لاپ ئۇرغان قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر، پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەركەن زىمىنىغا ئاياق باسقان كۈنلەردە، بۇ مەلىكە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، يەركەن خانلىقىنىڭ قەدىمىي ئوردىسى _ قۇم باسقان لەڭگەردىن ئەسكەر تارتىپ چىقىپ، ئىسكەندەرنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ. قاتتىق ئېلىشىش جەريانىدا مەلىكە ئىسكەندەرنىڭ تۈمەنمىڭ ئەسكىرىنى مەغلۇپ قىپتۇ. قانلار دەريا بولۇپ ئېقىشقا باشلاپتۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ئالتۇن _ كۈمۈشلىرى شۇ قان دەرياسىدا چايقىلىپ، ئالتۇن دەرياسىنى ھاسىل قىلغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەريانىڭ ئىسمى «زەرئەپشان» (ئالتۇن ئاقىدىغان دەريا) دەپ ئاتىلىپتۇ. |
|