بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چۆچەكلىرىمىز >> ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا

ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 13:37:49    كۆرۈلۈش سانى : 115  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشىنىڭ ئىسكەندەر دېگەن ئوغلى بولغانىكەن. ئىسكەندەر چوڭ بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندە ئاتا - ئانىسى ئوغلىنى ئۆيلەش توغرىسىدا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار بىركۈنى كەچكى تاماقتىن كېيىن، ئىسكەندەرنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ:    _ ئوغلۇم، بىز بولساق قېرىدۇق، پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلاپ قالدى. كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا سېنى ئۆيلەپ قويايلى دەۋاتىمىز، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ.   ئىسكەندەر بولسا، شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ جاھان كېزىشنى ئارزۇ - ھەۋەس قىلىپ يۈرگەنىكەن. چۈنكى ئۇ يۇلۇچى ۋە جاھانكەزدىلەردىن بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ يۈرۈپ، كۆڭلىدە شۇنداق ئارزۇ - ھەۋەس قوزغالغانىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ:    _ ئۆيلىنىش قېچىپ كەتمەس، كۆڭلۈمدە بار چوڭ ئارزۇ - ھەۋەس. ئەگەر سىلەر زازىلىق بەرسەڭلار مەن ئالدى بىلەم جاھاننى كېزىپ كەلسەم،  _ دەپتۇ.   يالغۇز ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە بۇنداق ئارزۇ - ھەۋەسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان  ئاتا - ئانا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ - دە:    _ مەيلى، ئوغلۇم، ئەگەر كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئارمىنىڭ بولسا بىز رازى، - دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ.   شۇ كۈندىن باشلاپ ئاتا - ئانا ئىسكەندەرنىڭ يول تەييارلىقىنى باشلاپتۇ ۋە بىر جۈمەدىن كېيىن ئوغلىنى كارۋانلارغا قوشۇپ، سەپەرگە ئوزىتىپ قويۇپتۇ.   كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. كارۋانلار شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ ، ساتىدىغان ماللىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولغاندا، ئىسكەندەر ئاتا - ئانىسىغا:   «مەن ئامان - ئېسەن يۇرت كېزىپ يۈرىمەن. مېنىڭدىن قايغۇرماڭلار، مەن ئەمدى باشقا شەھەرگە كەتتىم» دەپ ئىككى ئىلىك خەت يېزىپ،  كارۋانلاردىن ئەۋەتىپتۇ، ئۆزى باشقا شەھەرگە كېتىپتۇ.   ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى چوڭ بىر شەھەردە تاماشا قىلىپ يۈرسە، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىپ بىر ياققا كېتىپ بارغۇدەك بۇ كىشىلەر شۇنداق نۇرغۇن ئىكەنكى، ئۇلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرى كۆرۈنمىگۈدەك.   ئىسكەندەر«بۇ ئادەملار نەگە كېتىپ بارىدىكىن - ھە؟ ياكى بىر يەردە توي بارمىكىن؟» دوپ سورىسا، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسسى جاۋاپ بەرمەستىن پەقەت ئۆز - ئۆزىگە : « ھە خۇدا، ماڭا تاشلىسىدى» دېگەن تىلەك تىلىشىپلا كېتىۋېتىپتۇ. كېيىن ئىسكەندەر ئۇياق - بۇياققا قارىسا، بىر ئىشىك تۈۋىدە بىر مۇماي قاراپ تۇرغۇدەك. يۈگۈرۈپ موماينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ -دە:    _ موما، بۇ كىشىلەر نەگە ۋە نېمە ئىشقا كېتىپ بارىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.    _ ھوي بالام، بۇشەھەردىكى خاننىڭ ھۈرلىقا دېگەن بىر قېزى بار. ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق بىر قىزكى، ئەگەر جاھاندىكى چىرايلىق ئىككى بولسا، بىرى شۇ قىز، ئەگەر بىر لا بولسا، ئۆزى شۇ. ئەنە قىز پۈتۈن جاھاندىكى شاھزادىلەر، بەگزادىلەر ۋە بايلارنىڭ بالىلىرى ئاشىق بولۇپ ئەلچىلەر ئەۋەتىشتى. لېكىن، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى كىمگە بېرىشىنى بىلمەي، ئاخىر ئىختىيارنى قىزنىڭ ئۆزىگە قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن قىز پۈتۈن ئەركەكلەرنىڭ شەھەر دەرۋازىسىدىن ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىپ خەۋەر تارقاتقان. قىز دەرۋازا ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۆتكەن كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ كۆزىدىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ياققان بىرەر يىگىتكە ئالما تاشلىغۇدەك. بۇ كىشىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن دەرۋازىدىن ئۆتۈشكە كېتىپ بارىدۇ، - دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.   بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ توپقا قوشۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كېتىۋىرىپتۇ. بىر يەرگە بارسا، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە قولىدا بىر ئالما تۇتقان شۇنداق چىرايلىق بىر قىز تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ چىرايدىن  نۇر يېغىپ تۇرغۇدەك. شەھەر خەلقى دەرۋازىدىن ئۆتۈپ تۇرغۇدەك، لېكىن قىز ئالمىنى ھېچكىمگە تاشلىماپتۇ. كىشىلەر دەرۋازىغا يەتكۈچە چوڭ ئۈمىد بىلەن بېرىپ، ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈمىدسىزلىنىپ، روھى چۈشۈپ كەتكۈدەك.   ھەممىنىڭ كەينىدىن ئىسكەندەر دەرۋازىغا يېتىش بىلەنلا، قىز قولىدىكى ئالمىنى ئىسكەندەرگە قاراپ قارىتىپ تاشلاپتۇ. نى - نى كىلىشكەن يۈزلەپ، مىڭلاپ شاھزادىلەر ۋە بەگزادىلەرگە تاشلىماي، ئاددىي بىر يىگىتكە ئالما تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ھەيران بوپتۇ. ئەمما ئىسكەندەرمۇ ناھايىتى چىرايلىق، پېشانىسى ئىسسىق ۋا دانا يىگىت ئىكەن. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، قىزنى ئىسكەندەرگە نىكاھلاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇلارغا ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ. شۇنداق قېلىپ، يەنە بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپتۇ.   كۈنلەردىن بىر كۈنى ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئەسلەپ، ئۆز شەھىرىگە قايتىش پىكىرىگە كەپتۇ -  دە، خوتۇنىغا:    _ ھۈرلىقا، مەن پالانى شەھەرنىڭ پۇقراسى، مېنىڭمۇ ئاتا - ئانام، قەۋمى - قېرىنداشلىرىم بار. مەن جاھان كېزىپ چىققانىدىم، مانا خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى، شەھەرلەرنى كەزدىم، تەقدىر ئىرادە بىلەن ئىككىمىز قوشۇلۇپ ئۆي - ئوچاق بولۇپ قالدۇق. ئەمدى سەن ئاتا - ئاناڭدىن رۇخسەت ئالساڭ، مېنىڭ  ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا بېرىپ قويساق، - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.   ھۈرلىقا بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ رازىلىق بېرىپتۇ ۋە كۆپ سوۋغا - سالاملار بىلەن بۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.   ئىسكەندەر ئۆز شەھرىگە توپ توغرا كەتمەستىن يەنە كۆرمىگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ كېتىش ئۈچۈن  شەھەر مۇ شەھەر ئايلىنىپ مېڭىپتۇ، بۇلار كۆپ چۆللەرنى بېسىپ، قانچە دەريالاردىن ئۆتۈپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى كېزىپ ۋە تالاي تاغلارنى ئېشىپ چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەردە ئۇلارنىڭ تونۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشنى بىلمەي، شەھەرنىڭ چېتىدە ئىگىسىز بوش تۇرغان بىر ئۆيگە چۈشۈپ جايلىشىپتۇ.   بۇلارنىڭ يول ئۇزۇقىلىرى تۈگەپ، ئاقچىلىرى ئاز قالغانىكەن، ئەمما ئىسكەندەر بۇ توغرىدا ھۈرلىقاغا ھېچنېمە دىمەپتۇ ۋە ئۆزىدىن ئۆزىگە خىجالەت بولۇپ، خىيال بىلەن ئىڭىكىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھۈرلىقا ئاستا ئىسكەندەر نىڭ يېنىغا كېلىپ:   ئىسكەندەر سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.   ئىسكەندەر ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ھۈرلىقانىڭ بېشىنى سىلاپتۇ - دە:    _ يولغا ئالغان ئوزۇقىمىز تۈگىدى، ئاقچىمۇ بىر - ئىككى يەتكۈدەكلا قالدى. يولىمىز تېخى ئۇزاق، تونۇش - بىلىشلەرمۇ يوق، نېمە قىلىشنى بىلمەي خىيال سۈرۈپ قالدىم، - دەپ ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ.   ھۈرلىقا ئېرىنىڭ كۆڭلىنى يۇپۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپتۇۋە:    _ شۇنىڭغىمۇ شۇنچە خىيال سۈرەمسىز؟ قويۇڭ، خىجالەت بولماڭ، بىر ئىلاجىسى بولۇپ قالار. ھازىر بازارغا بېرىپ ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى،قىرىق بىر تۈرلۈك ئىپەك يىپ سېتىپ كېلىڭ ، - دەپ ئىسكەندەرنى بازارغا ئەۋەتىپتۇ.   ئىسكەندەر بازارغا بېرىپ، ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى، قىرىق بىر تۈرلۈك يىپنى ئېلىپ كەپتۇ.   ئاخشىمى ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئولتۇرۇپ  ھېلىقى نان بىلەن چاي ئىچىپ قورساقنى تويدۇرۇپتۇ، كېيىن ھۈرلىقا:    _ سىز ئەمدى دەم ئېلىڭ، ناھايىتى ھېرىپ كەتتىڭىز، - دەپ ئىسكەندەرگە ئورۇن سېلىپ بىرىپتۇ. ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ۋە ھۈرلىقانىڭ كىچىچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەپتۇ. ھۈرلىقا بولسا كېچىسى قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى يىپلار بىلەن شايىدىن ناھايىتى چىرايلىق كەشتە ياغلىق تۇقۇپتۇ، بۇنى سەھەرگە يېقىن پۈتتۈرۈپ، قوزۇققا ئىلىپ قويۇپتۇ - دە، يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.   ئەتىگەنلىكى ئىسكەندەر ئۇيقۇدىن تۇرسا، ھۈرلىقا ئوخلاۋاتقان، قوزۇقتا ناھايىتى چىرايلىق بىركەشتە ياغلىق  ئېسىقلىق تۇرغان. ئىسكەندەر شۇنچە شەھەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېچ يەردە ۋە ھېچقاچان بۇنداق چىرايلىق ياغلىقنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇ ياغلىقىنى قولىغا ئېلىپ ھەيران بولۇپ، « ئەجەبا، بىزدە بۇنداق چىرايلىق كەشتە ياغلىق يوق ئىدىغۇ، بۇ نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپ ئۆز - ئۆزىدىن ئەجەبلىنىپ تۇرغىنىدا ھۈرلىقا ئويغىنىپتۇ. ئۇ، ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:    _ ئەجەبلەنمەڭ، بۇنى مەن كېچىچە ئولتۇرۇپ، تۈنۈگۈن سىز بازاردىن ئېلىپ كەلگەن يىپ ۋە شايىدا تۇقۇدۇم. ئەمدى سىز بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىڭ. يۈز يامبۇ بەرمىسە ساتماڭ. ساتقاندىن كىيىن بىر كۈنلۈك ئورۇق ۋە  يەنە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىر گەز شايى ۋە قىرىق بىر تۈرلۈك يىپ ئېلىپ كىلىڭ. شۇنداق قىلىپ، شۇنداق قىلىپ، ئۈچ - تۆت قېتىملا كەشتە تۇقۇپ ساتساق يولغايېتەرلىك ئوزۇق جايلاپ ئالىمىز، - دەپ ئىسكەندەرنى يەنە بازارغا ئەۋەتىپتۇ.   ئىسكەندەر كەشتە ياغلىقنى قاتلاپ قوينىغا ساپتۇ - دە، بازارغا كېتىپتۇ. ئۇ بازارغا بېرىپ، قوينىدىكى ياغلىقنى شۇنداق چىقىرىشى بىلەنلا، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قېلىشىپ ئىسكەندەرنى ئوراپ ئېلىشىپتۇ. ھەر كىم بۇ كەشتە ياغلىقنى سېتىپ ئېلىشقا قىزىقىپ ئۆز ئارا تالىشىپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا، شۇ شەھەردىكى خاننىڭ بالىسى بازارنى ئارىلاپ تاماشا قىلىپ يۈرگەنىكەن، ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: «بۇ كىشىلەر نېمىنى شۇنچە تالىشىۋاتىدىكىنە؟»دەپ قارىسا، ناھايىتى بىر چىرايلىق كەشتە ياغلىقنىڭ سودىسى بولىۋاتقان. ئۇنىڭمۇ ھەۋىسى كېلىپ، بۇ ياغلىقنى ئالغۇسى كەپتۇ ۋە توپنىڭ ئارىسىغا يېرىپ كىرىپ:    _ توختاڭلار خالايىقلار، توختاڭلار، ياغلىقنى تالاشماستىن بۇياققا بېرىڭلار! بۇنىڭ ئېگىسى كىم؟ باھاسى قانچە ؟ - دەپ سوراپتۇ.   ئاڭغىچە بۇ ياغلىقنى تالىشىپ، بىر - بىرلىرى بىلەن بوغۇشۇۋاتقان كىشىلەر شاھزادىگە گەپ قىلالماي، ياغلىقنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ.    _ ياغلىقنىڭ ئىگىسى مەن، ئۇنىڭ باھاسى يۈز يامبۇ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىسكەندەر.   شاھزادە دەررۇ يۈز يامبۇنى چىقىرىپ بېرىپتۇ - دە، بۇ ياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران بولۇپ «پاھ، پاھ، ئەجەپمۇ چىرايلىق توقۇلغان ياغلىق ئىكەنا! بۇنى تۇقۇغان قانداق گۈزەلنىڭ چىۋەر قولىدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە كۆرۈش ۋە قولغا چۈشۈرۈش كېرەك» دېگەن ئويغا كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئاستا ئىككى دوستىنى چاقىرىپ:    _ سىلەر ھېچكىمگە بىلىندۈرمەستىن ئاۋۇ يىگىتنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ بارغان يېرىنى، ئۇ بارغان يەردە كىملەر بارلىقىنى تولۇق بىلىپ كېلىڭلار، - دەپ ئىسكەندەرنى كۆرسىتىپتۇ.   ئىسكەندەر بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلا بازاردىن كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. بۇنى پايلاپ يۈرگەن ھېلىقى ئىككى يىگىت ئىسكەندەرنىڭ كەينىدىن يۇشۇرۇنچە ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئىسكەندەر ئۆزى چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ دەرۋازىدىن كىرسە، ھۈرلىقا ھويلىلارنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ يۈرگەنىكەن. ئۇ دەررۇ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېلىقى پايلاپ كەلگەن ئىككى پايلاقچى دەرۋازنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ كۆرۈپتۇ. كېيىن بۇلار شاھزادىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:    _ بىز ھېلىقى يىگىتنىڭ  كەينىدىن پايلاپ بارساق، ئۇ، شەھەرنىڭ چېتىدىكى ئېگىز بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دەرۋازىنىڭ يۇچۇقىدىن ماراپ قارىساق، شۇنداق چىرايلىق بىر جۇۋان ھويلىنى سۈپۈرۈپ يۈرۈپتۇ، ئېھتىمال،شۇ يىگىتنىڭ خوتۇنى بولسا كېرەك. ئۇ جۇۋاننىڭ چىرايلىقلىقىنى بىردېمەڭ، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، - دەپتۇ.   دېمەك بۇلار باشقا يورتتىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇنداق بولسا بۈگۈن كەچتىلا ئىشنى بابلايمىز، - دەپتۇ شاھزادەۋە ئىككى دوستى بىلەن كەچتە ھېلىقى جۇۋاننى ئېرىدىن تارتىپ ئەكىلىشكە مەسلىھەتىنى پىشۇرۇپ قويۇپتۇ.   شۇنداق قىلىپ، كۈن كەچ بوپتۇ. ئىسكەندەر بىلەن ھۆرلىقا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇزاق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ھۈرلىقا بولسا، قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ كەشتە توقۇشقا باشلاپتۇ.   تۈن يېرىمدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن شەھەر ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن، شاھزادە ئىككى دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىسكەندەر تۇرغان ئۆيگە كەپتۇ. بۇلارئاستا دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كېرىپتۇ، لېكىن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچالماپتۇ، ئاندىن ئىشكىنى بۇزۇشقا باشلاپتۇ.   شۇ ئارىدا ھۈرلىقا بۇ تاراق - تۇرۇقتىن قورقۇپ ئىسكەندەر نى ئويغىتىپتۇ. ئاڭغىچە شاھزادە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۆيگە كېرىپ، زورلۇق بىلەن ھۈرلىقانى سۆرەپتۇ. ئىسكەندەر قانچىلىك قارشىلىق قىلسىمۇ، يالغۇزلۇق قىلىپ كۈچى يەتمەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى ئىسكەندەرنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈپ ، پۇت - قولىنى باغلاپ، كوچىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا پاتقاققا تاشلىۋېتىپتۇ  - دە، ھۈرلىقانى ئېلىپ كېتىپتۇ.   ئەتىسى ئەتىگەنلىكى مۆمىن دېگەن بىر كىشى ھارۋا ھەيدەپ كېلىۋېتىپ، كۆۋرۈككە كەلگەندە ئېتى ئۈركۈپ ئۆتمەپتۇ. ھارۋىكەش ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قارىسا، قول - ئايىغى باغلانغان بىر ئادەم لايغا مىلىنىپ ياتقۇدەك. ئۇ دەررۇ ئىسكەندەرنىڭ قول ئاياغلىرىنى يىشىپ ھارۋىغا ساپتۇ - دە،توپتۇغرا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ.   مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرنى يۇيۇپ، قۇرۇق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كۆرپىلەرگە ئوراپ ياتقۇزۇپتۇ. قاتتىق ئازابلانغان ئىسكەندەر خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، بىر يات كىشىنىڭ ئۆيىدە ياتقان، ئىسكەندەرنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى كۆرگەن مۆمىن ئاكا:    _ سەن كىم بولىسەن، ئۇكام؟ نەدىن كەلدىڭ؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەھۋالغا دۇچار بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.   ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، قانداق قىلىپ ئۆيلەنگەنلىكىنى ۋە نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرلەرگە كېلىپ ،شۇ ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى باشتىن - ئاياغ سۆزلەپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇ ئىشنى قىلغانلار كىم، ھۈرلىقانى كىملەر نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ.   مۆمىن ئاكا بۇنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:    _ قايغۇرما ئۇكام، يىگىت كىشىنىڭ بېشىغا ھەر ئىشلار كېلىدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭ مۇشۇ شەھەردە بولسا، ئۇنى تېپىش ئاسان. ئۇنى تېپىشقا مەن ياردەم قىلىمەن، - دەپ ئىسكەندەرنىڭ كۆڭلىنى يۇپۇتۇپتۇ.    شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئىسكەندەر ئاۋۋالقى ھالىغا كەپتۇ. بىر كۈنى مۆمىن بازارغا بېرىپ خورجۇننىڭ ئىككى بېشىنى تولدۇرۇپ ھەرخىل ئۇششاق - چۈششەك ماللارنى، يەنى يىپ - يىڭنە، ئەينەك، دورا - دەرمانلارنى ئېلىپ كەپتۇ ۋە نۇنى بىر سېۋەتكە سېلىپ:    _ مانا ئۇكام، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى  خوتۇن - قىزلارغا كېرەك نەرسىلەر، سەن مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن كوچىمۇ - كوچا يۈرۈپ سېتىقچلىق قىل، مۇشۇ نەرسىلەر ئارقىلىق خوتۇنۇڭ بىلەن تېپىشىسەن. بۈگۈن ماڭغان كوچىلار بىلەن ئەتىسى ماڭما، ھەركۈنى باشقا - باشقا كوچىلار بىلەن ماڭ. شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىسەن. ئاۋازىڭنى ئايىماستىن  :«ئەلەڭگە - مەلەڭگە، سەرەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە كېرەك بولۇر ھەدەمدە» دەپ ۋارقىراپ ماڭ. - دەپ ئىسكەندەر گە بېرىپتۇ.   ئىسكەندەر سېۋەتنى كۆتۈرۈپ:«ئەلەڭگە - مەلەڭگە، سەرەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە كېرەك بولۇر ھەدەمدە»دەپ ۋارقىرىغىنىچە كوچىمۇ - كوچا يۈرۈپتۇ. ھەربىر ھويلىدىن خوتۇن قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، بەزىلىرى يىپ - يىڭنە بەزىلىرى سۈزگە - تاغاق، بەزىلىرى دورا - دەرمان، قىسقىسى ھەركىم ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشپتۇ.   لېكىن ھۈرلىقا ھېچ يەردىن چىقماپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر كۈنى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ.   ھۈرلىقا ئەنە ئاشۇ ساراينىڭ ئۈستۈنكى ئۆيىدە ئىككى قىزنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇردىكەن. ئۇ قايغۇ - ھەسرەت بىلەن خىيال سۈرۈپ دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرسا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزىدىن قارىسا،«ئەلەڭگە - مەلەڭگە ، سەرەڭگە . . . »دەپ ۋارقىرىغىنىچە بىر سېۋەتتە جىق ئۇششاق- چۈششەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆز ئېرى - ئىسكەندەر كېتىپ بارغۇدەك. ھۈلىقا يېنىدىكى قىزلارغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن:    _ قىزلار، مېنىڭ بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ، ئاۋۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان كىشىدىن باش ئاغرىقىنىڭ دورىسى بولسا ئېلىپ كىرىڭلار. ئۆزۈڭلەرگىمۇ بىرەر نەرسە بولسا كىرەك بولسا ئېلىڭلار، - دەپ ئاقچا بېرىپتۇ.   قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ كەتكەندە ھۈرلىقا بىر پارچە قەغەزگە خەت يېزىپ تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ، بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ھۈرلىقا دورىنى ئېلىپ قارىغان بوپتۇ - دە، ئاستاغىنا ھېلىقى خېتىنى قۇتىنىڭ ئىچىگە ساپتۇ ۋە:    _ بۇ دورا ئۆزىمىزدىمۇ بارغۇ، مەن باشقا ياخشىراق  دورىمىكىن دېۋىدىم. بۇنىڭ كېرىكى يوق، مەڭلار، ئاچىقىپ قايتۇرۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ.   قىزلار قۇتىنى ئېلىپ، يەنە يۈگۈرۈشۈپ  چىقىپتۇ - دە، ئىسكەندەرنى توختىتىپ:    _ بۇ دورا مەلىكەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن، - دەپ قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. لېكىن ، بۇ ئىشلارنى نە قىزلار ۋە نە ئىسكەندەر چۈشەنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسكەندەر كەچكىچە كوچىمۇ - كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ كەچقۇرۇن قايتىپ كېتىپتۇ.   ئۆيدە ئاخشاملىق تاماقنى يەپ ئولتۇرۇپ، مۆمىن ئاكا:    _ ئىشلىرىڭ قانداق، بالام؟ ھۈرلىقانى كۆرەلىدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر:    _ ياق، تاغا، بۈگۈنمۇ كۆرەلمىدىم، ئىشىم نەتىجىسىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. لېكىن، مۆمىن ئاكىنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلىپ:    _ سېنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن ياكى بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن كىشىلەر بولدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. شۇ چاغدا ئىسكەندەر ماڭغان كوچىلىرىنى، قەيەردە، كىملەرگە نېمىلەرنى ساتقانلىقلىرىنى بىر - بىرلەپ يادىغا ئاپتۇ - دە:    _ ھە راستلا، بۈگۈن بىر چوڭ ئىمارەتنىڭ ھويلىسىدىن ئىككى قىز چىقىپ بىرقۇتا دورا ئېلىپ كىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن قايتىپ چىقىپ، بۇ دورا مەلىكەمنىڭ ئۆزىدە بارئىكەن، دەپ قايتۇرۇپ بەردى، - دەپتۇ.    _ قېنى، سېۋەتنى بېرى ئەكەلگىنە، - دەپ سېۋەتتىكى قۇتىلارنى ئىچىپ قاراپتۇ مۆمىن ئاكا ۋە بىر قۇتىنىڭ ئىچىدىن بىر پارچە خەتنى تېپىپ، - مانا، بالام، مۇنۇ خەتنى ئۇقۇپ كۆرگىنە ،- دەپ ئىسكەندەرگە بېرىپتۇ.   ئىسكەندەر خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ كۆرسە: «مەن خاننىڭ سارىيىدا، ئۈستۈنكى ئۆيدە. سىزنى كۆردۈم، لېكىن ئالدىڭىزغا چىقىشقا ئامالىم بولمىدى، چۈنكى مەن كۆزەت ئاستىدا تۇرىمەن. سۆزنىڭ قىسقىسى، جۈمە كىچىسى تەييارلىنىپ كېلىڭ، قېچىپ قۇتۇلىمىز. ھۈرلىقا» دەپ يېزىلغانىكەن.   ئىسكەندەر خۇشال بولۇپ، ئەمدى ئىشنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مۆمىن ئاكىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرنىڭ دۈمبىسىنى قېقىپ:    _ مانا، بالام، ھۈرلىقا تېپىلدى، ۋەدە جۈمە كېچىسى ئىكەن. ئاڭغىچە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، - دەپتۇۋە ئەتىسىدىن باشلاپ تەييارلىنىشقا باشلاپتۇ.   شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن جۈمەكۈنىمۇ كەپتۇ. مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرگە يولغا ئوزۇق ۋە ياخىشى ئىككى ئاتنى توقۇپ تەييارلاپ بېرىپتۇ. ئاخشىمى ئىسكەندەر بىرئاتنى مىنىپ، بىر ئاتنى سالتاڭ يىتىلەپ ھېلىقى ساراينىڭ ئالدىغا كەلسە، ئۆيدە تېخى چىراغ ئۆچمىگەنىكەن. ئۇ «ئەتىگەنرەك كېلىپ قاپتىمەن، ئەمدى چىراغ ئۆچكۈچە بىر دالدىغا كىرىپ بىر ئاز كۈتۈپ تۇراي» دەپ چەترەك بىر يەرگە بېرىپ، تامنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپتۇ - دە، ئاتتىن چۈشۈپ، چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ قاياققا قېچىش، نېمە قىلىش خىيالى بىلەن ئولتۇرۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ.   بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن، بۇ يەردىن بىرئوغىرى ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ، ئاتلارنىڭ پۇشقۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، كېلىپ قارىسا، توقۇقلۇق ياخشى ئىككى ئاتنى چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ بىر كىشى ئۇخلاۋاتقان. بۇنى كۆرگەن ئوغىرى:«مانا خۇدايىم بەردى. ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ ئاستا يېقىن كېلىپ ئىسكەندەرنىڭ قولىدىكى چۇلۋۇرنى كېپىپتۇدە، ئاتنىڭ بىرىنى مىنىپ، بىرىنى يېتىلەپ كېتىپتۇ.   بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھېلىقى ئوغرى ئاتلارنى دۈپۈرلىتىپ خۇددى شۇ كوچا بىلەن ساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. دېرىزىدىن قاراپ  تۇرغان ھۈرلىقا قاراڭغۇدا بۇنى ئىسكەندەر دەپ بىلىپتۇ - دە، تەييارلاپ قويغان بىر خورجۇن ئالتۇننى دېرىزىدىن تاشلاپتۇۋە ئۆزى ئېھتىيات بىلەن قەدەم بېسىپ تاشقىرىغا چىقىپتۇ.   ئوغىرى ئالدىغا چۈشكەن بۇ نەرسىگە قاراپ ھەيران بولۇپ، ئاتتىن ئېڭىشىپ قارىسا، ئىچىگە لىق بىر نېمە تۇلدۇرۇلغان خورجۇن، ئۇ دەررۇ ئاتتىن چۈشۈپ خورجۇننى ئېچىپ قارىسا ئالتۇن. بۇنى كۆرگەن ئوغىرى خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي، ئۇنى ئاتقا ئارتىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ھۈرلىقا يېتىپ كېلىپ:    _ قېنى چاپسانراق بولۇڭ، بىرەركىشى كۆرۈپ قالغۇچە كېتەيلى، - دەپ خورجۇننى ئارتىشقا ۋە باغلاشقا ياردەملىشىپتۇ. ئوغرى بولسا ئۆز - ئۆزىگە «مانا ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ، بىر ئاتقا ھۈرلىقانى مىنگۈزۈپتۇ - دە، بىر ئاتقا ئۆزى مىنىپ «چۇ» دەپ تاغقا قاراپ كېتىپتۇ.   بۇلار كېچىچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن تاغقا يېتىپتۇ ۋە ھۈرلىقانى ئۆزى ياشايدىغان بىر ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كىرىپتۇ. ھۈرلىقا ھېلىقى كىشىگە قارىسا، ئىسكەندەر ئەمەس، باشقا بىر كىشى تۇرغۇدەك.  «ئاھ، ئەمدى راسا قولغا چۈشۈپتىمەنغۇ» دەپتۇ ھۈرلىقا ئىچىدە.   ئوغرى ھۈرلىقانىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان ھەسرەتنى سېزىپ:    _ نېمىدىن شۇنچە خاپىسىز، خېنىم؟ چىرايىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ، مانا بۇ دۇنيالارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ، - دەپ ئۆڭكۈردىكى ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى ھۈرلىقانىڭ ئالدىغا تۈكۈپ تاشلاپتۇ. لېكىن، ھۈرلىقا سىر بەرمەستىن:    _ ياق، نېمىدىن خاپا بولاتتىم، پەقەت ئات مىنىشنى ئۆگەنمىگەنلىكىمدىن ھېرىپ قالسام كېرەك، - دەپ قويۇپتۇ.   ئوغرى خوشاللىقىدىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتۇ. ھۈرلىقا بولسا، بۇنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپ:    _ ئۇھ، خويمۇ ئۇسساپ كەتتىما، ئازراق سۇ تېپىلامدىكىن؟ - دەپ سۇ سوراپتۇ.   شۇ چاغدا ئوغرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىرغىپ تۇرۇپ:    _ سىز ئۈچۈن سۇ تۈگۈل ئۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ تەييار، - دەپتۇ ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ بۇلاقتىن بىر ئاپقۇر سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئازراق قېتىق قوشۇپ دوغا قىلىپتۇ - دە، ھۈرلىقاغا ئۇزىتىپتۇ، ھۈرلىقا دوغاپتىن ئازراق ئېچىپتۇ - دە، ھەر ئېھتىمالغا قارشى  يانچۇقىغا سېلىۋالغان  زەھەرنى ئېلىپ ئاستا دوغاپقا ئارىلاشتۇرۇپتۇ - دە:    _ سىزمۇ ئۇسساپ قالغانسىز ، ئازراق ئىچىۋېلىڭ دەپ دوغاپنى ئوغرىغا ئوزىتىپتۇ. ئوغىرى دوغاپنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپتۇ - دە، بىر ئازدىن كېيىن كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ يېقىلىپتۇ.   شۇنىڭدىن كىيىن ھۈرلىقا ئۆز كىيىملىرىنى خورجۇنغا سېلىپ، ئوغرىنىڭ ساندۇقتىكى ئەرەنچە كىيىملىرىنى خورجۇنغا سېلىپ، ئوغرىنىڭ ساندۇقتىكى ئەرەنچە كىيىملىرىنى ئېلىپ كېيىپتۇ - دە، ئاتقا مىنىپ قېچىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈن بويى مېڭىپ تاغلاردىن ئېشىپتۇ، چۆللەردىن ئۆتۈپتۇ. كەچ كىرىپ تۈن باشلىنىپتۇ. تۈن بويى مېڭىپ كۆپ دەريالارنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تاغقا كەپتۇ. تاڭ سەھەردە تاغدىن ئېشىپ كېتىپ بارسا،ئاسماندا بىر قۇش ئۇچۇپ يۈرگۈدەك، يەرگە قارىسا ناھايىتى نۇرغۇن كىشلەر قۇش قاياققا ئۇچسا شۇ ياققا قاراپ، قۇشنى ئەگىشىپ يۈرگۈدەك.   بىر ۋاقىتتا قۇش ئەگىپ - ئەگىپ تۈۋەنلەپ چۈشۈپ ھۈرلىقانىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. قۇشنى ئەگىپ يۈرگەن كىشىلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ: «ۋاي، ئالەمى خان، مۇبارەك بولسۇن!» دېيىشىپ، ھۈرلىقانى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، كۆپچىلىك قولمۇ قول كۆتۈرۈپ دېگۈدەكلا خان ئوردىسغا ئېلىپ كېتىشىپتۇ.   ھۈرلىقا ھېچنىمىگە چۈشىنەلمەي، ۋەقەنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ خانى ئۆلۈپ قالغانىكەن. شەھەر خەلقى خانلىق تالىشىپ ئۆز ئارا چىقىشالماستىن، ئاخىر خاننىڭ بەخت قۇشى دەپ ئاتالغان قۇشنى ئۇچۇرۇپ، «ئەگەر شۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا شۇ خان بولىدۇ» دېگەن قارارغا كەلگەنىكەن. شۇ ھۈرلىقانىڭ بېشىغا كېلىپ قۇنغىنى ئۈچۈن قارارغا مۇۋاپىق ئۇنى شۇ شەھەرگە خان قىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ.   كۈنلەردىن بىر كۈنى ھۈرلىقا ئايالچە كىيىملىرىنى كىيىپ ئۈزىنىڭ سۆرىتىنى ئالدۇرۇپتۇ -دە، يەنە ئەركەكچە كىيىنىۋاپتۇ. كېيىن ساراي باشلىقىنى چاقىرىپ:    _ مۇشۇ سۈرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ، ئۇنىڭ يېنىغا ساقچى قويۇڭ، ئەگەر كىمدىن شۇ سۆرەتنى كۆرۈپ«ئاھ - ۋاھ» ئۇرسا، دەررۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ھەيدەپ كېلىڭ، - دەپ ئەمىر بېرىپتۇ.   ساراي باشلىقى خاننىڭ ئەمرىنى ئورۇنداپ، سۆرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپتۇ ۋە  ئون لەشكەردىن ئىبارەت ئىككى ساقچى قويۇپتۇ.   ئىسكەندەر ئۇخلاپ قېلىپ ئاتلىرىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان كۈننىڭ ئەتىسى «خاننىڭ كېلىنى قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپتۇ. غەزىپى قاينىغان شاھزادە«ئاسمانغا چىقىپ كەتسە تاپىنىدىن، يەرگە كىرىپ كەتسە چېچىدىن تارتىپ چىقىمەن» دەپ يۇرتمۇ - يۇرت ئىزدەشكە چىقىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ، «دېمەك ھۈرلىقامۇ قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى بىز نەدىلا بولمىسۇن تېپىشىپ قالارمىز» دەپ ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ.   كۈنلەردىن بىر كۈنى شاھزادە ھۆرلىقانى ئىزدەپ يۈرۈپ، خۇددى شۇ ھۈرلىقا خانلىق قىلىۋاتقان شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. شەھەرگە قىرىشتە دەرۋازىدا ئېسىقلىق تۇرغان ھېلىقى سۆرەتنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە: «ئاھ، جېنىم خوتۇنۇم، نەلەردە ۋە كىملەرنىڭ قولىدا يۈرىدىغانسەن؟» دەپ ئاھ - ۋاھ ئۇرۇپتۇ. شۇ زامان ئۇنى نۆكەرلەر تۇتۇپ، پۇت - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي، خاننىڭ ئالىدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھۈرلىقا ئۇنى شۇ زامان زىندانغا تاشلاشقا ئەمىرقىپتۇ.   يەنە بىر كۈنى ئىسكەندەرمۇ شۇ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇمۇ دەرۋازىدىكى سۈرەتنى كۆرۈپ«ئاھ، جان خوتۇنۇم، نەلەردە كىملەرنىڭ قولىدا يۈرىدىغانسەن؟» دەپ ئاھ - ۋاھ ئۇرۇپ يىغلاشقا  باشلاپتۇ. بۇنىمۇ خاننىڭ  ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھۈرلىقا بۇنى تۇنۇسىمۇ تۇنۇماسقا سېلىپ، ئۇنىمۇ زىندانغا تاشلاشقا ئەمىر قىپتۇ.   ھۈرلىقا شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئەر - خوتۇن، چوڭ - كىچىك بارلىق ئاھالىسىنى  ساراينىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىشقا جاكار قىپتۇ. شەھەرنىڭ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئەركەك ۋە ئاياللىرى كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا ساراي ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىپتۇ ۋە نېمە  ئىش بولىدىكىن دەپ كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ.   بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھۈرلىقا خان ۋەزىرلىرى بىلەن بىرگە چىقىپتۇ ۋە ئىسكەندەر بىلەن ھېلىقى خاننىڭ بالىسىنى زىنداندىن ئالدۇرۇپ چىقىپ:    _ ئەي خالايىقلار، پۇقرالىرى! مەن سىلەرنىڭ شەرت ۋە قارارىڭلارغا مۇۋاپىق خانىڭلار بولۇپ خانلىق قىلىۋاتىمەن. ئەمدى سىلەرگە مەلۇم قىلىدىغان بىرسىرىم بار، قۇلاق سېلىڭلار. ئالدى بىلەن شۇنى ئېتىمەنكى، مەن ئەركەك ئەمەس، بەلكى ئايال كىشىمەن. مېنىڭ ئېرىم بار ئىدى،لېكىن بىزنىڭ بېشىمىزغا چوڭ بەختىسىزلىكلەر چۈشۈپ ئىككىمىز بىر - بىرىمىزدىن جۇدا بولغانىدۇق. مانا ئەمدى تېپىشتۇق. مېنىڭ شۇ ئېرىم - مانا بۇ يىگىت، - دەپ ئىسكەندەر نى كۆرسىتىپتۇ ۋە  ئېرىغا ئۆزىنى تونۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ،  - بىزنىڭ بېشىمىزغا چوڭ بەختىسىزلىكلەرنى سالغان مانا بۇ باسقۇنچى . بۇنى ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغاباغلاپ، ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈڭلار . ئەمدى خانلىقىنى مانا شۇ ئېرىم - ئىسكەندەرگە تاپشۇرۇمەن دەپ سۆزىنى  تۈگىتىپتۇ.   لەسكەر باشلىقلىرى ئۇنىڭ ئەمىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ ھېلىقى شاھزادىنى بىر ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ ئاتنى قويۇۋېتىپتۇ. ئات ئۇنى سۆرەپ، تېپىپ يۈرۈپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىپتۇ.   ئىسكەندەر بولسا شۇ كۈندىن باشلاپ تەخىتتە ئولتۇرۇپ خانلىق قىلىشقا باشلاپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈ...
●  كەمەك ھەييار بىلەن ...
●  تايغان بىلەن بۈركۈ...
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرى...
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىز...
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش
●  ياخشىلىق يەردە قال...
●  قورققاق
●  جىننى قورقۇتقان مە...
●  كىشىنىڭ ھەققى
●  باتۇر ئۆچكە ھەققىد...
●  باتۇر قىز چۆچىكى...
●  چېچەن تاز چۆچىكى
●  مايمۇن قىز
●  ھۈۋەي باتۇر ھەققىد...
●  سەپەر قۇل ھەققىدە چ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا
●  كەمەك ھەييار بىلەن مۇخت...
●  تايغان بىلەن بۈركۈت
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرىل»
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى