بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چۆچەكلىرىمىز >> پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى

پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 13:40:58    كۆرۈلۈش سانى : 111  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
    بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن خوتەن پادىشاھىنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ بۇ ئۈچ قىزىغا نۇرغۇن دۇنيا خەجلەپ ئۈچ باغ ياسىتىپتۇ. بۇ ئۈچ قىزنىڭ 40 تىن 120 كىنىزىكى بار ئىكەن. بۇ باغقا ئۇلاردىن بۆلەك ھېچقانداق كىشىنىڭ كىرىشىگە بولمايدىكەن.   بىر كۈنى پادىشاھ يۈسۈپ ئاتلىق ۋەزىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ:   - سىز قىزلارنىڭ بېغىنىڭ بۇزۇلغان يېرى بارمۇ، سۇلىرى توختاپ قالدىمۇ، مېۋىلىرى قۇرۇپ كەتتىمۇ، تاملىرى ئۆرۈلدىمۇ؟ كۆرۈپ كېلىڭ، بۇزۇلغان يەرلىرى بولسا، تېزلىك بىلەن ياسىتايلى. قىزلار بۇزۇلغان يەرلەرنى كۆرسىمۇ بىزگە ئېيتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىز ئالدىن تەكشۈرۈپ باقايلى، - دەپتۇ.   ۋەزىر باغنى تۈگەل تەكشۈرۈپتۇ، ھەتتا قىزلارنىڭ راۋاقلىرىنىمۇ كۆزدىن كۆچۈرۈپتۇ. قارىسا، باغنىڭ بەش - ئالتە تۈپ مېۋىسى قۇرۇپ كەتكەن، ئېرىقلار سۇسىز تۇرغان، بىر تام ئۆرۈلەي دەپ قالغان. راۋاقنىڭ خىشلىرى ئاجراشقا باشلىغان، ۋەزىر باغنى ئارىلاپ يەنە بىر يەرگە كەلسە، قىزلار ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتقان. ۋەزىر >بۇلار نېمە دېيىشىۋاتىدىكىن< دەپ بىر يەرگە مۆكۈپ تىڭشاپتۇ. قىزلار بىر - بىرىگە:   - بىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدۇق، ئاتىمىز بىزنى ساقلاپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ ئەرگە بەرسە بولمامدىغاندۇ؟ - دەپ سۆزلىشىۋېتىپتۇ. ۋەزىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، باغدىن يېنىپ پادىشاھقا باغنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى دەپتۇ ۋە ھەر بىر بۇزۇلغان يەرگە ئايرىم - ئايرىم ئادەم قويۇپتۇ.   يەنە بىر كۈنى ۋەزىر >مەدىكارلار قانداق ئىشلەۋاتىدىكىن، كۆرۈپ كېلەي< دەپ باغقا كەلسە، مەدىكارلارنىڭ بەزىلىرى ئىشلەۋاتقان، بەزىلىرى ئىش خوشياقماي ئولتۇرغان. ۋەزىر باغنى ئايلىنىپ قىزلارنىڭ يېنىغا كەلسە، قىزلار يەنە ئۆتكەنكى پاراڭنى قىلىشىۋاتقان ئىكەن.   پادىشاھنىڭ قىزلىرىنىڭ بويىغا يەتكىنىنى كۆرگەن ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋەزىر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا قىزلىرىنى ياتلىق قىلىش ھەققىدە گەپ ئېچىپتۇ.   - پادىشاھىم، - دەپتۇ ۋەەزىر، - بىز قىزلاردىن تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلساق، ياتلىق بولغاندا تاماق ئېتىشنى بىلمىسە سەت بولىدۇ.   پادىشاھ ۋەزىرىنىڭ بۇ مەسلىھىتىنى قوبۇل كۆرۈپتۇ ۋە قىزلىرىنى تاماق ئەتكۈزۈپ سىنىماق بولۇپتۇ. ۋەزىر قىزلارنىڭ يېنىغا كىرىپ:   - داداڭلار سىلەرنى تاماق ئېتىپ بەرسۇن دەيدۇ، - دەپتۇ. قىزلار تاماق ئېتىشكە كىرىشىپتۇ.   چوڭ قىزى كاۋاپ پىشۇرۇپتۇ. كاۋاپنىڭ يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن، يېرىمى خام. ئوتتۇرانچى قىزى چۆچۈرە ئېتىپتۇ، چۆچۈرىنىڭمۇ يېرىمى پىشقان، يېرىمى خام. كىچىك قىزى كۆرۈنۈشى توڭ بىر چىلگە كىرگۈزۈپتۇ.   پادىشاھ بۇ تاماقلارنى يەپ باقسا، يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن، يېرىمى خام ئۇنىڭ كەينىدىن قىزلار يەنە باشقا تاماقلارنى كىرگۈزۈپتۇ.  پادىشاھ بۇنى يەپ كۆرسە ناھايىتى تاتلىق ھەم مەزىلىك پىشقان. پادىشاھ بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپتۇ. كېيىن چىلگىنى تىلسا، تېشى سويمىدەك تۇرغان بىلەن ئىچى پىشىپ كەتكەن. پادىشاھ بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، ۋەزىرىدىن:   - بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر پادىشاھقا:   - بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، مەن بۇ سىرنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرىمەن، - دەپتۇ.   - كەچتىم، - دەپتۇ پادىشاھ.   - بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق، - دەپ سۆز باشلاپتۇ ۋەزىر، - بۇلارنىڭ تاماقنىڭ يېرىمىنى خام. يېرىمىنى كۆيدۈرۈپ كىرگۈزۈشىدىكى سەۋەب >بىز بالاغەتكە يەتتۇق، ياتلىق بولىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى< دېگىنى، كىچىك قىزىڭىزنىڭ سويما كىرگۈزگىنى >مېنى كىچىك دېگەن بىلەن مېنىڭمۇ ۋاقتى - قارارىم يەتتى< دېگىنى.   - ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.   - بىز بۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاندىن ياتلىق قىلايلى، - دەپتۇ ۋەزىر. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، قىزلىرىدىن ساراي خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراپتۇ.   - ئۈچ كۈندىن كېيىن جاۋاب بېرەيلى، - دەپتۇ قىزلار. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ.   - ئاتام بىزگە ئېگىز راۋاق سالدۇرسۇن، - دەپتۇ قىزلار ساراي خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق ۋەزىرگە، - 14 كۈنىگىچە پۈتۈن خەلق شۇ راۋاق ئالدىدىن ئۆتسۇن، بىز راۋاق ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزگە يارىغان يىگىتكە گۈل، ئالما ئاتىمىز، مانا شۇ يىگىتكە بىزنى بەرسە بولىدۇ.   ۋەزىر قىزلارنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ دەرھال راۋاق ياسىتىپ، >پۈتۈن خەلق راۋاق ئالدىدىن ئۆتسۇن!< دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. بۇ خەۋەر شەھەر - شەھەرگە تاراپتۇ. ھەر بىر شەھەردىن پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلغان شاھزادە، بەگزادىلەر، پۇقرالار كېلىشىپتۇ ۋە راۋاقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. 10 - كۈنى بولغاندا بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى راۋاق ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ قىزى شۇ شاھزادىگە گۈل، ئالما تاشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى شاھزادىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئوتتۇرانچى قىزى بىر ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا گۈل، ئالما تاشلاپتۇ. ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپتۇ. كەنجى قىزى بولسا بىر گاداي بالىغا گۈل، ئالما تاشلاپتۇ.   بۇ بالا بۇرۇن باشقا بىر شەھەردە بىر باينىڭ پادىچىسى ئىكەن، ئۇ ماللارنى بىر تاغقا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ، ماللاردىن ئايرىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باينىڭ ئالدىغا مالسىز بېرىشتىن قورقۇپ، باشقا ياققا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ بىر تاغقا كەلگەندە، بىر بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. بوۋاي مۇشۇ تاغدا شېيىخ بولۇپ ياشايدىكەن، ئۇ پادىچىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. پادىچى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.   - سەن بىر يېتىم ئىكەنسەن، - دەپتۇ بوۋاي پادىچىغا، - ئەمدى مەن سېنى ئوقۇتىمەن. مۇشۇ تاغدا بىر بۇلاق سۈيى بار، شۇ سۇدىن ئىچسەڭ پالۋان بولىسەن.   پادىچى ماقۇل بولۇپتۇ. بوۋاي بالىنى ئوقۇتۇپتۇ، ئاندىن تاغدىكى بۇلاق سۈيى بىلەن يۇيۇپتۇ، يەنە بىر بۇلاق سۈيىدىن ئىچكۈزۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي پادىچى بالىنى ئېلىپ يەتتە كۈنلۈك ساياھەتكە چىقىپتۇ، بۇلار بىر يەرگە كەلگەندە قاراقچىلارغا يولۇقۇپ قاپتۇ. قاراقچىلار بۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىگە ساپتۇ. بىر كۈنى قاراقچىلار قىمار ئويناپ تازا قىزىپ كەتكەن چاغدا، بوۋاي بىلەن بالا ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ كەپتۇ.   - نېمىشقا كىرىشتىڭ، ئىشىڭنى قىلىشساڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ قاراقچىلار.   - ھەر بىرلىرىدىن شۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالايلى دەپ كىردۇق، ھەممە ئىشنى پۈتتۈرۈپ قويدۇق، - دەپتۇ بوۋاي.   - بوپتۇ، ئولتۇرۇپ ئۆگىنىۋالسۇن، - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى. قاراقچىلار يەنە قىمارنى باشلاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بوۋاي:   - مەنمۇ ئوينايمەن، - دەپتۇ. قاراقچىلار:   - سەن نېمەڭگە ئوينايسەن؟ قۇرۇق جېنىڭغا ئوينامسەن؟ - دەپتۇ.   - ئاشۇ تاغدىكى ماللار مېنىڭكى، - دەپتۇ بوۋاي يىراق بىر تاغنى كۆرسىتىپ، - مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام، سىلەرگە شۇ تاغدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، ئەگەر سىلەر ئۇتتۇرۇپ قويساڭلارچۇ؟    - بىز ئۇتتۇرۇپ قويساق، - دەپتۇ قاراقچىلار، - ساڭا مۇشۇ دۇنيالىرىمىزنىڭ بارىنى بېرىمىز، يەتمىسە ئۆيىمىزدە چىرايلىق يىگىرمە قىزىمىز بار، شۇلارنىمۇ بېرىمىز.   قىرىق قاراقچى ھەممە نەرسىلىرىنى بوۋايغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ، بىراق ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىدىن تېنىپ يەنە ئويناپتۇ. بوۋاي ئۇلارنى قايتا - قايتا يەتتە قېتىم ئۇتۇۋاپتۇ. ئاخىرىدا قاراقچىلار چىدىماستىن بوۋاي بىلەن جەڭ قىلىشىپتۇ. بوۋاي قىرىق قاراقچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆيدىكى قىزلارنى ئازاد قىلىپتۇ، قىزلارنىڭ ئۆيى يېقىنلىرىنى ئەرچە كىيىندۈرۈپ، ئاتلارغا مىندۈرۈپ ئۆيلىرىگە يولغا ساپتۇ. تۆت قىزنىڭ ئۆيى يىراق بولغانلىقتىن، بوۋاي بىر قىزنى پادىچىغا تاپشۇرۇپ، قالغان ئۈچ قىزنى ئۆزى يەتكۈزۈپ قويماقچى بولۇپ ئېلىپ كېتىپتۇ. پادىچى بالا بۇ قىزنى شەھىرىگە ساق - سالامەت يەتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى پادىچى بالىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولۇپتۇ. لېكىن پادىچى بالا ئالغىلى ئۇنىماپتۇ. پادىچى بالا قايتماقچى بولۇپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى پادىچى بالىغا يەتتە قۇر كىيىم - كېچەك تەييارلاپ بېرىپتۇ. قىز بولسا بوۋىسىدىن قالغان بىر قىلىچ بىلەن بىر قۇر ئېسىل شاھزادە كىيىمىنى سوۋغا قىلىپتۇ. قىزنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر ۋاپادار ئېتى بار ئىكەن، ئۇنىمۇ بالىغا يوللۇق تۇتۇپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى يەنە بوۋايغا سوۋغا - سالاملار يوللاپتۇ. پادىچى ئۇلارنى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ - دە، ئون كۈن بولغاندا بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. پادىچى بالا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ سوۋغا - سالاملىرىنى بوۋايغا تاپشۇرۇپتۇ، بوۋاي بۇنى ئېلىپ خۇشال بولۇپتۇ.   - بالام، - دەپتۇ بوۋاي پادىچىغا، - سېنىڭ ئۆيلىنىدىغان ۋاقتىڭ بولدى. سەن ئەمدى بۇ ئېسىل كىيىملەرنى، ئات ۋە قىلىچلارنى بىر يەرگە قويۇپ، شەھەرگە بار. بۇ ئات بىلەن كىيىم - كېچەكلەر قاچان ساڭا كېرەك بولسا ئەكىتەرسەن.   - بوۋا، - دەپتۇ پادىچى بالا، - سىز بۇ ئات بىلەن كىيىم - كېچەكلەرنى ساقلاپ تۇرسىڭىز. بۇ يەر شەھەرگە يېقىن ئىكەن، مەن پات - پات يېنىڭىزغا كېلىپ تۇرسام.   بوۋاي ماقۇل بولۇپتۇ. پادىچى بالا شەھەرگە قاراپ راۋان بولۇپتۇ. ئۇ يولدا بىر قوتازنى تۇتۇۋاپتۇ - دە، قوتازغا مىنىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. دەل شۇ كۈنى پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى راۋاقتا ئولتۇرغان ئىكەن. ئادەملەر قوتازنى كۆرۈپ قېچىپتۇ. قوتازمۇ ئادەملەردىن ئۈركۈپتۇ. پادىچى بالا بىر شاھزادىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، راۋاقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى پادىچىغا ئالما ۋە گۈل تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىچى بالىنىمۇ ئوردىغا ئەكىرىپتۇ. پادىشاھ كۈيئوغلىنى قىزلارنىڭ بېغىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئىككى كۈيئوغلىنى ياخشى كىيىندۈرۈپتۇ، پادىچى بالىنى شۇ تۇرقى بىلەنلا ئەۋەتىپتۇ. ئەمما پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى پادىچى بالىغا ئالاھىدە زوق بىلەن قاراپتۇ.   پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى يىگىتلەردىن سوئال سوراشقا باشلاپتۇ. چوڭ قىز:   - دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ - دەپ سوراپتۇ. تېگىدىغان يىگىتىدىن.   - ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە خوتۇن، - دەپتۇ ئۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىچى بالا ئۇنىڭغا تۈزىتىش بېرىپ:   - دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن ھاۋا بىلەن سۇ ئەڭ قىممەتلىك، خوتۇن دېگەنمۇ بىر ئادەم، - دەپتۇ.   - بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن بىلەن ئۆزى چىرايلىق شاھزادە بولغاندىكىن مەيلى، - دەپتۇ چوڭ قىزى.   - ئۆزى ئوۋلاپ ئاتقان كىيىكنىڭ گۆشى تاتلىقمۇ ياكى بازاردىكى تەييار گۆش تاتلىقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئوتتۇرانچى قىزى ئۆز يىگىتىدىن.   - بازاردىن پۇلغا سېتىۋالغان گۆش تاتلىق، - دەپتۇ يىگىت. - ئۆزى چارچاپ ئوۋلاپ يۈرگەندىن كېيىن كىشى جاپا تارتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە پۇل بولغاندىكىن، سېتىۋېلىپلا يىسە تاتلىق بولمامدۇ؟   - ئۆزى ئوۋلاپ ئاتقان كىيىكنىڭ گۆشى تاتلىق، - دەپ يەنە تۈزىتىش بېرىپتۇ پادىچى بالا، - چۈنكى ئادەملەر قانچىلىك جاپا تارتسا، شۇنچە راھەت كۆرىدۇ.   ئاخىرىدا كىچىك قىزى پادىچى يىگىتتىن:   - ئادەملەردە نەچچە خىل مىجەز بار، - دەپ سوراپتۇ.   - ئادەملەردە يەتمىش نەچچە خىل مىجەز بار، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - بەزى ئادەملەر ئۇرۇشقان، بەزىلىرى ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈل، بەزىلىرى قارا نىيەت بولىدۇ. زادى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ.   بۇ سۇئالغا پادىچى يىگىتنىڭ توغرا جاۋاب بەرگەنلىكىگە پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.   پادىشاھ قىزلىرىنىڭ تويىنى قىلىپتۇ. ئىككى قىزىغا باغدىن كاتتا ئۆيلەرنى بېرىپتۇ. كىچىك قىزىغا بولسا >پادىچىغا تەگدى، مېنى نومۇسقا ئۆلتۈردى< دەپ ئېغىلدىن ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ ۋە بۇ قىزىنى مەدىكارلارنىڭ تامىقىنى ئېتىشكە، پادىچىنى بولسا قوي بېقىشقا ساپتۇ.   - بىر كۈنى كىچىك قىزى ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ يىغلاپتۇ.   - بىزنىڭ ئۆيگە ئايدا بىر قېتىممۇ كىرگۈڭلار كەلمەيدۇ، ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگە كۈندە بارىسىلەر، مەن سىلەرنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم، - دەپتۇ قىز.   - ھەممە ئىشنى ئۆزۈڭ قىلدىڭ، ئادەم تېپىلمىغاندەك پادىچىغا تەگدىڭ، - دەپتۇ ئانىسى، - بوپتۇ، بىز بىر ھەپتىدىن كېيىن داداڭ، ھەدىلىرىڭ، كۈيئوغۇللار بىلەن سىلەرگە مېھمان بولۇپ بارايلى.   قىز ئۇ يەردىن يېنىپ كېلىپ، بۇ گەپنى پادىچى يىگىتكە ئېيتىپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەن. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ:   - بوپتۇ، كەلسە كەلسۇن، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ، قېيىنئاتا ۋە قۇدا - باجىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.   - سەن ئاۋۇ تاغقا بارساڭ، - دەپتۇ بوۋاي بالىغا بىر تاغنى كۆرسىتى، - تۈرلۈك ياۋا مېۋىلەر بار، ئۇلار ناھايىتى تاتلىق. شۇلاردىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى مېھمان قىل.   پادىچى يىگىت بوۋاي كۆرسەتكەن تاغقا بېرىپ، تۈرلۈك مېۋىلەردىن ئېلىپ، كىيىك، بۇغا - ماراللارنى تۇتۇپ، بوۋايدىن تۈرلۈك دورا - دەرمانلارنى ئېلىپ كېلىپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ. خوتۇنى بۇلارنى پەتنۇسلارغا تىزىپ، كىيىكنىڭ گۆشىدە تۈرلۈك تاماقلارنى ئېتىپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى چۈشتە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قۇدا - باجىلىرى مېھمانغا كەپتۇ. قىز تەييارلىغان مېۋىلەرنى ئاتا - ئانا، ئىگىچىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. پادىشاھ مېۋىلەرنى يىگەن ئىكەن، بەكمۇ تېتىپ كېتىپتۇ.   - بالام، - دەپتۇ پادىشاھ كۈيئوغلىغا، - مېۋىدىن بولسا يەنە يىسەك، نەدىن ئەكەلدىڭ؟   - تاغدىن ئەكەلدىم ئاتا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىچى يىگىت.   يەنە بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. يىگىت:   - بار، مەن ئەكىلىپ بېرەي، - دەپ تالاغا چىقىپ قوتازنى مىنىپتۇ - دە، يەنە ھېلىقى مېۋىلەردىن ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ يەنە يەپتۇ. ئاڭغىچە تاماق تەييار بولۇپتۇ. پادىشاھ تاماقنى يىسە ئۇمۇ شۇنداق تاتلىق. پادىشاھ باشقا قىزلىرىنىڭ ئۆيىدە مۇنداق مەزىلىك تاماق يىمىگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ كىچىك قىزىنى ماختاپ كېتىپتۇ.   پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى ئەتىسى ئەتىگەنلىك چايغا ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئىگىچىلىرىنى يەنە چاقىرىپتۇ. ئۇلار يەنە كېلىپ تاماق يەپ كېتىشىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ يەنە كەپتۇ. قىز ئۇ كۈنىمۇ يەنە شۇنداق ئېسىل تاماق تەييارلاپتۇ، ئەمما شورپىنىڭ ئىچىگە قوينىڭ توپۇقىنى سېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ ۋە مېھمانلار شورپىنى ئىچىشكە باشلاپتۇ. ئاخىرىدا قارىسا، پادىشاھ شورپا ئىچكەن چىنىنىڭ تېگىدە توپۇق كۆرۈنۈپتۇ. قارىسا قوينىڭ توپۇقى.   - بالام، تاماق شۇنچە مەزىلىك ئىكەن، بىراق ئىچىدە قوينىڭ توپۇقى تۇرىدۇ - غۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قىزىدىن.   - تۇرغان جايىمىز ئېغىل بولغاندىن كېيىن، توپۇق چۈشۈپ قالسىمۇ قالغاندۇ، - دەپتۇ قىزى. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكمۇ خىجىل بولۇپتۇ. پادىشاھ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قىزىغا ئېغىلنىڭ باشقا تەرىپىدىن بىر قورا جاي بېرىپتۇ. بۇلار ئۇ يەرگە كۆچۈپ چىقىپ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ قىزى قولى بوش كۈنلىرى ياغلىق تىكىپ سېتىپ، ئۆيىنى كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن قامدايدىكەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۈچ كۈيئوغلىنى چاقىرىپ چوڭىغا:   - سەن تۆت يولۋاسنىڭ بېشىنى كېسىپ ئەپكەل، - دەپ بۇيرۇپتۇ.   - سەن تۆت بۆرىنىڭ بېشىنى كېسىپ ئەپكەل، - دەپتۇ پادىشاھ ئوتتۇرانچى كۈيئوغلىغا. پادىچى يىگىتكە بولسا:   - سەن تاغدىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ كەل، - دەپ بۇيرۇپتۇ. كۈيئوغۇللار >ماقۇل< دېيىشىپ بىللە يولغا چىقىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن پادىچى يىگىت غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. ئىككى كۈيئوغۇل ئۇنى ئىزلەپ تاپالماي، باشقا ياققا كېتىپ قاپتۇ.   پادىچى يىگىت ئۇدۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە بوۋايغا پادىشاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئېيتىپتۇ. بوۋاي:   - مەن ساڭا مۇنۇ تاغنىڭ نېرىسىدىكى تاغدا يۈرگەن يولۋاس، بۆرىلەرنى كۆرسىتىپ قوياي، شۇلاردىن ئۆلتۈرۈپ ئەپكەلگىن، - دەپتۇ. يىگىت ھېلىقى ۋاپادار ئارغىماقنى مىنىپ، قىلىچىنى ئېسىپ، شاھزادە كىيىملىرىنى كىيىپ، يولۋاسلار بار تاغقا بېرىپتۇ ۋە يولۋاس، بۆرىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، تۆت يولۋاس بىلەن تۆت بۆرىنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ، خۇرجۇنىنىڭ ئىككى بېشىغا ساپتۇ - دە، ھېلىقى بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاندىن بوۋاي بېقىپ ئۆگەتكەن يولۋاس، بۆرىلەرنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئىككى بەگزادە كەتكەن تەرەپكە مېڭىپتۇ. پادىچى يىگىت يىراقتىن قارىسا، ئۇلار ھېچ نەرسە تۇتالماي، يولۋاس، بۆرىلەرنى كۆرسىمۇ يېقىن بارالماي، يىراقتىن ئوقيا ئېتىپ تەككۈزەلمەي يۈرگەن ئىكەن. بەگزادىلەر قۇرۇق قايتماقچى بولۇۋاتقاندا، پادىچى شاھزادىلىك كىيىملىرىنى كىيىپ، كەينىگە ئەگەشتۈرگەن يولۋاس، بۆرىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.   - كىم سىلەر؟ بۇ يەرگە نېمە ئىزلەپ كېلىپ قالدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ پادىچى يىگىت ئۇلاردىن، ئىككى شاھزادە ئۇنى تونۇماستىن، پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرغان پەرمانىنى دەپتۇ.   - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - مەن سىلەر ئىزلىگەن نەرسىلەرنى بېرىمەن، سىلەردىن مېنىڭمۇ سورايدىغىنىم بار.   - ماقۇل، - دەپتۇ بەگزادىلەر دەرھال. يىگىت ئۇلارغا يولۋاسنىڭ، بۆرىنىڭ باشلىرىنى ساناپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئىككىسىنىڭ يانپىشىغا >پادىچى< دېگەن تامغىسىنى بېسىپ قويۇپ بېرىپتۇ. بەگزادىلەر يولۋاس، بۆرىلەرنىڭ بېشىنى تاپقىنىغا خۇش بولۇپ قايتىپ كېتىپتۇ.   پادىچى يىگىت ئۇلارنى كەتكۈزۈپ، بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئات، قىلىچ، كىيىملىرىنى يېشىپ قويۇپ، مېۋىنى ئېلىپ، قوتازغا مىنىپتۇ - دە، ئوردىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئۆزى تاپشۇرغان نەرسىلەرنى تېپىپ كەلگىنىگە ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.   پادىشاھ يەنە بىر كۈنى ئىككى كۈيئوغلىنى پادىچى تېپىپ كەلگەن مېۋىدىن ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ. لېكىن ئۇلار تاپالماپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار پادىچىنى يوق قىلىشنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ.   بىر كۈنى پادىشاھ پادىچىنى چاقىرىپ:   - سەن تاغقا بېرىپ يولۋاس، بۆرىلەرنىڭ ئۆزىنى تىرىك تۇتۇپ كە، بولمىسا ئاكىلىرىڭغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈپ ئەكىلەلىسەڭمۇ بولىدۇ، - دەپتۇ. پادىچى پادىشاھنىڭ ئالدىدىن چىقىپ، ئۆيىگە كېلىپ بۇ گەپنى خوتۇنىغا ئېيتىپتۇ.   - سەن ئالدىمىدا كېتىۋەرگىن، - دەپتۇ خوتۇنى، - مەن سېنىڭ كۈچۈڭنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، كەينىڭدىن ئەرەنچە ياسىنىپ چىقىمەن. سەنمۇ مېنى تونۇماسقا سال.   پادىچى قوتازنى مىنىپ، بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، >شاھزادە كىيىملىرىمنى كىيسەم، خوتۇنۇم كۆرۈپ قالمىسۇن< دەپ ئاتا بىلەن قىلىچنى ئېلىپ تاغقا چىقىپتۇ. خوتۇنى كېلىپ يىراقتىن ماراپ تۇرۇپتۇ.   ئەمدى پادىشاھنىڭ چوڭ كۈيئوغۇللىرى پادىچىغا قەست قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:   - رۇخسەت قىلسىلا، بىز ئىنىمىزگە ياردەم قىلساق؟ - دەپ سوراپتۇ ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئۇلار پادىچىغا يېتىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچىنى تەڭلىگەندە، پادىچىنىڭ خوتۇنى يىراقتىن ئوقيا ئېتىپ ئىككىسىنىڭ قولىنى قاتتىق يارىدار قىلىپتۇ، بەگزادىلەر شۇ زامان يىقىلىپتۇ. پادىچى بۇلارنىڭ ئاھ - داتلىرىنى ئاڭلاپ، بۇلارنى يۆلەپتۇ. ئاڭغىچە پادىچىنىڭ خوتۇنى كېلىپ، بۇلاردىن:   - نېمە بولدۇڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ.   - بىز پادىچىنى قوغداپ كېتىپ باراتتۇق، غايىپتىن ئوق كېلىپ تەگدى، - دەپتۇ ئۇلار. قىز بۇلارغا گەپ - سۆز قىلماپتۇ، ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ.   - بىز پادىچىنى قوغداپ قىلىچ ئوينىتىپ كېتىپ باراتتۇق، دەپتۇ ئىككى شاھزادە پادىشاھقا، - غايىپتىن ئوق تېگىپ يارىدار بولدۇق. پادىچى يالغۇز قېلىپ، بۇنىڭغىمۇ بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالمىسۇن، دەپ قايتۇرۇپ ئەكەلدۇق.   پادىشاھ گەپ قىلماپتۇ. ئىككى شاھزادە داۋالىنىپ ساقىيىپتۇ. بىر كۈنى پادىچى يىگىت پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن خوتۇنى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. بۇ كۈنىمۇ ئىككى شاھزادە يېتىشىپ كېلىپ پادىچى يىگىتكە:   - ئاتتىن چۈش! - دەپ ۋارقىراپتۇ. پادىچى يىگىت ئاتتىن چۈشۈپتۇ.   - سەن نېمانچە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتتىڭ! - دەپتۇ شاھزادىلەر، - ئۆزۈڭچە بىزنى كۆزگە ئىلمايسەنغۇ! بۇ قىلىچ بىلەن ئاتنى نەدىن ئالدىڭ؟!   - سەنلەر نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلىشمايسەن! - دەپتۇ پادىچى يىگىتمۇ، - مەن كىم؟ سەنلەر پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇشساڭ، مەنمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى.   شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇتىشىپ، قىلىچلىشىپ قاپتۇ. پادىچى يىگىت بۇ ئىككىسىنىڭ راسا ئەدىپىنى بېرىپ قوللىرىنى باغلاپتۇ.   پادىچى يىگىت:   - مېنى توڭنۇدۇڭلارمۇ؟ ئەمدى ماڭا قەست قىلامسىلەر؟ - دەپ يەنە سوراپتۇ. شاھزادىلەر مۇنداق ئىشنى ئىككىنچى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ، قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىچى يىگىت بۇلارنى قويۇپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى ئاتقا مىنىپ، يولۋاس، بۆرىلەر بار يەرگە بېرىپ، بۆرە، يولۋاس، ئېيىقلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنى تىرىك باغلاپتۇ. شۇ چاغدا، ھېلىقى ئىككىسى ماراپ تۇرغان يەردىن پادىچىنى ئېتىشقا قەستلىگەندە پادىچى يىگىتنىڭ خوتۇنى بۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنى نىشانلاپ ئوقيادىن ئوق ئېتىپتۇ. بۇ قېتىم شاھزادىلەرنىڭ ئوڭ قوللىرى يارىدار بولۇپتۇ. پادىچى يىگىت ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ كېلىپ، بۇلارنى ئاتلىرىغا مىندۈرۈپ، ئۆزى قوتازنى مىنىپ ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ.   - ھەي، پادىچى بۇلارنى ئۆزۈڭ تۇتتۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.   - بىر ئۆزى قانداق تۇتالىسۇن؟ - دەپتۇ يارىدار كۈيئوغۇللىرى، - بىز ياردەملىشىپ تۇتۇپ بەردۇق.   پادىچى يىگىت گەپ قىلماپتۇ.   نېمىلا بولسا، - دەپتۇ پادىشاھ، - مۇشۇ قوتاز بىلەن تۇتۇپ كەپتۇ. بۇنىڭغا بىر ئاز ياخشىراق كىيىم بېرىڭلار.   پادىچىغا ئوردىدىن ئوبدان بىر قۇر كىيىم بېرىپتۇ.   بىر كۈنى پادىشاھنىڭ شەھىرىگە دۈشمەن كېلىپ قاپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى، ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:   - دۈشمەننى قاداق يېڭىمىز؟ - دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ.   - بىزگە 500 دىن 1000 ئەسكەر بېرىڭ، بىز سوقۇشىمىز، - دەپتۇ چوڭ كۈيئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى كۈيئوغلى.   - ماڭا ھېچقانداق ئەسكەر لازىم ئەمەس، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - بىر ئۆزۈم چىقىمەن، پەقەت بىز يېڭىلىپ، ھەممە ئەسكەرلىرىمىز كەينىگە يانغاندا ئۇرۇشقا چىقىمەن.   پادىشاھ ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىگە ماقۇل بولۇپتۇ. پادىشاھنىڭ باشقا كۈيئوغۇللىرى ئۇرۇشقا چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دۈشمەن كۈچلۈك كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى كەينىگە قېچىپتۇ. پادىچى يىگىت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ شاھزادە كىيىملىرىنى كىيىپ، يۈزىگە نىقاپ تارتىپ، ۋاپادار ئېتىنى مىنىپ، قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ مەيدانغا چۈشۈپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپتۇ. پادىچى يىگىت دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى يېڭىپ، قاچقانلىرىنى قوغلاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ پادىشاھنىڭ ئىككى كۈيئوغلى قاچقان يېرىدىن ياردەملەشكىلى كەپتۇ. ئۇرۇش تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ پادىچى يىگىتنى تونۇماي، بۇنىڭغا چوڭ چوڭ زىياپەت قىلىپ بېرىپتۇ. بۇ يەرگە ۋەزىرلەر، خەلقلەر يىغىلىپتۇ.   - مېنى تونۇدۇڭلارمۇ؟ - دەپتۇ پادىچى يىگىت يۈزىدىكى نىقاپنى ئېلىۋېتىپ، - مەن پادىچى بولىمەن، بۇلار بولسا ياخشىلىققا يامانلىق ئىزلىگۈچىلەر، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرەلمەيدىغانلار، يارامسىز كىشىلەر...   پادىچى يىگىت بۇلارغا بۆرە، يولۋاسلارنىڭ بېشىنى بەرگەندە يوتىسىغا ئۆزىنىڭ تامغىسىنى باسقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇيالغىنىدىن، باشقىدىن 41 كۈن توي - تاماشا قىلىپ بېرىپ، پادىچى يىگىتتىن ئەپۇ سوراپتۇ.   - بالام، - دەپتۇ پادىشاھ، - سىزنىڭ مۇنچىلىك ئېسىل ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئەمدى مەن سىزگە پادىشاھلىقىمنى ئۆتۈنسەم.   پادىچى يىگىت:   - مەن ئويلاپ باقاي، - دەپ بۇ يەردىن چىقىپ، بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بوۋايدىن مەسلىھەت سورىغان ئىكەن. بوۋاي:   - سەن ئالدى بىلەن خوتۇنۇڭنىڭ مەسلىھەتىنى ئال، ئاندىن مەن يول كۆرسىتەي، - دەپتۇ. پادىچى يىگىت خوتۇنىنىڭ يېنىغا كېلىپ مەسلىھەت سوراپتۇ.   - ھەرگىز پادىشاھ بولىمەن دېمەڭ، ئۆزىمىز ئىشلەپ تېپىپ ئۆمۈر كەچۈرىمىز، - دەپتۇ خوتۇنى.   پادىچى يىگىت بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، خوتۇنى دېگەن مەسلىھەتنى ئېيتىپتۇ.   - خوتۇنۇڭ ئۇنداق دېگەن بولسا، - دەپتۇ بوۋاي، - مەن ساڭا ھۈنەر ئۆگىتىمەن، سىلەر شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار.   - پادىچى يىگىت بۇ مەسلىھەتلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھ بولماپتۇ. ئۇ خوتۇنى بىلەن بوۋاينىڭ يېنىغا كۆچۈپ بېرىپ، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپتۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن قالغان ئۆمرىنى ياغاچچىلىق قىلىپ باياشات ئۆتكۈزۈپتۇ.   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈ...
●  كەمەك ھەييار بىلەن ...
●  تايغان بىلەن بۈركۈ...
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرى...
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىز...
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش
●  ياخشىلىق يەردە قال...
●  قورققاق
●  جىننى قورقۇتقان مە...
●  كىشىنىڭ ھەققى
●  باتۇر ئۆچكە ھەققىد...
●  باتۇر قىز چۆچىكى...
●  چېچەن تاز چۆچىكى
●  مايمۇن قىز
●  ھۈۋەي باتۇر ھەققىد...
●  سەپەر قۇل ھەققىدە چ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا
●  كەمەك ھەييار بىلەن مۇخت...
●  تايغان بىلەن بۈركۈت
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرىل»
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى