بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> چۆچەكلىرىمىز >> چىن تۆمۈر باتۇر

چىن تۆمۈر باتۇر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-16 12:27:21    كۆرۈلۈش سانى : 127  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمىدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەر دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.   ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلدار بولۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ.   بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ، بالىنى كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ.   پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ:   - ئى پادىشاھىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى، - دەپ خەۋەر قىلىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى ھىيلىگەرلىك بىلەن:   - ئۆلتۈرمىسىلە، پادىشاھى ئالەم. بۇ نۆۋەت مەن بىر قوشۇق قېنىنى تىلىۋالاي، - دەپ يالۋۇرغان بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى بىر قېتىمغا ئامان قالدۇرۇپتۇ.   ئارىدىن يەنە بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى يەنە ھامىلدار بولۇپتۇ. پادىشاھ يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە شىكارغا چىقىپ كەتكەنىكەن، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ. چوڭ خوتۇنى بۇنىمۇ كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا مۈشۈك بالىسىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، چوڭ خوتۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۈشۈك بالىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ:   - ئى پادىشاھى ئالەم، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنلىرى مۈشۈك تۇغدى، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى، بۇ نېمە دېگەن رەسۋاچىلىق، دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.   ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى:   چوڭ خوتۇنى كۆلگەن تاشلىۋەتكەن ھېلىقى بالىلارنى بىر ئېيىق سۇدىن ئاچىقىپ، جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ بېقىپتۇ. بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بوپتۇ. ئەقلىگە كەلگەندە ئۇلار بىر - بىرىگە ئات قويۇشۇۋاپتۇ. ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ. بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ساغلام، كۈچلۈك ھەم بەك چىرايلىق بولۇپ ئۆسۈپتۇ. كېيىنچە ئۇلار ئېيىقتىن ئايرىلىپ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگە ئۆي ياساپ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ.   چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىلا ئوۋ قىلىشنى ئۆگەنگەچكە، تۈرلۈك جان - جانىۋارلارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا يەنە كۈن ئوۋيلايدىكەن. مىسران قىلىچى بېلىدىن، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن، كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن.   كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقىپ كېتىۋېتىپ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ:   - سىڭلىم مەختۇمسۇلا، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە، ئۆگزىگە چىقما، ئوتنى ئۆچۈرمە، سۇنى كۆچۈرمە، توخۇنى >تاخ< دېمە، مۈشۈكنى >پەش< دېمە، ئوت ئۆچۈپ قالسا تۈتۈن چىققان ياققا ئوت سوراپ كېتىپ قالما.   شۇ گەپلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، كاپ - كاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا مېڭىپتۇ.   ئارىدىن بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەختۇمسۇلا يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ، ئۆگزىگە چىقىپ بېشىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مۈشۈك بىلەن توخۇسىمۇ ئۇنى ئەگىشىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مۈشۈك مىياۋلاپ، توخۇسى قاقاقلاپ مەختۇمسۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ، مەختۇمسۇلا مۈشۈكىنى >پەش<، توخۇسىنى >تاخ< دەپ قوغلاپتۇ. مۈشۈكى بىلەن توخۇسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ. مۈشۈك ئوچاق يېنىغا كېلىپ چۆگۈننى ؟ۆرۈۋېتىپتۇ. توخۇ كۈلنى تاتلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچۈپتۇ. مەخسۇمسۇلا ئۆيگە كىرىپ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ناھايىتى قايغۇرۇپ يەنە ئۆگزىگە چىقىپ، >ئەمدى قانداق قىلارمەن؟< دەپ يىغلاپ ئولتۇرسا، ئوڭ تەرىپىدە ئىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. سول تەرىپىدە تۈتۈن كۆرۈنۈپتۇ. مەختۇمسۇلا ئوت تېپىش قايغۇسى چۈشۈپتۇ. >نېمە بولسا بولسۇن، پېشانەمدىن كۆرەي< دەپ ئىس چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن مورىسىدىن ئىس چىقىۋاتقان بىر ئەسكى تام ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۆي ئىچىدە بىر قېرى موماي ئولتۇرغۇدەك. مەختۇمسۇلا >ئەسسالام< دەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. موماي ئۇنىڭدىن كىملىكىنى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. موماي مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى قولىغا كۈل بىلەن تېرىق سېلىپ بېرىپتۇ ۋە بىر تال تېزەكنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇنى ياغاچقا سانجىپ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇپتۇ. ئاندىن مەخسۇمسۇلاغا:   - ئىككى قولۇڭدىكى كۈل بىلەن تېرىقنى ئۆيۈڭگە بارغۇچە چېچىپ بارغىن، ئارقاڭغا قارىمىغىن، - دەپتۇ.   مەختۇمسۇلا موماينىڭ دېگىنىنى قىلىپتۇ. شۇندىن كېيىن موماينىڭ ئۆيىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيىگىچە ھېلىقى تېرىقلار ئۈنۈپ بەلگە بولۇپ قاپتۇ.   ئۇ موماي ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىكەن، مەختۇمسۇلا ئۇنى بىلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئوتنى ئېلىپ كېلىپ دەررۇ ئوت يېقىپ، بىر قازان گۆش پىشۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈن ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشۈپ، كەچ كىرىشى بىلەن ھېلىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇز موماي ئىشىككە كېلىپ:   چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيدە بارمۇ؟   ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟   مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟   ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟   كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟   دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا موماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ:   چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيدە يوقتۇر،   ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر،   مىسران قىلىچى قۇزۇقتا يوقتۇر،   ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر،   كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر،   دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە كىرىپ، ئاۋۋال قازاندىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى يەپتۇ، ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ. كېتەر چېغىدا مەختۇمسۇلاغا:   - مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتما، ئەگەر ئېيتىدىغان بولساڭ، مېنىڭدىن زادى قۇتۇلالمايسەن، - دەپ پوپوزا قىلىپتۇ. مەختۇمسۇلا قورققۇنىدىن ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈرنىڭ كېلىشىنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتۈپتۇ. ئەتىسى، كۈن كەچ بولۇشى بىلەن، ھېلىقى يالماۋۇز موماي يەنە كەپتۇ، ئۆيدە بار نەرسىلەرنى يەپ بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شوراپتۇ. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە كۈن شۇ خىلدا داۋاملىشىپتۇ. مەڭزى ئاناردەك، ھۆسنى گۈلدەك مەختۇمسۇلا كۈندىن - كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، زەپىرەڭدەك سارغىيىپ كېتىپتۇ.   يەتتىنچى كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ سىڭلىسىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران بولۇپتۇ. كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ، چۈنكى سىڭلىسى مەختۇمسۇلا بىر يىل كېسەل بولغان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىكەن.   - ھەي مەختۇمسۇلا، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچە ئورۇقلاپ، سارغىيىپ، ھالىڭدىن كېتىپسەن، نېمە بولدۇڭ؟ كىمدىن ساڭا ئازار يەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر. مەختۇمسۇلا يىغلاپ تۇرۇپ، يالماۋۇز موماينىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاكىسىغا بايان قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چىن تۆمۈر باتۇر ناھايىتى غەزەبلىنىپ >ئەگەر مەن شۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرمىسەم، چىن تۆمۈر باتۇر بولماي كېتەي< دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا قاراپ:   - ھەي سىڭلىم، مېنىڭ كەلگىنىمنى ھېچ كىشى بىلمىسۇن. مەن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئورا كولاپ مۆكۈپ ياتىمەن. ئەگەر يالماۋۇز كېلىپ مېنى سورىسا، كۈندىكىدەك >كەلمىدى< دەپ جاۋاب بەرگىن، - دەپتۇ. ئاندىن ئېتىغا، بۈركۈتىگە ۋە كۈچۈكىگە قاراپ:   - ھەي، ۋاپادار جانۋارلىرىم، ئەگەر يالماۋۇز موماي كەلسە، ئۈن چىقارماڭلار، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرەيلى، - دەپتۇ. بۇ جانۋارلار چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ گېپىنى ئۇقىدىكەن.   شۇنداق قىلىپ، چىن تۆمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ، بېشىغا دوبۇلغا كىيىپ، مىسران قىلىچىنى تۇتۇپ ئورىدا مۆكۈنۈپ يېتىپتۇ.   بىر كەمدىن كېيىن يالماۋۇز موماي كېلىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ، بەدىنى شۈركۈنۈپ كېتىپتۇ. ئۇ >بۈگۈن چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، قايتىپ كەتمىسەم بولماس< دەپ يېنىپتۇ، لېكىن نەپسى قايتىپ كېتىشكە قويماپتۇ. موماي: >چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى بىر سوراپ كۆرەي. ئەگەر كەلگەن بولسا قايتىپ كېتەي، كەلمىگەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بەختىم< دەپ ئويلاپ، ئىشىككە يېقىن كېلىپ:   چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيدە بارمۇ؟   ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟   مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟   ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟   كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟   دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا:   چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر،   ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر،   مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر،   ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر،   كاپكاپ كۈچىكى ئىشىكتە يوقتۇر.   دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موماينىڭ يۈرىكى توختاپ، يەتتە بېشىنىڭ ھەر بىرىدىن تۈرلۈك سادالارنى چىقىرىپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك كىرىپ كەپتۇ، لېكىن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرمەي:   - ھەي مەختۇمسۇلا! ئاكاڭ چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، ئۆيۈڭدە ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ، - دەپتۇ. مەختۇمسۇلا تەمكىنلىك بىلەن:   - ئاكام تېخى كەلمىدى. ئەگەر كەلگەن بولسا ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا، مىسران قىلىچى قوزۇقتا، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بولماسمىدى، - دەپتۇ.   - سەن يالغان ئېيتىسەن، چىن تۆمۈر باتۇر ئېنىق كەلگەنگە ئوخشايدۇ، ئادەم پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇ يوشۇرۇنۇۋالغان ئوخشايدۇ، - دەپتۇ يالماۋۇز موماي.   - بۈگۈن ئاكامنىڭ كۆينەك، تامبىلىنى يويۇپ، سۈيىنى ئۆيگە تۆككەنىدىم، شۇنىڭ پۇرىقى بولسا كېرەك، - دەپتۇ مەختۇمسۇلا.   بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يالماۋۇز موماي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئادىتى بويىچە، مەختۇمسۇلارنى ئۇزۇن چېچىدىن تۇرۇسقا ئېسىپ، ئەمدىلا، قېنىنى شوراي دەپ تۇرۇشىغا چىن تۆمۈر باتۇر چىقىپ، مىسران قىلىچى بىلەن بىر ئۇرغانىكەن، يالماۋۇز موماينىڭ بىر بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. يالماۋۇز موماي >ئاھ< دەپتۇ - دە، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراپ:   - بىر بېشىمنىغۇ ئالدىڭ، قالغان ئالتە بېشىمغا قانداق جاۋاب بېرىسەن؟! - دەپ قەھرى بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشىپتۇ.   ئېلىشىش بىر كېچە - كۈندۈز بوپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئىلاجىسىنى تاپالماي، چىن تۆمۈر باتۇرغا يەنە ئېسىلىپتۇ، يەنە بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر بۇ قېتىم يالماۋۇز موماينىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچ بېشىدىن ئايرىلغان يالماۋۇز تېخىمۇ غەزەب بىلەن تۇتۇشۇپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۇياقتىن - بۇياققا قېچىشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ بەشىنچى بېشىنى كېسىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ماغدۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى پىيالىدەك بولۇپتۇ، ئىشىكتىن قېچىپ چىقاي دېسە مەختۇمسۇلا قىلىچ بىلەن چېپىپ چىقارماپتۇ. ئاخىرى چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ ئالتىنچى بېشىنىمۇ چېپىپ بىرلا بېشى قاپتۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن قۇيۇنغا ئايلىنىپتۇ - دە، ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ:   - ھەي مەختۇمسۇلا، خەپ توختا! خەپ توختا! - دەپ بەدەر قېچىپتۇ.   چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ بىر بېشى قالغان يالماۋۇ موماينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مەختۇمسۇلا باغلاقلىق كاپ - كاپ كۈچۈكىنى قويۇۋېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز مومايغا يېتىشىپتۇ. يالماۋۇز موماي نائىلاج چىن تۆمۈر باتۇرغا ئېسىلىپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگۈچە ئېلىشىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ - كاپ كۈچۈكى يېتىپ كېلىپ، يالماۋۇز موماينىڭ پاقالچىكىدىن چىشلەپ تارتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يالماۋۇز موماي ھالسىزلىنىىپ يىقىلىپتۇ. كاپ - كاپ كۇچۇك ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەتتىنچى بېشىنى ئېلىپ، ئۆيگە خۇشال قايتىپتۇ.   شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە بىر نەچچە ۋاقىت خۇشال - خورام ئۆتۈپتۇ. مەختۇمسۇلانىڭ رەڭگىرويى ئاستا - ئاستا ئوڭلىنىپ، ئاۋۋالقى ھالىتىگە كەپتۇ. ئۇ ئاي يۈزلۈك، خۇمار كۆزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قاشلىق، نازۇك بەدەن بىر گۈزەل بوپتۇكى، ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ئەقلى - ھۇشىنى بىلمەي قالىدىكەن.   كۈنلەردىن بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر زېرىكىپ، يەنە ئوۋغا چىقماقچى بولۇپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا:   - ھەي سىڭلىم، مەن يەنە ئوۋغا چىقىمەن. سەن ھەرگىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىغىن، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ بېشىڭنى تارىمىغىن، - دەپتۇ.   چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىنى ياىدىدا تۇتۇپ بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماپتۇ. لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىپتۇ. ئاقىۋەت تالاغا چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ چېچىنى تاراشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىردىن بىر نەچچە تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاچلار ئېقىپ بېرىپ سانجۇ پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئوزمۇخ نەۋكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرغانىكەن. شاھزادە ئۇزمۇخ كۆل بويىغا كېلىپ باش - كۆزىنى يۇيۇۋاتسا، ئۇنىڭ قولىغا ھېلىقى چاچلار ئىلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچلارنىڭ ئۇزۇن ۋە سۇمبۇللۇقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئوزمۇخ نۆكەرلىرىدىن:   - بۇ نېمە دېگەن ئۇزۇن چاچ؟ كىمنىڭ چېچى؟ - دەپ سوراپتۇ. نۆكەرلەر:   - ھەي شاھزادە، بۇ ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن ئاكسىى بار، ئۇنىڭ تەڭ كېلىدىغان ئەر تېخى چىققىنى يوق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.   ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ۋەس - ۋەسىگە چۈشۈپتۇ. دەرھال قول ئاستىدىكى بەگلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت ئاپتۇ. نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ، مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئەتراپنى قورشىۋاپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆگزىگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ:   - ھەي لەشكەرلەر، بۇ نېمە دېگەن ئۇياتسىزلىق! يالغۇز بىر ئاجىز قىزغا شۇنچە لەشكەرلەرنىڭ كېلىشى نامەردلىك! ئاكام چىن تۆمۈر كەلسە قانداق جاۋاب بېرىسىلەر؟!   ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرۈپ ئوتتەك كۆيۈپ، مۇنداق دەپتۇ:   - ھەي مەختۇمسۇلا، ئۆزۈڭنى ماڭا قوبۇل قىلساڭ قىل، بولمىسا سېنى زورلۇق بىلەن ئالىمەن!  مەختۇمسۇلا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غەزەپ بىلەن يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا كېتىشنىڭ ئالدىدا >ناۋادا بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بۇ قۇشنى قويۇۋەتكىن، مەن قەيەردە بولسام، شۇ يەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ بارىدۇ< دەپ تاپىلاپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قويۇپ كەتكەنىكەن. مەختۇمسۇلا چۈمۈلىدەك قورشاپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قۇشنى قۇيۇۋېتىپتۇ. ئۆزى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، بۇلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى يوقىتىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇر خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ مىسران قىلىچىنى ئوينىتىپ، بىر ئۆزى نەچچە مىڭ لەشكەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. تەڭ كېلەلمىگەن لەشكەرلەر ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي قېچىشقا باشلاپتۇ. ئوزمۇخ قېچىپ كېتىۋاتقان لەشكەرلىرىگە:   - سىلەر ئىككى كىشىدىن شۇنچە قاچامسىلەر؟ قاچساڭلار مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىلەر! - دەپ پىتىراپ كەتكەن لەشكەرلىرىنى ئۆزى باشلاپ يەنە ئۇرۇش ئېچىپتۇ.   ئوزمۇخ چىن تۆمۈر باتۇرغا بىر قانچە ئون پالۋانلىرى بىلەن بىراقلا ھۇجۇم قىلىپتۇ. نەيزە - قىلىچلارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن چاقماق چاققاندەك ئوتلار چاقناپتۇ. بىراق، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى يېڭەلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ >ئاكامغا زەخم يەتمىگىدى، ئۇنىڭ مېيىپ بولغىنىدىن مېنىڭ يوق بولغىنىم ياخشى< دەپ ئويلاپ، ئاكىسىغا مۇنداق دەپتۇ:   - جېنىم ئاكا، دۈشمەنلەر سان - ساناقسىز ھەم رەھىمسىز. شۇڭا سىز جەڭدىن يېنىڭ، ئۆلسەم مەن ئۆلەي، سىز ئامان قېلىڭ!   شۇ چاغدا چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلاغا قاراپ:   - سىڭلىم، مېنىڭدىن تەشۋىش قىلما. چىن تۆمۈر دەپ ئېتىم بار، ماڭا دۈشمەن ئالدىدا باش ئېگىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ. سەن جان - جىگەر سىڭلىمدىن ئايرىلالمايمەن. شۇڭا جەڭدىن يانمايمەن! - دەپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.   ئوزمۇخنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشكە ئاز قالغاندا، ياردەمگە ئەۋەتىلگەن سانجۇ لەشكەرلىرى نەرە تارتىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار قىلىچ - نەيزىلىرىنى يالىڭاچلاپ، ئوقيالىرىنى چەللەپ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قارا قاغىدەك يېپىشىپتۇ. ئوزمۇخ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، مەختۇمسۇلانى تۇتۇۋېلىپ، پۇت - قولىنى مەھكەم باغلاپ ئېلىپ قېچىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر قەھر - غەزەپكە تولۇپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ھەممە بۇلاڭچىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. كېيىن قارىغۇدەك بولسا مەختۇمسۇلا ھېچ يەردە كۆرۈنمەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر تېخىمۇ غەزەبلىنىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، مەختۇمسۇلانى ئىزلەپ دەشتى - چۆللەرنى تېكىس تېغىنىڭ كۆك تۆپە دېگەن يېرىگە كەپتۇ. كىشىلەر داڭقى داستان بۇ باتۇرنى ناھايىتى خۇشال قارشى ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىن تۆمۈر باتۇر ئۇ يەرگە جايلىشىپ قاپتۇ. چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ تېزلا باي بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ مال - دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادى كۆرۈنمەپتۇ. پۈتۈن ئوي - خىيالى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادىلا قاپتۇ. كۆزى كېچە - كۈندۈز ياشتىن قۇرۇماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، چىن تۆمۈر باتۇر تولا يىغلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ.   ئەمدى گەپنى مەختۇمسۇلادىن ئاڭلايلى:   ئوزمۇخ ساھىبجامال مەختۇمسۇلانى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ، قىرق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ بۇلاڭچىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە كېچە - كۈندۈز ئاكىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ، قانداقلا بولسۇن بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ.   كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەختۇمسۇلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆز كۆڭلىدە >ھە، ئەمدى ئىككى بالىلىق بولغاچقا بىزگە رام بولدى< دەپ ئويلاپ، رۇخسەت قىلىپتۇ. سانجۇ پادىشاھلىقىنىڭ بىر تۇلپارى بولۇپ، ئۇ تۇلپارغا پادىشاھنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ مىنىشى مەنئىي قىلىنغانىكەن. مەختۇمسۇلا ئەنە شۇ تۇلپارغا مىنىپ، قىرىق كېنىزەك ھەم قىرىق نۆكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە دەريا بويىغا قاراپ يول ئاپتۇ. بۇلار ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. قاتار - قاتار چېدىر - بارگاھلارنى تىكىپ، ھەر خىل تائاملارنى پىشۇرۇپتۇ. سۈتتىن قىلىنغان شارابلارنى تولۇم تولۇمى بىلەن تىكلەپ قويۇپتۇ. چوڭ زىياپەت باشلىنىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ئاياقلارغا سۈت ھارىقىنى تولدۇرۇپ، كېنىزەك، نۆكەرلەرگە بىر - بىرلەپ سۇنۇپ، بىردەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇلارنىڭ مەستلىكىدىن پايدىلىنىپ، چاققانلىق بىلەن تۇلپارغا مىنىپتۇ - دە، ئىلى دەرياسىنى كېچىپ ئۇقاتقا ئۆتۈۋاپتۇ. پادىشاھ ئالدىدا بېشى كېتىشتىن قورققان نۆكەرلەر دەرھال ئارقىدىن قوغلاپ دەريا لىۋىگە كەپتۇ. بىراق ھېچقايسىسىنىڭ ئېتى دەرياغا كىرەلمەپتۇ. ئەسلىدە پادىشاھنىڭ تۇلپارىدىن باشقا ھەر قانداق جانىۋار بۇ دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتەلمەيدىكەن. ئامالسىز قالغان نۆكەرلەر مەختۇمسۇلاغا قاراپ:   - ھەي مەختۇمسۇلا! ئىككى بالاڭنى يېتىم قىلماي، كەينىڭگە يانغىن، - دەپتۇ. مەختۇمسۇلا:   - ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ كەلسەڭلار يېنىپ ئۆتىمەن، - دەپتۇ.   نۆكەرلەرگە دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭنىڭ ئېتى >ئاقار< كىچىكىنىڭ ئېتى >چۆكەر< ئىكەن. مەختۇمسۇلا نۆكەرلەرگە قاراپ:   - چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلاڭلار، ئۇنىڭ پىراقىغا چىدىماي ئۇياققا ئۆتۈپ قالارمەن، - دەپتۇ.   نۆكەرلەر >ئاقار< نى دەرياغا ئاققۇزۇپتۇ، بىراق مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. نۆكەرلەر >مەختۇمسۇلا كىچىك ئوغلىنى ئوبدان كۆرىدۇ. شۇنى دەرياغا تاشلىساق، ئوغلىنى تۇتۇۋالىمەن دەپ دەرياغا چۈشەر< دېيىشىپ، >چۆكەر< نى دەرياغا تاشلاپتۇ، بالا شۇ زامان سۇغا غەرق بولۇپتۇ. مەختۇمسۇلاغا بۇ ناھايىتى ئېغىر كەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنى تېپىش ئارزۇسىدىن يانماپتۇ. ئۇ نۆكەرلەرگە قاراپ:   - ھەي ئىنسابسىز بۇلاڭچىلار! سىلەرگە نەسلىمنىمۇ قالدۇرمىدىم، ئەمدى مۇرادىم ھاسىل بولدى، - دەپتۇ - دە، ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇلاڭچىلار دەريادىن ئۆتەلمەي ئامالسىز قايتىپتۇ.   مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتىلەرنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا نۇرغۇن تۆگىلەر يايراپ يۈرگۈدەك. مەختۇمسۇلا تۆگىچىلەردىن:   - بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى؟ - دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر:   - چىن تۆمۈر قارىغۇنىڭ تۆگىلىرى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.   - بۇ نېمە بولۇپ قارىغۇ بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ مەختۇمسۇلا. تۆگىچىلەر:    ئۇنىڭ بىر سىڭلىسىنى بۇلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەنىكەن، شۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى، - دەپتۇ. مەختۇمسۇلا يەنە:   - ھازىر ئۇ قەيرەدە؟ - دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر:   - قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، - دەپتۇ.   مەختۇمسۇلا يەنە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن يىلقىلار ئۇچراپتۇ. يىلقىچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ. يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن كالا، قوي پادىلىرىنى كۆرۈپتۇ. قويچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپتۇ. ئاخىرىدا مەختۇمسۇلا ئەڭ چەتتە موزاي بېقىۋاتقان بىر پادىچى بالىدىن:   - جېنىم ئۇكام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قەيەردە؟ ئېيتىپ بەرسەڭ، - دەپ يېلىنىپ سوراپتۇ. پادىچى بالا تەسلىكتە:   - چىن تۆمۈر قارىغۇ ھازىر ئالتۇن ئارىشاڭ دېگەن يەردە، - دەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ:   - مەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى بولىمەن، مېنى ئاكامنىڭ قېشىغا باشلاپ بارساڭ، - دەپتۇ. پادىچى بالا:   - پادىدىن ئايرىلالمايمەن، موزايلار يۈتۈپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟ - دەپ ئۇنىماپتۇ. مەختۇمسۇلا:   - ئۇنداق بولسا پادىلىرىڭغا مەن قاراپ تۇراي. قولۇڭغا مۇنۇ ئالمىنى ئال، ئەگەر چىن تۆمۈر باتۇر سۆزۈڭگە ئىشەنمىسە، ئالمىنى كۆزىگە سۈرتسەڭ، كۆزى ئېچىلىدۇ، - دەپ قولىغا ئالمىنى بېرىپتۇ.   پادىچى بالا ئالمىنى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرغا بېرىپ مەختۇمسۇلانىڭ خەۋىرىنى ئېيتقانىكەن، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ. شۇ ھامان پادىچى بالا:   - ئالمۇتىيارنىڭ ئالمىسى،   مەختۇمسۇلارنىڭ خالتىسى.   مەختۇمسۇلا بولمىسا   قايدىن كېلۇر خالتىسى؟!   دەپ ئالمىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىگە سۈركىگەنىكەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ زامات ئېچىلىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر پادىچى بالىغا چوڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەختۇمسۇلانىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاكا - سىڭىل قېرىنداشلار بىر - بىرىنى كۆرۈپ يىغلىشىپتۇ، ھال - ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇشال - خورام، تىنچ ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈ...
●  كەمەك ھەييار بىلەن ...
●  تايغان بىلەن بۈركۈ...
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرى...
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىز...
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش
●  ياخشىلىق يەردە قال...
●  قورققاق
●  جىننى قورقۇتقان مە...
●  كىشىنىڭ ھەققى
●  باتۇر ئۆچكە ھەققىد...
●  باتۇر قىز چۆچىكى...
●  چېچەن تاز چۆچىكى
●  مايمۇن قىز
●  ھۈۋەي باتۇر ھەققىد...
●  سەپەر قۇل ھەققىدە چ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋىجدانلىق مەلىكە
●  ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا
●  كەمەك ھەييار بىلەن مۇخت...
●  تايغان بىلەن بۈركۈت
●  خېمىر باتۇر
●  چىن تۆمۈر باتۇر
●  «يېرىل تېشىم، يېرىل»
●  پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى
●  شاھزادە قابىل
●  خاسىيەتلىك تاش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى