بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چۆچەكلىرىمىز >> «يېرىل تېشىم، يېرىل»

«يېرىل تېشىم، يېرىل»

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 13:33:49    كۆرۈلۈش سانى : 105  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن،بۇنقى زاماندا، بىر ئىگىچە - سىڭىل ئۆتكەن ئىكەن. ھەدىسىنىڭ ئېتى ئاينۇرى، سىڭلىسىنىڭ ئېتى ئايگۈلى ئىكەن، ئۇلار كىچىگىدىلا ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئىكەن. ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى كۈندۈزى بىللە ئويناپ، كېچىسى بىللە ياتىدىكەن. كۈنلەر ئاشۇنداق ئوتسىمۇ، بۇ ئىككى قىز ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلايدىكەن. ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىدىنمۇ ياكى ئانىسىنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ئايگۈلى بىر كۈنى دادىسغا:   دادا، ئۆيدە ئانام بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە! - دەپ يىغلاپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ يۇمران تىلى ئاتىنىڭ يۈرىگىنى ئېزىپ، كۆزىدىن ياش توكۈپتۇ. ئۇ نېرى ئويلاپ، بېرى ئويلاپ، ئاخىر:«ئۆز ئانىسىدەك بولمىسا، كىندىك ئانىسىدەك بولار، قىزلىرىمغا كۆز قىرىنى سالار» دېگەن ئويغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر تۇل خوتۇننغا ئۆيلىنىپتۇ. خۇتۇن سەت ھەم قاڭرۇق بىر ئوغلىنى باشلاپ كەپتۇ. بۇ ئۆيگە كەپتۇ. بۇلار خۇجۇسى، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈل ئۆينىڭ قۇلى بوپتۇ. ئۇ خوتۇن ئوغلى كوزا چاقسىمۇ گەپ قىلماي، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى جىم ئولتۇرسىمۇ زەردىنى تىقىپ، زەھىرىنى چېچىپ يۈرۈدىغان بوپتۇ؛ بىچارە قىزلار بارا - بارا جىمغۇر بولۇپ كېتىپتۇ. قاڭرۇق ئوغۇل ئۆيدىن قاچا بىكارلاپ تالاغا چىقىپ، تالادىن كوچا بىكارلاپ ئۆيگە كىرىپ يۈرىدىكەن. ئاينۇرى بولسا، ئۆينى چىنىدەك تۇتۇپ، سۇ ئەكىرىپ، ئوتۇن يېرىپ، ئاش ئېتىپ، قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بىردەممۇ بىكار تۇرماي ئىشلەيدىكەن. ئەمما، ئۆگەي ئانا زادىلا رازى بولماي، ئاينۇرىنى ئەتىدىن كەچكىرگىچە قاغايدىكەن؛ ئاينۇر تاياق يېسىمۇ، تىل - ئاھانەت ئىشىتسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، دادىسىغا ئېيتمايدىكەن.   «ئىتنىڭ قاغىشىغا پىت ئۆلمەپتۇ» دېگەندەك، ئاينۇرى كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، تولۇن ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ يېتىلىپتۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قاڭراغى چوڭ بولغانسېرى سەتلىشىپ كېتىپتۇ.   ئۆگەي ئانا چېچەن قىزنىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي، ئەگەشتۇرۇپ كەلگەن قاڭراق ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئۆگەي ئانا ئاينۇرىنىڭ دادىسىنى قىستاپ، ئۆز ئوغلىنى ماختاپ، توي قىلىپ ئىچىدە ئىككىسىنى قوشۇپ قويۇشقا ماقۇل كەلتۈرپتۇ. كۆپ ئۆتمەيلا توي تەييارلىقىمۇ ھازىرلىنىپ بوپتۇ. بارا - بارا ئۆي ئىچىدە كېلىم - كېتىم، گەپ - سۆز كوپىيىشكە باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن بىرنىمىنى سەزگەن ئاينۇرى بىر كۈنى سىڭلىسى ئايگۈلىنى يېنىغا تارتىپ:   - ئۆيدە نېمە گەپ سۆزلەر بولىۋاتىدۇ. - دەپ سوراپتۇ.   - جېنىم ھەدە، دادام بىلەن ئانام سېنى تالالىق قىلىدۇ، - دەپتۇ. سىڭلىسى.   - راستمۇ؟ كىمگە بەرمەكچى؟   - ئاكامغا. بۇنى مەن ئۇقۇپ قالدىم. - دەپتۇ ئايگۈلى. شۇ ھامان ئاينۇرىنىڭ پۈتۈن ئەزاسى تىكەنلەشكەندەك بولۇپ، قاپقارا كۆزىلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ. ئۇ ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ ئويلاپ  ئاسان قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تاپالماي، ئاخىرى قېچىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ.   - ئاينۇرى توي بولۇۋاتقان كېچىسى سىڭلىسى ئايگۈلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ:   - مەن كېتىمەن، - دەپتۇ - دە، پەنجىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قېچىپتۇ. ئاينۇرىنى كىيىندۈرۈپ يۆتكەپ كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان يەڭگىلەر ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاڭرىق، توي ئىگىلىرى يۈگۈرشۈپتۇ. لېكىن ئاينۇرى بولسا، بۇ سەھرادىن ئۇ سەھراغا، ئۇ ئېتىزدىن ئۇ ئېتىزغا، ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا قاراپ قېچىپتۇ. ئۇ ئېگىز ھاڭلاردىن، چوڭقۇر غارلاردىن قورقماي ئۆتۈپ، ئۆزىگە ئەپلىك جاي ئىزلەپتۇ. ئەمما ھەممىلا جاي ئۇنىڭغا تۈپتۈزدەك، ئەپسىزدەك بىلىنىپتۇ. ئاينۇرى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاينۇرى ئەتراپىغا كۆز تاشلاپتۇ، تاغ - تاشلارغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپتۇ. بارا - بارا ئادەملەرنىڭ تاۋۇشى، ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. تاغۇ - تاش ىىدە يالغۇز كېتىۋاتقان ئاينۇرى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ توسلىپ قاپتۇ - دە، تاشقا قاراپ:   - يېلىندىم، ھەي يوغان تاش،   رەھىم ئەيلە، ھالىمغا باق! دەپتۇ ۋە يەنە:   - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، قۇتۇلۇپ قالغاي ئەزىز بېشىم! دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تاغنىڭ ئىچىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، ھاۋا گۈلدۈرۈلەپتۇ. ئاينۇرى قورقۇپ كېتىپتۇ: يەنە بىر شاراقلىغان ئاۋاز چىقىپ چوڭ تاش يېرىلىپتۇ. قىزنىڭ خوشاللىقى ئىچىگە سېغماي قاپتۇ. ئۇ غۇلاچلىرىنى كېرىپ، تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ:   - ھەي يوغان تاش،   ھەي يوغان تاش،   خوشاللىقتىن كۆزۈمدە ياش!   يېپىل تېشىم، يېپىل تېشىم،   قۇتۇلۇپ قالدى ئەزىز بېشىم، - دەپتۇ. تاش يەنە چاراسلاپ تۇرۇپ يېپىلىپتۇ. بىراق، قىز ئۇششاق ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چېچىنى تۇرۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، چېچىنىڭ ئۇچى تاش  ئارىسىغا قىسىلىپ قاپتۇ. ئاينۇرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ دادىسى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ تۆت ئەتراپقا كۆز تاشلاپ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپتۇ، ئاينۇرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ، تاشنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ، ئاينۇرى يەنە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ تاشنىڭ توپىسىگە چىقىپ قارىغان ئىكەن، بىر تۇتام چېچىنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئەمما ئۇ تاشنىڭ ئىچىگە كىرىشىنىڭ چارىسىنى تاپالماي، بار ئاۋازى بىلەن:   - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم،   مەن قىزىمنى كۆرۈۋالاي،   دىدارىغا قېنىۋالاي،  - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تاش ئىچىدىن:   - يېرىلما تېشىم، يېرىلما ،   مەن دادامنى كۆرمەيمەن.   دىدارىغا قانمايمەن ،    ئاۋال ئىدى ئۆز دادام.   ئەمدى بولدى قېيناتام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. دادىسى يىغلاپ - يىغلاپ قوسىغى ئاچقاندا قايتىپ كېتىپتۇ. ئاندىن ئۆگەي ئانا كەپتۇ. ئۇمۇ:   - يېرىل تېشىم - يېرىل تېشىم،   مەن قىزىمنى كۆرىۋالاي،   دىدارىغا قېنىۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تاش ئىچىدىن:   يېرىلما تېشىم، يېرىلما،   مەن ئانامنى كۆرمەيمەن،   دىدارىغا قانمايمەن.   ئاۋال ئىدى ئۆگەي ئانام،   ئەمدى بولدى قېينانام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. - دە، تاش ئېچىماپتۇ. كەينىدىن  ھېلىقى سەت ئاكىسى كەپتۇ. ئۇ خىقىراپ تۇرۇپ:   يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم،   مەن سىڭلىمنى كۆرۈۋالاي،   دىدارىغا تويىۋالاي، - دەپتۇ. تاش ئىچىدىن يەنە:   يېرىلما تېشىم، يېرىلما،   مەن ئاكامنى كۆرمەيمەن،   دىدارىغا باقمايمەن...، دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. ئۇمۇ قايتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئايگۈل كەپتۇ. ئۇ تاشقا باغرىنى يېقىپ تۇرۇپ:   - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم،   مەن ھەدەمىنى كۆرۈۋالاي؛   دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپتۇ. تاش ئىچىدىن بىر مۇڭلۇق سادا چىقىپتۇ:   - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم،   مەن سىڭلىمىنى كۆرۈۋالاي؛   مۇرادىمغا يېتىۋالاي.   تاش چاراسلاپ ئېچىلىپتۇ. ئايگۈل «جېنىم ھەدە» دېگەن پېتى ھەدىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۇلار يىغلاپ - قاقشاپتۇ، بىر - بىرىنى باغرىغا بېسىپتۇ. تاڭ ئېتىپ، كۈن چىقاندا، ئىگىچە سىڭىل ئىككىسى تاغدىن ئېشىپ يايلاققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن  يول يۈرۈپتۇ، كۈن قاتتىق ئىسسىپ كەتكەچكە، يول ئۈستىدە ئايگۈل بەك ئۇسساپ كېتىپ:   - ھەدە ئۇسساپ كەتتىم، سۇ، - دەپتۇ.   - سەۋىر قىل، سىڭلىم، - دەپ ئاينۇرى ئايگۈلنى كۆندۈرۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە سۇ  كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار كۆرۈنگەن سۇ بويىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ بىر كۆلچەك ئىكەن، ئايگۈلى سۇ ئىچكىلى ئېڭىشىپتۇ.   ئىچە، - دەپتۇ ئاينۇرى، - بۇ كۆلچەك بۆرە سۆرەتلىك ئىكەن.   - ئۇسساپ كەتتىم، چىدالمايۋاتىمەن، - دەپتۇ ئايگۈلى.   - ئىچسەڭ بۆرە بولۇپ قالىسەن، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ. ئالدىدا يەنە بىر كۆلچەك ئۇچراپتۇ. ئايگۈلى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سۇنى چاڭگىلىغا تولدۇرۇپ ئېلىپ ئىمەك بوپتۇ.   - ئىچمە، ئېيىق بولۇپ قالىسەن، - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاينۇرى. ئايگۈلى:   - مېنى ئالداۋاتىسەن، - دەپ ئۇسسىزلىققا چىدىماي ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ.   - ئاپپاق سىڭلىم، راست، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ. بىر يەرلەرگە كېلىپ بىر تۈپ سېدىنىڭ تۈۋىدە ھاردۇق ئېلىشقا ئولتۇرپتۇ. ھاردۇق يېتىپ كەتكەن ئايگۈلى ئاينۇرىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپتۇ - دە، پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. سېدىگە قونۇپ سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئاينۇرىمۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە:   بىر ئاق كەپتەر بالىلىرىنى ئۇچۇرۇپ، پەرۋاز قىلىپ يۈرۈپتىكەن، نەدىنىدۇر بىر قۇرغۇي پەيدا بولۇپ كەپتەر بالىلىرىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئانا كەپتەر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇرغۇيغا ئېتىلىپتۇ. ئانا كەپتەر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قورۇيغا قارشى ئۇچۇپ، ئۇنى بىر تېپىپتۇ. ئەمما كۈچى يەتمەپتۇ. قورغۇي ئانا كەپتەرنى بىر تېپىپ مېيىپ قىلىپ قويۇپتۇ، كەپتەر موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاينۇر ئۇنى يەردىن ئالغىنىدا ئانا كەپتەر ئارانلا نەپەس ئاپتۇ.  ئاسماندا بولسا، قورۇغاي باشكىلارغا چاڭگال سېلىشقا باشلاپتۇ. ئاينۇرى قۇرغۇيغا غەزەپ بىلەن ۋارقىۋېتىپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا ئايگۈلى يوق، شۇ ھامان ئەتراپتىن ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. ئاينۇرى ئالاقىزادە بولۇپ، سىڭلىسىنى ئىزلەپ ۋارقىراپتۇ:   -ئايگۈلى! ئايگۈلى!   - مە، مە، مەن، - دېگەن بىر ئاۋاز كەپتۇ - دە، ئاينۇرىنىڭ ئالدىدا بىر چىرايلىق كېيىك بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ. ئەسلىدە، ئاينۇرى ئۇخلاپ قالغاندا، ئايگۈل ئۇسساپ ئويغىنىپ كېتىپ، «كېيىك كۆلى» بويىغا بارغان ئىكەن، شۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كىيىك بولۇپ قاپتۇ.   يۈر قاچايلى، - دەپتۇ ئوق ئاۋازىنىڭ ئەدەب كەتكەنلىكىدىن چوچىگەن ئاينۇرى. سىڭلىسى ئاينۇرىنى ئەگىشىپ قېچىپ كۆل بويىدىكى بىر تۈپ سېدىگە چىقىۋاپتۇ. بىراق ئۇلارنىڭ شولىسى «كېيىك كۆلى» گە چۈشۈپ قاپتۇ. ئوق ئۇزۇپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىۋاتقان  پادىشاھ ئۇلارنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ:   ئەنە كۆردۈڭلارمۇ؟ - دەپتۇ. ھەممە شۇ تەرەپكە قارىسا، كۆل ئىچىدە گۈزەل بىر قىز بىلەن چىرايلىق بىر كىيىك بالىسى تۇرغىدەك. پادىشا:   «ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ بۇيرۇغان ئىكەن. لەشكەرلەر كۆلگە كېچىپ كىرىشىگە ھېلىقى گۈزەل قىز بىلەن چىرايلىق كىيىك بالىسى غايىپ بوپتۇ. شاھ بېشىنى كۆتىرىپ ئاسمانغا قارىسا سېدە ئۈستىدە بىر گۈزەل قىز بىلەن كىيىك بالىسى بىللە تۇرغان شاھ ھەيران بولۇپ سوراپتۇل:   - ئادەممۇ سەن، پەرىمۇ؟   - ئادەم.   - بۇ نېمە كىيىك؟   - ھەمرايىم، - دەپتۇ ئاينۇرى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ. شاھ بىر قاراش بىلەنلا ئاينۇرىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ ئۆز ئىلكىگە ئاپتۇ.   شاھنىڭ خانايىم دېگەن خوتۇنى بولۇپ، توينىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئاينۇرىنى يامان كۆرۈپ قاپتۇ. شاھنى كۆڭۈلسىز قىلدۇرۇماپتۇ. شاھنىڭ ئاينۇرىغا بەرگەن سوۋغاتلىرىنى تارتىۋاپتۇ. ئىشقىلىپ، ئاينۇرىغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالماپتۇ. كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئوتۇشى بىلەن خانىمىنىڭ نىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ. ئاينۇرى بولسا ئېغىر بوي بوپ قاپتۇ.   بىر كۈنى شاھ يەنە بىر كۈنى لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. پۇرسەتنى ئوڭ بىلگەن خانايىم كۆل بويىدىكى قارا ياغاچقا گۈللەڭگۈچ سېلىپ، ئاينۇرىنى ئۇچۇشقا چاقىرىپتۇ. ساددا قىز خانئايىمنىڭ ئىلتىپاتىدىن كۆڭلى خوش بولۇپ، گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئويناپتۇ. ئاينۇرى گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئويناپتۇ. ئاينۇرى گۈلەڭگۈچتە بىر پەسلەپ، بىر ئىگىزلەپ، تازا قىزىق ئويناۋاتقاندا، خانايىم كېلىپ، «شارت» قىلىپ ئارغامچىنى كېسىۋېتىپتۇ. ئاينۇرى:   - ۋاي! - دەپ ۋارقىرىغان پېتى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن پەقەت كىيىكلا خەۋەردار بولۇپ قاپتۇ.   ئوردا ئىچىدە ئالا - توپىلاڭ كۆتىرىلىپ، شاھنى چاقىرغلى ئادەم مېڭىپتۇ. شاھ كەلگۈچە خانايىم ئېغىر ئاغرىق قىياپىتىگە كىرىپ يوتقانغا يوگىنىپ يېتىۋاپتۇ. ئەھۋالنى كۆرگەن شاھ ئېغىز ئاچقىچىلىك خانايىم:   - بەختسىزلىك، - دەپ يىغلاپتۇ.   - نېمە گەپ؟ - دەپتۇ شاھ.   - ئۇنى سېھىرگەر دىسەم ئىشەنمىدىلە، ئاقىۋەت نېمە بولدى، ئۇ، ماڭا... زەھەر، - خانايىم گېپىنى داۋاملاشتۇرماي تىۋىپقا قاراپتۇ. تىۋىپ ئۇنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ:   - كۈندەش خانايىمغا زەھەر ئىچكۈزۈپ قېچىپ كېتىپتۇ، - دەپتۇ.   - ھەي، مەككار، - دەپتۇ - دە، پادىشاھ دەرھال لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ:   - ئاڭلاڭلار! ئاينۇرى قاچقۇن، خىيانەتچى، ھازىر ئاتلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىڭلار! - دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ئاتلىنىپ تەرەپ - تەرەپكە ئاينۇرىنى ئىزلەپ چىقىپ كېتىپتۇ...   ھەدىسىدن ئايرىلىپ قالغان كىيىك بالىسى كۈندىن - كۈنگە شۇمشەرەپ، كۆل بويىدىن كەتمەي يىغلاپ يۈرگەن ئىكەن، بۇ ھال خانايىمنى غەزەپلەندۈرۈپتۇ. ئۇ تىۋىپنىڭ دورىسى شىپالىق بەرمىگەن، كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ يېتىۋاپتۇ. بىر كۈنى تىۋىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ خانايىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىپتۇ.   - نېمە قىلىش لازىم؟ - دەپتۇ پادىشاھ.   - بۇنىڭ بىردىن بىر داۋاسى... - دەپ جىم بولۇپ قاپتۇ تىۋىپ.   نېمە داۋا بولسا قىلايلى. - دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى سىلاپ تۇرغان كېيىك بالىسىنى نېرى ئىتتىرىپ. تىۋىپ مەقسەتنى ئېيتىشقا پېتىنالماي كىيىك بالىسىنى شەرەت قىپتۇ.   - كىيىكمۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ.   - سويۇپ، گوشىنى خانايىمغا يىگۈزۈپ، ئاشقىنىنى نەزىر قىلىۋەتسىلە ساقىيىدۇ، - دەپتۇ تىۋىپ.   شاھ جىم بولۇپ قاپتۇ. كىيىك بالىسى بولسا يەنە كۆلىنىڭ بويىغا بېرىپ مۇڭلىنىپ يىغلاپتۇ.   - ئوۋچىلارغا بۇيرۇق قىلاي، مۇشۇنداق كىيىك بالىسى ئېتىپ كەلسۇن، - دەپتۇ. پادىشاھ يېنىدىكى كىيىك بالىسىنى قىيماي.   - ياق ئاللا مېنىڭ دىلىمغا مۇشۇ كېىيىكنى سالغان، - دەپتۇ تىۋىپ، كىيىك بالىسى ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ۋە يەنە كۆل بويىغا بېرىپ باغرىنى يېقىپ يېتىپتۇ. شۇ ھامان كۆلنىڭ ئىچىدىن:   - ئەللەي بالام، ئەللەي،   كېچىلىرى چىراغىم.   ئوڭ يېنىدا ئالتۇن بولۇڭ،    سول يېنىمدا كۈمۈش بولۇڭ.   ئەللەي بالام، ئەللەي، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن يەنە:   - ئايلىنىپ مەن ئاي دەيمەن،   سېغىنىپ مەن ئايگۈلۈمنى.   ئەللەي ئېتىپ ھارمايمەن،   قارچۇغۇمنى، ئوغلۇمنى، - دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىيىك بالىسى كۆل بويىدىن يۆتكەلمەپتۇ.   ئەتىسى ئوردا ئىچىدە ئادەملەر كۆپىيىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئوچاقلار كولىنىپ، قازانلار ئېسىلىپتۇ. قاسساپ كېلىپ پىچىقىنى بىلەشكە باشلاپتۇ. ئاندىن كۆل بويىدىكى كىيىك بالىسىنى تۇتۇپ، يىقىتىپ، پۇت - قولىنى چۈشەپ، قىلىچتەك ئىتتىك پىچاقىنى كىيىك بالىسىنىڭ گېلىگە ئۇرۇشقا كىرىشكەندە، كېيىك بالىسىغا زۇۋان كىرىپ:   - ھەي پادىشاھ، گېپىمگە قۇلاق سال، - دەپتۇ. قاسساپ ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، قولىدىكى پىچاقنى چورۇۋېتىپتۇ. قول  - پۇتى چۈشەكلىك تۇرغان كىيىك بالىسى كۆل  تەرەپكە قاراپ يۇملاپ بېرىپ:   - ياخشى كۆرگەن جېنىم ھەدە،   سىڭلىڭ ساڭا يالۋۇرار.   سەن چىقمىساڭ بۇ كۆلدىن،    سىڭلىڭ سەندىن ئايرىلار! - دەپتۇ. ھەممە جىمجىت بولۇپ تىڭشىغان ئىكەن. كۆل ئىچىدىن :   - يۈرەك باغرىم ئېزىلدى.   غەم چېكشتىن ئاپپىغىم.   چىقاي دىسەم ھالىم يوق،   ئۇچاي دىسەم قاناتىم! - دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ. كىيىك كۆلگە يەنىمۇ يېقىن كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:   داش قازانلار ئېسىلدى،   قاسساپ ئاشپەز يىغىلدى؛   چاپسان چىققىن جان ھەدە،   پىچاق گالغا قادالدى!   شۇ چاغدا كۆلدىن مۇنداق ئاۋاز كەپتۇ:   - يېڭى گىلەملەر ئاستىمدا،   قوش بۆشۈكلەر يېنىمدا.   قانداق چىقاي جان ئۇكام،   ھاسان - ھۈسەن يېنىمدا!   بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئورنىدىن تۇرالماي قاپتۇ. كۆپچىلىك؛ «كولدىن چىققان ئاۋاز ئاينۇرنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، بۇ ئاينۇرى ئىكەن» دەپ ئويلاپ، ھەممىسى قاپاق، سوغا، تەڭنە ئېلىپ چىقىپ، ئولاش -چولاش كۆلنىڭ سۈيىنى توشۇۋەتكەن ئىكەن، ئىچىدىن ئىككى يېنىغا ئىككى ئالتۇن بۆشۈكنى قويۇپ، ئالتۇن كوكولىلىق، ھاسان - ھۈسەننى بۆلەپ تەۋىتىپ تۇرغان ئاينۇرى چىقىپتۇ.   ئاينۇرى كۆلدىن چىقىپلا كىيىكنى باغرىغا بېسىپ، بىر دورا ئىچكۈزگەن ئىكەن، كىيىك تىك تۇرۇپ، بىر سىلكىنىپلا، تېرىسىنى تاشلاپ، بىر گۈزەل قىز سىياقىغا كىرىپتۇ.   بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خانايىم بىلەن تىۋىپ نەگىدۇ قېچىپتۇ. شۇئان پادىشاھ:   - ئالدامچى خوتۇن بىلەن ھىلىگەر تىۋىپ تۇتۇلسۇن، - دەپ بۇيرۇپ قىپتۇ. كۆپچىلىك دەرھال خانايىم بىلەن تىۋىپنى تۇتۇپ كەپتۇ.   - بۇ ئىككىسىنى 41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ سۆرىتىپ، چۆلەە تاشلاڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. پادىشاھ يەنە. بۇيرۇقتىن رازى بولمىغان خانايىم سەكرەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ شاھقا:   - ئىككىمىز بىللە ياشىدۇق، بىللە ئۆلەيلى، - دەپتۇ - دە، شاھنىڭ كوكىسىگە خەنجەر ئۇرۇپتۇ. شاھ «ئاھ» دەپ يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. جامائەت شاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ، خانايىم بىلەن تىۋىپنى 41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھلىقنى ئاينۇرغا بېرىپ، ئۇنى تەختكە چىقىرىپتۇ.   ئاينۇرى، سىڭلىسى ئايگۈلى، ئوغۇللىرى ھاسان - ھۈسەنلەرنى خەلق بىلەن ئىجىل - ئىناق بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈ...
●  كەمەك ھەييار بىلەن ...
●  تايغان بىلەن بۈركۈ...
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرى...
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىز...
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش
●  ياخشىلىق يەردە قال...
●  قورققاق
●  جىننى قورقۇتقان مە...
●  كىشىنىڭ ھەققى
●  باتۇر ئۆچكە ھەققىد...
●  باتۇر قىز چۆچىكى...
●  چېچەن تاز چۆچىكى
●  مايمۇن قىز
●  ھۈۋەي باتۇر ھەققىد...
●  سەپەر قۇل ھەققىدە چ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا
●  كەمەك ھەييار بىلەن مۇخت...
●  تايغان بىلەن بۈركۈت
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرىل»
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى