«ئىمامى ئاسمخان غوجام» ھەققىدە رىۋايەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:02:10 كۆرۈلۈش سانى : 119
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئىسلامىيەت دەۋرىدە ئىمامى ئاسمخان دەيدىغان بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ياشايدىغان سەمسىۋۇل باشلىق دىنسىزلار بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلغانىكەن. سەمسىۋۇل شۇنداق بەھەيۋەت ئادەم ئىكەنكى، ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ئارلىقى يەتتە گەز كېلەرمىش، قىلىچ بىلەن بىرەر يېرىنى چاپسىمۇ چىۋىن چاققانچىلىك تەسىر قىلمايدىكەن. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قاتتىق جەڭ بوپتىكى، بۇنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىكەن. ئىمام ئاسمخان غوجام دېگەن كىشى سەمسىۋۇلنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىمۇ شۇ يەردە شېھىت بولغان ئىكەن ئۇنىڭ جەسىدى شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇملار بىلەن كۆمۈلۈپ چوڭ بىر دۆۋە بوپتۇ. بۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان يۇلغۇنلار كۆكلەپ چىقىپتۇ ھەمدە يەنە بىر تۈپ دەرەخمۇ ئۆسۈپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئىلىچى ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىپ قايتىشىدىكەن. ھازىر شۇ مازار ۋە مازار ئەتراپىدىكى جايلار «ئىمامى ئاسمىخان غوجام» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىكەن. |
|