بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چۆچەكلىرىمىز >> تايغان بىلەن بۈركۈت

تايغان بىلەن بۈركۈت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 16:05:48    كۆرۈلۈش سانى : 103  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[align=center][size=6][color=#FF0066]تايغان بىلەن بۈركۈت[/color][/size][/align]     بۇرۇن بىر ئەر - خوتۇن بوپتىكەن. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، خوتۇن ياش ئىكەن. تىلىكى «ئىجاۋەت» بولۇپ، خوتۇن ھامىلىدار بوپتۇ. ئاي - كۈنى توشۇپ، ئۇ بىر قىز تۇغۇپتۇ. قىز تۇغۇلغان كۈنى قوتاندىن بىر قوي يوقاپتۇ. ئوغلى ھەيران بولۇپ بۇنى ئىزلەپ يۈرگەندە يەنە بىر قوشقار يوقاپ كېتىپتۇ. بالا قولىغا قېلىچ ئېلىپ، ئاخشىمى قوتانغا كىرىپ، ئۇخلىماي ماراپ يېتىپتۇ. سەھەردە كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن. يەنە بىر قوي يوقاپ كېتىپتۇ؛ ئەلەمگە چىدىمىغان بالا ئۆز - ئۆزىنى ئەيىبلەپ:     - خەپ! - دەپ قويۇپتۇ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە قولىدىن قان چىقىرىپ، تۈز سېلىپ قويۇپتۇ. قولىنىڭ ئېچىشىشىغا ۋاي - ۋايلاپ ئۇخلىماي تۇرسا، ئاسماندىن  بىر ئوت يۇلتۇزدەك ساقىپ قوتانغا چۈشۈپتۇ. بالا قىلىچ بىلەن بىر چاپقان ئىكەن، ئوت چىرقىراپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ.   بالا بۇ ۋەقەگە ھەيران بولۇپ، يۇرۇق چۈشكەندە ئېغىلغا قارىسا، كىچىك بالىنىڭ چىمەلتىكى چۈشۈپ قاپتۇ. بالا بۇ ئەھۋالنى ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئوغرىنى تاپماق بولۇپ، خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئىزلەپتۇ. شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزلەپتۇ. ھېچيەردىن تېپىلماپتۇ. ئانىسى كېچىسى بوشۇككە يولىنىپ قىزىنى ئېمىتىۋاتقاندا، كۆزىگە ئۇيقۇ كەپتۇ. شۇ چاغدا  بۆشۈكتىن بىر ئوتنىڭ سوزۇلۇپ چىقىپ، سەھەردە سوزۇلۇپ كىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆز قىزى ئۈستىدە يامان ئويغا كېلىش يۈرىكىگە پاتماپتۇ. ئەمما ئوغلى پۈتۈن شەھەردىن ئىزلەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، ئانىسىغا:   - ھېچنەدىن تاپالمىدىم، ئەمدى قىزىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى! - دەپتۇ. ئۇلار قارىسا، قىزىنىڭ بىر چىمەلتىكى يوق.   - يائاللا، بۇ نېمە بالادۇ! - دەپتۇ ئانىسى.   - قىزىڭنى ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ ئوغلى.   بۇنىڭغا ئانىسى رازى بولماپتۇ. دادىسىمۇ قىيماپتۇ. بالا جىق ئېيتىپتۇ. بىراق، ئاتا - ئانىسى كۆنمىگەچكە ئىلاجى قىلالماپتۇ.   - ئۇنداق بولسا، ماڭا دۇئا بېرىڭلا، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن، - دەپتۇ ئوغلى.   - ئاتا - ئانىسى يىغلاپ - قاقشاپ ئوغلىغا دۇئا بېرىپ، ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.   ئوغلى قولىغا بىر تال چىۋىق ئېلىپ يول مېڭىپتۇ، چوللەرنى كېزىپتۇ. بىر كۆلنىڭ قېشىغا كېلىپ دەم ئاپتۇ. ئۇ قولىدىكى چىۋىقنى كۆل بويىغا سانجىپ قويۇپ، باشقا بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، شەھەرگە بېرىپ، بەش - ئون يىل مەدىكارلىق قىپتۇ. پۇل تېپىپ ئوي ساپتۇ. مىنىدىغان ئات ئاپتۇ. بىر بۈركۈت بىلەن بىر تايغان بېقىپ، ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. تۇرمۇشى ئاز - تولا تۈزەلگەندە ئۆيلىنىپتۇ. يىل ئۆتۈپتۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغول تۇغۇپتۇ. خوتۇنى تۇغقان كۈنلەردە بۇ يىگىت ئاتا - ئانسىنى ئەسلەپتۇ. ئانىسىنىڭ تۇغقان قىزىنى ئېسىگە ئاپتۇ. تۇغۇلۇپ - ئۆسكەن يۇرتىنى سېغىنىپتۇ. بۇنى خوتۇن سېزىپ:   - نېمە خىيال سۈرۈۋاتىسىز؟ - دەپ سوراپ قاپتۇ. ۋەقەنى خوتۇنىغا ئېيتىماپتۇ. ئەمما خوتۇننىڭ بېشىنى سىلاپ، پىشانىسىگە سۈيۈپتۇ.   - ئېيتىڭ،- دەپتۇ خوتۇنى.   - ئاتا - ئانامنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ. ئاخىر يىگىت.   - بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ، - دەپتۇ خوتۇنى.   - سەن يېڭى تۇغۇتلۇق تۇرساڭ، مەن قانداق بارىمەن، ئەڭ بولمىغاندا بالىمىزنىڭ قىرىق سۈيىنى قۇيۇپ، ئاندىن باراي دەپتۇ يىگىت.   ھەش - پەش دېگۈچە قىرىق كۈن ئۆتۈپتۇ. يىگىت بالىسىنىڭ بۆشۈك تويىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈشكە تەييارلىنىپتۇ. ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا ئۇ بىر قاچىغا سۈت، بىر قاچىغا قېتىق قويۇپ قويۇپتۇ. بۈركۈتنى قونداققا قوندۇرۇپ، تايغىنىنى تۈۋرۈككە باغلاپتۇ.   ئاندىن كېيىن خوتۇنىغا:   - سەن ۋاقتى - ۋاقتىدا بۇ سۈت بىلەن قېتىققا قاراپ تۇرغىن، ئەگەر سۈت قانغا، قېتىق يىرىڭغا ئايلانسا، تايغان بىلەن بۈركۈتنى قويۇپ بەرگىن، - دەپتۇ. بۈركۈتى بىلەن تايغىنىغا يېقىن بېرىپ، ئۇلارنىڭ باش - كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ:   - ئەگەر بېشىمغا ئېغىر  كۈن چۈشسە، مەن سىلەرنى ئۈچ قېتىم ۋارقىراپ  تۇرۇپ چاقىرىمەن، شۇ چاغدا ئۈلگۈرۈپ بارساڭلار مەن ئامان قالىمەن بولمىسا بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىمىز، - دەپتۇ.   شۇندىن كېيىن خوتۇنىنى، ئوغلىنى، بۈركۈتنى سۈيۈپ، تايغىنىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ قويۇپ، تۇغۇلغان يۇرتىغا قاراپ راۋان بوپتۇ.   ئۇزۇن مېڭىپتۇ، كۆل تۈۋىگە كەپتۇ. ھېلىقى تىقىپ قويغان چىۋىقى كارامەت يوغان دەرەخ بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ سايىسىدە ھاردۇق ئېلىپ، ئېتىنى ئوتقا چالدۇرۇۋېلىپ، يەنە مېڭىپ كېتىپتۇ. شەھەرگە يېقىن بېرىپ قارىسا، شەھەر پۈتۈنلەي ئەسكى تام بولۇپ قالغان، قىمىلىغان جان كۆرۈنمەپتۇ. دەرەخلەر سۇسىراپ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قاپتۇ. ئەسكى تاملار جىنخانىدەك كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ توختاپ ئويلاپتۇ. بىر تۇرۇپ قايتىپ كەتمەك بوپتۇ. شۇنداق ئۆيدە تۇرسا بىرلا تۇرخۇندىن ئىس چىقىۋاتقالىقى چېلىقىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ: «شۇنچە يەردىن كېلىپ ئەھۋالنى ئۇقماي كەتسەم مەتلىك بولماس» دەپ ھېلىقى تۇرخۇندىن ئىس چىقىپ تۇرغان ئۆينىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەپتۇ، ئۆي ئىچىدىن پىشانىسىدا بىر كۆزى بار بىر قىز چىقىپ:   - ئەسسالام ئاكا... ۋاي سادىغىڭىز بولاي، مېنىڭ ئاكامغۇ سىز! - دەپ ئاكىسىنى تۇنۇۋاپتۇ. ئۇنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، ئۆيگە باشلاپتۇ. ئاكىسىمۇ سىڭلىسىنىڭ بوۋاق ۋاقتىدا ئۆزى چېپىۋەتكەن چىمەلتىكىگە قاراپ تۇنۇپتۇ. ئەمما پىشانىسىدىكى بىر كۆزىنى كۆرۈپ، ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ. ھەممە ۋەقە چۈشۈنىشلىك بولغاچقا، سىڭلىسىدىن ئاتا - ئانىسىنى سورىماپتۇ. لېكىن ئاشۇ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنى پۈتۈن شەھەر خەلقىگە قوشۇپ، توخۇ - تۇمان، مال - ۋارانلارنىمۇ قويماي يەپ بولغانلىقىنى خىيالىدىن كەچۈرۈپتۇ. قىز شۇ ئارىدا «ئاكا» دەپتۇ.   - خوش سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى ئەنسىرەپ.   - قوسىغىڭىز ئاچقاندۇ، مەن سىزگە ئاش ئېتىپ بېرەي، - دەپتۇ قىز. ئەمما كۆڭلىدە: «مېنىڭ بىر چىمەلتىكىمنى چاپقانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى بىر يالماپ يەۋەتمەي، تىرىكلا قايناق سۇغا سېلىپ، پىشۇرۇپ يەي»دېگەن نېيەتكە كەپتۇ.   - بولىدۇ، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى ۋە «بۇ مېنى قازانغا سېلىپ پىشۇرىدۇ، ئەمدى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمۇ - يوقمۇ؟» دەپ خىيال قىپتۇ.   ئاڭغىچە قىز تۇرۇپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۇچاققا ئوت يېقىپتۇ. ئوتۇنغا بىر چىقىپ كىرگىنىدە، ئاتنىڭ بىر پۇتىنى يەپتۇ.   - ئاكا سىز ئۈچ پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.   - ھەئە، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى.   يەنە بىر چىقىپ كىرىپتۇ. - دە:   - ئاكا سىز ئىككى پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ.   - شۇنداق سىڭلىم، ئىككى پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىم، - دەپتۇ يىگىت.   سىڭلىسى تالاغا يەنە بىر چىقىپ كەتكەندە، «ئەمدى بۇ ئاتنى يەپ بولۇپ، مېنى يەيدۇ» دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا، سىڭلىسى كىرىپ:   - ئاكا ئېتىڭىزنى دۇملىتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ.   - ھەئە، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپ، - مەن چارچاپ قالدىم، دۇتارىڭىزنى بېرىڭ، تاماق پىشقىچە مەن ئۆگزىدە تۆڭلۈكتىن پۇتۇمنى ساڭگىلتىپ چېلىپ ئولتۇراي!   - بولىدۇ، - دەپتۇ قىز ۋە ئاكىسىنى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ، قازاننى قاينىتىشقا باشلاپتۇ. ئاكىسى دۇتار چېلىپ ئولتۇرسا، بىر ئاغمىخان  كېلىپ:   - بۇ سېنىڭ  سىڭلىڭ پۈتۈن شەھەردىكى ئادىمىزاتنى، مال - ۋاراننى، توخۇ - تۇماننى قويماي يەپ بولدى، بىزنىمۇ كۆرسە قويمايدۇ، پەقەت ئۇۋىمىزدىن چىقمايمىز، ئەمدى  ئېتىڭنى يەپ بولۇپ، سېنى يەيدۇ، جېنىڭنى ئال، - دەپتۇ.   - مەن قانداق قېچىپ كېتەلەيمەن، - دەپتۇ يىگىت.   - بۇ بىر كۆزلۈك يالماۋۇزنىڭ قىرىق قوشۇقى، سۈزگۈچى، تاغىقى، ئەينىكى بار، مەن ساڭا شۇلارنى ئوغرىلاپ بېرەي، سەن شۇلارنى ئېلىپ قاچ، يېتىشىپ كەلگەندە، بىرىنى تاشلاپ بەر، ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ، يەنە قوغلاپ كېلىدۇ، ھەر كەلگەندە بىرىنى تاشلا، شۇنداق قىلىپ قاچمىساڭ، قۇتۇلالمايسەن، - دەپتۇ.   يىگىت ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ئاغمىخان دېگەنلىرىنى ئوغرىلاپ بېرىپتۇ. بۇ يىگىت ئىككى ئۆتۈكىنىڭ قونچىسىغىچە قۇم سېلىپ، تۆڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە ساڭگىلتىپ قويۇپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئاغمىخان بولسا، بۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا دۇتارنى دىرىڭلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر كۆزلۈك يالماۋۇز ئېغىلغا كىرىپ، ئاكىسىنىڭ ئېتىنى  پۈتۈنلەي يېۋېتىپتۇ. ئۇ ئاتنى ھەزىم قىلىپ  سىڭدۈرگىچە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بىر چاغدا قورسىقى ئېچىپ ئاكىسىنى يېمەك بولۇپ:   - ئاكا، چۈشۈڭ، تاماق پىشتى، -  دەپتۇ.   ئاكىسى جاۋاب بەرمەي، دۇتارىنى چېلىۋېرىپتۇ. سىڭلىسىنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ بىر تارتقان ئىكەن، پېشانىسىدىكى بىر كۆزىگە قۇم تولۇپ كېتىپتۇ.   - خەپ! - دەپتۇ يالماۋۇز كۆزىنى ئۇۋىلاپ. ئۇ كۆپ جاپا بىلەن كۆزىدىكى قۇمنى چىقىرىۋېتىپ، «قېنى سېنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىنىڭنى كۆرەي» دەپ ئاكىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بىر موللاق ئېتىپ ئاكىسىغا يېتىپ بېرىپتۇ، ئاكىسى ئارقىسىغا قارىسا، بىر قارا قۇيۇن كېلىۋاتقىدەك، يېقىن كېلىپ:   - ھە، قېچىپ قۇتۇلماقچىمۇسەن، پۈتۈن شەھەر خەلقى قۇتۇلالمىغاندا، سەن ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن، - دەپتىكەن. ئاكىسى بىر قوشۇقىنى تاشلاپتۇ.   - خەپ! - دەپتۇ سىڭلىسى قوشۇقنى ئېلىپ، قىز قوشۇقنى ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ يەنە كەپتۇ. ئاكىسى يەنە بىر قوشۇقىنى تاشلاپتۇ، شۇنداق قىلىپ، يالماۋۇز قىرىق قېتىم ئۆيىگە بېرىپ كەپتۇ. قوشۇقلار تۈگىگەندىن كېيىن ئاكىسى تاغاقنى تاشلاپتۇ. تاغاق ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر تاغ بولۇۋاپتۇ. بىر ھازادا يالماۋۇز تاغدىن ئۆتۈپ يەنە يېتىپ كەپتۇ. يىگىت سۈزگۈچىنى تاشلاپتۇ. بۇ سۈزگۈچ - ئۆتكىلى بولماس بىر كەڭ ئورمانلىققا ئايلىنىپتۇ. ئاكىسى قېچىۋېرىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا، يالماۋۇز يەنە يېتىپ كەپتۇ. ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى  ئەينەكنى تاشلاپتۇ. بۇ ئەينەك - كۆز يەتمەس دەريا بوپتۇ. يالماۋۇز بۇ دەريادىن ئۆتكىچە ئاكىسى قېچىپ، ھېلىقى كۆلنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئەمدى قېچىپ قۇتۇلۇشقا ھېچ ئامالى قالمىغاچقا، ھېلىقى چىۋىقتىن ئوسكەن يوغان تېرەكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. يالماۋۇز دەريادىن ئۆتۈپ، ئاخىرى كۆل بويىدىكى تېرەك تۈۋىگە كېلىپ، ئاكىسىنى يوقىتىپ  قويۇپتۇ. كۆپ ئىزلەپ،ئاخىرى كۆرۈپ قاپتۇ. تېرەككە چىقىشنىڭ ئىلاجىسىنى قىلالماپتۇ.   - ئاكا، ئاكا! - دەپتۇ يالماۋۇز.   - نېمە دەيسەن؟ -  دەپتۇ ئاكىسى.   - سىزنى تېرەكتىن قانداق چۈشۈرىمەن؟   -  ھەربىر چىشىڭنى بىردىن سۇغۇرۇۋېلىپ، ئوتتۇز ئىككى چىشىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەرە قىلىپ تېرەكنى كەسسەڭ يىقىلىدۇ. شۇ چاغدا مېنى چۈشۈرەلەيسەن، - دەپتۇ يىگىت.   ياماۋۇز بىرىنچى چىشىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ھەرە قىپتۇ - دە، تېرەكنى كېسىشكە باشلاپتۇ. ئاكىسى تېرەك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاسمانغا، يەرگە قارىسا، بۇركۈتى ياكى تايغىنى كۆرۈنمەپتۇ.   بۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز يىگىتنىڭ ئۆيىدىن گەپ باشلايلى:   يىگىت ئاتا - ئانىسىنىڭ شەھىرىگە كەتكەندىن بېرى خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، خوتۇن كۈندە سۈت، قېتىققا قارىسا، يا قان، يا يىرىڭ كۆرۇنمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خوتۇنى ئۆز ئاتا - ئانسىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كېتىپتۇ. تايغان بىلەن بۈركۈت ئۆز جايىدا ئولتۇرۇپ، سۈت - قېتىققا قاراپ تۇرپتۇ. بىردىنلا سۈت قانغا، قېتىق يىرىڭغا ئايلىنىپ كېتپتۇ، ئەمما بۈركۈتمۇ، تايغانمۇ، ھە دەپ زەنجىرىنى ئۈزۈشكە زورۇقۇپ بېقىپتۇ. ھېچ بوشۇنالماپتۇ. بۈركۈت چاكىلداپ بېقىپتۇ، تايغان ھاۋشىپ بېقىپتۇ. بۇلارنى بوشىتىپ قويۇپ بېرىدىغان كىشى چىقماپتۇ. تاق مۇشۇ چاغدا بىر كۆزلۈك يالماۋۇز ئوتتۇزىنچى چىشىنى سۇغۇرۋېلىپ، تېرەكنى ھەرىدەۋېتىپتىكەن، بۈركۈت بىلەن تايغان بار كۈچى بىلەن بىر يۇلغۇنۇپتىكەن، زەنجىرنى ئۈزۈۋاپتۇ. ئۇ دەررۇ بۈركۈتنىڭ پۇتىدىكى يىپنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپتۇ - دە، ئىككىسى ئىگىسى تەرەپكە قاراپ ياردەمگە مېڭىپتۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ئىگىسىنىڭ ئۇلارنى چاقىرغان بىرىنچى ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. بۈركۈت تايغانغا:   - سەن مېنىڭ كەينىمدىن بارارسەن، - دەپ، ئىگىز ئاسماندىن كۆل تەرەپكە پۈتۈن كۈچى بىلەن شۇڭغۇپتۇ - دە، بوراندەك كېلىپ، بىر كۈزلۈك يالماۋۇزغا چاڭگال ساپتۇ. بۇ ئىككىسى تۇتۇشۇپ كېتىپتۇ. يالماۋۇز ھالسىراپ، قاچار جاي تاپالماي، بۈركۈتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆلگە سۆرەپتۇ. شۇ چاغدا دەرەخ يېقىلىپتۇ. يىگىت كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر كۆزلۈك يالماۋوز ئۆلەر ھالەتتە ئاكىسىنى يەۋېتىشكە ئىنتلىپتۇ. بۈركۈت بىر پۇتىدا يىقىلغان دەرەخ شاخلىرىنى تۇتۇپ، بىر چاڭگىلدا ئۇنى مىجىقلاپ قويۇپ بەرمەپتۇ. شۇ چاغدا تايغان يېتىپ كەپتۇ. ئۇ پۈتۈن غەزىۋى بىلەن بىر كۆزلۈك يالماۋۇزنىڭ گەجگىسىدىن چىشلەپ، ئىككى سىلكىپ، بېشىنى كۆلنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تالاپتۇ. بۇ چاغدا يالماۋۇز بۈركۈتتىن ئاجراپ، تايغان بىلەن ئېلىشىپتۇ. بىر - بىرىنى سۆرۈشىپ ھەر ئىككىسى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. يىگىت بولسا، ناھايىتى تەسلىكتە كۆلنىڭ قىرغىقىغا قاراپ ئۈزۈپ بىرچۆكۈپتۇ،بىر چىقىپتۇ، ئاخىرى ھالسىزلىنىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بۈركۈت قانات كېرىپ، ئىگىسى غۇلاچ يېيىپ كۆرۈشۇپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار كۆلدىن تايغان تىرىك چىقامدۇ ياكى يالماۋۇز تىرىك چىقامدۇ؟ دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ.   - ئەگەر، - دەپتۇ بۈركۈت، - يالماۋۇز چىقسا، سەن مېنى پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئات، مەن ئۇنى مىجىقلاپ ئېلىپ، ئاسمانغا كوتىرىپ چىقىپ، تاغۇ - تاشلارغا ئۇرۇپ، كۆزىنى چوقۇپ قارغۇ قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، - دەپ تۇرۇشىغا، كۆلنىڭ سۈيى زەرداپ بولۇپ، يىرىڭغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا تايغان كۆلدىن ئۈزۈپ چىقىپ، بىر سىلكىنىپ، ئىگىسىنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. يىگىت تايغىنىنى قۇچاقلاپ ئەركىلىتىپتۇ، بۈركۈتىنى سۆيۈپ، قولىغا قوندۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئۇلار بىللە ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ.   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈ...
●  كەمەك ھەييار بىلەن ...
●  تايغان بىلەن بۈركۈ...
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرى...
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىز...
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش
●  ياخشىلىق يەردە قال...
●  قورققاق
●  جىننى قورقۇتقان مە...
●  كىشىنىڭ ھەققى
●  باتۇر ئۆچكە ھەققىد...
●  باتۇر قىز چۆچىكى...
●  چېچەن تاز چۆچىكى
●  مايمۇن قىز
●  ھۈۋەي باتۇر ھەققىد...
●  سەپەر قۇل ھەققىدە چ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا
●  كەمەك ھەييار بىلەن مۇخت...
●  تايغان بىلەن بۈركۈت
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرىل»
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى